سېنى سۆيدۈم...
سەندىكى قورقۇش،ئەندىشە مەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭگە چوڭ كۆلەملىك توسالغۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.بىراق مەن ئۇ توسالغۇلارنىڭ مەيلى تەسىرى چوڭ ياكى كىچىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر سېنى بويسۇندۇرۇش،شۇ ئەندىشە،قورقۇشلار ئىچىدە قالغان سېنى،شۇنداق چوڭقۇر پاتقاقتىن تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇندۇم.بىراق سەن يەنىلا شۇ خىياللار بىلەن مېنىڭ ساڭا ئۇزاتقان قوللىرىمنى كۆرەلمەي قېلىۋاتىسەن...
كۆزلىرىڭنى ماڭا تىكىپ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭنى ئىزھار قىلىسەن. قورقۇشلار ئىچىدە كۆزلىرىڭدىن ئاققان ياشلار ئارقىلىق ماڭا كۈرمىڭلىغان ۋەدە-قەسەملەرنى بېرىسەن.بىراق ئېغىزىڭدا لەۋلىرىڭنى يوغان ئېچىپ ماڭا بولغان سۆيگىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن دەپ بەرمەيسەن...
تەلۋىلەرچە ساڭا ئىنتىلدىم.سېنى ئاۋارە قىلدىم.سېنى بوزەكمۇ قىلدىم.سەن مېنىڭ ئۇ ئاشىقلىقىمنى يالغاندىنلا بىلمەسكە سېلىۋالىسەن...
سەنمۇ ھەم سۆيدۈڭ...
بۈگۈن ئېسىل كۈننىڭ ئېسىلى بولدى.شۇنداق غەيرەت-شىجائەتلەر ئىچىدە،سەن ئۆزۈڭدىكى قورقۇش-ئەندىشىلەردىن غالىپ كېلىپ ماڭا قاراپ كۈلدۈڭ.گەرچە سىمايىڭدىكى روھسىزلىق،ھارغىنلىق سېنى زەئىپلەشتۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان بولسىمۇ،مەن بىلەن بولغان شۇ دەقىقىدىكى مۇھەببەت ئىزھارلىرى سېنى يەنىلا ياشاشقا.روھلۇق،ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ياشىشىڭغا غەيرەت بولىۋاتاتتى.
بىز يالغان سۆزلەردىن نېرى بولدۇق.بىزنىڭ مۇھەببەت ئورنىتىشىمىزغا قانداقتۇر بىر شەيئى،قىسمەت،ئىشلار توسالغۇ بولۇشقا پېتىنالمايدىغانلىقىنى ساڭا يوشۇرۇن سۆزلەپ بەردىم.
ئىككىمىز شۇنداق شېرىن مىنۇتلارنى ئۆتكۈزگەندە ،،، دۇنيا مىقياسىدا نەچچە بوباقلار دۇنياغا كۆز ئاچقان بولسا شۇلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز ئۈچۈن بىر كۆۋرۈك يول ھاسىل قىلغۇسى.
پۇراقلىرىنى چېچىپ ئېچىلغان گۈللەر بىز ئۈچۈن مۇشۇ كۈننى خاتىرلىۋالغۇچى.
توي قىلغان قىز-يىگىتلەر بىزنىڭ سۆيگۈ ئىقرارىمىز بولغۇسى.
سەن ۋە مەن بۇنۇڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەم بولغۇسى ئۈچۈن دۇئا تەلەپ قىلىۋاتقانلارمىز.
& & & & &
& & & & &
مەن ئۇنى سېغىنىشقا باشلىدىم.ئۇمۇ ھەم شۇ ، بۇنۇڭدىن بۇرۇن مەندىن ئېھتىيات يۈزىسىدىن ماڭا ئۆزىنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى ئاشكارلىمىغان بولسىمۇ مەن بىلىپ تۇراتتىم.ئۇنۇڭ شۇنداق قۇۋلىقى مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان بىر تەرەپلىرى بولىشى مۇمكىن.بۇرۇندىن ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ پەيدا بوپ قېلىشىنى چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە بىلدۈرمىگەن ئاساستا ئىچ-ئىچىمىزدىن " تۆۋە " دىيىشەتتۇق.
مۇھەببەت دىگەن ئەنە شۇنداق سىرلىق بولىدىكەن.جىسمىمىزنى بىر يەرگە كەلتۈرمەي تۇرۇپمۇ كۆڭۈللىرىمىزنى ئۇچراشتۇرۇپ سۆھبەتكە سېلىپ قويىدىكەن.بۇنۇڭدىن ھەيرانمىز.
شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەندە ئۇنى قوغداش،ئاسراس،مەڭگۈلۈك سۆيۈش مەسئۇلىيىتى تۇغۇلدى.قىزلار ئاجىز،بىراق ئۇ تولىمۇ ئاجىز ھەقىقى قىز-ئاياللارغا بولۇشقا تېگىشلىك خۇي-قىلىقلار شۇنۇڭ شۇ ئاجىزلىقىدىن چىقىپ تۇراتتى.
شوخلۇق،كەپسىزلىك،ئەركىلەش ئۇنۇڭ ئېڭىدىكى ماڭا بولغان ئامراقلىقى بولۇشى مۇمكىن.تاتلىق تىللىرى مېنى ئۆزىگە سۆيۈندۈرەتتى.
مەن ئۇنى چىڭ تۇتىشىم كېرەك.قاچانغىچە شۇنداق چىڭ تۇتالايمەن ئۇمۇ مەنمۇ بىلمەيمىز.ئەلۋەتتە بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ رەسىم رامكىسىدىكى مەنزىرە ياكى چىرايلىق يېزىلغان خەت بولۇشىنى ئۈمۈت قىلمايمىز.
بىراق تاساددىبى ئۇچرىشىپ قېلىش بىلەن بىرگە تاساددىبى ئايرىلىشنىڭ تەمى بۇرنىمىزغا پۇراپ تۇرىدۇ.
مېنىڭچە مەن ئۇنۇڭ بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ شۇ تاساددىبىلىق يۈز بەرگىچە ئۆتكۈزگەن شېرىن مىنۇتلار بىزنىڭ ئۆكۈنشىمىزنى قوزغىتالمايدۇ.مەن ئۇنۇڭدىن رازى ئۇمۇ ھەم مەندىن خۇش بولۇشنى ئۈمۈت قىلىمىز ئەلۋەتتە...
بىر تامچە ياش
ئەركىن ۋاھىدوۋ ( ئۆزبىكىستان )
چوققىدىن دومىلاپ چۈشسە پارچە تاش،
تاغ غۇلاپ كەتكەندەك ياڭرايدۇ ھەريان.
كۆزۈڭدىن دومىلاپ چۈشكەن تامچە ياش،
تاغدەك يۈرىكىمنى قىلىدۇ گۇمران.
ناۋادا، كۆكسۈمگە غۇلىسا بىردىن،
تۇتماققا قادىرمەن تاغلار تېشىنى.
ئاھ، كۆتۈرەلمەيمەن كىرپىكلىرىڭدىن،
سىرغىغان بىر تامچە قايغۇ يېشىنى ...
بەلكىم ھازىرغىچە سېنىڭ دىگەن يەرلىرىڭدىن چىقالمىغان بولىشىم مۇمكىن.بىراق سەن خاتىرجەم بول تەغدىر-پىشانىمىزگە شۇنداق ئورۇنلاشقانىكەن.بۇنۇڭدىن كىيىنكى قىلىشقان ھەربىر ئېغىز پاراڭلىرىمىز،ماڭغان يوللىرىمىز سېنى شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئەسلىشىڭگە ئەرزىيدۇ.مەن شۇنداق كاپالەت بېرەلەيمەنكى سېنىڭ خۇشاللىقىڭ مېنىڭمۇ ھەم !!
سېنى شۇ خۇشال كۈنلەرنىڭ ئەڭ خۇشاللىرىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن مەن تىرىشىۋاتىمەن.سەنمۇ ھەم مېنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ساڭا كەتكەن بۇ ئەلچى سۆزلىرىمنى ئۆلۈمدىن ساقىت قىلغىن ...
قەدىرلەش،ئاياش،سۆيۈپ-سۆيۈلۈش ئىككىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارى بولغۇسى...
گۆر ئازابىدىن ھەممىمىز قورقۇمىز.ساڭا بولغان مۇھەببىتىمگە قىلچىلىكمۇ ھاراملىق ئارلىشىپ قالمىغۇسى...
سېنىڭ ئالدىڭدا تەپ-تارتماستىن مۇشۇ قۇرلارنى قوندۇرۋاتقىنىمنى ئويلىغان ئاساستا ماڭا تەئەللۇق بولغىن...
ئەزەلدىن سۆيۈلۈشكە تەلپۈنگەن يۈرەك تومۇرلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى مەنمۇ ئويلىماي قېلىپ ساڭا شىلتىڭ ئېتىپ قويدۇم.
كونا كەپە ئىچىدىكى ھەربىر ئېغىز سۆزلەرنىڭ راست بولۇشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن !!!

كېلەر ۋاقىتلاردىكى كۈنلەر بىزگە نىمە كۆرسەتسۇن.مەن سېنى يەنىلا ھىمايە قىلىمەن.پەقەت ۋە پەقەت سېنىلا ھىمايە قىلىمەن !
سۆيگەننى سۆيۈپ قوي كۆڭلى قالمىسۇن...*
*...بىر سۆيۈشمۇ غەنىمەت مەيلى قانسۇن - قانمىسۇن
-----
201103015
[
7YIGIT بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:52 دە تەھرىرلىگەن. ]