يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 685 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1025|ئىنكاس: 15

ئۈرۈمچىدىكى ئايال قەلەمكەشلەر 70 ياشلىق ئايال يازغۇچىنى تەبرىكلىدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
43

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





بۈگۈن 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خاسىيەتلىك بىر يەكشەنبە بولدى.
بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى خېلىلا سوغۇق، ئەتىيازنىڭ مۇزدەك شامىلى يۈزلەرگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ ، يۈرەكلىرى ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ دوستانە يىغىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.
ئاتاغلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت خانىم باشلىق بىر قىسىم ئايال قەلەمكەشلەر ئۈرۈمچدىكى مەلۇم بىر چايخانىغا يىغىلىپ ، ئاياللار بايرىمىنى ۋە بۇ يىل 70ياشقا توشقان بولسىمۇ سىياقىدىن 50 لەرگە كىرگەندەك روھلۇق ھەم ياش كۆرۈنىدىغان داڭلىق يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنى قىزغىن تەبرىكلىدى. پائالىيەت ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق داۋام قىلدى.
ئايشەم ئەخمەت خانىم ئاياللار  بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، يېرىم ئەسىرلىك دوستى، بۈگۈنكى پائاليەتنىڭ ئەزىز مېھمىنى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى، تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ، بۇ دوستىنى تەبرىكلىدى. سورۇن ئەھلى قىزغىن ئالقىشلار بىلەن تەبرىكنى جانلاندۇردى. سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئاچا-سىڭىللار ئۆز ئارا شېرىن سۆزلىرى ۋە كۆڭۈل سوغاتلىرى بىلەن تۇرسۇنئاي خانىمنى ۋە بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. شائىرەلەر شېئىر ئوقۇپ ، ئۆز ئارا ئۇسسۇل ئوينىشىپ ، بايرامغا ۋە تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ 70يېشىغا تەنتەنە قىلىشتى. تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىم، ئايشەم ئەخمەت خانىملار سورۇنغا قاتناشقان ياش قەلەمكەشلەرگە تۇرمۇش، ئىجادىيەت، پەرزەنت تەربىيىسى، ئۆزىنى كۈتۈش، ساغلام ، گۈزەل خانىملاردىن بولۇش ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلدى. سورۇن ئەھلى بۇ پائالىيەتنى ئاددى تەبرىك ياكى يىغىلىش ئەمەس بەلكى، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، تەجىربە ئۆگىنىش ، چوڭلارنى ھۈرمەتلەش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنىڭ دەرسخانىسى دەپ ھېسابلىدى.
پىقىر شۇ سورۇن قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك بايرام دەپ ھېسابلاپ شېئىر ئوقۇدى ۋە ئاخىرىدا بۇ خۇشاللىقتىن تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىستەپ ، بۇ ئاددىي يازمىنى يوللىدى.
تۆۋەندە پائالىيەتتىن قىسمەن  كۆرۈنۈشلەر :


ئەسكەرتىش : سېرىق پوپايكا كىيگەن خانىم دەل تۇرسۇنئاي يۇنۇس






تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
180

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ!
ئاپپاينىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
رەسىمنىڭ سىغىمى بەك چوڭكەن،تىمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بولسا قىسمەتكام ئوڭشاپ قويغان بولسا!

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئاياللار بايرىمى  ھارپىسىدا  ئېلىپ  بارغان    پائالىيىتى ھەجەپمۇ  بىر  ئەھمىيەتلىك  پائالىيەت  بوپتۇ.......
بارلىق يازغۇچى  قەلەمكەش ھەدىلىرىمىز ، ئاپىلىرىمىز شۇندالا  مومىلىرىمىزنىڭ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش  بىلەن  بىرگە ئۇلارنىڭ  قەلىمىگە  بەركەت ، تېنىگە  سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخىت خاتىرجەملىك ، تۇرمۇشىغا خوشاللىق  تىلەيمەن ~

Rank: 3Rank: 3

توردا
53 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
321
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرامدا رېستۇراندا يەپ- ئىچىش شەرت بولمىغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلسىمۇ بولىدۇ، ئىشلىرىڭىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
251
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسىسى ئايشەم ئەخمەت ئاپپاي ؟
بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بۇلۇشىن تىلەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
43

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:55:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەڭگەر  (ھاۋارەڭ) مايكا كىيگىنى ئايشەم ئەخمەت خانىم بولىدۇ.
مەن ئايرىپ كۆرسىتەي دېسەم ،رەسىم نورمال چىقمايۋاتىدۇ.

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
689 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2100

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، بارلىقىڭلارغا سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق يار بولسۇن ھەدە!

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
703 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
119

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:12:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahandar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:45 دە يوللىغان

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ!
ئاپپاينىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
رەسىمنىڭ سىغىمى بەك چوڭكەن،تىمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بولسا قىسمەتكام ئوڭشاپ قويغان بولسا!




ئوڭشاپ قويۇلدى.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
703 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
119

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:14:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kizilgul بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:55 دە يوللىغان
زەڭگەر  (ھاۋارەڭ) مايكا كىيگىنى ئايشەم ئەخمەت خانىم بولىدۇ.
مەن ئايرىپ كۆرسىتەي دېسەم ،رەسىم نورمال چىقمايۋاتىدۇ.


تەھرىرلەپ قويۇلدى.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
454 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1107

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بايرام بوپتۇ. بۇلار ئۈچۈن خۇشاللىقنىڭ ئۆزى دەل شۇ يەردە. ئۆزى كۆيگەن، سۆيگەن كەسپى توغرىسدا سۆھبەتلىشىپ، چاي ئىچىشكەچ پاراڭلاشسا بۇ تولىمۇ مەنىلىك سۆھبەت بولىدۇ. قارىغاندا بۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمى بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 05:49 , Processed in 0.052351 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش