بۇ تېما ئۆز ۋاقتىدا خېلى قىززىپ قوياپتىكەن، مەن كۆرمەي قاپتىمىنا ھەجەپ؟!...
ئايدارنىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن ئەرگە تېگىۋالغىنى بەك كەپتۇ ما تېمىغا.
ئىگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ رولى چوڭ جۇمۇ قىزلار، مەن ياخشى كۆرىمەن. بويۇم ئارانلا162cm، شۇڭا چىداپ يۈرۈپ كىيىمەن. ئىگىز پاشنىلىق ئاياق دېگەن ئاياللارنى لاتاپەتلىك، نازاكەتلىك كۆرسىتدۇ. ھېلىقى (女人味)ئاياللىق پۇرىقى كۈچلۈك، دەيمىزغۇ، شۇنىڭدەك. تازا پۇللۇق، چىرايلىق كۆينەكتىن بىرنى كىيىپ، ئىگىز پاشنىلىق نەپىس ئاياقتىن بىرنى كىيىدىغان بولساڭلار، ھاي-ھاي، تازا قاملاشقان چوكان بولۇپ كېتىسلەر!
ئاياللارغا نىسبەتەن كىيىم-كېچەك ئاددىيراق بولۇپ قالسىمۇ، ئاياق چىرايلىق، سەل پاشنىسى بولسا باشقىچە نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ. پەس پاشنىلىق ئاياق كىيىدىغانلار سىناپ بېقىڭلار، ئەرلىرىڭلارمۇ مەستلىكى كېلىپ قاراپ كېتەمدۇ تېخى!
