يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 758 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 827|ئىنكاس: 17

نەۋرىزە: كۆك چۆچۈرىسىگە مەرھەممەت!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن سىلەرگە ھەممىمىز ياقتۇردىغان بېدە چۆچىرىسنى ئېتىپ بەرمەكچىمەن. چۈنكى بىدە چىقىدىغان ۋاقت بولۇپ قالدى. بېدە چۆچىرىسى « كۆك چۆچىرىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

كۆك چۆچىرىسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە بىر خىل كۆكلەم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قاننى تازىلايدۇ. ئومۇمەن سالامەتلىككە پايدىلىق.

كېتىدىغان خۇرۇچ: ئاق ئۇن، بېدە، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي.
خېمىر؛ ئادەتتىكى چۆچۈرنىڭ خېمىرىدەك يۇغۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
قىيما؛ بىدىنى 10 مىنوتتەك تۇز سۈيىگە چىللاپ قويۇپ ئاندىن يۇساق بەك پاكىزە بولىدۇ. ئاندىن بېدىنى تازا يۇمشاق چانايمىز. ئۇنىڭغا يېتەرلىك تۇز، قوي ماي سېلىپ مىجىيمىز. قوي ماينىڭ تېتىغانلىغىنى
بىلىش ئۈچۈن، قىيمىنىڭ ھالىتىگە قارايمىز. قىيما چېچىلماي تىك ھالەتتە تۇرىشى لازىم. چۈنكى بېدىنىڭ تەبىئىيىتى بەك سوغاق بولغىنى ئۈچۈن، قويماينى ئارتۇغراق سالمىساق، ، ھەم تەمسىز، ھەم بەكلا سوغاققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر گۆش قوشۇپمۇ ئېتىدىكەن. بىراق نەق ئۆزىنىڭ تەمى بىلەن يىگەن ياخشى. ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىڭ!

خېمىر بەك نېپىز يېيىلىشى كېرەك. پىشقاندىن كېيىن ئىچىدىكى بېدە كۆرۈنۈپ تۇرسۇن. چۆچىرىنى تۈككەن ۋاقتىمىزدا ئادەتتىكى چۆچىرىدىن سەل چوڭراق تۈگسەك ياخشى بولىدۇ ئىچىگە قىيما جىقراق پاتىدۇ.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى؛ بەزىلەر چۆچىرىنىڭ سۈيىنى ئايرىم تەييارلىۋېلىپ، چۆچىرىنى شۇ سۇغا سالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى. چۆچىرىنى سۇغىلا سېلىپ بىر ئىكى قاينىغاندىن كېيىنلا، چويلا بىلەن تاۋاققا سۇزۈپ ئېلىپ، ئۇنى يەنە ئازاراق كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي بىلەن ئېلەشتۈرۈپلا يىسىڭىز، بەكمۇ يېيىشلىك، ئۆز تەمى بىلەن بولىدۇ. خېمىر ئالاھىدە نېپىز يېيىلغىنى ئۈچۈن بەكلا تېز پىشىدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا سارغايتىۋەتمەڭ. تەركىۋىدىكى پايدىلىق ماددىلار يوقاپ كېتىدۇ، ھەم ئۆز تەمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

ئۇنداقتا كۆك چۆچىرىسى پىشتى. چوڭلار« يىلدا بىر قېتىم ئېغىز تەگمەك بار» دەپ ئەتىۋارلىق دەرىجىسىنى
تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇنداقتا ھەممىڭلارنىڭ ئېغىز تېگىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!!!
قېنى مەرھەممەت!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:34:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام بەك ئامراق بولغاچقىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە بەك كۆپ ئېتىلەتتى، بىراق مەن ئۆزۈم قول سېلىپ بىرەر قېتىم ئېتىپ باقماپتىكەنمەن، قېنى مۇشۇ كۆرسەتمىلەر بويىچە بىر ئېتىپ باقارمەن، قاملىشىپ قاسا كېلەر قېتىم نەۋرۇزە ھەدە سىزنى چاقىرىمەن جۇمۇ

Rank: 4

توردا
219 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
767
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:32:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:34 دە يوللىغان
دادام بەك ئامراق بولغاچقىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە بەك كۆپ ئېتىلەتتى، بىراق مەن ئۆزۈم قول سېلىپ بىرەر قېتىم ئېتىپ باقم ...



ۋۇي ئىتىپ باقمىدىم دەيسىزغۇ  ھەدە  دەرھال قالماشتۇرۇپلا ئەمەس ئوخشۇتۇپ ئىتىشنى ئۆگۈنىڭ  

بۇ قىش چىقمايدىغانلا قىش بولدىمۇ بىدە كۆرگىلى بولارمۇ بۇ ئايدا ھى ھى رەھمەت تىمىڭىزغا تىما يوللانلىغان ھەدە

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 00:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى كىم ئىتىدۇ، بىز ئەرلەر ئېغىز تىگەيلى، تەييارغا ھەييار بولايلى. ھاھاھ...
نەۋرىزە ھەدەمگە رەھمەت.

Rank: 3Rank: 3

توردا
116 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
284
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى  ئوقۇپ بولغۇچە ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىپ كەتتى .
كۆك چۆچۈرىسى يەيدىغانغىمى ئاز قالدى مانا .....

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسا ياقسا قانداق بولار؟
   كوك سامسىسى ياكى رەڭلىك سامسا... دەپ ئىسىم قويۇپ..  يېقىپ باقىدىغان ئىشمىكىن....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:00 دە يوللىغان
سامسا ياقسا قانداق بولار؟
   كوك سامسىسى ياكى رەڭلىك سامسا... دەپ ئىسىم قويۇپ..  يېقىپ باقىدىغان ئىشمىكىن....

كۆكنىڭ سۈيىنى سىقىپ خېمىرنى شۇنىڭدا يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ بېقىڭ ، پۇل بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
قايسى بىر يىلى غۇلجىدىكى چوڭ ئاپامغا ياردەملەشكەچ ئۆگىنىۋالغان ، بۇ يىل يەنە بىر قول سېلىپ سىناپ باقىمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 01:11:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم كېچىدە كىم مېنى بۇنداق تېمىنى كۆرسۇن دەپتىكەن، قورسۇقۇم ئېچىپ تۇرغارندا ئەجەپ بىر

Rank: 2

توردا
26 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
49
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 15:48:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك چىقىپتىمۇ؟ نەدە سېتىۋىتىپتۇ؟ كونسولدا ياكى سەنشىخاڭدا كۆرمىدىمغۇ؟
ئەتكەنلەر ئۆيۈڭلەرگە چاقارساڭلار بېرىپ يەپ كىلىلى

ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
www.makanmusic.com/bbs

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن ئىتەي دەپ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇپ ئىشقا كەلدىم ،كەچتە ھەممىڭلار بېرىڭلار تازا بىر مىھمان قىلاي .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:00 , Processed in 0.054598 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش