يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 977|ئىنكاس: 3

قىزىم ساڭا سۆزۇم بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 09:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك قىزىم ، بۇگۇن مەن بىلەن خوشلىشىپ كەتمەكچى بولىۋىتىپسەن ، چۇنكى لايىقىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك سوۋغات ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن مەكتەپكە مۇددەتتىن بۇرۇن بارماقچى ئىكەنسەن ، مەن سەل ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ « سەن ئەزەلدىن ئاناڭنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئۈچۈن بىرەر سوۋغات ئېلىپ باققانمىدىڭ » دىدىم. سەن ئاچچىقلاپ « باشقىلارنىڭ ئانىسى باللىرىدىن سوۋغات تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇلار باللىرى ئۇچۇن ھىچنىمىسىنى ئايىمايدۇ ، سەن قاچانلا بولسا ئاغرىنىپلا يۇرىدىكەنسەن ، يەنە كېلىپ مۇھەببەتنى قانداقمۇ تۇققانچىلىققا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن » دىگىنىڭچە ئالدى - كەينىڭگە قارىماي چىقىپ كەتتىڭ ، كەينىڭدىن چوڭقور ئۇھ ، تارتقىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. قىزىم ، بەلكىم چۇشەنمەسلىگىڭ مۇمكىن ، ئانىلار ھەرگىز باللىرىدىن ئاغرىنىپ يۇرمەيدۇ ، ئۇ ، بارلىق خاپىلىقلارنى ئىچىگە يۈتۈشكە رازىكى ، باللىرىنىڭ خوشاللىقىغا ئىچ- پۇشۇقىنى سۆرەپ كىرىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ ، بەلكىم مەن راستىنلا سەن دىگەندەك باشقىلارنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاش ئۇلۇغ ، شەخسىيەتسىز ئەمەستۇرمەن ، تەغدىر ماڭا « ئانا » دىگەن بۇ نامنى ئاتا قىلىپ ، مەندىن ھەر ۋاقىت باتۇر ، قەيسەر ، ئۇلۇغ ، ھىچنىمىدىن ئاغرىنمايدىغان بولوشۇمنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە ، ئاياللاردا بولوشقا تىگىشلىك ئاجىزلىق ، سەزگۈرلۈك ، شوھرەتپەرەسلىك ھەتتا قىسمەن شەخسىيەتچىلىكنىمۇ بەرگەن ، شۇڭا سېنىڭمۇ ئاناڭدىن سەن ئۈچۈنلا بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھەققىڭ يوق دەپ ئويلايمەن.
ھەر قېتىملىق تەتىلدە ئالدىراپ- تىنەپلا كېلىپ -كېتىسەن ، مۇھەببەت تۇرمۇشۇڭنىڭ بارلىق مەزمونى بولوپ قالدى، لايىقىڭنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە شۇنچىلىك سەزگۇرسەن ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ بىلەن بازار ئايلىنىشقا ، پاراڭلىشىشقا ۋاقىت چىقىدۇ - يۇ ، ئەمما ئاشۇ قىسقىغىنە تەتىل مەزگىلىدە ئاناڭنىڭمۇ ئوخشاشلا ھەمرا بولوشقا ، بىر دەم- يېرىمدەم مۇڭدىشىشقا مۇھتاج ئىكەنلىگىنى ئويلىمايسەن ، سەن تورغا چىقىش ، لايىقىڭغا تىلفۇن بېرىش، ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن مۇڭدىشىشتىن باشقا زادى قانچىلىك ۋاقتىڭنى ئاناڭغا بەردىڭ ؟ لايىقىڭغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىسەن ، ئەمما ئاناڭغىمۇ بىرەر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشنى ، ئۇنى خاتىرجەم قىلىشنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ لايىقىڭغا مۇھەببىتىمنى ھەتتا بارلىقىمنى بېغىشلاشقا رازىمەن دەيسەنۇ ، ئۇنداقتا ، ئاشۇ ئانا بالىلىق مۇناسىۋىتىمىز ئەجىبا ئوخشاشلا بىزنىڭ بارلىقىمىز بىلەن قوغدىشىمىزغا مۇھتاج ئەمەسمۇ؟ ئاناڭ ھەرگىزمۇ لايىقىڭغا بولغان مۇھاببىتىڭگە ھەسەت قىلىۋاتقىنى يوق ، سېنىڭ بەختىڭ ئاناڭنىڭ زور ئۇمۇدى قىزىم !
ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى ، سەن جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىگىشلىك مۇھەببەت ئىچىدە ئاناڭنىڭ سەن ئۇچۇن ئاتىغان قان تەرى ۋە جاپالىق ئەمگىگىنىمۇ ئويلاپ قويغىن ، ساڭا بولغان مۇھەببەت ۋە كۆيۈنىشنى مەڭگۇ توختىتىپ قويمايدىغان ئاشۇ ئاناڭغىمۇ ئازراق ۋاختىڭنى ئاجراتقىن ، بۇنى ئاناڭ تۆلىگەن ، تۆلەۋاتقان بەدەللەرگە سېلىشتۇرغاندا بەكمۇ ئاددى تەلەپ ، ئاناڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ ھىچقانداق سوۋغات ئالالمىساڭمۇ پەقەت تىلفۇن بېرىپ قويغىن ، ئىككى ئېغىز سۆزۇڭنى ئاڭلىيالىساملا شۇنىڭغا مەن رازى قىزىم !  تەتىلدە سەيلى ساياھەت قىلىپ يۇرگەن مەزگىللىرىڭدە سەندىن ئەنسىرەپ ، تاڭلارغىچە كۆز يۇممايدىغان ئاناڭغا ئۆزۇڭنىڭ ئامانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ قويغىن . بىز ئانىلار ئەنە شۇنداق كىچىككىنە ئىشلاردىن رازى بولوپ كېتىمىز قىزىم !
قىزىم ، سەنمۇ بىر كۈنى ئانا بولىسەن ، پەقەت شۇ چاغدىلا ئاناڭنىڭ سەندىن تەلەپ قىلغانلىرىنى چۇشىنىپ يېتىسەن ، ھەقىقى شەخسىيەتچىلىكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ، باللىرىڭ سەندىن بارلىقىنى تەلەپ قىلغاندا ، ئەكسىچە ساڭا ھىچنىمە ئاتا قىلالمىغاندا ئاندىن بىلىپ يىتىسەن ! دىلىڭنى رەنجىتكەن بولسام مېنى كەچۇرگىن ، ئوماق قىزىم ، سەن مېنىڭ بارلىقىم!!


ساقلانمام



پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
719 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2188

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:26:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ قايسى كۈنى تېلۋېزوردا بىر ئانىنىڭ ئېيتقان ماۋۇ سۆزى ئېسىمگە كەلدى:
ئاتا- ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنىڭ ئايدا بەرگەن بەرگەن ئازغىنە  پۇلىدىن، كىيىم-كىچىكىدىن بەكرەك ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بىردەم- يېرىمدەم ئولتۇرۇپ، مۇڭدىشىشىغا بەكرەك مۇھتاج.

Rank: 1

توردا
13 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا  تەرەققى قىلغانسىرى دۇنيانىڭ ھقىقى مۇھەببىتى  يۇقالغىلى تۇرۇپ تۇ .................... دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇھەببەت قانۇنى ئائىلە بۇلىدۇ ..............................ئاتا_ئانىنى ھورمەتلىمىگەن ئادەم دۇنيا ئاخىرەتتە جازاسىنى  تاتىدۇ ھەم خار زەلىل بۇلىدۇ................................ :@ :@ :@ .........بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دەپتىكەن <جەننەت ئانىنىڭ قەدىمىنىڭ ئاستىدا دەپ>

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
36
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:27:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر  ئىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:51 , Processed in 0.059820 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش