يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 728|ئىنكاس: 3

مودا بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 13:09:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مودا بولدى
  
توۋا دەيمەن ياشلىرىمىزغا نىمە بولدى،
قارا قويوق خەقنى دوراش مودا بولدى.
ئۆزىمىزدە تۇرسا شۇنداق ئېسىل ئادەت،
قول كۆتۆرۈپ خەقتىن سوراش مودا بولدى.

ئېچىنىمەن نۇرغۇن ياشلار ئۆسمۈرلەرگە،
ئۇلارغىمۇ ئاقنى شوراش مودا بولدى.
كىچىللىرى يول ماڭماقمۇ بولدى مۈشكۈل،
ھىيىقماستىن يولنى توراش مودا بولدى.

قىزلار دىگەن كەلگۈسىنىڭ ئانىسىغۇ،
لىكىن ئاڭا تەننى خورلاش مودا بولدى.
رىستۇراندا قايناپ كىتەر رەڭلىك سورۇن،
شۇ سورۇندا مەينى زورلاش مودا بولدى.

مىللى سەنئەت يارىمامدۇ((چولپان))لارغا،
چۇشەنگۈسىز سەت ۋاقىراش مودا بولدى.
ئەركەك تۇرۇپ ئاياللاردەك ئۇزۇن چاچلىق،
مانا ئەمدى شۇ پاقمى باش مودا بولدى


خالى جايلار تېپىلماسمۇ((ئاشىقلار))غا.
رەستىلەردە كالپۇك شوراش مودا بولدى.
رىستۇراندا تانسا ئۈچۈن ((ئەدەپ))بىلەن،
بىراۋلاردىن خوتۇن سوراش مودا بولدى.

ئۆيلىرىدە تۇرسىمۇ گەر ۋاپادارى،
سىرىتلاردا ئاشنا ئويناش مودا بولدى.
پۇلنى خەجلەپ ھارام زىنا پاھىشىگە،
تۈگىگەندە جاننى قىيناش مودا بولدى.

ئاچ كۆزۈڭنى ئۇخلاۋەرمەي غەپلەت بىلەن،
چەتئەللەردە بىلىم ئېلىش مودا بولدى.
سەنمۇ ئەمدى بىلىم ئالغىن ئۈگەن ھارماي،
بىلىم بىلەن كۆكنى كېزىش مودا بولدى.

  •     مەنبە . ساقلانمام


پۇل تىپىش   http://www.1000do.info/?245667.htm

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەردىن بىرنى ساقلىۋاپسىز .
شېىردا ھازىرقى جەمىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ ،ئاپتورنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن !
دائىم مۇشۇنداق قامچىلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم بىئارام بوپ قالىدۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 01:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇس مۇشۇ مودىلارنىڭ ئىگىلىرى بۇ قۇرلارنى مەڭگۈ ئوقۇمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار شۇ مودىلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ باشقا نەرسىلەرگە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 00:52 , Processed in 0.052105 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش