يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 7

بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىنى قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى بارلىق خانىم-قىزلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. مېنىڭ ئىككى قىزىم بار ئىدى، قىزلىرىم كۈزدىن ئەتىيازغىچە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قېلىپ، بەزىدە ئايدا 10 كۈن، بەزىدە ئىككى ئايدا 10 كۈن ئۇكۇل سالدۇرىمىز.ئادەتتە چوڭ بالام يەسلگە بارىدۇ،كچىىگى بولسا ئۆيدە تۇرىدۇ.بەك سۇغۇق كۈنلرى سىرتلارغا كۆپ ئەپچىقمايمەن بولمسا ،نىمشقكىن تاڭ بىلمدىىم ،مىنڭ بۇ باللرىم شۇنداق كىسەلچان بولدى.راستنى دىسەم بالنى تۇغۇپ بىقىپ چوڭ قىلماق ھەقىقەتەن بەكمۇ تەس ئىكەن ،ئاتا ئانمىز بىزنى بېقىپ مۇشۇنداق قىلغچە قانچىلك  كۆپ جاپا تارتقان بولغيتى ھە! مۇنبەردىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنىڭ  باللارنى ساغلام چوڭ قىلش ھەققدە مەسلىھەت بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:13:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا  مەرۋەرى، ئانارلار جاۋاپ بەرسە بولغۇدەك

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 07:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىپ كەتكەن ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىرى تۆگە سۇتىنى ئۇزۇلدۇرمەي نىر نەچچە ئاي ئىچىپ بەرسە كېسەلگە شىپا قىلىپلا قالماي بەدەننىمۇ كۈچلەندۇرىدۇ دەيدىغان مومام .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك بالىغا ئارانلا تۇرىدىكەن سۇغۇق ئۈتۈپ قالغىلى،مىنىڭ بالاممۇ 4ئايلىق بولغاندا سوغۇق ئۈتۈپ قېلىپ 3كۈن ئۇكۇل سالدۇرساق،بىر ئاي ئۇكۇل سىيىپ يۈردى،تەجىرىبىسى بارلار مەسلەھەتلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سانىيە ئاۋال سىزنىڭ يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭىزغا ۋە بىزگە ئىشىنىپ بۇ مەسلىھەتنى سورىغانلىقىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن!
سىز ئەڭ ئاۋال بالىنىڭ كېسەل مەزگىلىدىكى كۈتۈشكە، پەرۋىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. يەنى بالا ئاغرىق ۋاقتىدا ئامال بار ئادەم كۆپ جايلارغا ئاپارماڭ، ئۆينىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىڭ، ھەر كۈنلىكى ئەتتىگەن كەچتە ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ، ئاندىن بىر بالىڭىز كېسەل ۋاقىتتا يەنە بىر بالىڭىز بىلەن ئايرىپ تۇرغۇزۇڭ، گەرچە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇملۇق بولمىسىمۇ، ئەمما نەپەس يولىدىكى بەزىبىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى يۇقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
بالا كېسەلدىن سەللىمازا ساقايغاندىن كېيىنكى كۈتۈشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىڭ، ئوزۇقلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىقلارغا بەك دىققەت قىلىڭ، ھاۋا مەيلى سوغۇق بولسۇن ياكى ئىسسىق بولسۇن ئامال بار بالىنى شۇ ھاۋا كېلىماتىغا ۋە شارائىتقا كۆندۈرۈڭ، سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ دەپ ئۆيدىن سىرتقا ئەپچىقماي بىر كۈنلەردە ئەپچىقىپ قالسىڭىز بالا بۇ ھاۋا كېلىماتىغا ماسلىشالماستىن ئاسانلا زۇكام بولىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، زۇكام بارلىق كېسەللىكنىڭ ئانىسى، شۇڭا زۇكامغا سەل قارىماڭ، ئامال بار بالىلىرىڭىزنىڭ ئىمۇنت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان يىمەكلىك ۋە ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقتاردا بېرىڭ، گېپىڭىزدىن قارىغاندا بالىلىرىڭىز ڭىز بىر نەچچە قېتىم ئۆپكە ياللۇغى سەۋەپلىك  داۋانلانغان ئوخشايدۇ.بۇ كېسەللەك ئۇنچە قورقۇنچلۇق كېسەل ئەمەس پەقەت يۇقۇرقىدەك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۈزۈل- كېسىل داۋالاشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىزلا، ئەگەر ئۈزۈل- كېسىل داۋالاتماي بەك ئۇزۇنغا سوزۇلسا مېنىڭچە باشقا كېسەللىكلەرنىمۇ بولمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ.
مەن بىلگىنىمچە سۆزلەپ قويدۇم، قالغىنىغا مۇنبەردىكى تەجىربىلىك ئانىلار ۋە كەسىپداشلار جاۋاپ بېرىپ باقسۇن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
537 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1165

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:54:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆپكە ياللۇغى بەكمۇ جاھىل كېسەلدەك ھېس قىلىمەن . مەرۋەرى بىلىدۇ، يېقىنقى بىر مەزگىلدە بەكمۇ جاپا تارتىۋالدىم، ئوغلۇم ئۇنىڭدىن بەكرەك قىينالدى. نەپەس يولى ياللۇغى، ھېلى ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئوكۇلنىمۇ بولۇشىغا ئۇرغۇزدۇق، دورا ئىچىشكىمۇ ئالامەت كۆنۈك. ئۆيدە يەرلىك ئۇسۇللارنىمۇ قوللاندۇق. نەشپۈتنى ئويۇپ ئىچىگە ئازراق ناۋات پارچىسى سېلىپ دۈملەپ ياكى بېيىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا دۈملەپ يىگۈزدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا مىللى تىبابەتنىڭ "لوقۇقى بادام "( بادام جەۋھىرىمۇ دېيىلىدىكەن) نى بەردۇق. تازا نېرىسىدىن ساقىيىپ كەتسۇن دەپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا ھەپتە ئوكۇل سالدۇردۇق، 头孢 تۈرىدىكى ئوكۇلنىڭ ئەڭ كۈچلۈكىنى سالدى. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. ئىشلەتكەن دورا-ئوكۇللار ئەمدى كۈچىنى كۆرسىتىۋاتامدىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.
   سانىيە خانىم، ئۆپكە ياللغۇغى سوغۇقتىن بولىدىكەن(مېنىڭچە)، ئىسسىقلىق قىلسىڭىز بالىنىڭ مەيدىسى گىژىلداپ كېتىۋاتقان. ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىدا كۈزىتىپ يىلتىزىدىن ساقايتىشقا سەل قارىماڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1300

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:34:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئۆپكە ياللۇغى سەل جاھىل ، ھەر پەسل ئالماشقاندا سەللا دېققەت قىلمىسا قوزغىلىپ قالىدۇ ، بۇرۇن كىچىكىمدە تولا زۇكام بولاتتىم ھەم يۆتىلىپ قىززىپ تولا ئاغرىيتىم  شۇ چاغدا دادام دائىم قويماينى ئېرىتىپ ئىچىگە نەچچە پارچە توغرالغان سامساقنى سېلىپ ئىچكۈزىۋىتەتتى (زار - زار يىغلاپ كېتەتتىم ) ...كېيىن جىيەن قىزىم تۇغۇلۇپ زۇكام بولۇپ قېلىپ  ئۆپكە ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قىلمىغىنىمىز قالمىغان ، كېيىن ئاپام قايەردىن كۆردىكىن تاڭ ، قۇيرۇق ماينى جىمبىلدا پىشۇرۇپ يۇمشاق قىلىپ تاماق بىلەن قوشۇپ يىگۈزۈپ يۈرۈپ ساقايتىۋالدى ، ھازىرغىچە قوزغىلىپمۇ باقمىدى  ، سانىيە ، قەھۋە بۇنىمۇ سىناپ باقارسىلەر ، پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، يەنە بىر كونا تىۋىپ داداش بىزنىڭ بىر قىزغا ئۆپكە ياللۇغى ، نەپەس يولى ياللۇغى ، زىققا دىگەندەك كېسىلى بار ئادەم قورىغان تاماقلارنى يىمەي ، جىمبىلدا پىشۈدىغان تاماقلارنى يەپ بېرىڭ دىگەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
9
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 22:34:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بۇ كىسەل بەكمۇ جاھىل ئىكەن .كىچك قىزىم بىرنەچچە قىتىم شۇنداق بۇلۇپ بىز دەسلەپتە سەل قاراپ ياخشى داۋالاتماي بۇقىتىم زىققا خاراكتىرلك ئۆپكە ياللۇغى بۇلۇپ قىلپ ۋىلايەتلك دوختۇرخاندا 8كۈن ياتقۇزۇپ داۋالاتتىم ،ھازىر ھەرھالدا ساقىيىپ قالدى.كۆپچىلك تورداش دوستلارنىڭ قىممەتلك پىكرلەرنى بەرگنگە كۆپ رەھمەت.مەرۋەرى دوستمزنىڭ دىگنىنى ياخشراق قىلپ باقاي .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 05:13 , Processed in 0.057792 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش