يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1030|ئىنكاس: 7

ئاياللار تاماقنى بەك ئاز يېسە 6 خىل كېسەلگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوشيار بولۇڭ! ئاياللار تاماقنى بەك ئاز يېسە 6 خىل كېسەلگە ئاسان گېرىپتار بولىدۇ
زامانىمىزنىڭ ئاياللىرى زىلۋا قامىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، تاماقنى بارغانچە ئاز يەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئەلۋەتتە تاماقنى بەك كۆپ يېسىمۇ ماي كۆپىيىپ كېتىپ باش قېتىقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما تاماقنى بەك ئاز يېيىشمۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ.

1-چاچ چۈشۈپ كېتىش
تېنى بەك ئۇرۇق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەندىكى ماي ۋە ئاقسىل بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن چاچ كۆپلەپ چۈشۈپ كېتىپ پارقىراقلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. ئەگەر تاماقنى بەك ئاز يېسە، چاچ تولۇقلايدىغان ئۇزۇقلۇق يېتەرلىك بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆمۈرنىڭ شۈمۈرۈلۈشى كەمچىل بولىدۇ-دە، چاچ سارغىيىپ نۇرسىزلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


2-سۆڭەك شالاڭلىشىش
تېنى بەك ئۇرۇق ئاياللارنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىش نىسبىتى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك ئاياللارنىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك بولىدۇ، بۇ تېنى بەك ئۇرۇق بولغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇنننىڭ سەۋىيىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كالتىسىي بىلەن سۆڭەكنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سۆڭەكنىڭ نورمال زىچلىقىنى ساقلاشقا ئامال بولمايدۇ، شۇڭا سۆڭەك شالاڭلىشىش، سۆڭەك سۇنۇش ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ.

3-ئاشقازان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش
ئاچلىق ئارقىلىق ئۇرۇقلايدىغان ئاياللاردا دائىم ئىشتىھاسى بولماسلىق، قۇرساق كۆپۈش، قۇرساق ئاغرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلكىم ئاشقازاننىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى. ئازقازىنى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولغانلاردا قۇرساق قىسىمى بىتاپ بولۇش، قۇرساق كۆپۈش، قۇرساق ئېغىرلىشىپ كېتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، تاماق يەپ بولۇپ ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى چارچىغاندا كېسەللىك ئېغىرلىشىدۇ. ئاشقازان ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ئېغىر بولغاندا يەنە جىگەر، بۆرەك، بوغماق ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ.

4-بالىياتقۇ چىقىپ قېلىش
يېتەرلىك ئاسراش بولمىغاندا، بالىياتقۇ ئاسانلا نورمال ئورنىدىن جىنسىي يولنى بويلاپ تۆۋەنلەيدۇ، بالىياتقۇ بوينى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، ھەتتا جىنسىي يولنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، بالىياتقۇ چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى يۇقۇملىنىش ھەتتا بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چقىرىشى مۇمكىن.

5-قان ئازلىق
ئۇزۇقلۇقنىڭ شۈمۈرۈلۈشى تەكشى بولماسلىق تۆمۈر، يوپۇرماق كىسلاتاسى، ۋىتامىن B12 قاتارلىق قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ماددىلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاماقنى ئاز يېگەنلەرنىڭ  ئاساسى ماددا ئالمىشىش ئۈنۈمىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەركىتى ئاجىزراق بولىدۇ، ئاجرىتىپ چىقارغان ئاشقازان كىسلاتاسىمۇ ئازراق بولۇپ، ئۇزۇقلۇقنىڭ نورمال شۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدۇر.

6-ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چېكىنىپ كېتىش
چوڭ مېڭە خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيىسى مايدىن كېلىدۇ. تاماقنى بەك ئاز يېگەندە، بەدەننىڭ شۈمۈرگەن ماي مىقدارى ۋە ساقلاش مىقدارى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئورگانىزمنىڭ ئۇزۇقلۇقى كەمچىپ بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بارغانچە ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامىقىمنى كۆپەيتمىسەم بولماپتۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامىقىمنى ئەمدى كۆپەيتسەم نىم بوپ كېتەرمەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
111 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 04:09:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قورقتۇم ، ئەمدى ھەرگىز تامىقىمنى كەمەيتمەيمەن ....

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورمال بولغان ياخشى، ئادەم ئۆزىنى تەڭشىيەلىسە كېسەلدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:19 دە يوللىغان
تامىقىمنى ئەمدى كۆپەيتسەم نىم بوپ كېتەرمەن

سىزنىڭ ئازلار قاتارىغا كىرمىگەندىن كېيىن، كۆپەيتمەڭ

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 00:01:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقنى ئاز يېيىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 16:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 23:12 دە يوللىغان

سىزنىڭ ئازلار قاتارىغا كىرمىگەندىن كېيىن، كۆپەيتمەڭ

ۋىيەي ....جېنىم ، 4 تەخسە لەغمەنمۇ جىقمۇ

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:42 , Processed in 0.054397 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش