يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 743 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 2

بىز بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈشىمىز دېيىشكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرۈشىمىز دېيىشكەن
مۇھەببەتلەشكەندە بىز مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمىز، ئەمما مۇھەببەت نىكاھقا ئايلانغاندا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقنىڭ بىرئاز سۇسلاشقانلىقىنى ئەكسىچە مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايمىز. مۇھەببەت تەڭ قىممەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، مۇھەببەت ئۈن-تىنسىز، شەخسىيەتسىز ھالدىكى ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە قاراپلا شۇنىڭغا چۇشلۇق مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىماڭ. ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز بۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى ئۆز غورورىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىيالىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنى داۋاملىق شۇنداق ياخشى كۆرۈڭ. ۋاز كېچش، ئۇنتۇش؟ بۇ پەقەت سىزنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، بەزىلەر ھايات يولىڭىزدىكى بىر يولۇچى بولىشى مۇمكىن، بىراق يەنە بەزىلەر باركى ئۇلار قەلبىڭىزدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدۇ، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتۇيالمايسىز. سىز ئامالسىزلىقتىن ۋاز كىچىشنى تاللىغىنىڭىزدا بۇ سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىمەيدۇ، بىز دائىم ئېرىشكەندە قانداق قەدىرلەشنى بىلمەيمىز، يوقاتقاندا بولسا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ بىكار. بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگەن چېغىڭىزدا چوقۇملا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى ئاتايسىز، سىز ياخشى كۆرگەن شۇ كىشى سىزنىمۇ ياخشى كۆرگەن بولسا سىلەر چوقۇم بەخىتلىك بولىسىلەر، سىز ياخشى كۆرگەن كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە سىز چوقۇم بىر ئۆمۈر ئازابلىنىسىز. بەزىلەر شۇنچە ياخشى بولسىمۇ سىزدە مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغىتالمايدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەرنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ياخشى تەرىپىمۇ يوق، بىراق سىز قېرىشقاندەك شۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب كەتمەيدۇ، ياخشى كۆرگەنكەنسىز پۇشايمان قىلماڭ. ئايرىلىشنىڭ ئارقىسىدا ئازاپ يۇشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، سىز ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرسىڭىز ئالدىراپ ئايرىلىپ كېتەيلى دېمەڭ، بەلكىم سىز چارچىغان، مەنىسىزلىك ھېس قىلغاندۇرسىز، ئەمما يېرىم يولدا بەل قويىۋەتمەڭ. بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولىمىز دېيىشكەن، ھېچكىمنىڭ ۋاز كېچىمەن دېيىشىگە رۇخسەت يوق!
مەنبە--ئۆز تەرجىمەم

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
325
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت تەڭ قىممەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، مۇھەببەت ئۈن-تىنسىز، شەخسىيەتسىز ھالدىكى ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر.
__________________________
بەكمۇ توغرا ئېيتىلغان سۆزكەن. تەرجىمىڭىز بەك راۋان چىقىپتۇ ئەقىدە، داۋاملىق مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1834

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:49:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەت: بۇرۇنلاردا شۇنداق مۇھەببەتلەر بولغانىكەن. يىگىت قىزنى بىرەر خەتەرلىك ئىشلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلالايدىكەن. قىزلار بولسا ئۆزى سۆيگەن يىگىتى ئۈچۈن پاك مۇھەببىتىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا مەھكەم ساقلاپ ئىپپەت-ھايانى جاندىن ئەزىز بىلىدىكەن. شۇنداق قىلالغاندا ئاندىن بەلكىم مۇھەببەتنىڭ چىن مەنىسى چۈشۈنۈپ يېتەلىشىمىز مۇمكىن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:17 , Processed in 0.045388 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش