يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 2760|ئىنكاس: 36

ئېگىز پاشنىلىق ئاياق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:18:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى ۋە خارلىشى ئېگىز پاشنىلىق ئاياق ئاياللار گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارنىڭ زىلۋالىقىنى ئاشۇرۇپ تۇرىدۇ. بىر جۈپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاياللارنى شۇنچىۋالا جەلىپ قىلىۋالغۇدەك زادى نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇ ئاياللارنىڭ قايسى پسىخىك تەلىپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ ئاياللىق سېھرىي كۈچنىمۇ؟مودىلىقىمۇ؟ياكى ئىشەنچ، ھەتتا ھوقۇقنىمۇ؟ ۋە ياكى ئاياللارھوقۇقىنى تەرغىب قىلغۇچىلار ئېيتقاندەك، ئاياللار سالامەتلىكىگە بولغان تەھدىت ۋە چەكلىمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەمدۇ؟ بەلكىم ھەربىر ئايالغا نىسبەتەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا چوڭقۇر مېھرى بار. مەيلى قەدىمدە ياكى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئاياللار ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. قەدىمكى گرېتسىيىدە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللارنىڭ ئاياللىق سېھرىي كۈچى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شەرەنداز ئاياللار بۇ نۇقتىنى بەك ئېنىق تونۇپ يەتكەن، ئۇلار ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ ماڭغاندا جاراڭلىق ئاۋازنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئاۋاز كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇراتتى. ھازىر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئاياللار تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندىن كېيىن ئاياللار خۇددى ئەرلەرنى تېخىمۇ بەكرەك جەلپ قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسىدىكى بىر مىليون 500 مىڭدەك ئەسكەردە «سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن گۈزەل» گرابلنىڭ سۈرىتى بار. سۈرەتتە ئۇ سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن. بىر ئەسىردىن بېرى گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىسىگە تاللانغان گۈزەللەر سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن ئانچە ماسلاشمايدىغادەك كۆرۈنىدىغان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن سەھنىدە ئۇيان - بۇيانغا تولغىنىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەتتا ئەنگلىيىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مارافونچە يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى رادىكلۇنىڭ 10 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن شۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ چۈشكەن سۈرىتى«كۆزەتچىلەر تەنھەرىكەت ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ مودا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ شەكلىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70- يىللىرىدا ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىدا تىزغا كەلگۈدەك ئۇزۇن خرۇم ئۆتۈك مودا بولدى، ئۇ پۇتنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ناھىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرگەن. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى مەلىكە دىئاننانىڭ دەۋرى بولۇپ، ئۇ ئاياغنىڭ پاشنىسىنى ئېگىزلەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ تەكشى ھەم گۈزەل پۇتىنى نامايان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىش تېخىمۇ مودا بولغان.1993- يىلى قارا تەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل نائومى كانبىر 22 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى كېرى ئايىغىنى كىيىپ، كىيىم مودېلى سەھنىسىگە چىققاندا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە بولغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، دەل شۇ دەقىقىدە ئۇ سىرتتىن قوشۇلغان ئېگىزلىكنى كونترول قىلالماي سەھنىدە يىقىلىپ چۈشكەن. نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش ئاياللارنى قاتتىق جەلپ قىلغاندەك، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغمۇ ئاياللارغا چەكسىز پسىخىكىلىق قانائەت ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەسلىكىنىڭ بىر سەۋەبدۇر. پسىخولوگلار بۇنى ئاياللارنىڭ ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش بىلەن ئۆزىنى خارلاش ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك زىددىيەت دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەندە، بەدەن تىك تۇرغاچقا، ئادەم تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى چىرايلىق ھېس قىلىدۇ. ئىنچىكە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى كىيگەن ئاياللارنىڭ يول ماڭغاندا تولغىنىپ تۇرغان ساغرىسى كىشىنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندا، ئەۋزەللىك تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ، ئەمما سېھىرلىك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ چىرايلىق ھەم مودا بولغاچقا، ئۇلارنى تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ جەلپكار كۆرسىتەلەيدۇ. شۇغىنىسى، بۇ خىل ئاياغ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاردۇرۇۋېتىدۇ. ئېنىقكى، ئۇ خىزمەتچى ئاياللار ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەمەس، شېغىل يولدا ماڭىدىغان ئاياللارغا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئۇ رېئاللىققا تەۋە ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭدا بىر خىل ئارمانىي تۈس بار. ئاشۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ئاياللار ئۆيدىن چىققاندا ئولتۇرغۇدەك پۇرسەت چىقسىلا ئايىغىنى سالىدۇ، بىردەمدىن كېيىن يەنە كىيىدۇ. پەقەت يۇمشاق قىزىل گىلەم ئۈستىدە بىر قانچە قەدەم ماڭالايدۇ، خالاس. ئۇلار بىزگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ ئاياغنى كىيىپ يول مېڭىشقا موھتاج ئەمەس. ئىستېمالچى بولغان سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىزگە زادى نېمە ئەھمىيىتى بار؟ بىز ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئېگىز لىتىش ئۇسۇلىنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەس. بۇمۇ بىر خىل تونۇش ۋە تونۇلۇشتىكى ئىجتىمائىي ئىستراتېگىيە. مودا قوغلىشىشتىن ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغانلارغا نىسبەتەن، ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئۆزبەدىنىنىڭ مۇھىم قىسمىنى ئازابلايدىغان ئىش، خالاس.

مەنبە:«تەرمىلەر» ژورنىلى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 00:44:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقىدۇر  ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيەلمەيمەن ............................. قوزوققا چىقىپ قالغاندەك .....  دوزاخقۇ بۇ  ئگىز پاشنىلىق ئاياغ  مەن ئۈچۈن ...............................

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى دوختۇر پاشىنىلىق ئاياقتىن چاكلىگەن بىر ئاينى ئۆتكۈزىۋالدىم ....ئۇھھھھھھھھھھھھھ
نىمىشقىكىن زادى پاكار پاشىنىلىق ئاياقلار بىلەن ئېپىم كېلىشمەيدۇ ، قانچە ئىگىز بولسا شۇنچە ياخشى كۆرىمەن ، گەرچە باغرىمندەك ئىگىز كىيەلمىسەممۇ .....

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:42:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇرۇن پەس پاشىنىلىق ئاياغ كىيەتتىم، ھازىر ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغنىڭ سېھرى كۈچىنى تونۇپ يەتتىم. ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغدىن ئايرىلالمايمەن ...

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوينى خۇدايىم ئايىمايلا بېرىپتىكەن پېقىرغا ، ئىگىزنى كىيسەممۇ كىيمىسەممۇ ئوخشاشلا
ئانىرىم سىزنىڭ ئايىقىزنىڭ پاشنىسى مۇشۇ كۈندە باغرىمنىڭكىدىن ئىگىزلەپ كېتىپ بارىدۇ جۇمۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر بارغانسېرى پەسلەۋاتىمەن ... ھى ھى ھى

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 09:42 دە يوللىغان
مەن بۇرۇن پەس پاشىنىلىق ئاياغ كىيەتتىم، ھازىر ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغنىڭ سېھرى كۈچىنى تونۇپ يەتتىم. ئىگىز پاشى ...



سىھرى كۈچىنى مۇشۇ  يەردىلا دەۋەتسىڭىز  بىزمۇ  بىلىپ قالىلى ،،،،،

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغ كىيىپ، ئەرگە تىگىۋالدىم.....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:21:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خاتا كىرىپ قالغان بولاي بولدى....
چوخەي يوقمۇ ما تېمىدا.

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:14 دە يوللىغان
ئىگىز پاشىنىلىق ئاياغ كىيىپ، ئەرگە تىگىۋالدىم.....




ۋا  ..........................بولىدىغان ئامالكەن بۇ ...........................

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:59 , Processed in 0.054693 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش