ئىلاۋە: بىكەتتىكى ھەرقايسى ئەر-ئايال، قىز-يىگىتلەر سەمىگە:
تۈۋەندىكى تېما ھەققىدە ئەسەر قۇبۇل قىلىنىدۇ. (پۇلغا)

(باشقىچە چۈشەنمىسىڭىزلا، مەتبۇئاتتىن قەلەم ھەققى بىرىلىدۇ )
مۇشۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇلاھىزە يېزىلسا. ياكى مۇشۇ تېمىنىڭ داۋامىنى داۋاملاشتۇرسىمۇ بۇلىدۇ. يازماقچى بولغانلار تېما ئاستىغا (مەن يازاي) دەپ ئىنكاس يىزىپ ئىنكاس شەكلىدە داۋاملاشتۇرسىمۇ ياكى ئايرىم ھۆججەت قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ، ئىۋەرتىپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ. تۈگكەندە ئىنكاس يىزىۋەتسەڭلار ياكى تېما ئاستىغا بىراقلا يوللىۋەتسەڭلارمۇ بۇلىدۇ.
قېنى ئىلھامى كەلگەنلەر باشلىۋەتكەن بولساڭلار....
كومپيۇتېرچى ۋە مۇھەببەت
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك كومپيۇتېرغا ئىشتىياق باغلىغان بىر كومپيۇتېرچىنىڭ تۇرمۇشىدا كومپيۇتىركەم بولسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. بىراق ئۇلار ئۈچۈن يەنىلا ھەممىدىن كەم بولسا بولمايدىغىنى يەنىلا مۇھەببەت ۋە تۇرمۇشتۇر. بىراق، ئۇلارغا كومپيۇتېرغا تۇرامسەن ياكى ماڭىمۇ دەپ سورىسىڭىز ئۇ ناھايتى ئۇزۇن ئىككىلىنىپ كېتىپ تەسلىكتە سىزنى تاللايدۇ. ئۇنىڭ ئۇ ئىككىلىنىشىنى ئانچە ئېغىر ئالماڭ. چۈنكى ئۇ شۇ ئارقىلىق مۇۋاپىقيەتكە ئىرىشىشىمۇ مۇمكىن... ئۇنداقتا كومپيۇتېرچى بىلەن مۇھەببەت يۇلىدا قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ تۇرمۇش يۇلىدا ھەمسەپەر بۇلۇپ ئىللىق بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن قانداق بەدەللەرنى تۆلەش كىرەكلىنى بىلىۋېلىڭ. كومپيۇتېرچى بىلەن مۇھەببەتلىشىش ۋە تۇرمۇش قۇرۇش تۇلىمۇ تەس. باشقا كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا كومپيۇتېر كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغانلار بىلەن ئەپ ئۈتۈش، مۇھەببەتلىشىش ۋە ئائىلە قۇرۇش تۇلىمۇ تەس.
1. سىز كومپيۇتېر كەسپىگە ئۆزىنى ئاتىغانلار بىلەن مۇھەببەتلەشمەكچى ياكى تۇرمۇش قۇرماقچى بولسىڭىز چۇقۇم مەلۇم دەرىجىدە كومپيۇتېر بىلىمى ھازىرلىشىڭىز كىرەك. ھېچ بولمىغاندا كومپيۇتېر ساھەسى ۋە تورنى ئازراق بولسىمۇ چۈشىنىڭىز كىرەك. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتلاردا كومپيۇتېر ھەققىدە بىرەر سۇئال سوراپ قويسىڭىز ئۇ تاكى سىز بولدى دىگۈچە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقى سىزگە كۈيۈنگەنلىكى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگىنى. شۇڭا ئۇنىڭغا پات-پات مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنى بىرىپ تۇرۇڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئۇ بارغانسىرى سىزگە ئامراق بۇلۇپ كىتىدۇ.
2. ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەن ۋاقىتلاردا ياكى تۇرمۇش قۇرغاندىن كىيىن توردا پاراڭلىشىش قۇراللىرى (مەسىلەن: QQ، MSN، Skype دىگەندەك ) ئۈستىدە ئۇنىڭدىن سۇئال سورىماڭ ھەم ئۈگۈنۈش خىيالىدا بولماڭ. بۇخىلدىكى ئادەملەر ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشتۇر. چۈنكى بۇ خىلدىكى كىشىلەر بۇ ئالاقىلىشىش قۇراللىرىنى كۈندە دىگۈدەك ئۆزلىرى كۆز ئالدىڭىزدا ئىشىلتىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما سىزگە نىسبەتەن بۇ لارنى ئىشىلتىشىڭىزنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قارايدۇ ياكى ئانچە توغرا چۈشۈنۈپ كەتمەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن «سىزمۇ ئىشىلتىدىكەنسىزغۇ، مەنمۇ بىرەر ھىسابات تۇرغۇزۇپ ئېچىپ قويايچۇ» دەپ قارىماڭ. ئەگەر سىز شۇنداق خىيالغا كەلگەن بولسىڭىز جىدەل ۋە ئىشەنچىسىزلىكنىڭ مۇققەددىمىسىنى ئاچقان بۇلىسىز.
3. ئۇنىڭغا پۈتۈن مىھرىڭىز بىلەن كۆيۈنۈڭ. ئۇنىڭ بۇرۇن توردا باشقىلار بىلەن باشقىچە ئالاقىدە بولغان بولمىغانلىقى ھەققىدە دائىملا سوئال سوراپ تۇرۇۋالماڭ. ئاساسەن بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات جىنىسلىقلار بىلەن باشقىچە ئالاقىدە بولۇشنى ئويلىمايدۇ. ھە دېسە ئۇنىڭ ئالاقە ھېساباتلىرىنى تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىپ يۈرمەڭ. بۇخىل ھەركىتىڭىز ئۇلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى ياكى ئۈمىتسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىز ئۇنداق قىلمىسىڭىزمۇ ئۇ كۈندە سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدا ئالاقە قوراللىرىنى ئېچىپ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى، ئې-خەت يوللاۋاتقانلىقى ۋە قۇبۇل قىلىۋاتقانلىقى سىزگە بولغان ۋاپادارلىقى. ئۇنىڭ ئالاقە قوراللىرى ۋە ئې-خەت لىرىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۈزىگە ئوخشاش كەسىپداشلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدۇر. سىز باشقىچە گۇمان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆيۈنۈڭ. ئۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېر ساھەسى ھەققىدە پات پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۈزىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ھەققىدە قىزىققان بىرەر ئىش ياكى ساھە توغرىسىدا كومپيۇتېرغا باغلاشتۇرۇپ مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئۆز خىزمەت ۋە ئىشلىرىدا سىزنىڭمۇ تۇلىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىدۇ.
4. ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئۈستىلىدىكى قالايمىقان قويۇلغان نەرسىلىرىگە ۋە بەزى ناچار ئادەتلىرىگە ئارتۇقچە چېچىلىپ يۈرمەڭ. ھەتتا تاماقنىمۇ كومپيۇتېر ئالدىدىن قوپماي يىيىشىگە ھەيران قالماڭ. چۈنكى ئۇ تاماق يىگەچ توردىن مۇھىم ئۇچۇرلارنى كۆرۈشى ياكى يېزىۋاتقان پروگىرامما كودىنىڭ ئاخىرىنى قانداق يېزىشنى پىلانلاشقا ياخشى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن. كۈندە قەرەللىك ھالدا كومپيۇتېر ئۈستىلىنى رەتلەپ تۇرۇڭ، ئەمما نەرسە كېرەكلەرنى، مەسىلەن بارماق دېسكا، قاتتىق دېسكا، پىلاستىنكا دىگەندەك نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ ئىچكىرلەپ بىر يەرلەرگە تىقىۋەتمەڭ. ئۇ بۇ قىلىقىڭىزنى ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنەرسىلەرنى چىرايلىق رەتلەپ ئىكران ئاستىغا تىزىپ قويسىڭىزلا بولدى. ئۇ ھەركۈنى كومپيۇتېر ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ، پاكىز سۈرتۈلگەن ئۈستەلنى، رەتلىك تىزىلغان نەرسە كېرەكلەرنى كۆرۈپ كۆڭلىدە قاتتىق تەسىرلىنىدۇ. بىراق سىزگە ئانچە ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ. بۇ تەرپىنى قۇبۇل قىلىڭ.
5. .... تورداشلارغا قالدۇرۇلدى...
-----ئېلان: ئەسەر يېزىڭ، ئەسەر ئەۋەرتىڭ، مۇشتەرى بۇلۇڭ (كومپيۇتىر ساھەسى ھەققىدە).----------