يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 705|ئىنكاس: 10

پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟ ئالتۇن ئالامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 14:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىقتىساد ـــــــــــــــــ بىر دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولمىسا، قۇدرەتلىك بولالمايدۇ، دۆلەت قۇدرەتلىك، باي بولمىسا، خەلق ئېرىشىدىغان پاراۋانلىقمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئاز ياكى كەم بولىدۇ،
گەرچە ئىقتىساد ھەممىگە قادىر بولمىسىمۇ، ئەمما ئىختىسادى ناچار بولغان دۆلەت شۇنىڭغا ماس ھالدا نامرات بولىدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇمكى نامراتلىق كىشىگە بەخت ئېلىپ كەلمەيدۇ.

شۇنداقلا، بىر ئائىلە ئۈچۈنمۇ ئىقتىساد مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، تۇغۇلىشىمىزدىن تارتىپ، تاكى ۋاپات بولغۇچە بىزگە ئىختىساد كېرەك بولىدۇ، باللىرىمىزغىمۇ ھەم شۇنداق.
قانۇنى يول بىلەن ھالال پۇل تېپىش، مەبلەغ سېلىش بىزنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزىدۇ، ئۆزىمىزمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالماي، باشقا ئاجىز، يېتىم-يېسىر، نامراتلارغا، كىسىلىنى داۋالىتالماي قىيىنچىلىقتا
قالغانلارغا،
ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىمىزغا، يۇرتداشلىرىمىزغا ياردەم قۇلىمىزنى سۇنالايمىز، ئۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، مېھرىبانلىق مىلودىيەسىنى ياڭرىتالايمىز، كىسەللەرنى داۋالىتىپ ساقايتالايمىز، باشقىلارغا ئوخشاش دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنى ساياھەت قىلالايمىز، تەرەققى قىلالايمىز.
ئالتۇن ئەلمىساقتىن تارتىپ قەدىرلىنىپ، ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن بىر مېتال بۇلۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، نېفىت بايقىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى ئېشىشتىن ئىلگىرى ئالتۇن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلىق ھىساپلىناتتى، گەرچە نېفىت بايقىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىتىش دائىرى ئېشىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر نېفىتقا تايىنىپ باي بولغان بولسىمۇ، ئالتۇننىڭ كۇرزىسى يەنىلا چۈشكىنى يوق، چۈنكى، ساپ سېرىق پارقىراپ تۇرغان ئۇ نەرسە ئەزەلدىن بايلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى، شۇنداقلا، ئۇنىڭ قىممىتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاشسا ئاشتىكى ھەرگىزمۇ چۈشۈپ كەتمىدى، مانا بۇ ھەقىقەت، رىئاللىقتىكى ئالتۇن، ھەقىقى بايلىق.
ئامېرېكا دۆلىتى كانادانىڭ شىمالى دېڭىز ئوكيانغا يېقىن يېرىنى ئۇرۇش قىلىپ ئەمەس بەلكى دەل مۇشۇ ئالتۇن (ياكى دوللارغا ) سېتىۋالغان.
ئالتۇن ــــــــــ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھىچكىم بولمىسا كېرەك. ئۇنى ساتسىمۇ پۇل، ئېلىپ قويۇپ، كېيىن باھاسى ئۆسكەندە ساتسىمۇ، ئىشلەتسىمۇ پۇل، ئۇنىڭدىن چىرايلىق نەفىس بۇيۇم ياساپ ساتسىمۇ پۇل، بۇرۇن قەغەز پۇل ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، تىللا، يامبۇ قاتارلىقلار پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلەتتى، ئەلۋەتتە ئالتۇن تىللا، ئالتۇن يامبۇدىن باشقا، كۈمۈش يامبۇمۇ بار. ھازىرقى دۇنيادا پۇل تاپقۇچىلار ئۈچۈن، ئالتۇن-ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش تۈرى بۇلۇپ قالدى، چۈنكى، بىز ئەزەلدىن ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈپتۇ دەپ ئاڭلىمىدۇق،( گەرچە پاي چېكى بازىرىدا ئۇنداق بوپتۇ، بۇنداق بوپتۇ دەپ ئاڭلىساقمۇ، ئالتۇننىڭ ئۆسىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان ھەقىقەت، كىچىك ۋاقتىمىزدا 90 سومغا مانچىلىق ئالتۇن زىرە سېتىۋاپتۇ دىسىمۇ، ھازىر ئالتۇننىڭ بىر گىرىمىنى 90 سوم تۈگۈل 300 سومغىمۇ سېتىۋالالمايمىز. ) زەرگەرلەر ئەزەلدىن باي ياشاپ كەلگەن (ئەلۋەتتە ھالال يول بىلەن پۇل تېپىپ، تاپقان پۇلىنى ناشايان، ئەسكى يوللارغا ئىشلەتمىگەنلەر ) ،
شۇنداقلا، ئۇ ئەڭ ياخشى پۇل تېپىش، ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش، ئەڭ ياخشى پۇل جۇغلاش، ئەڭ ياخشى ئىمتىيازنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ، باشقا كۈن چۈشكەندە، ئۆيگە قارىغاندا ئالتۇن تېخىمۇ ئاسان قولدىن چىقارغىلى بولىدۇ، چۈنكى، ئالتۇننى ئۆي ساتقانغا ئوخشاش« ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرىمەن،
ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۆچىرەت تۇرۇپ، يالۋۇرۇپ، قىينىلىپ، تەڭقىسلىقتا قېلىپ، بارماق بېسىپ، قول قويۇپ...» دىگەندەك ئۇنداق ئاۋارىچىلىقلارنى تارتمايلا سېتىپ چىقىرالايسىز، سېتىپ چىقىرىلىشى تېز، ئاۋارىچىلىقى ئاز، سېتىۋېلىشتىن تارتىپ، سېتىۋېتىشقىچە ئەڭ تىز، ئەڭ ئاسان يوللار بىلەن ئۇنى بىر تەرەپ قىلالايسىز. ئۇنى ھەتتا مىراس ئورنىدا ئىشلىتەلەيسىز.

بۇ يەردە بىر گەپنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مال-دۇنيا ھەممىگە ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما مال-دۇنيا بولمىسا، سىز ھىچنىمىگە قادىر بولالمايسىز. شۇنداقلا، مەبلەغنى ئەڭ ياخشى تۈر بولغان ئالتۇنغا مەبلەغ سالغاندا، سىز تېخىمۇ جىق پايدىغا ئېرىشەلەيسىز.
سودا-سانائەت بانكىسى خەلقئارالاشقان، خەلقئارادىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسى يۇقىرى، جوڭگو ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بانكا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئالتۇن سودىسىنى ئەڭ دەسلەپ يولغا قويغان بانكىلارنىڭ بىرى، ئىنتىرنېت تورىدىكى سودا ئالاقىسىنىمۇ ئەڭ دەسلەپ سودا-سانائەت بانكىسى يولغا قويغان، سودا-سانائەت بانكىسى ئەڭ ئىلغار ئۇرۇندا تۇرىدۇ، باشقا بانكىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالتۇنى يوق، لېكىن، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ 99.99% لىك ئالتۇنى بار بۇلۇپ، جوڭگو ئىچىدىكى بىردىنبىر ئالتۇن سودىسى قىلالايدىغان بانكىدۇر، بۇ بانكا نۆۋەتتە ساپلىق دەرىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى 99.99%  لىك ئالتۇننى نۆۋەتتە بىر گىرامىنى 315 يۈئەندىن سېتىۋاتىدۇ، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاقىلانە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بۇلۇپ، سىزنىڭ تېخىمۇ پۇلدار بۇلۇشىڭىزنىڭ دانا تاللىشىڭىزدۇر.
سودا-سانائەت بانكىسىدىن ئالتۇن سېتىۋېلىشنىڭ يەنە بىر كاپالىتى شۇكى، ھازىر  بانكىدىن سېتىۋېلىپ، كېيىن يەنە سودا-سانائەت بانكىسىغا ئاپىرىپ سېتىۋىتەلەيسىز، بۇنداق مۇلازىمەت سىزنى ھەر قانداق غەمدىن خالاس قىلىدۇ. قالغىنى سىزنىڭ ۋاقىتنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پايدىلىق پۇرسەتنى ئەڭ ياخشى بايلىق قورالىغا ئايلاندۇرىشىڭىزدا.
ئالتۇن سېتىۋالماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى تېلفۇندىن ئالاقىلىشىڭ، مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن، سودا سانائەت بانكىسىدا 11 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا مەسئۇل دېرىكتۇرى، ئۇيغۇر تىلىدا سىزگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا، سىزگە ئەڭ ياخشى مەغلەغ سېلىش تۈرىنى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تۇنۇشتۇرىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمۇرى:
13999423630

ئىشخانا : 0991- 5844661
سىز بايلىققا كۆز قىرىڭىزنى سالمىسىڭىز، بايلىقمۇ سىزگە كۆز قىرىنى سالمايدۇ، بايلىق ھەممىگە قادىر ئەمەس، ئەمما سىزدە بايلىق بولمىسا، سىز ھىچنىمىگە قادىر بولالمايسىز.
钱财不是万能的,但是,没有钱才是万万不可的。



你不理财,财不理你

Rank: 8Rank: 8

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:45:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بۇلىدىغان گەپكەن. ئالتۇننى ئېلىپ قويساق خۇتۇنلار زىرە مۇنجاق،بىليزۇك سوقتۇرۋېلىپ قويماسمىكى...
ئۈرۈمچىدە بولماي باشقا يۇرتلاردا بولسىمۇ بۇلامدىكەن ئاۋۇ مۇلازىمەت قىلىدىغانلارغا؟
سودا سودا سانائەت بانكىسى تور بىكىتىدە ئېلىپ بېرىلامدىكەن ياكى نەق پۇل- نەق ئالتۇن سودىسى شەكلىدىمۇ؟


ئالتۇن ئاياللارغا ھارام دەپ ساماۋىي كىتاپلاردا كۆرگەن ئىدىم.

Rank: 2

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
49
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nokiafun بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 10:45 دە يوللىغان
بۇ بۇلىدىغان گەپكەن. ئالتۇننى ئېلىپ قويساق خۇتۇنلار زىرە مۇنجاق،بىليزۇك سوقتۇرۋېلىپ قويماسمىكى...
ئۈرۈمچىدە  ...

ھارام ئەمەسقۇ دەيمەن،مەككىلەردىمۇ دەششەت بازىرى ئىتىتىك مال دەپ ئاڭلىدىم ئالتۇننى....

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 16:46:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.... پۇل تاپساڭلار سامسىمۇ ئېلىپ قويارسىلەر...

ــــ جېنىم، ئالتۇن-كۈمۈش، زىبۇـ زىننەت ئۈچۈن قىلمايمىزغۇ توينى...  ئىككىمىزنىڭ پاك مۇھەببىتى بولسىلا بولدى... بىراق شۇ خەقنىڭ گېپى يامان...
ــــ گېپىڭىزدىن بەك تەسىرلەندىم جېنىم، ئەمىسە تويلۇققا ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ ئورنىغا مىس ئۈزۈك ئالاي، خەق بەرىبىر بىلمىگەندىكىن...
ــــ ۋىيىي~ ئۇنىڭغا بولماس؟
ــــ ...

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 10:19:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئايالىمنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يازغان ئىدىم، چۈنكى ئۇ بانكىدا بانكىنىڭ ئالتۇنىنى ساتىدىكەن ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى
    ئەسلى ئالتۇن ئالغۇڭىز بارمۇ دەپلا يازسام بولاتتىكەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىپمۇ قالماڭلار، مەن مۇشۇ زىبۇ- زىننەتكە تازا قىزىقمايمەن، بار بولسىمۇ تاقىغۇم كەلمەيدۇ.
ئەمما يۇقۇرقىدەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئىش بولسا ئېشىنچا پۇلغا ئالتۇن ئېلىپ قويسا باشقا كۈن چۈشكەندە ساتسا جانغا ئەس قاتىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تىخى يېقىندىلا ئاڭلىغان ئىدىم ئالتۇننىڭ باھاسى ئۈسۈپ 500 يۈەنگە چىقارمىش دەپ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 19:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، ياخشى تېما. ئاۋۇ مەن قويغان سۇئالنى سوراپ بېقىڭچۇ ياكى مۇشۇ مۇنبەرگىلا باشلاپ ئەكىرىڭ. بۇ يەردىكى خۇتۇنلار قارشى ئېلىدۇ. بىزمۇ شۇ بانادا ئالتۇن توغرىسىدا سوراپ بىلىۋالامىز.
مەن بىر كىلو ئالاي.
سودا شەكلى، دائىرسى، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يۇرتى دىگەندەكلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەمسىز.

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە قېرىندىشىم. nokia fun
ئايالىمنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى يازغان ئىدىم.  ئۇ سودا-سانائەت بانكىسىدا ئىشلەيدۇ.  
ھازىر سورىدىم. كىملىك نۇمۇرى بولسىلا، نەق مەيداندا تۇرۇپ ئالىدىكەن. ئەلۋەتتە، توردىمۇ ئېلىشقا بولىدىكەن. بىراق، يەنىلا، شەرىئەتتە، ئالتۇننى كۈرۈپ ئېلىش تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭغا، سىزنىڭ يەنىلا كۈرۈپ،  نەق مەيداندا ئىشەنچىلىك ئۇرۇندا، بانكىنىڭ ئ ۆزىدە ئېلىشىڭىز ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ.  ھەم، بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىق بولاتتى.   
مىنىڭ چچ نۇمۇرۇم  1016188008

[ peacelife212 بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:51  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:53:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن تاقاش، ئېسىش ئەرلەرگە ھارام، ئاياللارغا ھارام ئەمەس.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 14:44 , Processed in 0.054226 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش