يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 732 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 773|ئىنكاس: 5

بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا سەل قارىماڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
705 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2134

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئىنى- سىڭىللار، مەرۋەرىدىن بارلىقىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
پېقىر تور ھاياتىمنى باشلاپ تاكى بۈگۈنگە كەلگۈچە بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلار ئۆتۈپتۇ. يوقاتقىنىممۇ، ئېرىشكىنىممۇ بار ئىكەن، ئېرىشكىنىم يوقاتقىنىمدىن كۆپ ئىكەن، گەرچە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى كېچە- كېچە ئۇيقۇدىن يىراق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن خوشھاللىقلارمۇ مېنى ئۇيقۇدىن نېرى قىپتۇ، خاپىلىقتىن، ئازاپتىن ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىغان كۈنلىرىممۇ، خۇشھاللىقىمدا قاقاھلاپ كۈلگەن ۋاقىتلىرىممۇ بوپتۇ.
مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنى مەن بىر ئادەم بىلەن بىرلىكتە بېسىپ كەپتىمەن، ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ قىزىم. مەن تاكى تۇرمۇشۇمنى قايتا ئورۇنلاشتۇرغانغا قەدەر بارلىقىمنى تاپقىنىمنى مۇشۇ قىزىمغا ئاتاپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم، قەلبىمدە باشقا كىشىگە ئورۇن يوق ئىدى، مەن قىزىمنى يات بىرىگە قاراتمايمەن دەپ نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى بېشىمدىن كەچۈرگەن بولساممۇ،  تەقدىر ماڭا باقمىدى، ئويلىمىغان يەردىن ھازىرقى يولدۇشۇم بىلەن تونۇشۇپ، بەختلىك بىر ئائىلىنى  روياپقا چىقاردۇق.
بىر كۈنى بىزنىڭ بۇ رومانتىك داچىمىزدا كىچىك بىر مېھمان پەيدا بولدى، مېنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بىر بالىغا سوققان يۈرىكىم ئەمدىلىكتە يەنە بىر ئوماق پەرىشتىگە بۆلۈندى، بىر دەمدىلا بىر جۈپ قىزى بار بەختلىك ئانىغا ئۆزگۈرۈپ قالغان مەن بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئالدىراش بوپ كەتتىم، قىزلىرىمنى قوشگېزەكتەك ياساپ بىر يەرلەرگە ئاپىرىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشھاللىقىم ئىدى، چۈنكى ئىككى قىزىم ئىككى يېنىمدا توختىماي سۆزلەپ ماڭسا، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئانا ھېساپلاپ كېرىلىپ مېڭىپ كېتەتتىم.
لېكىن، مەن بالىلىرىمنىڭ ماددىي جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتىگە، ئۇلارنىڭ روھىدىكى بوشلۇققا، ئۇلارنىڭ نېمىگە قانداق ۋاقىتتا مۇھتاجلىقىغا سەل قاراپتىمەن، شۇ سەۋەپلىك يېقىنقى مەزگىللەردە كىچىك قىزىمدا بەزىبىر ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ قالدىم، قانداق قىلىشىمنى بىلمەي ئاخىرى مۇنبىرىمىزدىكى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى مېھراي مۇھەممەت خانىمدىن مەسلىھەت ئالدىم، مېھراي خانىم قىزىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئاددىي سىناقلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى پىسخىك توسالغۇنى ۋە قانداق قىلىشىمنى ئېيتىپ بەردى، مەن بۇ قىممەتلىك ئىككى سائەتتە كىچىك قىزىمنى تېخى تولۇق چۈشەنمىگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە قەلبىدە بۇنداق بوشلۇقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالمىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى لاياقەتسىز ئانىكەنمەن دەپ ئەيىپلەپ كەتتىم، لېكىن مېنىڭ خۇش بولغىنىم، مەن قىزىمنى، قىزىم مېنى تېخىمۇ چۈشەندۇق.
مانا ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەي قىزىمدىكى ئۇ غەيرى ئالامەتلەر ئاستا- ئاستا يوقىلىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ چېھرىدىكى ئۇ خۇشھاللىقنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم چىقتى.
مەن بۇ يازمام ئارقىلىق شۇنى دىمەكچى، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا سەل قارىمايلى، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە ھەممەيلەن ئائىلە ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەتىدىن - كەچكىچە تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلەپ، بالىلىرىمىزنى چىرايلىق كىيگۈزىمىز، ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يىگۈزىمىز، ئەمما بۇنىڭ بالىلاردىكى ماددىي ئېھتىياجنى قاندۇرغان بىلەن، بالىنىڭ يەنە بىر نەرسىگە ئۇ بولسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىكى ئېھتىياجنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلالماي، ھە دېسە بالىلىرىمىنى كومپيۇتېرغا ، تور ئويۇنىغا، تېلېۋىزۇرغا، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇققا ئۆگىنىۋالدى دەپ قاقشايمىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار ھېس قىلالمايدىكەنمىز، بالىلىرىمىزنى ئەيىپلەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ بىزگە، بىز بىلەن مۇڭدىشىشقا، كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىزگە ئېيتىدىغان چاغدا بىزنىڭ داۋاملىق يېنىدا بولالماسلىق سەۋەپلىك، قەلبىدىكى بوشلۇقنى ئەشۇ نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە ئەشۇ ئويۇنلار ئارقىلىق تەسەللى تېپىۋاتقانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمايدىكەنمىز.
مەن بۇ قېتىم شۇنداق بىر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، كىچىك تۇرۇپلا ئۇيقىسىغا قانماي بالىلار باغچىسىغا باغلاپ قويۇلۇۋاتقان، كىچىك تۇرۇپ ئاتا- ئانىسىنىڭ مېھرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان، بىزنىڭ بارلىقىمىز بولغان ئەشۇ ئوماق بالىلىرىمىزنىڭ پىسخىكا مەسلىسىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. پىسخىكا مەسلىھەتچىسىگە كۆرىنىش قانداقتۇر ساراڭ بولۇپ قالغانلىقتىن دېرەك  بەرمەيدىكەن، بۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورناپ كەتكەن، سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا تەسىر قىلىۋاتقان ئاشۇ توسالغۇلارنى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ياردەمچى ئىكەن.
دوستۇم، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى بولغان ئاشۇ بالىلىرىڭىزنى چۈشىنىشكە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بېقىڭ، ئۇلارنى كىچىك، ھېچنەرسىنى ئۇقمايدۇ دەپ سەل قاراپ قالماڭ، بالىلارنىڭ كۆڭلى ھەممىدىن ئۇلۇغ!
ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ!

Rank: 8Rank: 8

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكرىڭىز ئۇرۇنلۇق. سىز دىمەكچى پاراڭلىشىپ مۇڭدىشىپ تۇرۇڭ دىمەكچىمۇ سىز؟
دېمىسىمۇ  بۇلىدىغان گگپ. مەن 4 ياشلىق ئوغلۇم بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالساق كۈزىگە يۇلۇققان نەرسىلەرنى ئۇ نىمە دەپ سوراپ كىتىدۇ، ئالدىرىماي، تەپسىلىي ئىنىق سۆزلەپ بىرىمەن. چۈشەندۈرۈپ كىتىمەن.
ئانىسى بىلەن مۇڭدىشىپ قالسا چوڭلاردەك پاراڭلىشپ كىتىدۇ. ئەمما ئانىسى خىزمەت سەۋەبىدىن دىگەندەك كۆپ مۇڭداش بوپ بۇلالمايدۇ.
بالىلارنى بەزىدە ھەقىقەتەن تىلىۋۇزۇر ۋە كومپىيۇتىرغا بەنىت قىپ قۇيىدىكەنمىز.   مۇمكىن بولسا سىز قوللانغان ئۇسۇللارنى تەپسىلىيراق سۆزلىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىلار بىلىۋالسۇن كۆپرەك.

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كىچىك بالىلارنىڭ پىسخېكىسىغا سەل قارىماسلىق كېرەك.
كۆپرەك مۇڭدىشىش، يولىدا ماختاش، يولىدا تەنبىھ بېرىش، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش لازىم، شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى كىچىكلەرنىڭ قەلبى بەكلا نازۇك بولىدۇ، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان، سۇندۇرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ قەلبىدىكى كەڭرى دۇنيانى ئاتا-ئانىلار ئۆزى تارايتىۋېتىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ مۇڭدىشىمىز دىسەكمۇ بەزىدە پەقەت ۋاقىت يار بەرمەيدۇ ،خىزمەت بېسىمى بەكلا ئېشىپ كەتكەن شۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن ئادەم بەكلا چارچاپ قالىدىكەن ،بالىلارغا كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋاقىتمۇ بەكلا ئازلاپ كىتىدىكەن ،شۇنداقتىمۇ يەنىلا دىققەت قىلسام بولغىدەك .

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
323
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:02:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:37 دە يوللىغان
بالىلارنىڭ قەلبىدىكى كەڭرى دۇنيانى ئاتا-ئانىلار ئۆزى تارايتىۋېتىدۇ.

جېنىم ئاتا-ئانىلار تارايتىۋەتمەي دەپ بالىنى ئەركىن- ئازادە چوڭ بولسۇن دېسىڭىز، مەكتەپ بۇ بالىلارنىڭ ئۆيدىكى ئەركىلىك ۋە ئەركىنلىكىنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، ئەڭ ئاددىيسى مەكتەپتە جىقراق سوئال سورىۋەتسىمۇ ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا ئەرىز- دات ئېيتىدىغان تۇرسا، ھە دېسە ئىنتىزامى ياخشى ئەمەس، جىم ئولتۇرمىدى دەپ قاقشاۋاتقان، ئىشقىلىپ بالىلارنىڭ كەڭرى دۇنياسى ئاۋال مەكتەپتە بوغۇلىدىكەن، ئاندىن مەكتەپكە ماسلاشتۇق دەپ ئائىلىدە ئاتا- ئانا بوغىدىكەنمىز، قانداق قىلىمىز، ياشىماق شۇنداق تەس ئىكەن.
ئاتا- ئانا بولغىچىغىمۇ ئۇۋال.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:51 , Processed in 0.054756 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش