يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: مەرۋەرى

بالام مېنى كەچۈرگىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ.... بۇ ....بۇ ...ئا..بۇ .... ئەستا....

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yurak-Oghrisi نىمىش بولدى ؟

داۋامى قېنى مەرۋەرى ھېرىپ قالمىغانسىز جېنىم، بىر چىداپ يېزىۋېتىڭە !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:43:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماشىنىغا چىقتىم توۋا....ئالدىمدا تۇرغا بۇ ئادەەمنىىڭ <<ئەلقۇت>>ئىىكەەنلىكىگە ئىشەەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم ، ئۇ خۇددى باشقا بىر ناتونۇش ئادەم بىلەن كۆرۈشكەندەك :
---ياخشىمۇسىز؟-دەپلا قويدى.
مەن ئۆزەمنى ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئەمەس بىر پارچە چوغ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدىم ،مەن ئۇنىڭ قولۇمنى چىڭڭىدە قىسىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن بېقىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم،بىراق بۇ ئۈمۈتلىرىم پەقەت ئۆزەمنىڭ شېرىن خىيالى بولۇپ قېلۋاتاتتى.كۆزلىرىمنى ياش ئەگىدى ،مەن ماشىنىنىڭ ئەينىگىدىن سىرتقا قارىدىم .ھەممە نەرسە ماڭا شۇنچىلىك مەنىسىز تۇيلىۋاتاتتى، شۇندىلا بۇ يەرگە خاتا كەلگنىمنى ھىس قىلدىم .كۆز ئالدىمغا بالام كەلگىلى تۇردى ،دىماقلىرىم ئېچىشىشقا باشلىدى بىراق مەن چاندۇرماسلىققا تىرىشتىم ..ئۇنىڭغا يېشىمنى كۆرسەتكۈم يوق ئىدى.
بىز ئاددىغىنە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق،ئۇ بۇرۇنقىىدەكلا ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇردى ،ئۇمۇ ماڭا خۇددى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.بىراق مېنىڭ يۈرۈگۈمنى بىرنەرسە تاتلىغاندەك شۇنچىلىك بىئارامچىلىق ئىچىدە مەن تاماقنى يىدىممۇ تاماق مېنى يىدىمۇ ئەيتاۋۇر ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە ئۇنىڭغا كەلگەن تىلىفۇن باھانە بولۇپ مېنى بۇ بىئارامچىلىقتىن قۇتقۇزۋالدى،
تېلىفۇن ئۆيىدىن كەلگەن ئىدى،ئۇ قىزىغا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن يەنە بىرسىگە، بەلكىم ئايالى بولسا كېرەك بىر مۇنچە سىلىق-سىپايە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ھازىرلا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىلىفۇننى قويدى....
ئاھ..خۇدا مېنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر بەخىتلىك ئائىلەم بولغان ھە.....
مېنىڭمۇ ئوماق ئوغلۇم بولغان ھە.....
مەن بۇ يەردە كىم ئۈچۈن ئولتۇرىمەن؟
مەن كىم ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدىم؟
مەن .......................................نۇرغۇنلىغان مەن بىلەن نىمە ئۈچۈن مېنى ئارامىمدا قويمىدى ،بىز ئاشخانىدىن چىقتۇق .
--نەگە چۈشتىڭىز؟
--نى..نىمە؟مەن چۆچۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .
--سىزنى نەگە ئاپىرىۋېتىمەن --دەۋاتىمەن .
--نىمە بولدىڭىز؟
--چىرايلىرىڭىز بىر قىسىمىلىغۇ؟
---ھە...يەرگە ،ئۇ يەردە دوستۇمنىڭ ئۆيدە ،تۇرۋاتىمەن ،
--ھە..بولىدۇ.ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ مەن دىگەن يەرگە ئەكىلىپ توختاتتى ،مەن ئەمدى بولسىمۇ ئۇنىڭ مېنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ ئەڭ بولمىغاندا پېشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ خوش دىيىشىنى شۇنچىلىك ئۈمىد قىلاتتىم ،ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس....ئۇ :
-كەچۈرۈڭ ئۆيدىكىلەردىن كەلگەن تىلىفۇننى ئاڭلىدىڭىز ،شۇڭا بىز باشقا بىر كۈنى پاراڭلاشساق بولامدۇ؟مەن قايتاي دىدى.
بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ يەنەە شېرىن ئۈمىدلەر بىلەن ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇشنىڭ يەنە ھاجىتى بارمۇ؟
مەن  ماشىنىدىن شۇنچىلىك تېز چۈشتۈمدە ئالدى- ئارقىمغىمۇ قارىماستىن دوستۇمنىڭ ئۆيىگە كىردىم ،بۇرۇندىنلا مەيلى قانداق ئىش بولسا باشقىلار ئالدىدا كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆتكۈزۋېتىدىغان مىجەزىم بولغاچقا بۈگۈنمۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ناھايتى خوشال ھالەتتە ئولتۇردۇم ،چىرايىىمدا كۈلكەە بولغىنىى بىىلەن يۈرىگىمدىن قان تامچىلاۋاتاتتىى ،دوستۇم بىىلەەن يولدىشى ئىككسى ى ئەتە ئىشقا چىىقىدىىغانلىقىنىى ئېيتىپ ، ياتقىلى كىرىپ كەتكەندىلا مەن ئىشىكنى چىڭڭىدە تاقاپ تازا يىغلىدىم .
--توغرا ئۇنىڭ ئائىلىسى بار؟مېنڭچۇ ؟
--مېنىڭمۇ بار ،ھازىرمۇ بار...بىراق مەن ھازىر نىمىگە ھىساپ بوپ قالدىم ......مەن مۇشۇنداق بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىممۇ ؟
--مەن نىمە دىگەن ئەخمەق ..ئاھ خۇدا....ئوماق بالامنى يالغۇز تاشلاپ ،ئاتا-ئانامنى تاشلاپ بۇ يەرگە كىم ئۈچۈن كەلدىم زادى؟
--دوستلىرىمنى،خىزمەتداشلىرىمنى ئالداپ،ياق...ئەڭ مۇھىمى ئۆزەمنى ئالداپ بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىم ؟
--قېنى مېنىڭ خوشال كۈنلىرىم ،؟
--قېنى مېنىڭ خىزمىتىم ؟
--قېنى مېنىڭ بەخىتلىك ئائىلەم ؟
--قېنى مېنىڭ غورۇرۇم ؟
--قېنى...قېنى.....ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ۋەدىلىرى
--قېنى ..ئەمدى قېنى؟- ئۇنىڭ مېنى باغرىغا چىڭڭىدە بېسىپ مەن سىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن دىگىنى........
--قېنى،،،مېنىڭ مېھرىبان ئانا،كۆيۈمچان ئايال بولغىنىم ؟
--قېنى مېنىڭ لاياقەتلىك ئانا بولغىنىم ؟
--قېنى.....ئىشقىلىپ كاللامدىكى سوئالنىڭ جىقلىغىدا ئۆز ۋاقىتىدا شۇنداق ئىشلىگەن بۇ كاللام بۈگۈن قۇپ- قۇرۇقلا ئىدى....ئاۋازىمنى ى قويۋېتىپ بار ئاۋازىىم بىىلەىن شۇنچىلىق ۋارقىىرىىغۇم بار ئىىدى ى ئەەمما...............مەن ئۇنىڭغا نەپىرەتلەندىم ،ئۇنى ئىچىمدە تىللىدىم .
ئارقىدىن ئۆزەمنى تىللىدىم ....ھەممە ئادەمنى ئۆزۈمدەك ئويلاپ، بولۇپمۇ بۇ رەەزىىلىككەە تولغان مەۋھۈم دۇنيادىكى يالغان-ياۋىداق گەپلەرگە ئالدىنىپ مۇشۇ كۈنگە قالغىنىمغا نەپىرەتلەندىم .
--ئەجىبا مەن بۈگۈنكى كۈندە باشقىلار ئالدىدا مۇشۇ كۈنگە قالدىمما ؟
مەن ئۆز ۋاقتىدا قانداق خۇش-خۇي قىز ئىدىم ،ئىدارەمدىكىلەر مېنى قانچىلىك چوڭ بىلەتتى ،
ئەمدى قاراپ تۇرۇپ مەن باشقىلاردىن مۇھاببەت تەلەپ قىلىپ مۇشۇ يەرگە كېلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدىممۇ؟
--بۇ نىمىشقا؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
يولدۇشۇم <<ئۇ>>نىىڭدىنمۇ قاملاشقان ،تاپقان پۇلىىمىىز جىق بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۇرمىشىمىزغا يېتەەرلىىك پۇل تاپقان،ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ماشىنا بولمىسىمۇ بىر يەرگە بارساق پىيادە قويمايدۇ..
---نىمىشقا ..يەنە نىمىشقا مەن يەنە مۇشۇنداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ غورۇرىنى ،بالامنىڭ كەلگۈسىنى ،ئائىلەمنى دوۋغا تىكىمەن ،؟
بىز ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا بىرلا نەرسە يوقىغان ئۇ بولسىمۇ بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھاببەت،كۆيۈنۈش،چۈشۈنۈش،مەەسئۇليەەت ۋە مەەجبۇريەەت يوقىىغان ..................شۇڭلاشقا مەن ئاسانلا بۇ ئۆزى كۆرۈنمەي ماڭا يالغان كۆيۈمچانلىق قىلغان،يالغان مۇھاببەت ئاتا قىلغان بۇ ئادەمگە ئالدىنىپ بۈگۈنكىدەك تەۋەككۈلچىلىكنى قىلغان ئىدىم .
ئادەم ئۆزىدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ئىنتىلسە كېرەك،دىمەكچىمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە،پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ،ئۇ ئۆزىنىڭ يولىدا مەن ئۆزەمنىڭ يولىدا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق .
بىر ئەر كىشى بولغان ئادەم ئايدا يىلدا ئايالىغا نىمەڭ كەم ،نىمە قىلۋاتىسەن ؟دىمىسە........
ئايال بولغان ئادەم ئېرىنى سەن نەدە؟
نىمە قىلۋاتىسەن ؟كىملەر بار دىمىسە؟.....
ئەمدى تىللاش نۆۋېتى  بالامنىڭ دادىىسىغا  كەلگەن بولسا كېرەك ،ئۇنى ى ئىىچىىمدەە بولىىشىىغا  تىللىدىم ،ئىشقلىپ بىر تەرەپتىن ئۇنسىز يىغلىسام بىر تەرەپتىن ئۈنسىز ھەممىنى تىللىۋاتاتىم .
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلەمەيمەن،دوستۇم تازلىق ئۆيگە چىققاندىلا ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئورۇن سالدىم ،كىيمىمىنىمۇ سېلىش خوش ياقماستىن ئورۇنغا كىرىپ ياتتىم ،ئۇيقۇم كەلسە ...ئۇخلاپ ئەتە ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپلا قوپسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ~~~لېكىن قېنى شۇ ئۇيقۇ؟؟؟؟؟؟
مەن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇرۇندىن بىرەر ئىش كاللامدىن ئۆتمىسە بىر نەرسە يازىدىغان ئادىتىم بويىچە خاتىرەمنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى يازدىم ،ۋە ئۇنىڭغىمۇ بىر پارچە خەت يازدىم ..:
<<سالام <ئەەلقۇت>بەلكىم ھازىرقىدەك ئۇچۇر دەۋرىدە يەنە بۇ كونا ئۇسۇل بويىچە يازغان خېتىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىشىڭىز مۆمكىن بىراق مەن ئويلىغانلىرىمنى ،قەلبىمدىكى جاراھەتنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا سىزگە ئىپادىلەشنى لايىق تاپتىم .
<<ئېسىڭىزدىمۇ ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇپ تاز ھازىرغىچە ئوتتۇرىمىزدا بولۇنغان گەپلەر ،يۈز بەرگەن ئىشلار؟مەن سىزگە دىسەم مەن كېتىپ 10كۈنگە قالماي بۇنداق .ئۆزگۈرۈپ ھەتتا قولۇمنىمۇ تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالمىغىدەك دەرىجىدە زادى نىمە ئىش بولدى ؟مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلدىممۇ؟
ياكى مېنىڭ بۇ يەرگە ئىككىنجى قېتىم كەلگىنىم سىزگە بېسىم بولۇپ قالدىمۇ؟
-بىراق نىمىشقا؟..نىمىشقا ماڭا بۈگۈنكىدەك مۇئامىلە قىلىسىز ،ئەجىبا سىز ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ؟
بىر ئائىلىسى ،بالىسى مۇھىممى بىر ئەرنىڭ نىكاھىدىكى بىر ئايالنىڭ سىزگە بارلىقىنى ئاتاپ ئاللا ئالدىدا شۇنچىلىك چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە رازى بولغىنىنى ،ئۆز تېنىنى بۇلغىغىنىنى ،نۇرغۇن ئىشلاردا شۇنچىلىك تەۋەكۈلچىلىك قىلغىنىنى سىز ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ماڭا دىگەن گەپلىرىڭىزنىچۇ؟
كومپىيۇتىر ئالدىدىكى گەپلەرنىغۇ قويۇپ تۇرايلى ....بىر ئورۇندا يېتىپ تۇرۇپ دىگەن گەپلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟
ئەجىبا مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە كەچتە باشقىلارغا ھەمراھ بولىدىغان <<ئۈچتە ھەمراھ>>خانىملارغا ئوخشامدىكەنمەن ،ئىش تۈگىگەندە ئەتىسى يولدا ئۇچىرىسا تونىماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ~~~بولدى مەن جىق گەپ قىلماي مانا تاڭمۇ سۈزۈلدى ،مېنىڭ ئەمدى ئوشۇق گەپ قىلغىدەك ماجالىم قالمىدى....ئاخىرىسىدا ماڭا ئىشنىڭ سەۋەبىنى دەڭ ئاندىن مەن سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن ،پەقەت مۇشۇ سىز ياشاۋاتقان ئاۋات شەھەرنىڭ بىر بۇلىڭىدا سىزنى دەپ بارلىقىدىن ۋاز كەچكەن تەنتەك بىر ئاشىقنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ خەيرى ...خوش>>
گەپ ئەمدى بۇ خەتنى قانداق بېرىشتەئىدى،،،
مەن ئامال يوق سائەت 10لاردا ئۇنىڭ تىلىفۇنىغا <<بۈگۈن ۋاقتى بولسا كۆرۈشسەك >>دەپ ئۇچۇر قىلدىم ، بىىراق ئۇ ئۇ بۈگۈن بالىلىرى ۋە ئايالىنى ئېلىپ سۇ چۆمۈلگىلى بارىدىغانلىقىنى شۇڭا باشقا كۈنى مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىلىفۇن قايتۇردى  .
بىر كېچە ئۇيقۇسىزلىق ،ئاچلىق ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ گەپ ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى  مەن تىلىفۇننى قويۇپ ئولتۇرۇپلا قالدىم ،ئاھ..خۇدا.....مەن چېچىمنى چىڭڭىدە سىقىمداپ ۋارقىرىدىم ،(ھېلىمۇ دوستۇم ئەر-ئايال خىزمەتچى بوپ قاپتىكەن بولمىسا قانداق قىلارئىدىم ،)
بىراق بۇ ۋارقىرىشىم ئازابىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتكەندەك ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولدى ،مەن ياكى يىغلىشىمنى ياكى كۈلۈشۈمنى بىلمەي خۇددى كىنۇدىكى ساراڭ ئادەملەردەك كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئۆي ئىچىگە قارىدىم ..
بالام ..بالام ....مەن ئەمدى ئۆزەمنى تۇتۋالالماي يىغلاشقا باشلىدىم ،قارىسام تىلىفۇننىڭ يېنىدىلا دوستۇمنىڭ يولدىشىنىڭ بىر قاپ تاماكىسى تۇراتتى .......ھە راست ئەرلەر كاللىسىدىن بىرەر ئىش ئۆتمىسە بىر نەچچە تال تاماكىنى چېكىۋېتىدىكەنغۇ بۇنىڭ چوقۇم ئۈنىمى بولغاچقا ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردىم ..............ۋاي ئاللا.....نىمە بۇ ....قېقىلىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار چىقىپ كەتتى ،بىراق مەن چىداپ شوراۋەردىم ...بېشىم قىيىپ كۆزلىرىم ئېلىشقاندەك بولدى ،توۋا..تاماكىنىڭمۇ مەس قىلىش رولى باركەندە .....
مەن بۇ بىر تال تاماكىنى ناھايتى تەستە چېكىپ تۈگەتتىم ،ئەمدى كاللامدا تاماكىنى تەھلىل قىلىش باشلاندى ،دىمەك ئازاپلىرىمنى ئازراق بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇم دىگەن گەپ ،بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن دىدىم ئىچىمدە.
قورسۇقۇم ئاچقاندەك قىلاتتىى ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرەر نەرسە يىيىش ئۈچۈن  ئاشخانا ئۆيگە ماڭدىم .


داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ..

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى 11:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاي ئەمسە~~~~~~~~~~~~~~~~~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:43:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز ئالدىدىكى بەختنى قەدىرلىمىگەنىكەن ئۆزىگە ئاز.
داۋامى ھەدە؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاخىرى بۇ مەۋھۈم دۇنيانىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەندەك بولدۇم ،ئاساسلىقى ئۇنى چۈشۈنۈپ يەتتىم ،مەن ئاخىرى بۇ ئىشلارنى كېچىدە كۆرگەن قاباھەتلىك چۈش ھىسابىدا ئۇنتۇلۇشقا تىرىشتىم ۋە ھازىرقى ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورنۇمدىن رۇخسەت ئېلىپ يۇرتۇمغا باردىم ۋە يولدۇشۇمنى چاقىرىپ ئوبدان پاراڭلاشتتىم مەن تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئۆزەمدىكى خاتالىقلارنى ۋە مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمغا ئۇنىڭمۇ ھەسىسى بارئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشىنى ئۇنۇتمۇدۇم ......ئۇ باشتا ماڭا ھۆرپىيىپ قاراپ زادىلا يېقىن كەلمىدى مەن ئاخىرى بۇ ئىشىممۇ ئويلىغىنىمدەك ياخشى تەرەپكە قاراپ ماڭمىغىدەك ئەمدى تەغدىرگە تەن بەرسەم بولغىدەك ،ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى ھەق تۇرسا چۈنىكى پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىسىمۇ ئەر كىشى تۇرسا ،مەن بىر ئايال كىشى تۇرۇپ بۇنداق باش-باشتاقلىق قىلىپ ئۇنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرغان تۇرسام ....بوپتۇ تەغدىرگە تەن بېرەي <<ئۆزەم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا>.دەپتىكەن ،ئەمدى بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي، ئەمدى قايتىپ كېتىپ مەڭگۈ ئازاپ ئىچىدە ياشىماقتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ،  دەپ ئويلاپ تۇرسام ئۇ ماڭا:

سەن چىن كۆڭلىڭدىن پۇشايمان قىلىش بىلەن بىرگە مېنىڭ نەچچە ۋاققىتىن بېرى ساڭا قىلغان ۋاپاسىزلىقىمنى چىن قەلبىڭدىن كەچۈردىڭمۇ ؟

بۇنىڭدىن كېيىن قايتا تىلغا ئالماسلىققا ۋەدە بېرەلەمسەن؟

يەنە مۇشۇنداق خاتالىقنىڭ سادىر بولمايدىغىنىغا كېپىللىك بېرەلەمسەن؟

مەن ئۆز قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەي قالدىم ،،،بۇ راستمىدۇ ئۇ مېنى كەچۈرگەنمىدۇ؟

مەن ئالدىراپ بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدىم ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ ياخشى ئانا ،ۋاپادار ئايال بولىشقا تىرىشىدىغانلىقىم توغۇرىسىدا ۋەدىلەرنى بەردىم ،بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ باتۇرۇم ،پاقلىنىم ،يۈرەك پارەم ئوغلۇم ئۈچۈن ئىدى ،مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئالدىدا مەن بىر ئۆمۈر ئازاپ ئىچىدە ئۆتسەممۇ رازى ئىدىم بىراق ئوغلۇم دادىسىز،ئانىسىز قالسا بولمايتتى ،مەن ئۆز ۋاقتىدا يەنى بالام تۇغۇلغاندا <<ئاللاھ ماڭا مۇشۇنداق پاقلاندەك ئوغۇل ئاتا قىلغىنىڭىغا كۆپ رەخمەت ،مەن ئۇنى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغانكەنمەن ئۇنى چوقۇم ياخشى تەربىيلەيمەن >>دىمىگەنمىدىم ...مەن مانا مۇشۇ گەپلىرىمنى ئويلىغىنىمدا تولىمۇ ئازاپلاندىم پۈتۈن بەدىمنى بىر خىل تەسۋۈرلىگىسىز سېزىم قاپلاشقا باشلىدى،،،

--زۇبەيدە خاتالىق ھەر ئىككىلىمىزدە بار بولۇپمۇ ئايال كىشىنىڭ ئەرنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپ سېنىڭدەك خاتالىققا قەدەم قويۇشىدا ئەر كىشىنىڭ مەسئۇليىتى بار...چۈنكى مەن بىر ئەر كىشى ۋە دادا بولۇش سالاھىتىم بىلەن كېيىنكى كۈنلەردە ساڭا ۋە بالامغا يەنى ئائىلە مەسئۇل بولالمىدىم ،سەن نىمە قىلۋاتسەن كارىم بولمىدى ،پەقەت سېنىڭ مېنىڭ نىمە قىلغىنىمنى سۈرۈشتۈرمىگىنىڭدىن خوشال بولۇپ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم ،كۆڭلۈمنى سىرتلاردا خوشال قىلىپ يۈرىۋەردىم ،بۇ ھەرگىزمۇ سەندىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىگەنلىك سەۋەبىدىن ۋە ياكى سەن مەن كۈتكەن يەردىن چىقالمىغانلىقىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس بەلكىم <<دوستۇڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق>>دەپ ئارلاشقان ئاغىنىلىرىمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاشۇنداق خاتالىق سادىر قىلىپ قويدۇم ،بۇ خاتالىقىم ئاخىرىسىدا سېنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىشىڭگە سەۋەپ بولدى ،،مەن سېنىڭ نىمە قىلۋاتقىنىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ توسۇمۇدۇم چۈنكى سەن بۇنداق قىلساڭ مەنمۇ خاتىرجەم ئۆز ئىشىمنى قىلاتتىم بىراق زۇبەيدە تالادىكى نازىنىنلار قانچىلىك چىرايلىق بولسۇن ئاخىرىسىدا يەنىلا ھالاللاپ ئالغان ئاشۇ ۋاپادار ئايالىڭغا يەتمەيدىكەن ،ئۇ نازىنىلارنىڭ كۆزى پەقەت يانچۇقتىكى پۇلدىكەن ،مەن بۇنى چۈشۈنۈپ يەتكەندە سەن ئازاپ دېڭىزىغا چۆكۈپ بولغان ئىكەنسەن ،مەن ئەسلى بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى كەچۈرمىسەم بولاتتى ،بىراق ئويلاپ باقسام سەن تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندا مەن بېرەلمەپتىمەن ،سەن ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا مەن ياردەم قولۇمنى سۇنالماپتىمەن ،سەن چارچىغاندا مەن بىرەر قېتتىمۇ ئاشۇ كوچىدىكى نازىنىنىلارغا قىلغاندەك شېرىن گەپلەرنى قىلىپ باقماپتىمەن ،سەن نۇرغۇ قېتىم ،نۇرغۇن يەرلەردە مەن ئۈچۈن ھەقنى سۆزلىسەڭ مەن نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئاشۇ ئەس قاتمايدىغان نازىنىنلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلەپتىمەن ....مەن ساڭا دىسەم زۇبەيدە سەندەك بىر ياخشى ئايالنى مەن يولدىن چىقاردىم ،بالامنىڭ ئانىسىنى گۇناھقا ئىتتەردىم ،ئەسلى مەن سېنى كەچۈرمىسەم بولاتتى بىراق سەن بالامغا ئانا ...ئۇ ساڭا مۇھتاج شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ خاتالىقىمنى تونۇپ سېنى كەچۈردۈم بىراق مەن بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆڭلۈمدىكى شەكلەر يېشۈلگىچە ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگىن بولامدۇ؟

---مەن...مەن....مەن....مۇشۇ گەپتىن باشقا ھېچ نەرسە دىيەلمىدىم ،چۈنكى ئەسلى مەن سىز مۇشۇنداق قىلغاچقا مەن مۇشۇ يولدا ماڭغان دەپ ۋارقىرىغان بولسام بەلكىم كۆڭلۈم ئەمىن تاپار ئىدى بىراق ،ئۇ بارلىق گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بۇنداق ياخشى گەپ قىلسا مەن يەنە نىمە دەيمەن ...

بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۆيگە قايتتۇق ...ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە ئوغلۇم يۈگىرەپ كەلدى ۋە<< ئاپا تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن !!!>>

دادام ئىككىمىز ئاددى بولسىمۇ بۇنى تەييارلىدۇق ياقتۇرۇپ قۇبۇل قىلىڭ دىدى،مەن يەنە بىر قېتىم خوشاللىقتىن ئېسىمنى يوقاتقاندەك بولدۇم ،مەن ئوغلۇمنى كۆتتۈرۈپ ئىچكىردىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .ئارقىمدىن كىرگەن يولدۇشۇم:

-- زۇبەيدە كەچتە رېستۇراندا ئاغىنىلەر بىلەن يىغىلىپ ئولتۇرماقچى شۇڭا سەن تەيارلىقىڭنى قىلىپ بارغىن مەن ئاۋال ماڭغاچ تۇراي ،،ھە راست بۇرۇنقىدەك چىرايلىق ياسانغىن ھە......دىدى--دە چىقىپ كەتتى .مەن سوۋغىنى ئاچتىم ئۇ بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى ۋە بىر پارچە خەت ئىدى، مەن ئاۋال مەن لېنتىنى ئۈنئالغۇغا سالدىم :ئۇنىڭدىن باشتا ئوغلۇمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم :

<<سالام ئاپا ...مەن ئوغلىڭىز دانىيار ،بۇ  ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە تەييارلىدۇق ،

ئاپا مەن 8ياشقا كىرمىسەم بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم نىمىشقا دەمسىز؟

چۈنكى مەن 8گە كىرگەندىن باشلاپ بۇ ئۆيدىكى خوشاللىقلار يوقاپ كەتتى ،دادام ئىككىڭلار بۇرۇنقىدەك مېنىڭ ئوتتۇرۇڭلارغا ئېلىپ ئەركىلەتمەيدىغان بولدۇڭلار،تېخى مېنى مومامنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇپ ئىككىڭلار ئىككى شەھەردە يۈردىڭلار ،دادامغۇ بۇرۇندىن سودا ئىشى بىلەن سىرتقا چىقاتتى بىراق سىزچۇ؟

سىزمۇ تۇيۇقسىز مېنى تاشلاپ يوقاپ كەتتىڭىز چوڭلاردىن سورىسام :<<مومام ئاپىڭىزمۇ شۇ سىزنى دەپ جاپا چېكىۋاتىدۇ بالام دەيتتىيۇ ئارقىدىن يىغلاپ كېتەتتى....>>

دادام بولسا <<ئاپاڭ قانات ياساپ ئۇچۋاتىدۇ دەيتتى >>.

،مەن بۇ گەپلەرنى چۈشەنمىسەممۇ بىراق سىزنى سېغىنغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ ئۇ ياقا يۇرتلاردا نىمە قىلۋاتقىنىڭىزنى شۇنداق بىلگۈم كېلەتتى .

ئاپا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ،بوۋام ،موماملارمۇ ،تاغاملارمۇ شۇنداق قايتىپ كېلىڭ بىز بۇرۇنقىدەك خوشال ئۆتەيلى، دادام ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەمەس بەك ياخشى بوپ كەتتى مېنى موماملارنىڭ ئۆيىدىن ئەپچىقىۋالدى ،كۈندە مېنىڭ تاپشۇرۇقلۇرۇمغا قارايدۇ ،ئۇ ماڭا مەن بۇرۇن بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلماپتىكەنمەن ،بىچارە ئاپاڭ ئىشتىن ھېرىپ كېلىپ يەنە تېخى تاماق ئېتىپ ،بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگىرەتتىكەن ،مەن ئۇنى نىمانداق كەم سۆز بوپ كەتتىكىن دىسەم ئەسلى چارچايتىتىكەن ئەمەسمۇ ؟دەپ كېتىدۇ .

ئاپا قايتىپ كېلىڭ بولامدۇ مەن كۈندە ئاپام -داداملار بىلەن بىللە بولسام دەيمەن ......ئەمدى دادامنىڭ خېتىنى ئوقۇڭ ئاپا.

مەن كۆزۈمدىكى ياشنى ئېيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يولدۇشۇمنىڭ يازغان خېتىنى ئوقۇشقا باشلىدىم .

زۇبەيدە ياققا يۇرتلاردا نىمىشلارنى قىلۋاتىسەن ؟

مەن بىلىمەن سەن ئۆز تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ياخشى كۈن كۆرەلەيسەن بىراق شۇنىمۇ ھس قىلۋاتىمەن سەن بىر تال ئوغلۇڭ ئۈچۈن كۈندە ياش تۆكىۋاتىسەن ،مانا بۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەننى جازاسى ،سەن بۇرۇن ياخشى بىر ئايال ،مېھرىبان بىر ئانا ئىدىڭ مەن سەندەك بىر ئايالىمنىڭ بارلىقىدىن بەك پەخىرلىنەتتىم ،بىز شۇنداق بەخىتىلىك ئىدۇق بىراق بىر قېتىملىق يىغلىشتا مەن بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ،ئۇ قىز چىراي جەھەتتىن راست گەپنى قىلسام سەندىن چىرايلىق ئىدى ،بۇ ئۇچۇرىشىش دەل سېنىڭ ئائىلىدە ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان ،ئاسان ئاچىقلايدىغان ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەچكىمۇ بىلمىدىم ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ بىلەن بەك ئاپپاق-چاپپاق بولۇپ كەتتىم ،ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن سەندىن يوشۇرۇن نىكاھمۇ ئۇقۇتۇپ بىر ئۆيدە تۇردۇم ،ھازىر بىر قىزىمۇ بار،مەن ساڭا بالامغا تەۋە بولغان بۇ كۆڭلۈمنى مانا مۇشۇنداقلا باشقا بىرسىگە بەردىم ،سەن باشتا مەندىن گۇمانلىنىپ خېلى قاقشىدىڭ مەن بىلدۈرمەسلىككە تىرىشتىم ،مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە سەن تورغا قىزىقىپ كەتتىڭ بۇ مەن ئۈچۈن بىر پۈرسەت بولدى ،سەن بارا- بارا مېنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولدۇڭ ،مەنمۇ سېنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولدۇم ،سەن تۇنجى قېتىم <>شەھەرگە بارغىنىڭنى ئىدارىنىڭ ئۈگىنىشى دەپلا ئويلاپتىمەن بىراق كېيىن سەندىكى ئۆزگۈرۈشتىن بۇ ئۈگۈنىشلا ئەمەس بەلكىم يەنە بىرەرسى بىلەن ئۇچۇرىشىش ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدىم بۇنىڭغىمۇ گەپ قىلمىدىم ،راست گەپنى قىلسام شۇ چاغلاردا بولسا سېنىڭ ئاشۇنداق خاتالىقلارنى تېخىمۇ جىقىراق ئۆتكۈزىشىڭىنى ئۈمۈت قىلاتتىم بۇنداق بولغاندا مەن ئاجىرىشىشقا باھانە تاپالايتتىم .

بىراق زۇبەيدە مەن قۇربانلىق بەرگەن ئۇ قىز مېنى ئالدىدى ،ئالدىغاندىمۇ بەك ئالدىدى مەن قىزىم دەپ يۈرگەن ئۇ بالا مېنىڭ ئەمەس باشقا بىرسىنىڭ ئىكەن ،بالىنىڭ دادىسى باشقا بىرى بىلەن توي قىلۋاپتۇ ،مەن بۇنى يېقىندا ئۇقتۇم ،ئۇقۇپ شۇنداق ئازاپلاندىم ،مەن نەچچە كۈنلەر كۈندە مەست دىگىدەكلا يۈردۈم ،ئاخىرى سېنى ئويلىدىم سېنىڭ ئۇ يەرلەردە نىمىلەرنى قىلۋاتقىنىڭنى بىلگۈم كەلدى ،مەن بىر يېقىنىمدىن سېنىڭ ئەھۋالىڭنى سورۇدۇم ،ئۇ :

----ئىشقىلىپ مەن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم يىراقتىنلا كۆردۈم ئۆز بەك پەرىشان ..ئۇنى بىرەر قېتتىمۇ باشقا يەردە كۆرمىدىم ،قالغىنىنى ئاللاھ بىلىدۇ دىدى--

توۋا مۇشۇمۇ كۈنمۇ مەن خەقنىڭ بالىسىنى دەپ مەسئۇليەتنى ئۈستۈمگە ئېلىپ سېنى ئالداپ سېنى مۇشۇ كۈنلەرگە قويدۇم ،مەن ئاخىرى ئويلاپ تۇغۇلغان كۈنىڭگە ئۈلگۈرتۈپ بۇ گەپلەرنى خەتتە يېزىپ  ئەۋەتىشنى ئويلىدىم ۋە سەنمۇ پۇشايمان قىلغان بولساڭ قايتىپ كېلىشىڭنى بۇرۇنقىدەك بەخىتلىك ئۆتۈشنى ئۆتۈنمەكچى بولدۇم ،ئاۋال مەن بالامدىن كەچۈرۈم سورايمەن ،ئاندىن سەندىن چۈنكى مەن سېنىڭ جاپارىڭنى ئەمدى ھېس قىلۋاتىمەن شۇڭا قايتىپ كەلگىڭ بولسا كەلگىن بىز سېنى قارىشى ئالىمىز~~~دەپ ۋاپاسىز يولدۇشۇڭ ئېھسان>>

مەن خۇددى چۈش كۆرىۋاتقانداك ئولتۇرۇپلا قالدىم توۋا...مەن مۇشۇنچىلىك ئىشلارنى سەزمەپتىمەن...مەن نىمىشلارنى قىلىپ يۈردۈم يولدۇشۇم باشقىلار بىلەن خۇپىيانە ئۆي تۇتسىمۇ بىلمەپتىمەن ....

ئاپا...بولدى يىغلىماڭ~~مەن چۆچۈپ ئوغلۇمغا قارىدىم ،ئۇ يېشىمنى سۈرتىۋاتاتتى ،ئەمدى نىمە دەيمەن ،بىر ئاتىنىڭ قىلغان ئىشلىرى، بىر ئانىنىڭ قىلغان ئىشى،،،،توۋا......................

قېنى بىزدىكى مەسئۇليەت مەجبۇريەت بىز پەرزەنتلەرنى نىمىشقا تاپىمىز ؟

مانا مۇشۇنداق ئۆز كۆڭلىمىزنى دەپ ئۇلارنى تىرىك يېتىم قىلغىلىمۇ؟

قېنى بىزدىكى ساپالىق پەرزەنت تەربىيلەيمىز دەپ توۋلىغان شۇئارلار؟

مۇشۇنداق كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ خالىغان يېرىدە يۈرۈپ تەربىيلەمدۇق؟

بۇنداق قىلساق بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى نىمە بولار؟؟؟؟؟؟

مەن ئاخىرى كەچۈرۈمنى ئۆزەمدىن ياكى يولدۇشۇمدىن ئەمەس بالامدىن سوراش قارارىغا كەلدىم ....

مەن ئوغلۇمنى قۇچۇقۇمغا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرۇپ بالام ...مېنى كەچۈرگىن دىدىمدە ...باغرىمغا باستىم ...

بالام مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى ۋە ئاپا مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ....دادامنىمۇ ياخشى كۆرىمەن شۇڭا سىلەر مېنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭلار بولامدۇ؟دىدى--

مەن بالام ئەمدى سېنى ھەرگىز يالغۇز تاشلىمايمىز خاتىرجەم بول ...دىدىم...

مانا بالامنى يېتىلەپ رېستۇرانغا مېڭىۋاتىمەن ،بۇ مېنىڭ رىئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم رېستۇرانغا بېرىشىم ئىدى ،ئەجەپمۇ بىر ئېزىپتىكەنمەن...........

تۈگىدى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 13:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىمە
ئاخىردا مەن دوستلارغا مۇشۇنداق رىئاللىققا يېقىن بولغان بىر ئەسەرنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىشنى قىسقىچە دەپ قويۇش قارارىغا كەلدىم ،ئەسەر باشتىن ئاخىرى <<مەن>>نىڭ تىلىدا ئىپادىلەنگەچ نۇرغۇن دوستلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ تارىخىمۇ دەپ سورىدى .
مېنىڭ ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىدا تولىمۇ يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بولىدىغان بىلمىدىم بىر كۈنلەردە بۇلارنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىگە كۆز تەگكەندەك بولدى ،مەن بىر نەچچە قېتىم ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىسام ئۇ يىغلاپلا ئولتۇرۇپ باشقا گەپ قىغىلى ئۇنىمىدى،بىر كۈنى ئۇ بىر خاتىرىنى ئېلىپ مېنىڭ يېنىمغا كەپتۇ ،مەن خاتىرىنى ئېچىپ ئوقۇدۇم ،ئۇ خاتىرە ئۇ دوستۇمنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىكەن ،ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ توردا بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىنكى يازغانلىرىنى ئوقۇشۇمنى ئېيتىپ كېتىپ قالدى ،مەن كەچلىك تاماقتىن كېيىن بۇ خاتىرىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم ،نەچچە كۈنلەرگىچە كۆڭلۈم شۇنچىلىك غەش يۈردۈم،توۋا...دۇنيادا مۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكەن ،بەزى ئادەملەر ئەجەپ بىر پۈرسەتپەرەس كېلىدىكەن دىسە ....
شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ۋەقەلىكنى كېڭەيتىپ يېزىپ مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىش نىيتىگە كەلدىم ،بۇنداق بولغاندا توردىن ئىبارەت بۇ ئالاقىلىشىش قۇرالىنى ئادەم ئالداش،كىشىلەرنىڭ ھېسىياتىنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقان ،باشقىلارنىڭ يالغان -ياۋداق گەپلىرىگە ئاسانلا ئىشنىپ ئۆزىنىڭ بەختىنى دوغا تىكىۋاتقان بەزى خانىم -قىزلىرىمىزغا ئىبىرەت بولاتتى ،دىمىسىمۇ بۇ ئەسەر نۇرغۇن تور بەتلەردە ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپىنچە ئايال تورداشلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئۆزلىرىگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىمنى ئېيتتى،دىمەك مەن غەلبە قىلدىم دىگەن گەپ ،گەرچە بۇ ئەسەر داڭلىق يازغۇچىلارنىڭكىدەك پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن يۇغۇرۇلمىغان ،ئىپادىلەش ئاددى بولسىمۇ  لېكىن ۋەقەلىك تۇرمۇشقا ،رىئاللىققا يېقىن بولغاچ كۆپچىلىكنىڭ ئالىقىشغا ئېرىشتى دەپ ئويلايمەن..
تىمىنىڭ داۋامىنى بۇنداق چۈشۈرۈشتىكى مەقسىدىم بۇ پەقەت مېنىڭ ئويۇم خالاس ،مەن بۇ دوستۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىپ قېلىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈت قىلىمەن ،،ھەر -قانداق ئەر-ئاياللارنىڭ كىچىككىنە ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بەخىتلىك ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى ،ئوماق پەرزەنتلىرىنى تىرىك يېتىم قىلىشنى خالىمايمەن .
ئاخىردا تمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ ماڭا رىغبەتلەرنى بەرگەن دوستلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا بەخىت ۋە ئامەت تىلەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
169 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 14:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۋاامىنى ساقلاۋاتقانغا ئۇزۇن بولغان...ئەمدى ئايدارنىڭكىنى ئوقۇشقا تەييارلىناي...

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:34:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى قانداق بوپ كىتەر ئەندىئ

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:36:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:33 , Processed in 0.072904 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش