يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 958|ئىنكاس: 7

قېينانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ ئنەزىرىدە ئانىسى دۇنيا بپيىچە ئەڭ ياخشى،مۇكەممەل،نۇقسانسىز،كۆيۈمچان ئانا، ئۆزىنى بالىلىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ھەرگىز جاتالىق ئۆتكۇزمەيدۇ، شۇڭا، ئانىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئۆلچەيدۇ. ئايالىۈا قاتتىق تەلەپ قويىدۇ،.ايالىنى ئانىسىۈا سېلىشتۇرىدۇ. قىسقىسى،سىز ئېرىڭىزنىڭ بۇ كۆزقارشىنى مەڭگۇ ئۆزگەرتەلمەيسىز.
      مەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، چېچىمنى ياساتقىلى بىر ساتىراچخانىغا كىرىپ،چېچىنى ياسىتىۋاتقان 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىلەن بىرەر سائەتتەك پاراڭلىشىپ قالدىم.
   -تېخى يېڭى توي قىپسىز قىزىم، قېينانىڭىزنى چوقۇم ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۇڭ،-دېدى ئۇ ئايال ماڭا.-چۇنكى ئەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ مۇھىم ئەگەر قېينانىڭىز سىزنى كېلىنلىككە ياارايدىكەن دىسە، سىزنى ئېرىڭىز تاشلىۋېتىمەن دەپمۇ تاشلىۋېتەلمەيدۇ: ئەگەر قېينانىڭىز سىزنى بولمايدىكەن دىسە ئېرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان چەكسىز مۇھەببتىمۇ سىزنى ساقلاپ قالالمايدۇ. سىزنى ئېرىڭىز قويۇۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ، قېينانىڭىز "قويۇۋېتىدۇ".مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى، ئېرى ئۆيدىكى 11 بالىنىڭ چوڭى. شۇڭا، ئۇمۇ شۇ ئۆيدىكى قېينانىسىدىن قالسىلا ئانا ھېسابلىناتتى.ئۇ ساۋاقدىشىم بارلىقىنى شۇ ئائىلىگە ئاتىۋەتكەن.ئۇنىڭ قېينانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىڭىز، ئۇلارنىڭ قېينانا-كېلىن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز.ئېرى 40 ياشقا كىرگەندە قوشنا مەھەللىدىكى ئېرى بار بىر ئايالغا بۇزۇلىۋالدى، ئۇ ساۋاقدىشىم بىر نەرسە دىمەي، ئەكىسچە قېينانىسى بىر كۇنى ئوغلى ئاشۇ خوتۇننىڭ يېنىدىن كېلىشىگىلا، بىر كالتەكنى كۆتۇرۇپ؛
   -تۈزەلمىسەڭ سەندەك ئوغلۇم يوق، بۇ ئويگە كىرگۇچى بولما!-دەپ كالتەك بىلەن مەھەللىدە قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرىۋېدى، ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ ئېرى ئىككىنچىلەپ ھېلىقى بۇزۇقنىڭ يېنىغا يولىمىدى. ھازىر ئىككىسى نەۋرىلىك نولۇپ ناھايىتى بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ،مانا قاراڭ قىزىم،سىز ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىن خاتىرجەم، بەخىتلىك  ياشاي دېسىڭىز قېينەنىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ.
    ئون نەچچە يىللىق تۇرمۇشۇمدا ئاشۇ ئايالنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى نەچچە مىڭ قېتملاپ چۈشىنىپ يەتتىم. سىزمۇ بولسا قېينانىڭىزنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ.

    يىقىلىپ چۇشسەم مېنى كىم يۆلەپ قويىدۇ؟ماڭا كىم قىززىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ؟ئاغرىغان يېرىمگە كىم سۆيۇپ قويىدۇ؟--ئانام.
                                                                                                   -تاگور
ياشلىق تەلۋىلىكىڭنى تاشلاپ بېشىڭدىن ،ئانا خىزمىتىدە بولغنى يېشىڭدىن.
                                                                                                  -ناسىر خىسررۋ                                                                                             

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:16:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلار، تىمىنى يوللاشقا ئادىراپ كىتىپ مەنبەنى يىزىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
مەنبە: "ئاياللار 101 تەكلىپ" دىگەن كىتاب.

[ dilnaz بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:17  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 11:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ قايسى كۈنى چۈشتە ئىدارىدىكى قىزلارنىڭ پارىڭى ئېسمىگە كېلىپ قالدى ،ھامىلدار خىزمەتدىشمىنىڭ قېيىن ئانىسى دائىم ئۆز ئوغلىنى ئاياپ كېلىنىنى ئىشقا بۇيرۇيدىكەن  ، بازاردىن كىرسە تېلىفۇن قىلىپ : گۈلى سىز چۈشۈڭ ، قولۇم بەك ئېغىرxxxجان ھېرىپ كەتتى دەم ئالسۇن دەيدىكەن، بىچارە يەتتە  ئايلىق بويىنى كۆتۈرەپ 5 قەۋەتتىن چۈشۈپ سومكا كۆتۈرەيدىكەن ،يەنە بىرىنىڭ قېيىن ئانىسى < ئا قىز ، ئا قىز > دەپ ئاتايدىكەن ...ئىشقىلىپ چۇقىرىشىپ كەتتى ئۇ قىزلار     قىيىن ئانىمۇ ئانا ، كىمنىڭمۇ ئۇنى ئۆز ئانىسىدەك ياخشى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ، قېيىن ئانىلارمۇ شۇ قىزنى ئۆز قىزىدەك كۆرسە بولىدۇ دە ...

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 12:48:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتىڭىز ئانار. كىلىنلەر قېينانىسىنى ئۆز ئانىسىدەك كۆرگىنى بىلەن "ئۇلار" يەنە ئۆز كۆرمىسە بىكار.

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:10:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاتتەك گەپ قىلىپسىز جۇمۇ .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 8Rank: 8

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
156

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىدىغان بىر ئامىل بار ئۇ  بولسىمۇ ئايالغا ئەر، ئانىغا ئوغۇل  بولغۇچىدۇر.

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا
مانا مەسلىنىڭ ئاچقۇچى چېقتى،كىلىن-قېينانا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى شۇ ئايالغا ئەر، ئانىغا ئوغۇل  بولغۇچى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋلانىينىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق، پېقىرنىڭ پېشانىسىگە قېينىئانامغا خىزمەت قىلىش پۈتۈلمەپتىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 08:40 , Processed in 0.050521 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش