يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 562|ئىنكاس: 4

نورۇز باللادىسى ( ي.ئىبراھىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
1
يازما
40
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:07:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ياسىنجان ئىبراھىم

شىرىن ئۇيقۇ ئەللەيلىگەندە،
سەپەر قىلدىم چۈش دۇنياسىغا.
يۈرگىدەكمەن ئانا يۇرتۇمنىڭ،
مەپتۇن بولۇپ تاغ-دالاسىغا...

ھايات قايناق گۈزەل شەھەردىن،
ئۇچقىدەكمەن يېزا - قىشلاققا.
مۇئەللەقتە لەيلەپ بۇلۇتتەك،
باقتىم قانماي يىراق-يىراققا.

كۈلۈپ كەلدى بىر گۈزەل شۇ چاغ،
ھۆسنىدە گۈل تاپتى لاتاپەت.
سۆيگۈگە باي ئوتلۇق مېھرىدىن،
ئالدى زىمىن ئوتلۇق ھارارەت.

باغاشلىدى يېيىپ كەڭ قۇچاق،
ئىشقى بىلەن كەڭرى زىمىننى.
مېھرى بىلەن ئېرىدى قار-مۇز،
ھاسىل قىلدى دەريا- ئېقىننى.

كۈلكىسىگە جۆر بولدى قۇشلار،
يېشىللىقتىن يايدى كەڭ ئېتەك.
ھىممىتىدىن يارالدى بوستان،
تىنىقىدىن ئېچىلدى چېچەك.

قىن-قىنىغا سىغماي گۆدەكلەر،
ئەركىلىدى تال-چىۋىق سوراپ.
چېلىپ ھارسا سۇنايلىرىنى،
شوخ سايراشتى قۇشلارنى دوراپ.

كۈلۈپ ماڭدى دىخان يىگىتى،
ئېتىزىمغا باھار كەپتۇ دەپ.
ئالقىنىدا مېھنەت گۈللىرى،
ھوسۇل ئىشقى ياندى ھەسسىلەپ.

ئۇ تەلپۈندى قايناق ھاياتقا،
كۈتىۋالدى مېھنەت قاينىمى.
ئۇ سۆيۈندى دىدى ھەممىگە:
"ئېلىپ كەلدىم نورۇز سالىمى"

دىدىم مەنمۇ : "مەرھابا باھار،
خىسلىتىڭگە بولدۇم ھەيرانە"
دىدى: " نورۇز چىللىغاچ بۈگۈن،
گۈل دىيارنى قىلدىم سەيلانە.

ئاھ،بىر زامان ئۇنتۇدۇڭ ئەجەپ،
بىلسەڭ ئۇلۇق ئايەم ئۇ ساڭا.
چاقنار ئۇندا خىسلەت.ئەنئەنەڭ،
يىلتىزلىغان روھىڭمۇ  ئاڭا.

كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن شۇ كۈن،
نورۇز  بايرام ئەجدات مىراسى.
كۆكتە قۇياش بوۋىلار  روھى،
چوقىلاردا  ئوغۇز  سىماسى...

نورۇز بىلەن سىردىشايلى كەل،
كۆككە يەتسۇن بايرام شاتلىقى.
بۇ قۇتلۇق كۈن خىسلەتلىرىگە،
بولسۇن تالىق سۆزنىڭ تاتلىقى.

يۇرت-يۇرتلاردا قاينىسۇن مەشرەپ،
ھەر كۆڭۈلدە ئېچىلسۇن بىر گۈل.
ئەدەپ - ئەخلاق يالقۇنلىرىدا،
بارچە ئىللەت بولسۇن كۆيۈپ كۈل.

ساز - ناخشىلار يەتسۇن ئەۋجىگە،
يەر تىترىسۇن ئۇسۇل-سامادىن.
چاچقۇ بولۇپ چىن سۆيگۈ-مېھىر،
كەڭ تارالسۇن ئىللىق سابادىن.

يەتتە خىل دان يەتتە خىل خۇرۇچ،
ئورۇن ئالسۇن قازان بېشىدىن
قازانلارغا   تىلە بەرىكەت،
يىگەن چاغدا نورۇز ئېشىدىن.

ئات، تۆگىلەر چۈشسۇن بەيگىگە،
شۇنچە جۇشقۇن چەۋەندازغا باق.
دولقۇنلىنار  ئاۋام دېڭىزى،
تامچە بولۇپ شۇ دولقۇندا ئاق.

مەيدانلاردا ئىت،توخۇ، قوشقار...
سوقۇشقاندا بولىسەن ھەيران.
شۇنداق يۈرەك باتۇرلۇق بولسا،
ئانا يۇرتۇڭ بولمايدۇ ۋەيران.

قايىل قىلار چېلىشچى ئوغلان،
رەقىبىنى چىشلەتكەندە يەر.
ئوغلانلاردا بولمىسا ۋىجدان،
ئاتا-ئانا،ئەل-يۇرت نىمە دەر...

سارغايدىدا سارغايماس قىزلار،
بۇركۈتلەردەك قىلىدۇ پەرۋاز.
كىم ئاپىرىن دىمەس ئاسماندا،
سىم ئۇستىدە ماڭغاندا دارۋاز.

كوپتۇر شۇنداق بۇ قۇتلۇق كۇندە،
خىسلەتكە باي نى كارامەتلەر.
دوستلۇق رىشتى كۈلدىرەر دىلنى،
يۇيىلىدۇ كىر- ئاداۋەتلەر..."
         **      **
قايتقىنىمدا چۈش دۇنياسىدىن،
سۈردى قەلبىم جەننەت ھوزۇرى.
دەرىزەمنى چەكتى سۈبھىدە،
نەۋ باھارنىڭ تۇنجى يامغۇرى...



      مەنبە: ئۆزۈم


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل باھارنىڭ كېلىشىنى بەكلا تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم، چۈنكى قىش بەكلا ئۇزۇن بوپ كەتتى. سوغۇقنىغۇ دىمەيلا قوياي.
نورۇز كۈنلىرى ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى كۈنلەر بولدى. سىرتقا چىقسا ئادەمنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئاستا شىۋىرلاپ ئۆتىدىغان سەلكىن شاماللار توختىماي چىقماقتا.........
قۇياشنىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەپ كەتتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپمۇ قالىمەن؟ يەرا-جاھان ئىللىپ كەتسە بولاتتى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:02:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت ...شىئىرىڭىزنى ئوقۇپ  ئۆزۈمنى خۇددى جەننەتتە تۇرغاندەك ھىس قىلدىم،  نوۋرۇزنىڭ خاسىيىتىنى ئۆتكۈر قەلىمىڭىز ئارقىلىق ناھايتىمۇ رۈشەن ئىپادىلەپ بىرىپسىز.
ئىلاھىم قەلەم تولپارىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:38:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز باللاداسىدىن ئىزگۈ تىلەكلەرنى،تونۇش يۈرەكلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:08:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجاننىڭ  ئېزگۈ تىلەكلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان نورۇزلۇق سوۋغىسىغا كۆپ رەھمەت!
ئېسىل شېئىرلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ياسىنجان ئىبىراھىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:14 , Processed in 0.048653 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش