يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 749 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1024|ئىنكاس: 2

كېلىنلىك مەسئۇلىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر شەرقلىق ئانىنىڭ قىزىنى تۇرمۇشقا چىقىرىش ئالدىدا قىلغان نەسىھەتلىرى:
«جېنىم بالام، بىر ئادەمنى ياخشىلىققا ئۈندەش ئۈچۈن نەسىھەتلەر بېرىلىدۇ، ئەدەب-ئەخلاقلىق ياكى باي كىشىنىڭ پەرزەنتى بولۇش ياكى بارچىغا مەقبۇل خىسلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن كۇپايە قىلغىنىدا ئىدى، ساڭا نەسىھەت قىلىپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز ئىدى. ئەسلىدە نەسىھەت ئۇنتۇلغانلارنى ئەسلىتىدۇ، بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا نەسىھەتلەر بەكمۇ پايدىلىقتۇر.
سۆيۈملۈك قىزىم، ئەگەر بىرەر قىز ئاتىسى باي بولغىنى سەۋەبلىك تۇرمۇشقا چىقىشقا موھتاج بولمىسىدى سېنىڭ ھېچقاچان بۇنىڭغا موھتاجلىقىڭ بولمايتتى، ئەمما بۇ ھايات قانۇنى، ئەرلەر بىز ئۈچۈن، بىز ئەرلەر ئۈچۈن يارىتىلغانمىز، ئۆزۈڭ تۇغۇلغان ئۆيدىن چىقىپ مۇتلەق ناتونۇش بىر ئۆيگە بارىسەن، ھېچقاچان كۆرۈشۈپ، گەپلەشمىگەن، خۇلق، مىجەزىنى بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ ئۆمۈر يولدىشى بولىسەن، سەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغىنكى ئۇمۇ سېنىڭ ياردەمچىڭ بولسۇن.
بالام! كەل، ئەمدى ساڭا بەزى نەسىھەتلەرنى بېرەي، ئۇلارنى ئۆگىنىپ چىرايلىق ئەمەل قىلساڭ ئۆمۈر بويى راھەتتە ياشايسەن، ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچقاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ، بۇ دۇنيادا بەختلىك ھايات كەچۈرگىنىڭ كەبى ئاخىرەتتىمۇ ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشىسەن، ئىنشائاللاھ!
1. قانائەتلىك بول، ئۆمۈر يولدىشىڭ ئېلىپ كەلگەن ئۇزۇق-تۈلۈك ۋە كېيىم-كېچەكنىڭ ھەممىسىنى دائىما مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىل، چۈنكى قانائەت قەلبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.
2. ئېرىڭ ئېيتىۋاتقان گەپلەرنى دائىم دىققەت بىلەن ئاڭلا ھەمىشە ئىتائەتتە بول، ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمە، ئۇنىڭ بىلەن پىكىرداش بولۇشقا ھەرىكەت قىل.
3. ئۆمۈر يولدىشىڭنىڭ كۆزى چۈشىدىغان ھەممە جايغا ئېتىبارلىق بول، شۇنداق قىلغىنكى ئۇنىڭ كۆى ھېچقاچان نالايىق ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.
4. يامان ھىد چىقىشى مۇمكىن بولغان نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل، ئۇلارنى تېپىپ تازىلا، ئۆيۈڭدىن ھەر دائىم خۇشبۇراق تارقىلىپ تۇرسۇن.
5. شۇنى ياخشى بىلگىنكى تازىلىق بىلەن لاتاپەت سۇغا باشلىق، ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بولىدۇ، ئۆيدە سۇنىڭ ئۈزۈلمەي تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بەر.
6. ئېرىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل، تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بويىچە تەييارلا، ۋاقتىدا ئۇخلىشى ئۈچۈن ئىشلىرىڭنى ۋاقتىدا تاماملا، چۈنكى ئاچلىق كىشىنى تېرىككەك قىلىپ قويىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق بولسا خەستىلىككە سەۋەب بولىدۇ.
7. ئۆيۈڭدىكى مال-مۈلۈك ۋە سايمانلىرىڭنى ئېھتىيات بىلەن ئاسرا، بۇ سېنىڭ ئىش بىلەرمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ.
8. ئېرىڭنىڭ يېقىنلىرىغا دائىما يېقىن مۇئامىلىدە بول، بۇ سېنىڭ ياخشى ئۆي ئايالى ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرىدۇ.
9. ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيتما، ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ سەندىن رەنجىيدۇ، بىۋاپالىق يولىغىمۇ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
10. ئېرىڭنى ھۆرمەت قىل، بۇيرۇقلىرىنى بېجىر، گەپ ياندۇرۇپ ئۇنىڭغا قارشى چىقما، ئەگەر قارشى چىقساڭ جەھلى قېتىپ رەنجىشكە، ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەرىكەت قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ، ئېرىڭ خاپا بولسا ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتما، ئەگەر ئېرىڭ خۇشال بولسا سەنمۇ ئۆزۈڭنى خۇشال تۇتۇشقا ھەرىكەت قىل.
ھەربىر ئايال ئېرىگە قانچە ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلسا شۇنچىلىك سۆيۈملۈك بولىدۇ، قانچىلىك رازى قىلسا شۇنچىلىك مۇھەببەت كۆرىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى ھەربىر ئايال بۇلارغا پەقەت ئۇنىڭ ئىستەكلىرىنى ئۆز ھاۋايۇ ھەۋەسلىرىدىن، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۆز ئارزۇلىرىدىن ئۈستۈن قويۇش بىلەن ئادا قىلالايدۇ، تەڭرىم بىزگە ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ياراتقان مەخلۇقاتنى دۇنيادا كۆپەيتىپ قويدى، شۇ سەۋەبتىن ئەر بىلەن ئايالنى بىر-بىرلىرىگە مۇھتاج قىلدى، ئىنسانلار بىرلىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئايال ۋە ئەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى نىكاھ بىلەن باغلاندى، ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىرلىكتىكى تۇرمۇشى شەرئىي نىكاھقا ئاساسلىنىدۇ، بۇ ئەمىر ئالىمىنىڭ نىزامى، ئىنسانلانىڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى ۋە ساغلام جەمئىيەتنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشلىرى ئۈچۈندۇر. شەرئىي نىكاھ سۆيگۈگە، مۇرەسسە بىلەن ياشاشقا ۋە ياخشى ھايات كەچۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان يىگانە باغدۇر، نىكاھتا كارامەت باردۇر دېگەن ئىباردىمۇ شۇ تەجىربىلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ھەقىقەتتۇر، ئۆز-ئارا چىرايلىق مۇناسىۋەتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر، دۇنيا ھاياتىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەنبە--قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
داۋامى بار....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋمىنى تېزرەك يوللارسىز، ئەقىدە!
ھەر قانداق بىر ئايال بولغۇچى كۆرۈپ قويغىدەك ياخشى نەسىھەتلەر ئىكەن، ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئائىلىسىگە بەخت- سائادەت ئاتا قىلسۇن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلىن بولماقمۇ بىر سەنئەت جۇمۇ ...
ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيتما، ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ سەندىن رەنجىيدۇ، بىۋاپالىق يولىغىمۇ كىرىپ كېتىشى مۇمكىن.
ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىلغان نەسىھەت

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:55 , Processed in 0.062406 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش