يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 5

ئەگەر...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 00:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەننا، بۇ دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشكىنىگە تېخى ئەمدىلا ئۈچ يىل بولغان ئىدى، بىر كۈنى ئۇ بىر بىمارنىڭ دورىسىنى خاتا تارقىتىپ قويۇپ، بىمار ئەننانىڭ ئۈستىدىن دوختۇرخانا رەھبەرلىكىگە ئەرىز قىلىپ، گەرچە دورىنى ئىستىمال قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە روھى تۆلەم تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
دوختۇرخانا رەھبەرلىكى بۇ ئەرىزنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس گۇرپپا تەشكىللەپ، ئىشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش جەريانى مۇنداق:
1- ئالدى بىلەن ئەننا مەسئۇل بۆلۈمنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىللىك كېسەللەرنىڭ كىرىپ- چىقىش ئەھۋالىنى ئېنىقلىدى. ئىككى ھەپتە جاريانىدا، ئەنناغا قاراشلىق كېسەللەر رايۇنىدا كېسەللەرنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارغان، لېكىن سېستىرالار باشلىقى ئانناغا ياردەمچى سېستىرا قوشۇپ بەرمىگەن، دېمەك ئەننانىڭ ئىش سالمىقى ھەدىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتىپ، چارچاشنى پەيدا قىلغان.

2-  مەخسۇس پىسخېكا مەسلىھەتچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئەننانىڭ يېقىنقى كەيپىياتى ۋە ئائىلىسى توغۇرلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئەننانىڭ ئوغلى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، بالىلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن بولسىمۇ، بالا كۆنەلمەي داۋاملىق يىغلاپ باغچىدىكى ئوقۇتقۇچىلار توختىماي ئەنناغا تېلىفۇن قىلىپ ئارامىدا قويمىغان.

3- ئەننا دورا تەييارلىغان كۈنى، ئەسلى تارقىتىشقا تېگىشلىك دورا بىلەن خاتا تارقىتىلىپ قالغان دورىنىڭ قۇتىسى بىلەن ئىچىدىكى دورا شەكلىنىڭ تامامەن ئوخشاشلىقى، پەقەت ئىسىملا پەرىق قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خاتالىقنىڭ دورا ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەمدى دوختۇرخانىنىڭ ئەننا ئۈستىدىن چقىارغان بىر تەرەپ قىلىش يەكۈنىگە دىققەت قىلايلى!

1- ئەننا ھەدىدىن زىيادە چارچىغانلىقتىن دورىنى خاتا تەڭشەشتەك خاتالىق سادىر قىلغان، سەۋەبى ئەننانىڭ ئىش سالمىقى ئېشىپ كەتكەن، لېكىن بۇنى بۆلۈم باشلىقى ۋە سېستىرالار باشلىقى ۋاقتىدا سېزىپ بىر تەرەپ قىلمىغان، شۇڭا ئەننا ئۆيگە قايتىپ بىر مەزگىل ئارام ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
2- ئەننا بالىسى تاكى بالىلار باغچىسىغا كۆنگەنگە قەدەر كېچىلىك ئىسمىنا ئىشلەشكە بولمايدۇ.
3- دورىلارنىڭ تاشقى ئورالمىسىدا زور خاتالىق بولغانلىقتىن، مەزكۇر دورا زاۋۇتى  بىمارنىڭ روھى تۆلىمىنى تۆلەشكە مەسئۇل بولىدۇ، دەپ قارار چىقارغان، قېنى مۇنبەردىكى دوختۇر- سېستىرالار ، ئەگەر سىلەر بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسەڭلار، ئاقىۋېتىڭلار قانداق بولار؟؟؟


Rank: 4

توردا
217 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
766
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چارچاپ كەلگەندە قىلغان ئىش ھىچقاچان كۆڭۈلدىكىدەك چىقمايدۇ مېنىڭچە

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:18:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  دېلروھ، ماتىرياللاردىن قارىغاندا، ھەدىدىن زىيادە چارچىغاندا چوڭ مىڭە تورمۇزلىنىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ يۈز بېرىدىكەن.

Rank: 4

توردا
217 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
766
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چارچاپ قالغىنىمدا بىرسى گەپ قىلسا شۇنداق چىچىلىپ كېتىمەن   گەپ قىلىشمۇ خۇش ياقمايدۇ   ئاندىن خاپا قىلىپ قويىمەن بىكادىن

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 22:58:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا ئىنكاس يازاي دېسەم سەل قايناپ قالىدىغاندەك قىلىمەن جۇمۇ، ئىشقىلىپ مەن ئەننانىڭ ئورنىدا بولسام بۇ كەمگە بوپامنى چىگىپ ئۆيۈمدە، كۈندە كوپميۇتېر قۇچاقلاپ بىراقلا دەم ئېلىشقا چىققان بولاتتىم، ئەلۋەتتە دوختۇرخانىنىڭ قارارى-دە ، چۈنكى بىزدە نەدىمۇ ئۇنداق دوختۇر- سېستىرانى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ئىش...
بولدىلا ئىشقىلىپ خۇدا ساقلىسۇن، بۇنداق كېلىشمەسلىكنىڭ بزىنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قېلىشىنى، مەن كۈندە يوق ئىشلار ئۈچۈن ھېلى يېڭى سېستىرانى ئورۇنسىز تىللاۋاتقانلارغا تەسەللى بېرىپ، ھېلى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلارنى تىللىغانلارغا چۈشەندۈرۈپ كۈنۈم ئۆتىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھىڭدىن سېسىق گەپكە كۆمۈۋېتىدۇ بىزنىڭ چاستوتىسى مانچە چىقىدىغان سېستىرالار باشلىقى پۈتۈن دوختۇرخانىدا گۈدۈكتەك چالۋاقاپ ئىشقىلىپ بۇلۇڭ - پۇشقاقتىكى چاشقانلارغىچە ئۇقۇپ بولىدۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ئاندىن چىستەي ئولتۇرۇپ قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن بىرنى چۈشۈرىدۇ بىر مۇنچە جازا-جەرىمانە قويۇلغانلىق توغرىسىدا ....ئەڭ ئاخىرىدا سىز دورىنى خاتا ئىچىپ بىر تەرەپلا بولىۋېلىش كويىغا چۈشىسىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:16 , Processed in 0.046265 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش