يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 21

بالام مېنى كەچۈرگىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:23:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
بەزىبىر ۋەقەلىكلەر تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئوخشىشىپ كەتسە بۇ بىر تاسادىبىلىق خالاس

بالام......
مەن ۋارقىرغىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم ..پۈتۈن بەدىنىمنى سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى.
--ئاپام ،بالام سەھەردە كۆرگەن چۈش ئوڭغا تارتىدۇ دەيدىغان ،ئاھ خۇدا مەن بۇ چۈشۈمنىڭ ھەرگىزمۇ ئوڭغا تارماسلىقىنى ئۈمۈت قىلاتتىم.
بۈگۈن بىر كۈن ئىدارىدا بەك چارچىغانلىقىمدىنمۇ ئۆيگە كىرىپلا ئۆزەمنى كارۋاتقا تاشلىدىم .
---ۋاھ.......بىز بىر نەچچە ساۋاقداش قوللىرىمىزدا خۇددى چەتئەللىكلەردەك ئىستىكانلاردا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆتۈرشىۋېىلىپ ناھايتى خوشال ئويناۋاتاتتۇق،نەلەردىندۇر كاۋاپنىڭ پۇراقلىق ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى .شۇ ئەسنادا نەدىن پەيدا بولدى بىر قار ئىت ئۇدۇللا ماڭا ئېتىلدى .
---ئاپا---كۆزۈمنى ئاچتىم ،چىراقنى يېقىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ،ئاھ خۇدا يەنە قارا بېسىپتۇدە،،
ئاپامنىڭ ...قارا ئىت دىگەن دۈشمەن دىگىنى ئېسىمگە كەلدى ،
--بۇ نىمىشتۇ ئەمدى ؟
--بۇ قايسى دۈشمىنىمدۇ؟
--مەن كىملەر بىلەم ئاداۋەتلىشىپ قالغان بولغىيتتىم ؟
مەن بىر خىل دەككە -دۈككىدە ئەتتىراپقا قاراپ بىر نەرسە ئىزدىدىم نىمە ئىزدەۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم ،پەقەت يېنىمدا ماڭا بىر يىلدىن بۇيان ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئوغۇلۇمنىڭ 8ياش تۇغۇلغان كۈنىدە چۈشۈرگەن سۈرەتلىرىلا تۇراتتى ،مەن ئۇنى ئالدىم باغرىمغا باستتىم ،ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدىم خۇددى مۇشۇ يىغام بىلەن ھەممە نەرسە ئەكسىگە ،بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىدىغاندەك توختىماي يىغلىدىم ،ئەپسۇس نەچچە كېچىنى مۇشۇنداق پۇشايمانلىق ،سېغىنىش يىغىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ھەممە نەرسە يەنىلا شۇ پېتىچە ئىدى،يەنە شۇ يالغۇز مەن.........ئەنە يالغۇز كارۋات يەنىلا شۇ پېتى.....ئىشقىلىپ بۇ ئۆيدە ھەممە ..ھەممە شۇ پېتىچە يالغۇز ئىدى.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سائەتكە قارىدىم سائەت ئەمدى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت  9.30بولغان ئىدى،مەن يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم .مەن ئوماق ئوغلۇمنىڭ سۈرىتىگە قاراپ ئولتۇرۇپ يەنە يىغلاشقا باشلىدىم :
--بىچارە ئوغلۇم مۇشۇ تاپتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانسەن ؟
--مېنىڭدەك ۋاپاسىز ئاناڭنى چۈشلىرىڭدە سۆيىۋاتقانسەن ،؟
--ئويغۇنۇپ مېنىڭ يوقلىغىمنى بىلىپ مومىلىرىڭغا بىلدۈرمەي يىغلاۋاتقانسەن ؟
--جېنىم ئوغلۇم .....
مەن يەنە ئۈن سېلىپ يىغلىدىم ..
بىراق بۇنداق يىغىلاردىن نەچچە--نەچچىنى يىغلىدىم ،ھەتتا پۇشايمانمۇ قىلدىم بىراق ئائىلەمنى قايتا ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .چۈنكى مېنىڭ بۇ كۆڭلۈمنى ماڭا تەئەللۇق بولمىغان بىرسى ئىگىلەپ بولغان ئىدى ،ئۇ خۇددى ئېرىشىش تەس بولغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەردەك مېنى قىينايتتى،مەن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغانسىرى ئۇ مەندىن يىراقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلاتتىم بەلكىم شۇنداقمۇ بولغان بولىشى مۆمكىن .
مەن بۇرۇن جاپالىق بولسىمۇ لېكىن بەخىتلىك بىر ئائىلىنىڭ ئادىمى ئىدىم .چۈنكى مېنىڭ بەختىم مېنىڭ ئوماق ئوغلۇم ئىدى مەن بارلىق خاپىلىقلىرىمنى ئۇنىڭ ئەركىلەشلىرى بىلەن يوقاتسام ،خوشاللىقلىرىمنى ھەر قېتىم<<ئاپا-دادا>>دەپ ئەركىلەشلىرىگە قاراپ ئاۋۇندىراتتىم ،ئەپسۇس بۇ خوشاللىق كۈنلەرنىڭ مېنىڭ يېنىكلىك بىلەن چىقارغان بىر ئېغىز گېپىم بىلەن ۋەيران بولىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .كېيىنچە خىزمەتتىكى بېسىم ،جەمىيەتتىكى تۈگىمەس بېرىش -كېلىشلەردىن چارچىدىممۇ ۋە ياكى باشقا سەۋەپمۇ بىلمىدىم ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيدە بۇرۇنقىدەك كۆپ سۆزلىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ،مېنىڭ قىزغىنلىقىمنىڭ سۇسلىشى سەۋەپمۇ ۋە ياكى ئەر-ئايال ئىككىلىمىز جاھاندارچىلىق ئۈچۈن ئۆز ئىشىمىز بىلەن بولۇپ كەتتۇقمۇ بىلمىدىم بارغانسىرى بىزنىڭ ئائىلىدە جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ۋاقىتلىرىمىز،ئائىلە بويىچە ساياھەتلەرگە چىقىدىغان ۋاقىتىلىرىمىز يوق دىيەرلىك بولۇپ قالغان ئىدى،يولدۇشۇممۇ كەچلەردە كىرىپلا تىلۋۇزورغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇسى كەلگەندە كىرىپلا ئۇيقىغا كېتەتتى بىزدە بۇرۇنقىدەك بىر -بىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى سورايدىغان ئىشلار بارغانسىرى يوقاپلا كېتىپ باراتتى .يولدۇشۇم بىر كۈنى تۇيۇقسىز سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرىگە بارماقچى ئىكەنلىگىنى ئېيتتى مەنمۇ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمەي ماقۇل دەپ تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بەردىم . باشتىكى بىرنەچچە ھەپتىدە ئۇ ئىككى كۈندە بىر دىگۈدەك بىز بىلەن تىلىفۇن بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇردى ،كېيىنكى ھەپتىلەردە بولسا تىلىفۇنلىرى ئازلاپلا كەتتى .ھەتتا ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۇنتۇلغان ئىدى.
ئۇ كۈنى بىچارە ئوغلۇم ھەر بىر تىلىفۇن جىرىڭلىسا ئۈمىد  بىلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ تىلىفۇننى ئالاتتى ئەپسۇس بۇ تىلىفۇنلارنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇ كۈتكەن تىلىفۇن ئەمەس ئىدى ،كەچتە بوۋا-مومىلىرى ۋە تۇغقانلار بىزنىڭ ئۆيدە جەم بولۇشتۇق ،ئۇلار ئوغلۇمغا ھەر سوۋغىلارنى بېرىشىپ ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشاتتى بىراق ئۇنىڭ كۆزى يەنىلا دېرىزە تەكچىسىدىكى قىزىل تىلىفۇندا ئىدى،تاماقلارنى يەپ بولۇپ ئالدىن تەييارلىغان <<تۇغۇلغان كۈن تورت>>نى ئېلىپ كېلىشىمگە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.ھەممەيلەن نىمە قىلىشىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق...مەن قولۇمدىكە تورتنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇنى باغرىمغا باستىم ۋە:
---نىمە بولدۇڭ بالام؟--دىدىم
---دادا....دادا....ئۇ تېخىمۇ ئېسەدەشكە باشلىدى .
---مەن ئۇنى ئۆزۈمگە قارىتىپ تۇرۇپ بالام داداڭ ياققا يۇرتلاردا بىز ئۈچۈن،مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن جاپا تارتىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ ،بۈگۈن بەلكىم مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغان ئوخشايدۇ بولمىسا دادىسى بۇ باتۇرئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ ،قارا شۇنچە جىق ئادەملەر ساڭا ھەمراھ بولۋاتساق ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن دىگەن بۈگۈن يىگىت بولغان تۇرساڭ يىغلىساڭ سەت ئەمەسمۇ دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم ۋە ئۇنى تورت يىيىشكە دەۋەت قىلدىم ،مەن ئۇنىڭغا بۇ گەپلەرنى قىلغىنىم بىلەن ئىچىمدە ئۇنى مىڭنى تىللىدىم ،ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇلۇپ قالغىدەك شۇنچە نىمە مۇھىم سودىدۇ ئۇ؟
---تېخى ھېچقاچاندا تاقالمىغان تىلىفۇننىڭ بۈگۈن تاقىلىپ قالغىنىنى قارىمامدىغان ،مەن بۇ ئاچچىقلىرىمنى چوڭلاردىن يوشۇرۇشقا تىرىشتىم ،كەچ سائەت 9.00لاردا ئۇلار ماڭدى.
مەن ئۆيلەرنى تازلاپ بولۇپ قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ كىرگۈچە ئوغلۇم ئۇخلاپ قالغان ئىدى مەن ئۇنى ئاستا ئورنىغا ياتقۇزدۇم ،تىلۋىزورنى ئاچتىم ،تايىنى يوقلا بىر كىنۇ قويلىۋاتاتتى .
مەن ئاستا كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم ،بۇ كومپىيۇتىرنى يولدىشىمنىڭ توسقىنىغا قارىماي كېرەكلىك ماتىريال ئىزدەيمەن دەپ ئىككى ئايلىق مۇكاپات پۇلۇمنى يىغىپلا ئالغان ئىدىم .ئۇنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي بۇنى تورغىمۇ ئۇلاتقان ئىدىم ،باشتا سەل رەنجگەندەك قىلغان يولدۇشۇم كېيىنچە توردىكى بەزى-بىر ئۇچۇرلاردىن ئېرىشكەن پايدىنى كۆرۈپ <<كاللاڭ بەك ئىشلەيدۇ جۇمۇ سېنىڭ>>قارا ئاخشامقى ماتىريالدىن پايدىلانغان بۈگۈن مانا مۇنچىلىك پايدا ئاپتىمەن دەپ خوشال بولۇپ كېتەتتى مەن پەقەت مىيغىمدىلا كۈلۈپ قوياتتىم .
مەن ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرساممۇ كاللامدا يەنىلا بۈگۈن ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا تېخىچە ئاچىغلىنىۋاتاتتىم ،تۇيۇقسىز ئېسىمگە قايسى كۈنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە چايغا بارغاندا ئۇنىڭ يولدىشى بەرگەن ئادىرىس كەلدى ۋە ئۇنى ئاچتىم بۇ بىر ئاۋازلىق چايخانا ئىدى .
--قىزىق ئىش بۇ يەر شۇنچە كەچتىمۇ قىزىپ كېتىدىكىنە؟
--تېخى ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن ،
قايسى بىر كۈنى دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇنىڭ يولدىشى قولىغا گىتتارنى ئېلۋېلىپ كىملەرگىدۇر بىر نىمىلەرنى دىدى ..ئاندىن شۇنداق چىرايلىق ناخشىدىن بىرنى ئېيتتى قىزىق يېرى ناخشىسى تۈگىگەندە خۇددى سەھنىدىن چۈشىۋاتقان ئارتىسلاردەك بىر مۇنچە رەخمەتلەرنى ئېيتتى ،مەن قىزىقىپ ئۇنىڭدىن:
--ئەركىن نىمە قىلۋاتىسىز؟....دەپ سورىدىم .
--ئۇ ماڭا بىر -بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قەغەزگە بۇ ئادىرىسنى يېزىپ بەرگەن ئىدى.
شۇ ئەسنادا بىرسى ماڭا سالام يوللاپتۇ ،مەنمۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم ،ئۇ ئارقىدىن ناھايتى سىلىق سىپايىلىق بىلەن مەن سوئاللارنى سورىدى مەن ئىچىم پۇشۇپ تۇرغاچقىمۇ ياكى بۈگۈنكى ئاچچىقىمنىڭ تەسىرىمۇ بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتىمەن ھەتتا تونىمايدىغان بۇ ئادەمگە يولدۇشۇمنىڭ بۈگۈن قىلغانلىرىنى دەپ كېتىپتىمەن ،ئۇ ماڭا ناھايتى ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللىلەرنى بەردى .قارىسام ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى ،ئىچىممۇ خېلى بوشاپ قالغاندەك ئىدى مەن ئۇنىڭغا خوش ئېيتىپ كومپىيۇتىرنى ئۆچۈردۈم.

شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئۆزەمنىڭ چايخانىدىكى ھاياتىمنىڭ باشلانغانلىقىنى يەنى ئۆزەمنىڭ ۋەيران بولۇشقا قاراپ ماڭغانلىقىمنى قىلچىمۇ ھىس قىلمىغان ئىدىم ،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن كۈندە كەچتە ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كومپىيۇتىرنى ئېچىپ چايخانىغا كىرىپ قاتار تىزىلغان ئادەملەر تىزىملىكىدىن بىر ئىسىمنى ئىزدەيتتىم ،ئۇ ئىسىمنى كۆرگەن چېغىمدا يۈرىگىم بىر خىل ئەنسىز سوقۇپ كېتەتتى ،ئۇمۇ خۇددى مېنىلا ساقلاپ تۇرغاندەك كىرىشىمگىلا سالام يوللاپ مېنىڭ ئەھۋالىمنى بارلىق ئىشلىرىمىنى ناھايتى قىزغىنلىق بىلەن سوراپ كېتەتتى مەن بۇنىڭدىن شۇنچىلىك خوشال بولاتتىمكى ئۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتىم .

شۇنداق قىلىپ يولدۇشۇمنىڭ تىلىفۇن ئۇرمىغانلىرىدىن ۋايسىمايدىغان بولدۇم ،ئۇمۇ خۇددى مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمنى كۈتۋاتقاندەك ھېچقانداق ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلمىدى .مانا ئەمدى مېنىڭ بۇرۇنقىدەك ئالدىراش چايلارغا ،تويلارغا ،يىغلىشلارغا يۈگىرەيدىغان قىممەتلىك ۋاقىتلىرىم تورنىڭ ئالدىدا ئۆمۈرۈمدە كۆرۈپ باقىمىغان بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتۋاتاتتى ،ھەتتا ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىتىلىرىمنىڭمۇ كۆپۈنچىسى يەنىلا تور ئالدىدا ئۆتىۋاتاتتى .
مەن بىركۈنى چايخانىنى ئېچىپ قويۇپ ئۇ تونۇش ئىسىمنى ساقلىدىم ،سائەت12.00بولدى يوق مەن ناھايتى بىئارام بولغان ھالدا كومپىيۇتىرنى ئۆچۈردۈم .
داۋامى بار.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:28:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن، مەندىمۇ موشۇنداق بىر ھېكايە بار. سىزنىڭ تۈگىسە مەن يوللاي...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 09:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور دىگەن بۇ مەۋھۇم دۇنيادا بۇنداق ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا توي قىلغان ئائىلىسى بار ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنى قەدىرلىمىگەندە، ئۆز قولىدىكى بەختىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
كۆز ئالدىدىكى بەختنى قەدىرلىمەي، يىراقتىكى بەختنى قوغلىشىش ئەخمەقلىق.
داۋامى.......

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئورۇنغا كىرىپ ياتتىم بىراق كۆزۈمدە ئۇيقىدىن ئەسەر يوق ئىدى،تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم ،توۋا....تونۇشقىنىمغا ئەمدىلا 2ھەپتە بولغان ناتونۇش بىر ئادەم ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ ،مەن نىمە بولدۇم زادى ؟
تۇرۇپ ئۆزەمنى ئەيىپلىدىم ....خۇددى كىچىك بالىلاردەك نىمە قىلىق بۇ .بولدى ئەتىدىن باشلاپ بۇنداق خىيالنىمۇ قىلمايمەن ،ھەم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمايمەن ،بۇ ۋەدەمدىن كۆڭلۈم خېلى تەسكىن تاپتىمۇ تېزلا ئۇيقىغا كەتتىم ،بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا كىر يۇيۇش ئۈچۈن سۇ قويۋېتىپ ئىسسىغىچە ئارلىقتا يەنە كومپىيۇتىر ئالدىغا كېلۋالدىم ،بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاخشامقى ۋەدەمنى ئۇنتۇپ يەنە چايخانىنى ئاچتىم ،تونۇش ئىسىم .تونۇش سالام ،تونۇش سوئال، مەن خۇددى نۇمۇسلۇق ئىش قىلىپ قويغاندەك يۈزلىرىم قىزىرىپ نەپىسىم تېزلىشىشكە باشلىدى.
ئەلقۇت:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
نازى:ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ئەلقۇت:قانداق تۇردىڭىز نازى؟
نازى :يامان ئەمەس.سىزچۇ؟
ئەلقۇت:مەنمۇ ياخشى .
نازى :ئاخشام نىمىشقا كىرمىدىڭىز چايخانىغا ؟بىرەر ئىش بولدىمۇ ؟مەن،،،،،،
بۇ سوئالنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالغان ئىدىم .
ئەلقۇت:ئاخشام ئايالىمنىڭ مىجەزى يوق دوختۇرخانىدا بولۇپ قالدىم مەنمۇ شۇنداق ئالدىرىدىم ،كېلىپلا كىرسەم يوقكەنسىز.
بۇ گەپنى كۆرۈپ مېنى بىردىنلا يىغا تۇتۇپ كەتتى ،توغرا ئۇمۇ مەنمۇ بىر ئائىلىمىز بار ئادەملەر شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە......
ئەلقۇت:بارمۇسىز؟نىمە گەپ قىلمايسىز؟مەندىن خاپا بوپ قالدىڭىزمۇ؟
نازى:ياق،،،ياق..ئۇنداق ئەمەس تىلىفۇن كەپتىكەن ،بالامنىڭ دادىسىدىن شۇڭا،،....
قاراپ تۇرۇپلا يالغان ئېيتقىنىمدىن بەكمۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم .
ئەلقۇت:ھە.....ئاخشام نەچچىلەردە چىقىپ كەتتىڭىز؟
نازى:11:00لەردە ،،بۇمۇ يالغان ئىدى ،مەن ئۇنى ساقلىغىمىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشىۋاتاتتىم .
ئەلقۇت:ھە مەن 12.20ئۆتكەنلەردە تورغا چىققان قارىسام يوقكەنسىز شۇڭا مەنمۇ چىقىپ كەتتىم .
ئاھ...خۇدا 20 مىنۇت تەخىر قىلسامچۇ؟
نازى:ھە..
ئەلقۇت:مەن سىزنى بەك سېغىندىم .
بۇ خەتنى كۆرۈپ خۇددى ئەتتىراپىمدا نۇرغۇن ئادەملەر ماڭا قاراپ ئولتۇرغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتىم .
ئەلقۇت:نىمە بولدىڭىز بۈگۈن ،،مەندىن خاپا بولغان ئوخشىمامسىز؟مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى شۇ ئەمدى بالىلارنىڭ ئانىسى بولغاندىن كېيىن ئامال يوقكەن قاراڭ .
نازى: ياق سىز خاتا چۈشەنمەڭ مەن ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمىدىم پەقەت شۇ سىزنى .....
ئەلقۇت:نىمە دەڭە ؟
نازى:بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ..
ئەلقۇت:راستما؟ئاھ...خۇدا نازى مېنى بەك خوشال قىلۋەتتىڭىز ،يېنىڭىزدا بولسام مەڭزىڭىزگە ياق لىۋىڭىزگە بىرنى سۆيۈپ قوياتتىم .
نازى:قېلىن ......
مانا مۇشۇنداق قىزغىن پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ سۇلار قايناپ تۈگىگەن ئىدى .ئوغلۇم ئاپا قوسۇغۇم ئاچتى دىمىسە يەنە قانچىلىك ئولتۇراتتىمكىن بىلمەيمەن .
نازى:مەن بالامنىڭ قورسىقىغا بىر نەرسە بېرۋېتەي بولامدۇ؟
ئەلقۇت:بولىدۇ جېنىم مەن سىزنى ساقلايمەن ،،ئوماق
نازى:خوش
مانا مۇشۇنداق ئەركىلەش ئەركىلتىشلەر بىلەن ئارىدىن قانچىلىك كۈنلەر ئۆتتى بىلمەيمەن، بارا-بارا بۇ ئەلقۇت دىگەن ئىسىم مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشقا باشلىدى ،ھەتتا خىزمەت ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ شېرىن گەپلىرىنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتسەم خىزمەتداشلىرىم بىر-بىرىگە قارىشىپ قوياتتى،ئۇلار مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى ،مېنىڭ ھازىر بىردىن بىر ئىشىم خىزمەتتىن چۈشۈپ بالامنىڭ قوسۇغىنى توقلاپ بولۇپ توردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئىدى ،بىز تۇرمۇشىمىز تۇغۇرىسىدا قىزغىن پاراڭلارنى قىلىشاتتۇق بەزىدە ئۇ ئايالىدىن ۋايسىسا مەن بالامنىڭ دادىسىدىن ۋايسايتتىم .بارا-بارا يولدۇشۇمنىڭ قايسى زامانلاردا ماڭا قىلغانلىرى قايتىدىن كاللامدا پەيدا بولۇشقا باشلاپ ئۇنىڭغا بىر خىل ئۆچ بولۇشقا باشلىدىم .ئۇ خۇددى ماڭا زادىلا بىر ئىش قىلىپ بەرمىگەندەكلا تۇيۇلۇشقا باشلىدى ،ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ ئەر<<ئەلقۇت>> بىر مۇكەممەل ئەر ئىدى،شۇنداق قىلىپ بىز 2 ئايدەك مۇشۇنداق پاراڭلاشتۇق بۇ جەرياندا ھەتتا ئۆز ئىسىملىرىمىز ،تىلىفۇن نومۇرلىرىمىزغىچە دىيىشىپ ئۈلگۈردۇق .يولدۇشۇمنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى ئاز قالغان ئىدى ،ئۇ كەلسە مەن قانداق قىلارمەن دىگەننى ئويلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى ،مەن ئەلقۇت بىلەن بىرەر كۈن پاراڭلاشمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدىغان تۇرسا ،ئۇمۇ شۇنداق تۇرسا،،،،،،،،
لېكىن بۇ ئەندىشىلىرىم ناھايتى تېزلا يوققا چىقتتى،يولدۇشۇم كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئۇنىڭ سەپەر سومكىسىنى رەتلەۋېتىپ ئۇنىڭ بىر قىز بىلەن ئاپپاق-چاپپاق بولۇپ چۈشكەن ئىككى پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ قالدىم ،شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ بىزگە تىلىفۇن ئۇرۇشقىمۇ ۋاقتى چىقمىغانلىقىنى بىلدىم ،مەن رەسىمگە يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىدىم ،توۋا...بۇ ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا چۈشكەن رەسىمكەنغۇ ،يەنە كېلىپ تۇغۇلغان كۈن سورىنى ،دىمەك ئۇ كۈنى بۇ قانجۇقنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنىكەندە شۇڭىزە،،،،،خەپ..
داۋامىنى چاۋاك چالمىساڭلار يوللىمايمەن تازا

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:16:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى جىددىيلەشتۈرمەڭە....
داۋامى قانداق بوپ كىتەر ئەندىئ

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى 10:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ رەسىم مېنىڭ داۋالغۇپ تۇرغان ھازىرقى ھىسياتىمدا ماڭا تېپىلغۇسىز بانا ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ مەن يولدىشىمنىڭ ھەر قانچە چۈشەندۈرىشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماستىن ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ۋاپاسىز ۋىجدانسىز بىر ئەبلەخكە چىقىرۋەتكەن ئىدىم ،ئۇ بۇ ئىشنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىگىنى قانچە قېتىملاپ چۈشەندۈرسىمۇ بۇ چۈشەندۈرۈشلەر مەن ئۈچۈن بىر ئەھمىيەتسىز ئىشتەك تۇيۇلدى .
<<دىمىسىمۇ شۇنداق ئېنىق بولغان بىر پاكىت كۆز ئالدىمدا تۇرسا ئۇ يەنە نىمىنى چۈشەندۈرەر....>>دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
مەن بۇ ئىشنى ئېقىتماي تېمىتماي <<ئەلقۇت>>قا دىدىم .ئۇ ئايال كىشىنىڭ ئازراق كەڭ قورساق بولمىسا بولمايدىغانلىقى ،بەزى بىر ئىشلارنى توغرا چۈشەنمىسە بولمايدىغانلىقى توغۇرىسىدا بىر مۇنچە تەربىيلەرنى بەردى ،ئۇنىڭ مەن تەرەپتە تۇرۇپ ماڭا بىر -ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويمىغىنىدىن شۇنچىلىك ئاچىغىم كەلدى ،مەن خىيالىمدا ئۇنى مەن تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى بىر -ئىككى ئېغىز تىللايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ئۇلىغا دەز كەتتى ،باشتا يولدۇشۇم بۇ قىلغان ئىشىدىن ئازراق خىجىلىق ھىس قىلغاندەك ،ماڭا يۈز كېلەلمىگەندەك بىر پوزىتسىيىدە ئىدى بىراق ۋاقىتىنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلغان ئىشىنىڭ قىلچە خاتاسى يوقتەك كېرىلىپ يۈرىۋەردى ،ئۇرۇپلا قويۇلۇپ كېتىدىغان تىلىفۇنلار بارغانسىرى كۆپەيدى ،،بۇنداق چاغلاردا ئۇ تىلىفۇننى ئېلىپ بالىكۇنغا چىقىپ ئاۋازلىرىنى ئاستا قىلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن سۆزلىشەتتى كىملەرگىدۇر يالۋۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى.بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنىڭغا ئانچە -مۇنچە تەنە گەپلەرنى قىلىپ قوياتتىم ،بىراق نىمىشقىدۇر بۇنداق ئىشلارغا قىلچە ئاچىغىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .
بارا-بارا كەچ كېلىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى ،بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنىڭ كەچ كەلگىنىدىن شۇنچىلىك خوشال بولاتتىم چۈنكى مەن <<ئەلقۇت>.بىلەن خاتىرجەم پاراڭلىشالايتىىم .
مەن ئۆزەمنىڭ قانداق يولغا قەدەم بېسىۋاتقىنىمنى قىلچىمۇ ھېس قىلالمايتتىم ،بۇ يولنىڭ ئاخىرىسىنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغىنىنىمۇ بىلمەيتىم ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىدارىدىن <<ئەلقۇت>>تۇرغان شەھەرگە 10كۈنلۈك ئۈگىنىشكە بارىدىغانغا ئۇقتۇرۇش چۈشتى بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى پەقەت ئۆزەملا بىلەتتىم .مەن بۇ خەۋەرنى دەرھال ئۇنىڭغا يەتكۈزدۈم ئۇمۇ شۇنچىلىك خوشال بولدى ....
مەن تەسۋېرلىگۈسىز  خوشاللىقلار ئىچىدە ئۇ تۇرغان شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم ،ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن بېرى تاشلاپ بىر يەرگە بېرىپ باقمىغان ھەتتا نەچچە قېتىملىق ئۈگىنىشلەرنىمۇ رەت قىلغان ئىدىم بۇ قېتىم ئۇنى  ئاپامغا تاشلاپ ماڭدىم ،دىمەك مەن ئۈچۈن ھازىر پەقەت <<ئەلقۇت>> دىگەن بۇ ئىسىمدىن باشقا ھەر قانداق نەرسە مەنىسىز ئىدى.مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ تۇرغان شەھەرگە چۈشتۈم ۋە ئىدارە ئورۇنلاشتۇرغان ياتاققا ئورۇنلۇشۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم ،مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى خۇددى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقاندەك جىددىلىشىشكە باشلىدىم ،ئۇ ناھايتى تەمكىن ھالدا چۈشتىن كېيىن مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدىغىنىنى ئېيتتى.
--ئاھ....خۇدا بۇ ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ ،مەن راستىنلا ئۇنى كۆرەمدىمەن ؟
--ئۇ قانداقراقتۇ؟
بىر مۇنچە سوئاللار مېنى ئارامىمدا قويمايتتى.كىمدۇر بىرىنىڭ <<مەن توردا تونۇشقان بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكەندە تازلا قالغانتىم ھوشۇمدىن كەتكىلى چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۆرەمگىمۇ كەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟>>دىگەن بۇ گېپى ئېسىمگە كەلدى ....بىراق مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھازىرقى <<ئاشىقلىق ئوتى>>ئالدىدا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكى ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى.
مانا سائەت 4مۇ بولدى مەن ياتاقنىڭ ئىچىدە ئۇيان -بۇيان ماڭغىلى تۇردۇم ....بىر چاغدا كارۋات ئۈستىگە تاشلاقلىق تىلىفۇندىن <<كېلەمسەن باھار>>نىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى ئاڭلاندى مەن تىلىفۇنغا قاراپ ئالايمۇ -ئالمايمۇ دەپ  تۇرۇپ كەتتىم ،مەن راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشەرمەنمۇ .ئۇ راستىنلا ،مەن بۇلارنى ئويلاپ يۈگرۈپ تىلىفۇننىڭ يېنىغا كېلىشىمگە تىلىفۇن سايراشتىن توختاپ قالدى .
مەن جىددىيلىشىپ ئەمدى ئۇنى قايتا تىلىفۇن قىلماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈگرۈپ بېرىپ تىلىفۇنغا قارىدىم .
--ۋاي ىۇدا تىلىفۇن ئۇرغان ئۇ ئەمەس ئاپامكەن ئەمەسمۇ؟
مەن تىلىفۇننى قايتۇرۇپ ئۇرۇپ بالام بىلەن پاراڭلاشتىم ،مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئويۇنچۇقلارنى ئاپىرىدىغانلىقىمغا بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بەرگەندىن كېيىن تىلىفۇننى قويۇپ تۇرۇشىمغا يولدۇشۇمدىن تىلىفۇن كەلدى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ تىلىفۇن ئۇرغىنىغا شۇنچىلىك نارازى بولدۇم .
--ۋاي خۇدا....ئۇ تىلىفۇن ئۇرۇپ قالسا ئېلىنمايدىغان بولدىدە.....ئەجەپ بىر..........................
بىز ناھايتى قىسقىغىنە ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن تىلىفۇننى قويۇشتۇق ،مەرتەم -مەرتەم 3مەرتەم دەپ ئەمدىكىسى دەل ئۇ ئىدى...مەن تىلىفۇننى ئالدىم ،قارشى تەرەپتىن:
<<مەن ياتاقنىڭ ئالدىدا چۈشۈڭ>.دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ،مەن ماقۇل دەپ تىلىفۇننى قويۇپ ئەينەكنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دەم ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈدۈم .مەن ئىشىكنى تاقاپ لىفىتكە چىقتىم .لىفىت بىرىنجى قەۋەتتە توختىدى مەن ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم پۇتلۇرۇم ئالمىشىپ كېتىپ بارغاندەك ئىدى ..ئىشىك ئالدىدا بىر مۇنچە ماشىنىلار تۇراتتى مەن ئۇنىڭ ماڭا دەپ بەرگە ن بەلگىسى بويىچە ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدىم .......دەل شۇ چاغدا ئۇدۇلدىكى ماشىنىنىڭ لاباسى ئۇرۇلدى .مەن ئۇ تەرەپكە قارىدىم ،ئۇنىڭدا بىرەيلەن ماڭا قاراپ قول پۇلاڭلاتقىنىچە كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى..مەن ئۇ ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ....چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بىر نەچچە رەسىمىمى يوللاپ بەرگەن ئىدىم شۇڭا ئۇ مېنى چوقۇم تونالايتتى،مەن ماشىنىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم .......

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 00:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا...ھا.... ئاخىرىنى مەن جەزىملەپ بولدۇم.
توردىكى ئىشلار ئاجايىپ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئايالنىڭ توردىكى مۇھەببىتىنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى چىقمامسمىكىن؟
ئاخىرىنى يوللىۋېتىڭە ھەدە؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈش كۆرىۋاتقاندەك ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى تۇتقان پېتى جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم ،چۈنكى مەن كۆرۈشكە تەققازا بولغان ،مېنىڭ قەلبىم تۆرىدىن ئورۇن ئالغان <<ئەلقۇت>>قانداقتۇر مېنىڭ پەرىزىمدىكى ئىگىز قاملاشقان ئادەم ئەمەس ئىدى ،دەل ئەكسىچە قايسى جەھەتتىن بولسۇن بالامنىڭ دادىسىغا يەتمەيتتى،ئۇ مېنىڭدىكى بۇ ئۇڭايسىزلىقنى سەزگە بولسا كېرەك:
--نازى خانىم چىقسىلا قاراپ تۇرماي دىدى.
مەن دەرھال ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىمدە ھېچنەرسە كۆرمىگەندەك ماشىنىغا چىقتىم بىز بىرەر قۇر ئەھۋللاشتۇق،مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلدىم ...توۋا......
مەن قىزىققان ،مەن تەلپۈنگەن ،مەن بالامنىمۇ تاشلاپ كېلىپ كۆرۈشكە ئالدىرىغان ئادەم راستىنلا مۇشىمىدۇ؟
مۇشۇ خىياللار بىلەن مەن ئۆزەمنىڭ نەگە كەلگىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدىم .
پەقەت --يۈرۈڭ تاماق يەيمىز دىگەندىلا ماشىنىنىڭ بىر ئاشپۇزۇل ئالدىدا توختىغانلىقىنى بىلدىم .
مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كىرىدىم ،ئىككەيلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرۇپ غىزالاندۇق ،بۇ جەريانىدا ئۇ خۇددى توردىكىدەكلا قىزغىن ۋە قايىل قىلارلىق گەپلەرنى قىلىپ مەندىكى ھېلىقى تۇيغۇلارنى نەلەرگىدۇر يوق قىلۋەتتى.بىز ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ ماشىنا بىلەن شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندۇق.ئاندىن شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق بولغان مېھمانخانىدىن بىرىگە كىردۇق،
توۋا.....بۇنداق چىرايلىق مېھمانخانىلاردىمۇ ياتىدىغانلار بىزدەك ئادەمكەنغۇ؟
مەن بۇ ئۆمۈرۈمدە بۇنداق مېھمانخانىدا يېتىش ئەمەس ئىشىگىدىن كىرىپمۇ باقماپتىمەنكەن،مەن ئەتتىراپقا  ۋە كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ تۇرىۋېرىپ ئۇنىڭ ياتاقلارنى كەستۈرۈپ يېنىمغا كېلىپ بولغىنىنى سەزمەيلا قاپتىمەن ،ئۇ مېنىڭ بېلىگىمدىن تارتقاندىلا مەن ئەندىكىپ ئۇنىڭغا قارىدىم ،بەدىنىمدە بىر خىل ئىللىق سېزىم پەيدا بولدى ۋە يۈزلىرىم قىزىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم .بىز لېفىت ئارقىلىق ياتاققا كىردۇق ....ۋاھ....ھەممە نەرسىسى ئىچىدە...ھەتتا تورغىمۇ چىققىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟..
مەن ھېچنەرسىگە قارىماستىن يەنە شۇ كومپىيۇتىرغا يۈگۈرىدىم،ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ماڭا قاراپ ئولتىراتتى ،مەن يۇرتۇمدىكى يېقىن دوستۇم بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتىم ،بىر چاغدا ئۇ قولىنى ئاستا مۆرەمگە قويدى مەن جىددىلىشىشكە باشلىدىم ،ئاندىن ئۇ مېنى ئاستا ئۆزىگە قاراتتى:
مەن ئۇنىڭ كۆزىدىكى بۇ خىل ئوتلۇق قاراشقا بەرداشلىق بېرەلمەي يەرگە قارىۋالدىم ،ئۇ ئېڭكىمنى كۆتۈرۈپ مېنى يەنە ئۆزىگە قاراتتى،
---نازى ،نىمە ،مېنى كۆرۈپ خوشال بولمىدىڭىزما؟
---نەچچە ۋاققىتىن بېرى مېنى دەپ تورغا چىقتى دەپ يۈرگەنتىم ئەجىبا مەن يېنىڭىزدا تۇرسام يەنە تورغا يۈگىرەيسىزغۇ؟
قانداق مېنى كۆرۈپ سەل...............؟؟؟
مەن بۇ گەپتىن ئۇنىڭ نىمە دەيدىغىنىنى بىلدىمدە...
--ياق---ياق..سىز خاتا چۈشەنمەڭ ،،،مەن شۇ...كەچۈرۈڭ...مەن شۇنداق دۇدۇقلىغىنىمچە كومپىيۇتىرنى ئۆچۈرۋەتتىم ،ئۇ مېنىڭ بۇ قىلىقىمغا قاراپ قاقلىغىنىچە كۈلۈپ كەتتى...
--ھەي،،،نازى--ھەي،،، نازى.....راستىنلا بەك ئوماق جۇمۇ سىز ..قاراڭ قانداق قىلاركىن دەپ مۇنداقلا دەپ قويسام جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭىزنى ،قاراڭە قىزىرىپ تېخىمۇ ئوماق بوپ كەتىڭىز بۇنداق قىلسىڭىز مەن........دىگىنىچە مېنى باغرىغا چىڭ باستى،مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تېڭىرقاپلا قالدىم .بىز مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن ،ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ كارۋاتقا ئولتۇرغۇزدى..ۋە:
--<<زۇبەيدە>>سىز بۇ يەرگە مېنى دەپ كەلگەنلىكىڭىزنى بىلىمەن بىراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمانمۇ قىلارسىزمۇ؟--دىدى.قولۇمنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرۇپ.
مەن ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىمنى قويدۇمدە......ئەگەر سىزلا پۇشايمان قىلدۇرمىسىڭىزلا مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن دىدىم .
--مەنغۇ تىرىشىمەن ،،بىراق بەزى بىر سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەر ئىككىلىمىز ............مەن ئۇنىڭ ئاغىزىنى ئېتىۋالدىم ،ئۇنىڭ ئائىلە توغۇرىسىدا سۆزلەيدىغىنى ماڭا ئايان ئىدى،
--بولدى<<ئادىل>>سۆزلىمەڭ،ھەممە ئىشتا باشقا كەلگەندە باتۇر دەپتىكەن ،مەن بۇ قىممەتلىك مىنۇتلاردا بۇنداق كۆڭۈلسىز گەپلەرنى ئاڭلىمىسام دەيمەن ،بىلەمسىز؟
مەن بۇ يەردە ئۆمۈرۈلۈك تۇرمايمەن پەقەت بىر نەچچە كۈنلا ....ئاندىن مەن يەنە ئاشۇ دوزاق ئۆيگە قايتىمەن....بۇ گەپنىڭ ئاغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى ئۆزەممۇ بىلمەيلا قالغان ئىدىم .دىمەك ئۇنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى مېنى ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ، ئۇنىڭدىكى نۇقسانلارنى تامامەن يېپىپ كەتكەن ئىدى.
بىز مانا مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بارغان ئىدى.
ئۇ ئاستا كارۋاتقا چىقىپ ئولتۇردى ،مەن بولسام سافادا ئولتۇردۇم ،ئۇ بىردەم تىزگىنەك بىلەن تىلۋوزۇرنى يۆتكەپ بېقىپ كۆرگىدەك بىرەر نەرسە تاپالمىغان بولسا كېرەك ،ئۆچۈرۋەتتى ،ئاندىن ماڭا قاراپ قولىنى سۇندى،كېلىڭە...
مەن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم ....نى..نىمە؟
--ھاھاھاھا---نىمانچە چۆچۈيسىز جېنىم بۇ مەن ،،ئەتىگەندىن بېرى بىر ئوبدان ئولتۇرۇپ ئەمدى خۇددى باشقا بىرئادەمگە گەپ قىلغاندەك قىلىقلارنى قىلىپ كەتتىڭىزغۇ؟
قارىسام مۇزلاپ كېتىپسىز يوتقانغا كىرىۋېلىڭ ،مەن ئادەم يىمەيمەن كېلىڭە،بولمىسا ئەتە زۇكامداپ قالىسىز....
مەن ئامالسىز ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم ..........
مەن ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم ۋە بېشىمنى ئۇنىڭ كۆكرىكىگە قويدۇم ،ئۇنىڭ يۈرىكى ناھايتى تېز سوقىۋاتاتتى مەن ئۆزەمنى خۇددى تۇنجى مۇھاببەتلىشىۋاتقاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم ،مەندىكى خوشاللىق،مەندىكى بەخىت تۇيغۇسىنى پەقەت ئۆزەملا بىلەتتىم .
بىراق <<كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ سېنى ھەر جايغا باشلايدۇ ،سەمەرقەننىڭ ئالمىسىدەك ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ >>دىگەندەك كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆتكۈزگەن بۇ خاتالىقنىڭ ھەممە نەرسىنى ھەتتا تەغدىرىمنىمۇ بۇنداق تېز ئۆزگەرتىۋېتىدىغىنىنى زادىلا ئويلاپ باقىمىغان ئىدىم .ئۇ مىنىۇتلاردا مېنىڭ كاللامغا پەقەت ئۇنىڭ بىلەن كۆپىرەك بىللە يۈرۈش،مۇڭدىشىش ،خۇددى كىنۇلاردىكىدەك قىزغىن مۇھاببەتلىشىشتىن باشقا ھېچقانداق خىيال يوق ئىدى.
ھەر ئىككىلىمىز بىر ئائىلىنىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتىغان ھالدا شېرىن ۋىسالنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ياتاقتا 5كۈننى ئۆتكۈزدۇق ،بۇ مىنۇتلارنى ئويلىسام ھازىرمۇ ئۆزەمنى بىرخىل سېزىمەن،بەلكىم بۇ مۇنۇتلار كەلمەسكە كەتكەندۇ ..بىراق مەن مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن~~
گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى ~~

بەخىتلىك مىنۇتلار ئاياغلىشىپ قايتىدىغان بولۇپ قالدىم ،مەن بۇنى ئويلىساملا يىغلىغۇم كېلەتتى ۋە يىغلايتتىم ،ئۇ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ مېنى ئەركىلتەتتى ،ئۇ ئۇنداق قىلغانسىرى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مېھرى مۇھاببىتىم شۇنچە ئېشىپ باراتتى .
--توۋا،،،بۇ ياشقا كەلگەندىمۇ ئادەم مۇشۇنداق ساراڭلىقلارنى قىلىدىكەن <<مۇھاببەت قېرىمايدۇ دىگەن گەپ راستكەن >>دەپ ئويلايتتىم بەزىدە........
بۇ بەش كۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ بەخىتلىك ئۆتكەن بەش كۈن ،
بۇ بەش كۈن مېنىڭ تەغدىرىمىنى ئۆزگەرتكەن بەش كۈن ،
بۇ بەش كۈن ....ئىشقىلىپ بۇ بەش كۈندە مەن ئۆزەمنىمۇ بىلمىگىدەك ئۆزگەرگەن ئىدىم .....
ئەمما ھەممە ئىشنىڭ يەنە مۇشۇ بەش كۈن بىلەن ئاياغلىشىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم .
مەن بۇ بەخىتلىك مىنۇتلارنى ئۇنىڭ بىللە ماڭغان يوللارغا قالدۇرۇپ يۇرتقا قايتتىم ئەپسۇس ،ئۆزەم قايتقان بىلەن روھىم ،بارلىقىم ئۇنىڭ يېنىدا قالغان ئىدى،ئۆزەم ئۆيدە خىزمەتتە بولغان بىلەن پۈتۈن ئەس-خىيالىم ئۇنىڭدا ئىدى،ھەر-مىنۇت ،ھەر-سېكىنۇت ئۇنى يادىمدىن چىقارمايتتىم ،بىكار بولساملا كومپىيۇتىرنى ئېچىپ ئۇنى ساقلايتتىم ،بارا-بارا خىزمەتمۇ خوش ياقماس بولدى،ئىشلەۋېتىپمۇ ئۇنى ئويلايتتىم،بالدۇراق ئۆيگە بارسام ئۇنى كۆرسەم ،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام پەقەت مۇشۇلا خىيال مېنى ئۆزەم ئەمەسلا بىر ئادەم قىلىپ قويغان ئىدى.بەزىدە بالامنىڭ گەپلىرىمۇ خوش ياقمايتتى.
ئەپسۇس ،بۇ قىلغانلىرىمنى ئۇ بىلمەمدۇ ۋە ياكى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالامدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ مىجەزى شۇنداقمۇ بىلمىدىم ئۇ مەندەك ئۇنداق قىلىپ كەتمەيتتى،يەنى ئۇ خىزمىتىنى يولىدا قىلىپ ئائىلە بالىنىڭ ھۆددىسىدىن ۋاقتىدا چىقىپ ئېشىنغان ۋاقتىدا مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى ،مەنچۇ مەن بولسام مېنىڭ بارلىقىم مۇشۇ ئەينەكنىڭ ئىچىدە باردەك ،مەن ئارشۇ قىلغان نەرسىلەر مۇشۇ نەرسىنىڭ ئىچىدىن قۇچاقلىرىنى كەڭ يايغان ھالدا چىقىدىغاندەك مىنۇت-سېكنۇت ۋاقتىم بولسىلا كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كېلىۋالاتتىم .
ئۇ مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى ئەمما پاراڭلاشقاندىمۇ ناھايتتى قىسقا پاراڭلىشاتتى،بۇرۇنقىدەك مەن بولمىسام ساقلاپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان<< ئۇ >>ئۆلگەندەكلا ئىدى.
مەنچۇ ..مەن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم ،يولدۇشۇمنىڭ بۆلۈنگەن كۆڭلى بىلەن تەڭ مېنىڭ پەس كۆڭلۈممۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزەمگە مەنسۈپ بولمىغان بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغاچقا ھازىر بۇ ئائىلىدە ھەر ئىككىلىمىز بىر- بىرىمىزنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرمەيتتۇق .
ئۇ مېنىڭ ئۇنى نەگە باردىڭ دىمىگىنىمگە خوش بولسا مەن ئۇنىڭ كەچ كېلىپ ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ مېنىڭ تورغا چىققىنىمغا گەپ قىلمىغىنىغا خوش ئىدىم ،ھەي....كۆڭۈل~~~~
مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندىمۇ كىنۇلاردىكىدەك بارلىقىنى قۇربان قىلغىدەك ھالەتتە ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆل دىسە بەلكىم ياق دىمەيتتىمىكىن شۇ چاغلاردا.. نىمە دىگەن بىمەنىلىك بۇ ~~دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە ئەمما ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېغىزىمغا ئالساملا ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇيتتۇم .
.......ھەي قايسى دانىشمەن دىگەن بولغىيتتى <<كۆڭۈل ياتقان يەردە ،ئىت-ئېشەك ياتمايدۇ >>دەپ ،نىمە دىگەن توغرا ئېيتىلغان گەپلەربۇ~
شۇنداق قىلىپ مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغان ئاشىغىمغا كەلسەك مەن قايتىپ كېلىپ ئىككى ھەپتىگە قالماي ئۇنىڭدىكى قىزغىنلىقلارنى يوقالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم ،ھىس قىلدىم ئەمەس  ھەقىقەتەن شۇنداق بولۋاتاتتى.مەن بۇلارنى سېزىپ تۇرساممۇ يەنىلا ساراڭلاردەك ئۇنىڭغا بېرىلىشكە باشلىدىم ....مانا خىزمەتتىن ئاغىرىق سەۋەبى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل دەم ئېلىش كېرەك دىگەن يالغان ئىسپاتنى تاشلاپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدە كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم ،مەن ئۇنىڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى سەزگەندىن كېيىن قولۇم تېخىمۇ ئىشقا بارمىدى شۇنىڭ بىلەن مەن دوختۇرخانىغا بارىمەن دىگەننى بانا قىلىپ ئۇ بار يەرگە يەنە كەلدىم .......
بىراق....نىمە دەي...؟
بۇ گەپلەرنى قانداق ئاغىزىمدىن چىقىراي...؟
مەن ئۇنى بۇ دەرىجىدە دەپ ئويلىمىغان ئىدىم ،بۇ قېتىمقى كەلگىنىم ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس بۇ شەھەردىكى ھەممىلا ئادەمگە ياقمىغاندەك ھەممىلا نەرسە ،ھەممىلا ئادەم ماڭا سوغۇق كۆرۈندى،
مەن كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم .
بىزنىڭ بۇ قېتمقى كۆرىشىشىمىز  ھەي...........................
بولدىلا يەنىلا ئەتە دەپ بېرەي ،چۈنكى بۇنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى چۈنكى مەن تۆلىگەن بەدەلگە ،مەن بەرگەن قۇربانلىقلارغا نىسبەتەن بۇ بىر ماڭا قىلىنغان ھاقارەت ئىدى.

داۋامى بار

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 10:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىچۇ؟ .................................. توختاپ قالماس

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 06:08 , Processed in 0.055944 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش