يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2183|ئىنكاس: 63

تاققا-تۇققا پاراڭلىرىم (2) مەرۋەرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:51:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە نورۇز بايرىمىنى شۇنداق قىزغىن كەيپىياتتا كۈتىۋېلىپ، ئەمدىلا ئىسسىغان ھاۋاغا قاراپ خۇشاللىقىمىزدا بىزگە بىر قىش ھەمرا بولغان قېلىن چاپانلىرىمىزنى چاماداننىڭ تەگلىرىگە سېلىۋېتىپ، قىشىچە چامادان تېگىدە بىزنىڭ كىيىشىمىزنى كۈتۈپ ياتقان، چىرايلىق نېپىز كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى يېنىڭ ھېس قىلىپ، باھارنىڭ سەلكىن شاماللىرىدا ساپ ھاۋادىن قېنىپ- قېنىپ نەپەس ئالغىنىمىزغا تۆت كۈن بولماي، بۈگۈن بۇ قارا قىشقا يەنە قايتتۇق.
بويۇنلىرىنى قىسىشقان قىشلىق چاپانلار:<<قانداق بەكلا ئالدىراپ كەتكەن ئىدىڭ، مەن يەنە كېرەك بولدۇممۇ>>دەپ گىدەيگىنىچە قولىمىزغا چىقتى.
ئۇنىڭسىزمۇ نەچچە كۈندىن بۇيان كېلىۋاتقان كۆڭلۈسىز خەۋەرلەر تۈپەيلى پاركەندە بۇ كۆڭلۈم، بۇ ھاۋارايىغا بېقىپ تېخىمۇ بۇزۇلدى، ئۈن سېلىپ بىر يىغلىۋالغۇم، ئاۋازىمنى قويۋېتىپ ۋاقىرغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ.
بەلكىم چارچاپمۇ قالغاندىمەن، تۇرۇپ ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، يىراق بىر يەرگە بېرىپ ھەپتە ئارام ئېلىپ كەلگۈم كېلىدۇ، ئەمما ئويلايمەن خالاس.
تۇرۇپلا مۇنبەردىكى كونا يازمام<<تاققا- تۇقا پاراڭلىرىم>>نى ئوقۇپ، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم كۈلۈپ كەتتىم، ئاجايىپ بىر چاغلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن. ھەم كۆڭۈللۈك ھەم ئازاپلىق.
شۇ كونا يازمامنىڭ تۈرتكىسىدە <<تاققا-تۇققا پاراڭلىرىم>> نىڭ داۋامىنى باشلىۋەتتىم، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشسام، ئىچىممۇ بوشاپ قالغۇدەك، بەزىبىر قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ، دوستلارنىمۇ خوش قىلالىغۇدەكمەن.
ئەمسە نەزىرىڭىز مەرۋەرىنىڭ مۇھاببەتلىك  تاققا -تۇققىلىردا بولسۇن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى

بۇ تەسىرلىك مۇھاببەت ھېكايىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن پېقىر بەزىبىر ئۆتمۈشلەرنى قىستۇرما قىلىشنى لايىق تاپتىم.

تور دۇنياسىغا قەدەم قويۇپ، نۇرغۇن چايخانىلارنى ئارىلاپ، بەزى چايخانىلاردا ئەمەللەرنى تۇتۇپ دېگەندەك بىر كۈنلەردە مۇنبەرگە كۆنىۋالدىم. ئەلۋەتتە ئانچە مۇنچە يېزىپ قويۇش تاكتىكام بىلەن مۇنبەرلەردىمۇ كالتە قوشۇقنىڭ سېپىنى تۇتۇپ قويغانبىز .
ئەمدى مېنىڭ يەتتە قىزلىرىمغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى ماكانلاشقان مۇنبىرىم<<شىنجاڭ لىنىيىسى>> مۇنبىرى ئىدى.
بۇ ئىسىمنى ھەر- قېتىم شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېغىزىمغا ئالىمەن، چۈنكى مۇشۇ مۇنبەردە مەن نۇرغۇن سىرداش دوستلار بىلەن تونۇشقان، نۇرغۇن خۇشال كۈنلەرنى بېشىمدىن كەچۈرگەن، ھەم تور دۇنياسىدىكى ئۇنتۇلماس ئازاپلىق كۈنلەرنىمۇ شۇ مۇنبەردە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن.
شۇنداق خۇشاللىقتىن ئېغىزىمنى باسالماي كۈلۈپ، خاپىلىقتا كۆزلىرىمنى قىزارتىپ پوتلىلىرىمنى ئېقىتىپ ، يىغلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ماكان تاقالدى، شۇ يەرگە ماكانلاشقان، شۇ يەردە تونۇشۇپ بۇ يەردە سىرداشقان، دىدارلىشىپ مۇڭداشقان نۇرغۇن دوستلار ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ يوقۇتۇش بولدى.
قانداق قىلىمىز، ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى بىر نەچچەيلەنغۇ(تۇرپان بىلەن قارمايدىن كېلىدىغان بىر ئىككى دوستمىز بار ئىدى، باغرىم ۋە سايە دەپ، ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار يىغىلىدىكەن، دېگەننى ئاڭلىدىمۇ بولدى، ئىش- پىشىنى تاشلاپلا ئۇدۇل پېقىرنىڭ <تورداشلار كۈتۋېلىش مەركىزى> گە كېلەتتى )، دىدارلىشىپ يۈرىدىكەنمىز، ئەمما يىراقتى دوستلار بىلەن چ چ دا مۇڭداشقان بىلەن مۇنبەردىكىدەك، قىزغىن سۆھبەتلەردىن مەھرۇم قالىدىكەنمىز دەپ ئويلاپ، بىر <دوستۇم> بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ،<< لىنىيە>> دېگەن بۇ ئىسىمدا بىر تور بەت ئاچمايلىمۇ دىيىشتۇقتە، ئەتىسى، ئاقىللار تور بېتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسىمنى ۋە بوشلۇقنى ئېلىپ ھەپتىدىن كېيىنلا بىر تور بەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدۇق.
گەرچە مەن باشقا مۇنبەرلەردە ئانچە- مۇنچە ئىنكاس يېزىپ، ئۇنى بۇنى كىتاپتىن، باشقا تور بەتلەردىن چاپلاپ يۈرۈپ جان باققان بىلەن، تېخنىكا جەھەتتىن ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيتتىم، شۇڭا مەن پەقەت ئاتاققا مۇنبەر مەسئۇلى بولۇپ ، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك تېما يوللاپ ئىنكاس يېزىپ يۈردۈم، لېكىن بۇ تور بەت ئېچىلىپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا دادامنىڭ ئاغىرىقى ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى، مەن تور بەتنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەلمىگەنكىم سەۋەبىدىن،  چېكىنىپ چىقتىم،  تور بەتنى ئۇ (دوستۇم)تا ھازىرغا قەدەر ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ باشلىقلىقتىن بىراقلا بۇرۇنقى پەدەمگە يەنى ئاددى پۇقرالىق ئورنۇمغا چۈشۈپ قالدىم ، ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇددى خالمۇرات (چوڭ ئەيسا)نىڭ مەھەللىمىزدە كىنۇ ئىشلىمىگەن بىر مەن قاپتىمەن دېگەن گېپىدەك، يەنە تۇرۇپلا تور بەت ئاچقۇم كېلىپ بىر كېچىدىلا، كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ<<ساقلىق مۇنبىرى>> دەپ تور بەتتىن بىرنى قۇرۋالدىم.
بۇ يەردىمۇ يەنە شۇ كىم بار دەيسىلەر <<ئاتام كۆرگەن ھېلىقى>> دەپ شۇ كونا دوستلار ، تېمىنىمۇ شۇ تۆت بەشىمىز يوللايمىز، ئىنكاسنىمۇ يەنىلا شۇ تۆت  بەشىمىز يازىمىز ، ئەممە بەك كۆڭۈللۈك، مېنىڭ بۇ تور بەتنى قۇرۇشتا قانداقتۇر تور بەتتىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش دېگەندەك ئۇلۇغۋار غايەم يوق ئىدى، پەقەت ئاشۇ دوستلىرىم بىلەن مۇشۇ يەردە كۈندە مۇڭدىشىپ، سىردىشىپ تۇرسام دەيدىغانلا ئۈمىدىم بار ئىدى.
توۋا دەيمەن، خەقلەرمۇ تور بەتلەرنى قۇرۇپ، نەچچە يىل، نەچچە يىل ئاچىدىكەن، مەنلا شۇ نەچچە ئايلىقلا ئاچامدىغاندىمەن دەپ قالدىم( بولمسىغۇ ئاقىلغا يىللىق پۇل تۆلىگەن )، تور بەتنى ئېچىپ ئىككى ئايدىن كېيىن 75 ۋەقەسى تۈپەيلى تور بىراقلا تاقالدى، تاقالغاندىمۇ بىر يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت تاقالدى.
ئەمدى مۇشۇ تور بەتنى ئېچىپ تاقالغۇچە بولغان ئارلىقتا، مۇشۇ مېنىڭ كۈندەش دوستۇم ئانىرىم، مېنى ئۆز مەزگىلدىكى <<يەتتە قىزلىرىم>> نىڭ قۇرغۇچىسى بولغان قىسمەت ئەپەندىم بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى .(مەن ئانىرىمغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن! )
تور تاقىلىشتىن ئىلگىرى بىز ھېلى كوت- كوتتا ئانچە- مۇنچە پاراڭلاشقان بولدۇق، بىر- ئىككى قېتىم يۈز- تۇرانە كۆرۈشكەن بولدۇق، ئىشقىلىپ ئازراق بولسىمۇ بىر-بىزرىمىگە نىسبەتەن چۈشىنىش پەيدا بولدى.

ئاپلا ئىشقا چىقىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ، داۋامىنى كەچتە يوللاي، ئامان بولۇڭلار!!!


مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا خېنىم، شۇنداق ھالىقىلىق يېرىگە كەلگەنتى دەيمەن، ئاخىرىنى ئۆزۈم-بىلەن ئۆزۈم ئىچىمدە پىچىرلاپ چىقىرىپ ئولتۇرارمەنمۇ ئەمدى. ئىشقا چىقماڭە بولدى، چىقماي 矿工 بولغان ئىش ھەققىڭىزنى (قىسمەت بۇنى كۆرىدىغان بولسا)ئۆزىلا بېرىدۇ سىزگە.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەتكە قويۇپ بەرسىڭىز مېنى كۈندە 矿工 قىلىپ، ئۆيدە تامىقىنى ئەتكەچ، مۇنبەرنى كۆرۈپ ئولتۇرسا دەيدۇ، بىراق شۇ 15 يىلدىن بېرى خىزمەت قىلىپ كۆنۈپ قالغان ئادەمگە سەل ئېغىر كېلىدىكەن.
شۇ ئەمدى ھالىقىلىق يېرىگە كەلگەندە ئۈزۈپ قويسام، كورىيەنىڭ كىنۇسىدەك قانداق بولغاندۇ، دەپ بولسىمۇ بىر چېكىپ باقىسىز

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق پەرەز قىلغان زادى، كۆپلەپ خېرىدار يىغىپ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇراي، دېگەن چېغىڭىز با.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
709 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2142

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:50 دە يوللىغان
شۇنداق پەرەز قىلغان زادى، كۆپلەپ خېرىدار يىغىپ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇراي، دېگەن چېغىڭىز با.

شۇ جانىم، ئىلانچىلىق دەۋىردە، دەۋىرگە ماسلاشمىساق قانداق بولىدۇ

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش دەڭ. دېگەن بىلەن  دوختۇرخاناڭلاردا سىياسى ئۆگىنىشنىمۇ خېلى قىلىپ قويىدىكەنسىلەر ھە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
539 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:44:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى، داۋامى....
مەنمۇ بار ئىدىمغۇ دۈشمەن

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
3 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:59:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىنونىڭ تازا ھالقىلىق يېرىگە كەلگەندە ئېلان چىققاندەكلا ئش بولدىدە!

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىزدىن ،ئەينى ۋاقىتتا ئىشتىن چۈشۈپ يۈگۈرۇپلا كىرىۋالىدىغان، كېچىنى كېچە دېمەي،تۈن قاراۋۇلى بۇلۇپ ،نەچچە تاڭلار ئاتقۇزغان،مېھرى ئىللىق ماكان <<ئۇيغۇرلىنىيىسى>> نىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ ،ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرىق بولدۇم دېسە...............
بۇ مۇھەببەتلىك تاققۇ-تۇققۇ كەچمىشىڭىزنىڭ ئاخىرى قاچان تاراقلاپ چۈشەركى بۇ يەرگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 00:51 , Processed in 0.053825 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش