يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 652|ئىنكاس: 4

نورۇز بەزمىسىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
46

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز بەزمىسىگە
                                    قىزىلگۈل

سېغىنىش ئىلكىدە چاك بوپ يۈرەكلەر،
زارىقىپ كۈتكەندەك ئاشىق نىگارنى.
تەشنا بوپ سېغىندۇق پەسىل ئەركىسى،
خۇلقى ناز،شوخ،ئەركە ،ئىللىق باھارنى.


مەلھەم بوپ قەلبلەر تەشنالىقىغا،
خۇشاللىق ئېپكەلدى نورۇز شاتلىقى.
شاتلىقلار بولسىمۇ بىزدە ھەر
دائىم،
ئۆزگىچە ئىكەنغۇ
<<نورۇز>>ئاتلىقى
شوخ سابا ئەركىلەپ سۆيدى زىمىننى،
زىمىستان يول ئالدى ياشلاپ كۆزىنى.
تەبىئەت ھۆسنىگە ھۆسىن بېغىشلاپ،
قىزلارمۇ
نۇرلاندى ياساپ ئۆزىنى
ئېرىققا لىق تولغان ئەگىزسۈيىگە،
مەجنۇن تال لىۋىنى يېقىپ پۇرايدۇ.
ئويغانغان جانلىنىپ ئانا تەبىئەت،
يۈرەكنى غىدىقلاپ شېئىر سورايدۇ.


پەسىللەر ئالمىشىپ كېلىدۇ نورۇز،
تەبىئەت ئەركىسى باھارنى باشلاپ.
كەلمەس ئۇ قۇرۇق قول كېلەر ئۆزگىچە،
ھەممىگە يېڭىدىن بىر ياش بېغىشلاپ.


كېلىڭلار يايرايلى،سالايلى ساما،
ۋىسالسىز قالمىغاي دىلدا ئارمانلار.
يىل بېشى،ئىش بېشى باشلانسا خۇشال،
گۈل-چېچەك ئاچقۇسى ئارزۇ-ئارمانلار.

مەنبە:ېۆزۈم

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 8Rank: 8

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارنىڭ تىۋىشى كەلدى گۈپۈلدەپ،
زىمىننىڭ يۈرۈگى كەتتى دۈپۇلدەپ.
ياسىنىپ كوچىغا چىققاندا موماي،
بوۋاينىڭ يۈزلېرى كەتتى ھۈپۇلدەپ.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاپىنىنى ئاستا  سالدى تاغ بوۋاي،
چاپىقىنى ئاستا ئالدى باغ موماي،
يەر باغرىنى يېرىپ چىقتى تۆت قۇلاق،
زىل بەرگىنىڭ تىترىشىگە قارىماي.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:46:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىلگۈل ھەدەمنىڭ نورۇزلۇق سوۋغىسىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مەنمۇ باشقىلاردەك شېئىر يازالىغان بولسامزەەەەە، بىرەر كۇبلىت كەلتۈرۋېتەتتىمكەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:06:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ...قىزىل گۈل ھەدىمىزنىڭ قەلىمىگە كۆز تەگمىسۇن ، بۈگۈنكى نەۋرۇزلۇق سوۋغىلار ، كۆڭۈل سوۋغىلىرى ، مۇنبەردىكى تاتلىق تىلەكلەر .....ئالاھىدە بىر باھار بولدى بۇ جۇمۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:17 , Processed in 0.042550 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش