يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 749 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 4

دورا قالدۇقى(تەرجىمە ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:24:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كىچىك ئوغۇلنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولۇپ، پەقەت ئانىسىلا بارئىكەن. ئوغۇل يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ.  ئانىمۇ خۇددى باشقا بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش، كىچىككىنە ئۈمۈد بولسىلا ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن بېرىپ سىناپ بېقىپتۇ. لېكىن نۇرغۇن دورىلارنى سىناپ باققان بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولماپتۇ. ئوغۇلنىڭ كېسىلى بارغانسىرى يامانلىشىشقا باشلاپتۇ،  ئەسلىدىنلا ۋىجىك ھەم كىچىككىنە تېنى بارغانسىرى ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا ھەتتا ئورنىدىن تۇرۇشقىمۇ مادارى يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش جەريانىدا ئائىلىدىكى بارلىق بىساتلارمۇ قۇرۇقدىلىنىپ تۈگەپتۇ. بىر كۈنى ئانا ناھايىتى يىراق بىر يەردە داڭلىق بىر تېۋىپنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ دورىلىرىنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ كېسىلىگە تولىمۇ پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ ۋە بېرىپتۇ. ئوغۇل دورىنى ئىچكەندىن كىيىن ئۇنىڭ كېسىلىدە ھەقىقەتەنمۇ ياخشىلىنىش بوپتۇ ئەمما قېرى تىۋىپنىڭ دورىسى ئىنتايىن قىممەت بولغانلىقتىن، ئانا ئائىلىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ تۈگىتىپتۇ ۋە ئامالسىز ھەركۈنى تاغقا چىقىپ ئوتۇن كىسىپ سېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، كۆپ جاپا-مۇشەققەتتە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپتۇ. ئادەتتە كىشىلەر دورىنى ئۈچ قېتىم قايناتقاندىن كېيىنلا قالدۇقىنى تۆكۈۋىتىدىكەن، بىراق ئانا دائىم يەتتە-سەككىز قېتىم قاينىتىپ، دورىنىڭ تەمى پەقەتلا چىقماس بولۇپ قالغاندىلا ئاندىن تاشلىۋىتىشكە كۆزى قىيىدىكەن. ئوغۇل شۇنى بايقاپتۇكى، ئانا ھەرقېتىمقى دورا قالدۇقىنى دائىم چوڭ يولغا تۆكىدىكەن، يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنىڭغا دەسسەپ مىجىپ لاي قىلىۋىتىدىكەن. ئوغۇل بىر كۈنى ئانىسىدىن نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سوراپتۇ، ئانىسى شۇنداق دەپتۇ:
- يولۇچىلار دوراڭنىڭ قالدۇقىنى دەسسەپ ئۆتسە، كېسىلىڭنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا سەن تېخىمۇ تىزراق ساقىيىسەن.
بىراق ئوغۇل ئانىسىغا :
- بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ؟ مەن كېسەل بولۇپ يېتىۋېرىشنى خالايمەنكى باشقىلارنىڭمۇ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى ئەسلا خالىمايمەن دەپتۇ.  شۇنىڭدىن كىيىن ئانا دورا قالدۇقىنى چوڭ يولغا تۆكمەيدىغان بوپتۇ. كۈنلەر ئانىنىڭ سانسىز قېتىملاپ ئوتۇن كېسىشى ۋە ئۈمۈد كۈتۈشى ئىچىدە بىر-بىرلەپ ئۈتۈشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى ئوغۇل تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ ئورنىدىن تۇرالايدىغان بولغانلىقىنى ھىس قىپتۇ، ئۇ سەنتۈرۈلگەن ھالدا ئارقا ئىشىكتىن چىقىپ، بۇ خوش خەۋەرنى شۇ زامان تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە ئوتۇن كىسىۋاتقان ئانىسىغا يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. ئارقا ئىشىك ئېچىلىپتۇ، بۇ يەردە تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە سوزۇلغان بىر چىغىر يول بارئىكەن، خىرۇستالدەك سۈزۈك ئاي نۇرى جىمجىت يولنى يۇرۇتۇپتۇ، يولنى بىر قەۋەت دەسسەپ مىجىلغان، لايغا پېتىپ كەتكەن نەرسە قاپلىغانىكەن. شۇنداق، دەل شۇ دورا قالدۇقى! ئەسلىدە بۇ چىغىر يولدا باشقا كىشىلەر ئانچە كۆپ ماڭمايدىكەن، بىراق پەقەت ئانىلا ھەركۈنى ئوتۇن كەسكىلى چىققاندا ۋە قايتقاندا دەل مۇشۇ يولدىن ماڭىدىكەن.....
مەنبە--ئۆز تەرجىمەم

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىدەنىڭ ئېسىل تەرجىمىلىرى ئۈزۈلمىگەي!
يەنىلا شۇ مىننەتسىز ئانىلار مېھرى مەدىھيەلەنگە تېمىكەن، رەھمەت! ئانىنى بىر ئۆمۈر مەدىھيەلىسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ زادى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1846

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:18:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا، بالىسى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى سەرپ قىلىش ئۈچۈن تەييار.
بالا ئانىنىڭ بارلىقى..............

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:30:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقىنىڭ ئاستىدا دەپ بىكار ئېيتىلمىغاندە ....
ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئەقىدە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 23:52:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورىغا دەسسىسە، كىسەل دەسسىگۈچىگە يوقامدىكەن ؟ بۇ بىر خىل خۇراپاتلىق بۇلۇشى مۇمكىن.
لېكىن، بۇ جايدا تەسۋىرلەنگىنى ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن، ھەممىنى قىلالايدىغان ئۇلۇغ روھىنى مەدھىيلەشتۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:16 , Processed in 0.055564 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش