يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 2

شىنجاڭدىكى تۈنجى ئىسلام ئاۋازى ياڭرىغان جاي-جاي پەچچىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:46:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭدىكى تۈنجى ئىسلام ئاۋازى ياڭرىغان جاي -جاي پەچچىم




«جاي پەچچىم» ئاتۇشنىڭ مەركىزى بازىرى مەشھەدتىن ھىساپلىغاندا، قىرىق كولومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئاتۇشلۇقلار بۇ مۇقەددەس جاينى «جاي پەچچىم» ( پەچچىم پارىس تىلىدا «ئاتام» دېگەن مەنىنى بولدۇرىدۇ ) «جاي پاشايىم»، «جاي ئاتام»، «جاي پاشا»، دەپ ھەرخىل ئاتىشىدۇ. بۇ جاينىڭ «جاي پاشايىم»، «جاي پاشا» دەپ ئاتىلىشى قارا خانىلار خانلىقىنىڭ بۈيۈك سۇلتانى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن مۇناسىۋەتلىك.




سۇلتان ساتۇق بۇغراخان قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ تەخىت ۋارىسى بولۇشتەك قانۇنىي ھوقوقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، تاغىسى ئوغۇلچاق بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ. دەل شۇ كۈنلەردە، قارا خانىلار غا قوشنا بولغان سامانىلار دۆلىتىنىڭ تەخىت ۋارىسى ئەبۇ ناسىر سامانى ئوردا كۈرىشىدە مەغلۇپ بۇلۇپ قارا خانىلار دىن پاناھلىق تېلەپ كېلىدۇ. قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى خاقانى ئوغۇلچاق ئۇنى ئورانلاشتۇرىدۇ.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى «تەقدىرداش» تەخىت ۋارىسلىرى ئوتتۇرىسىدا چۇڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. ئەبۇ ناسىر سامانى دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك، بىلىمى مول، تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇش بىلەن بىرگە، يىراقنى كۆرەر، ئالىم سۈپەت كىشى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرى بىلەن ئون ئالتە ياشلىق سۇلتان ساتۇق بۇغراخاننىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر ھۈرمەت تۇيغۇسىنى قۇزغىتىدۇ. ساتۇق بۇغراخان ئۇنى «ئۇستاز» ئورنىدا كۆرىدۇ. نەتىجىدە، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋىتى بىلەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى،شۇنداقلا بۇ دىننى كەلگۈسىدە قارا خانىلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىشنى نىيەت قىلىدۇ.



مىلادى932- يىلى، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان جەڭگىۋار يىگىتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنى ئېلىپ، ئوۋ قىلىش باھانىسىدا، ئاغۇ تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان، كېيىن «جاي پەچچىم» دەپ ئاتالغان بۇ جىلغىغا چىقىدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بۇ يەردە جەڭگىۋار ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇستازى ئەبۇ ناسىر سامانىنڭ يېتەللىشى بىلەن ئىمان ئېيتىپ، ئىسلامغا كىرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئەزان ئاۋازى مانا مۇشۇ جىلغىدا ياڭرايدۇ. سۇلتان ساتۇق بۇغراخان دەل مۇشۇ يەردە ەەخپىي مەشق ئېلىپ بېرىپ، سەلتەنەت تەختىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. «جاي پەچچىم» نى ھەربىي بازا قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان پۇختا تەييارلىق ئارقىلىق، سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەلۇم بىر كېچىسى جەڭگىۋار دوستلىرى بىلەن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تاغىسى ئوغۇلچاقنى ئۆلتۈرىدۇ. ۋە قارا خانىلار سۇلالىسىنىڭ تەختىدە سۇلتان بولۇپ ئولتۇرىدۇ.




ئۇ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تارىخىدىكى مانا مۇشۇنداق زور تارىخىي ۋەقەنىڭ شاھىدى بولغان جاي پەچچىم شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، مۇسۇلمانلار يىراقلاردىن بۇ يەرگە تاۋاپقا كېلىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس سەيلىگاھقا ئايلىنىدۇ.



تامام.
مەنزىل: «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتاب.
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىكەن دەپ، فەرياد تورىدىن چاپلانما قىلىپ يوللاپ قويدۇم...ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 11:02:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ، تىمىڭىزغا رەھمەت .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىلى ئەپەندى نامىلىق بۇ كىتاپنى مەن يېقىندا مەلۇم بىر كىتاپخانىدىن ناھايتى يۇقۇرى باھادا سېتىۋېىلىپ ساقلاپ قويدۇم ، تېمىڭىزغا رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:47 , Processed in 0.080968 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش