يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 904|ئىنكاس: 9

بىدە قاينىقىنى يەپ باققانمۇ سىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 14:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرىيالى:زاغرا نان،پىياز بىرباش، ئەتىيازدا يېڭى چىققان بىدە،سۇ ماي،.
خۇرۇچلار:تۇز
ئېتىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىدىنى پاكىز ئادالاپ،يۇيۇپ سۇغا چىلاپ قويىمىز،  باش پىيازنى ئاقلاپ يۇيۇپ،نېپىز توغرىۋالىمىز.قازانغا بىر چۆمۈچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ بىر قاچىغا ئېلىۋالىمىز.
قازانغا سۇ قۇيۇپ،ئازراق تۇز سېلىۋېتىمىز قازان قاينىغاندا بىدىنى سۇدىن سۈزۈپ قاينىغان سۇغا سېلىپ پىشۇرىمىز،بىدە پىشقاندا تۇز تەمىنى تېتىپ بىدىنى سۈزىۋالىمىز. تەييارلاپ قويغان زاغرىنى قاچىغا چىلايمىز ،ئۈستىگە بىدە قايناتقان شورپىنى قۇيۇپ ، بىدىنى سېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سارغايتىۋالغان پىيازنى مېيى بىلەن قوشۇپ تەكشى سېپىپ  بىر مىنۇتتىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
بۇتاماقنىڭ ئالاھىدىلىگى:بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدىن بىرى بولۇپ  چوڭ -كىچىك،قېرى-ياش بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ،سۇيدۈك كۆپەيتىپ ھەر خىل ئارتۇق خىلىتلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە بەدەندىكى ئارتۇق مايلارنى سېرىش رولىغا ئىگە.بۇ ئەتىياز پەسلىدە جەنۇبى شىنجاڭ يېزىلىرىرىدا كۆپ ئېتىلىىدىغان تاماقلارنىڭ بىرتۈرى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 16:52:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك چۆچۈرىنى يىلدا بىر قېتىم يىيىشكە ئاران نىسىپ بولىدۇ . ماۋۇ بېدە قاينىقى دېگەننىغۇ ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،ھەم بىز تەرەپتە بۇ توغرىلىقمۇ پاراڭ بولۇپ باقمىغان ،تۇنجى ئاڭلىشىم.
،بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېدە قاينىقىنى  ئېتىش ئۇسۇلىنىمۇ ئۈگۈنۈۋالدىم .پۈرسەت بولغاندا ئېتىپ باقىمەن .
رەھمەت سىزگە خۇشچىراي ،بىزنى خېلى تاماقلارنى ئېتەلەيدىغان قىلىپ تەربىيىلىۋېتىدىغان بولدىڭىزدە .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:07:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاغرا نان، بىدە چۆپلەرمۇ دورىلىق بوپ كەتتى ھە ھازىر... 60-يىللاردا... ئاچارچىلىق.... ھەييييي.... نېمىسىنى دەي...

  ئاجايىپ كۈنلەر بوپ كەتكەن دېسە... ھەقىقىي بولغان  بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي...

     بىر يىلى يازدا ، ئۆيگە بېرىپ  قايتاشىمدا، ئانام رەھمەتلىك ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي، يوغانلا  بىر قوينىڭ ئالدى پۇتىنى پىشۇرۇپ يوللۇق تۇتتى. ئۆي بىلەن ئىدارەمنىڭ ئارىلىقى 20 نەچچە كىلومېتىر كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا نەدىكى ماشىنا دەيسىز...  ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا ھېلىقى گۆشنى كۆتۈرۈش شۇنچە ئېغىر كەلدى... تاشلىۋىتەي دېسەم قارنىم ئاغرىپ، يەي دېسەم يەپ بولالماي، يول بويى خېلىلا قىينالغان ئىدىم.
    شۇ مېڭىشىمدا  ئىدارىگە 2-3 كىلومېتىر كەلگۈدەك يەردىكى  ئۆستەڭگە كەلگەندە بىر سۇغا چۈشۈۋالايچۇ دەپ، ھېلىقى گۆشنى ئۆستەڭ بويىدىكى جىگدە ياغىچىغا ئېسىپ قويۇپ، سۇغا چۈشۈپ كەتتىم.. ئارىلىقتا سۇدىن چىقىپ گۆشتىن يەنە ئازراق يەپتىمەن.. لېكىن گۆش شۇ پېتىلا تۇرغاندەك ئىدى. سۇدىن چىقىپ ئېزىلىپ قالدىممىكىن تاڭ ھېلىقى گۆش تېخىمۇ ئېغىر تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۆشنى ئاشۇ جىگدە شېخىغا ئېسىپ قويغان پېتى كېتىپ قالدىم.
   بۇ ئىش ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ، خېلى يىللاردىن كېيىن، شۇنداق ئاچارچىلىق بولدىكىن، قولۇڭدا پۇل بولسىمۇ يەيدىغان نەرسە تاپالمايتتىڭ... ئۇ كۈنلەردە ھەتتا ئاچلىققا چىدىماي،  بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ يەپتۇ... دېگەندەك خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇراتتۇق.
  ... ھازىر ئويلىسام ئاچچىق كۈلگۈم كېلىدۇ. ئەشۇ چاغلاردا، ئىدارىدىن بەرگەن سېرىق قوناق ئۇنىدا قىلىنىدىغان، نورمىلىق ھورنانغا  تويماي، ھەر قېتىم قۇرسىقىم  ئېچىپ كەتسە،  ياتاقنىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭگە چىقىپ، يىراقتىكى ئاشۇ جىگدە تەرەپكە قاراپ قوياتتىم. ھەي... ئەشۇ گۆش ھازىر بولسىچۇ... دەپ ئۇھسىنىپ قوياتتىم...
   شۇنداق كۈنلەر بېشىمدىن ئۆتكەچكىمىكىن، بىراۋ ئازراق ئىسراپخورلۇق قىلسا، "ئۇ چاغلاردا، ئۆيدىكى ئاقناننى ئېلىپ چىقىپ زاغرىغا تېگىشىپ يەيتتۇق.." دەپ پو ئېتىپ كەتسە جۇدۇنۇم تۇتۇپلا قالىدۇ....  بالىلىرىممۇ ئۈستەلدە تاماق ئاشۇرسا، تۆكسە شۇنداق ئاچچىقىم كېلىدۇ...
(ئاتام رەھمەتلىكنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ھېكايە)

ئۇھ.....   بىدە قاينىقى.... ھازىر دورىلىق بوپ كەتتى دېسە...
........................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:43:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەزنىڭ ھېكايىتىنى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن كۆز ئالدىمغا چاچلىرىنى ئاق ئارلىغان بىر مويسىپىت ئادەم كېلىپ، نەچچە ۋاقىتتىن چوپ- چوڭلا بىر ئادەمگە چاقچاق قىلىپ يۈرۈپتىمىزدە، ئەدەپسىزلىك بوپتۇ، دەپ ئۆز- ئۆزۈمدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ كەتسەم، دادىڭىزنىڭ ھېكايىسىمىتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 21:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىدە چۆچۈرسىنى بۇ يىل تويغۇدەك يىيەلەيدىغان بولدۇم، چۈنكى ئاپام بەك ئۇستا

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى 23:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرىتتىغۇ بىدە كۆكى خىلى كەڭرىچىلىك ، كۆك چۈچۈرىسىنى تۇيغۇدەك يەيمىز ، لىكىن بىدە قاينىقى تامقىنى  يەپ باقماپتىمەن .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:51:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا بۇيىل تازا بىر يەۋېلىڭ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
163
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى 20:17:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدە قايناق.....مىنىڭ تۇنجى قىتىم ئاڭلىشىم، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم ،ئىتىپ  سىناپ كۆرسەك بولغۇدەك

Rank: 4

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
760
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىدە قاينىقىنى يەپ باقماپتىكەنمەن  ئانامغا دەپ باقايچۇ  چوڭلار بىلىدۇ چوقۇم ``

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تەرەپلەردە  بىدە قاينىقى دېمەيدۇ________بۇ تائامنى سۇقايناغ(سۇقايناق)دەيدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 12:20 , Processed in 0.050994 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش