يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 545|ئىنكاس: 3

بەختىڭىز جۇلالانسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
21
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 19:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئارتۇق يۈكنى تاشلىۋېتىڭ

بىر ياش چوڭ بىر بوغچىنى كۆتۈرگەچ ئۇزۇن يولنى بېسىپ دانىشمەننى ئىزدەپ كەپتۇ، ئۇ:

ـ ئۇستاز، مەن شۇنچىلىك تەنھالىقتا، ئازاپتا ۋە زېرىكىشتە ئۆتىمەن،شۇنچە ئۇزۇن يولنى بېسىپ، ھېرىپ-ئېچىپ يانلىرىغا كەلدىم، ئايىغىم يىرتىلىپ، تاپانلىرىم قاناپ كەتتى، ئىككى قولۇمدىنمۇ قان ئېقىۋاتىدۇ، ئىسىملىرىنى توۋلاپ ئاۋازىممۇ پۈتۈپ كەتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇق نېمىشقا مەن ئىزدىگەن ئاشۇ قۇياش نۇرىنى تاپالمايمەن؟ ئۇ زادى قەيەردە؟ - دەپ سوراپتۇ

دانىشمەن ئۇنىڭغا بىر قۇر قاراپ قويۇپ:

ـ بوغچاڭدىكى نېمە؟ ئۇنى نېمىشقا تاشلىۋەتمىدىڭ؟ ئۇنى تاشلىۋەتسەڭ يەڭگىللەپ قالىسەن ئەمەسمۇ؟ - دەپتۇ

ياش بولسا:

ـ بۇ ماڭا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم، ئۇنىڭغا مېنىڭ ھەر قېتىم يىغلىغاندىكى كۆز ياشلىرىم، يارىلانغاندا تارتقان ئازابلىرىم، يالغۇز قالغان چاغلىرىمدىكى ئىچ پۇشۇقۇم...قاچىلانغان، مۇشۇ بولغاچقا مەن يانلىرىغا كېلەلىدىم دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن دانىشمەن ياشنى باشلاپ دەريا بويىغا كەپتۇ، ئۇلار قېيىققا ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ، قىرغاققا يەتكەندىن كېيىن دانىشمەن ياشقا قاراپ:

ـ قېيىقنى يۈدۈۋالغىن - دەپتۇ

ـ نېمە ئۇنى يۈدۈۋالامدىم؟ـ ياش چۆچۈپ كېتىپتۇ، - ئۇ شۇنچە ئېغىر تۇرسا ئۇنى يۈدۈپ قانداقمۇ يول يۈرەلەيمەن؟

ـ دەريادىن ئۆتكەندە ئۇنى ئىشلەتتۇق، بىراق دەريادىن ئۆتۈپ بولدۇق، ئۇنى تاشلاپ يولغا چىقماقچى بولىۋاتىمىز، بولمىسا ئۇ بىزگە يۈك بولۇپ قالىدۇ، ئازاب، تەنھالىق، زېرىكىش، ئاپەت، كۆز يېشى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كەتمىسەك، ھاياتىمىزدىكى يۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنى تاشلىۋەت بالام، ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇنداق ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ - دەپتۇ دانىشمەن.

دانىشمەننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ياش بوغچىسىنى تاشلاپتۇ - دە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ، ئۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ، ئەسلىدە ئادەمنىڭ ھاياتى بۇنچە كۆپ يۈكنى كۆتۈرەلمەيدىكەن، بىز يەڭگىل ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەنمىز، ئارتۇق يۈكنى تاشلىۋېتىش ئۆزىمىزنى يەڭگىل سېزىشنىڭ ئەپچىل چارىسىدۇر، بەزى ئىشلارنى، ھېس-تۇيغۇلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىمىز، بىراق زۆرۈرىيىتى قالمىغاندا ئۇنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنى يەلكىمىزدىن ئېلىپ تاشلىۋەتكەندىلا دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتۈپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنالايمىز.

ھېكمەت ئۈنچىسى: ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر خىل يۈك بولىدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ يۈك تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، بۇ يۈك بوغچىسىنىڭ ئىچىدە بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئازاپلىق كەچمىشلەرنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ بوغچىنى تاشلىۋەتمسەك، ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمىسەك بىزگە كۆپلىگەن بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەنبە ــ بەختىڭىز جۇلالانسۇن ناملىق كىتابتىن


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئۇنۇتۇشقا تېگىشلىك ئازابنى ئۇنۇتۇش، تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىك يۈكلەرنى تاشلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا دانىشمەن دىگەندەك ئادەمنىڭ بۇ قىسقا ھاياتى ئۇنداق ئارتۇقچە يۈكلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
مەن بۈگۈن ئىزدەپ باقاي مەن ئۆزۈمگە ئارتۇقچە ئارتىۋالغان ئازاپ، قايغۇ، كۆز ياش ۋە  ئىچ پۇشۇقۇم بارمىكىن، بولسا ئەتىلا ياق ھازىرلا تاشلىۋېتەي

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ئادەم ئوتمۇشنىڭ كۇشەندىسى ئچىدەياشىساكۇلۇشنىمۇئۇنتۇپ قالىدۇ.ئەتىگەكۇلۇپ قاراش ۋە بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئاساس سېلىش ئۇچۇن چوقۇم ئوتمۇشنى ئۇنتۇش  زۇرۇز.

Rank: 2

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
118
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتسىمۇ بولماس،ئىبرەت ،ساۋاق بولغۇدەكلىرىدىن ساۋاق ئالغۇلۇق.
گەپ شۇنداق دىيىلگىنى بىلەن، ئازاپنىڭ ئۇنتۇلمىقى تەس جۇما.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:48 , Processed in 0.045794 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش