يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 755 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 2

خىزمەتچى ئاياللار قانداق قىلغاندا چارچاش تۇيغۇسىنى يېنىكلىتەلەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:39:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتەخەسىسلەر خىزمەتچى ئاياللارنىڭ چارچاش تۇيغۇسىنى يەڭگىللىتىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بازارغا سودىغا چىققاندا پىلانلىق بولۇش . سېتىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى قەغەزگە يېزىۋېلىپ ، بىر قېتىمدىلا سېتىۋېلىش، پىلانسىز بازارغا چىقىپ، چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۆينى رەتلەش ۋە تازىلاش تەلىپى بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئۆي مۇھىتىنى رەتلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆينى چىنىدەك پاكىز تازىلاپ تۇتۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغاندا بۇنىڭغا بىئارام بولماسلىق كېرەك. ئائىلە ئىشلىرىنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىش. ئۆزى يالغۇز ئائىلىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى زىممىسىگە ئېلىۋالماستىن ، ئائىلىدىكى ھەر بىر ئەزاغا مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ ، ئائىلە ئەمگىكىنى تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى تاللاپ كۆرۈش . تېلېۋىزور پروگراممىلىرىغا قىزىقىپ ، دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ، ئاخشىمى بالدۇراراق ئۇخلاپ ، ئۇيقۇنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چاچ پاسونى ۋە كىيىم –كېچەكلەرنى ياخشى تاللاش . ئەڭ ياخشىسى ئىخچام، رەتلەشكە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدىغان كىيىم– كېچەك ۋە چاچ پاسونىنى تاللاش كېرەك. ھەر كۈنى ئۆزىگە ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى ياكى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 10–20 مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ ، سەيلى قىلىش ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك. ئائىلىدىكىلەر بىلەن كۆپ سۆھبەتلىشىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوستلار بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق چارچاش تۇريغۇسىنى يەڭگىللىتىش كېرەك. ئۆزى خالىمىغان ئىشنى مەجبۇرىي قىلماسلىق كېرەك . ئۆزى خالىمىغان ۋە زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىغان ئىشنى قەتئىي رەت قىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:24:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا كېرەكلىك مەزمۇن يوقكەن. شۇڭا ئاستا گەپ قىلماي چىقىپ كېتەي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:14:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈندە يەلكەمگە تاغ ئارتىۋالغاندەكلا يۈرۈيمەن دېسە، بۇنىڭدىكى بەزىلىرىنى قىلىپتىمەن، يەنە نۇرغۇنلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرسەم بولغىدەك ، بولۇپمۇ، ئائىلە ئىشلىرىنى، ئائىلە ئەزالىرىغا تارقاقلاشتۇرۇش دېگەن تۈر ماڭا بەك ياقتى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:45 , Processed in 0.047505 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش