يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 754|ئىنكاس: 3

ئانا مۇھەببىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا مۇھەببىتى


    ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇرىدىغان بۇ ئايال ئەزەلدىن دىققىتىمنى تارتمايتى، ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇنىڭ كەپسىز، كىيىم-كىچەكلىرى رەتسىز ھەم قاسماق ئۈچ-تۆت ياشلار چامىسىدىكى قىزى خۇددى ئوغۇلبالىلاردەكلا توپىدا ئويناپ يۈرگەن بولاتتى. بەلكىم تۇرمۇشنىڭ قسچىلىقىدىنمىكىن بۇ ئايالنىڭ تۈزۈككىنە كىيىنىپ كوچىغا چىققىنىنى بىلمەيمەن. ئۆزى سىمىزغىنە چوكان ئىدى، ئەمما چىرايىغا ئەزەلدىن دىققەت قىلمىغاچقا ھەم ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ئىجارىگە ئولتۇرىدىغان بولغاچقا ماڭا قوشنىمىزدەكمۇ بىلىنمەيتى. بەلكى ياقا يۇرتلۇقتەكلا ھېس قىلاتتىم. بىراق بۈگۈن ئاپامدىن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتمايدىغان ئاشۇ ھالىتى كۆز ئالدىمدا باشقىچە بىر يۇسۇندا نامايەن بولدى.
    ئاپامنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپتۇ، مەن شۇ چاغدىلا قايسى كۈنى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەن چېغىمدا ھاسىغا تايىنىپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىم ئېسىمگە كەلدى، ئاپام ئۇنىڭدىن پۇتىنىڭ نېمىشقا سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ ھېچ ئاغرىنماستىن مۇنۇلارنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. بىرنەچچە كۈن ئاۋال ئۇ ئۆيىدە تاماق ئېتىۋاتقانىكەن، قىزى سىرتتا بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان بولۇپ ئۇ ئالدىراشچىلىقتا قىزىنى ئۆز مەيلىگە قۇيىۋىتىپ ئىشىنى قىلىۋىرىپتۇ، بىركەم بولغاندا تاماق پىشىپتۇ . ئۇ قىزىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا چىقسا قىزى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ھىچقايسىسى يوقكەن، ئۇنىڭ يۈرىكى سىرقىرىغاندەك بوپتۇ ۋە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قىزىنى ئىزدەپتۇ. بىراق قىزىنى تاپالماپتۇ، شۇ ئەسنادا ئۇ مەھەللىگە يېقىنلا يەردىكى ئۆستەڭ بويىدىن بالىلارنىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازىنى چالا-بۇلا ئاڭلاپ قاپتۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئېغىپ دەرھال يۈگىرەپ ئۆستەڭ بويىغا بارسا بىرمۇنچە ئۇششاق بالىلار شۇ يەردە ئويناۋىتىپتۇ. بىراق قىزى كۆرۈنمەپتۇ، ئۇ بالىلاردىن قىزىنى سورىغانىكەن ، ئۇلار تېخى ھازىرلا بار ئىدى دىيىشىپتۇ، ئۇ جىددىيلىشىپ ئۆستەڭ قىرىغا كېلىپ سىنچىلاپ قارىسا كۆۋرۈكنىڭ ئېغىزىدىكى شاخ-شۇمبا يىغىلىپ قالغان يەردە كىچىككىنە بىر پۇت پۇلاڭلاپ تۇرغىدەك، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كاللىسىدىن قىزىم دىگەن خىيال لىپلا قىلىپ ئۆتۈپتۇ ۋە ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنى لىپمۇ-لىق ئۆستەڭ سۈيىگە ئېتىپتۇ. بىراق جىددىيلەشكەنلىكتىن ئۇنىڭ بىر پۇتى قىرغاقتىكى قېرى سۆگەتنىڭ ئىگىلىپ قالغان بىر شېخىغا ئىلمىشىپ قېلىپ شۇ يەردىلا قاررسسدە سۇنۇپ كىتىپتۇ، بىراق ئۇ ئاغرىققا چىداپ تۇرۇپ، قوللىرىنى سۇزۇپ، يەنە بىر پۇتىدا كۆۋرۈكنىڭ ئەگمىسى قېشىغا بېرىپ قىزىنىڭ پۇتىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇنى نو ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپتۇ ۋە بىر قولىدا قىزىنى مەيدىسىگە بېسىپ، سۇنۇپ كەتكەن پۇتىنى سۆرەپ قىرغاققا ئاران چىقىپتۇ، قىزىنىڭ تىنىقى ئازلا قالغان بولۇپ سۇ ئىچىدە يەنە ئازراقلا تۇرغان بولسا ھاياتىدىن ئايرىلار ئىكەندۇق، ئۇ قىزىنىڭ بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ، كۆكرىكىنى بېسىپ يۈرۈپ ئىچىۋالغان سۇلارنى ياندۇرغۇزۇپتۇ ۋە ئەتراپىدىكى بالىلارغا يولدىشىنى چاقىرغۇزۇپ قىزىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ، قىزىنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ سۇنغان پۇتى يادىغا كەپتۇ، «توۋا، دەپتۇ ئۇ ئاپامغا، قىزىمنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغۇچە قانداق مېڭىپ يۈرگىنىمنى بىلمەيمەن، قىزىمنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئاچچىق بىر ئاغرىق مىڭەمگە چىقتى، ئويلاپ باقسام پۇتۇم، شۇنىڭ بىلەن سۆڭەك بۆلۈمىگە كىرىپ پۇتۇمنى تاڭدۇردۇم، پۇتۇم ئۇشۇقۇمدىنلا سۇنۇپ كېتىپتۇ، گىپىسقا ئېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بالام بىلەن بىللە ئۆيگە كېلىۋالدىم، شۇڭا مۇشۇنداق ھاسىغا تايىنىپ يۈرىۋاتىمەن». ئاپامدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاشۇ ئايالنىڭ بالىسىنى سۇدىن تارتىۋىلىش ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ تىرمىشىۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمدا قايتا نامايەن بولدى، ئۇ بۇرۇن نەزىرىمدە كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان ئاددى ئايال بولغان بولسا ئەمدى ھۆرمەتلىنىشكە تىگىشلىك بىر قەھرىمان ئانىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرسەملا سالام قىلىپ، ئەھۋال سوراپ ماڭىدىغان بولدۇم.


مەنبە - ئۆز يازمام

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:16  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىدە قەلمىڭىز ھارمىغاي!
دۇنيادا ئانا مېھرىگە تەڭ كېلىدىغان ھەر قانداق بىر شەيئى يوق ئەلۋەتتە ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى- مۇھەببىتى شۇنداق مىننەتسىز بولىدۇ، بىچارە ئانا شۇ سۇنۇق پۇتى بىلەن دوختۇرخانىغا بارغۇچە قانداقمۇ قىلغاندۇ؟؟

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا ھەقىقى مۇھاببەت بار دىيىلسە ،ئۇ چۇقۇم  ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھابىتىدۇر .
دىمەك ؛ئانا -ئۇ شۇنچىلىك ئۇلۇغ ئنسانكى پەرزەنتلىرى ئۇچۇن ھەرنىمە قىلىدۇ،بۇنى پەقەت ئانا
بۇلۇپ باققانلار بىلىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى  ئەڭ مىننەتسىز ۋە پىداكىرانە مۇھەببەت، ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر!!!!
بارلىق ئانىلارنىڭ تېنى سالامەت ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:29 , Processed in 0.061576 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش