خەيرىلىك
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
ئون گۈلىڭنىڭ ئۈچۈنچىسى ئىچىلدى.
ياتلىنىپ چىقتىڭ ياتلارغا تۇرمۇشنى يۈدۈپ،
يامان كۆزدىن ساقلىسۇن بەختىڭ كەلدى.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
نىكاھ يىپىڭ تۈگۈنسىز- ئۈزۈلمەس بولسۇن.
يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇڭ،
چۇغلۇغ گۈلىدەك بوراندىمۇ مەزمۇت تۇرغىن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
مۇھەببەت ئۇ بىر ماگىنىت دولقۇنى.
يارىتىلدىڭ- يارىلىش ئۆزەڭدىن ئۈمىدۋار بولغىن،
مۇھەببەت ئۇ بىر ھاياتلىق يىلتىزى.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
قۇياش كەبى ھەر ۋاقىت چاقناپ تۇرغىن.
يوقسۇزلىق زىمىستان-قىش كۈنلىرىدە،
گويا مەشتىكى ئوتتەك گۈرۈلدەپ كۆيگىن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
گۈل-گۈلشەنلەر ساڭا قۇچاق ئاچسۇن.
بەخت نەدە؟ ئۇ ئۆز قولۇڭدا،
ئامەت يۇلتۇزى ساڭا يار بولسۇن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
خەيرىيەت يولىڭدا چىمەنلەر ئىچىلسۇن.
بۇ مەنزىل ئۇزاق مەنزىل،
ئۆمۈر ئىتىڭ دۇلدۇل كەبى ھارمىسۇن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
ھاياتنى سۆيسەڭ ھايات سىنى سۆيسۇن.
يۇقاتمىغىن ۋىجدان-غۇرۇر،ئار-نۇمۇسنى،
شۇلار ساڭا ھەمراھ بولسۇن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
ياشلىق دەۋرىڭ ھەسەلدەك تاتلىق بولسۇن.
ئايرىلىسەن بۇ دۇنيادىن ھامان بىر كۈن،
ئۇ دۇنياغىمۇ نەزىرىڭنى تاشلاپ قويغىن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
ئايال بولدۇڭ رەپىقەڭگە ئۇنى ھۆرمەتلىگىن.
جىدەل-ماجرا بولۇپ تۇرسىمۇ،
كۆڭۈل-كۆكسىڭنى ئالەمچە كەڭرى تۇتقىن.
خەيرىلىك بولغىن سىڭلىم خەيرىلىك،
كىلىن بولدۇڭ ئۆزگىلەرگە تەغدىر-قىسمەتتىن.
بۇ تۇرمۇش بەزىدە ئاچچىق-چۈچۈك،
تارتساڭمۇ جاپا-مۇشەقەت بەردەم بولغىن.
ئاپتورى:<غ>ئۇيغۇرى.2009.7.6.