ئىپارخاننىڭ ھاياتى توغرىسىدا خەنزۇچە مەلۇماتلاردا باشقىچە پىكىر بايان قىلىنىدۇ.
ئىپارخان يۇڭجىڭنىڭ 12-يىلى (1734-يىلى) 9-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ئۇلارنىڭ جەمەتى زەرەپشان بويىدىكى خوجىلاردىن بولغان.
ئىپارخاننىڭ ھاياتى توغرىسىدا چىڭ سۇلالىلىرى تەزكىرىلىرىدە ئىپارخان 1760-يىلى 27 يېشىدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا كىرگەن، بىر يىلدىن كېيىن خان ئانىسىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇنىڭغا ئوردىدىن يۇقۇرى مەرتىۋە بېرىلگەن. 1768-يىلى خاننىڭ پەرمانى بىلەن ئىپارخانغا خانىشلىق مەرتىۋىسى بېرىلىپ، رۇڭ خانىش دەپ ئاتالغان.
1778-يىلى ئىپارخاننىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ، چىيەنلۇڭنىڭ خانىشلىرى ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرغان . (تارىختا چىيەنلۇڭنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن 6 ئايال بولغان).
1788-يىلى ئىپارخان 55 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولغان ھەم شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى خان جەمەتى قەبرىستانلىقىغا قويۇلغان.
يۇقارقى مەلۇماتلارغا يەنە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى، چىيەنلۇڭنىڭ ئانىسى (خان ئانا) 1777-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئىپارخان ۋاپاتىدىن 11 يىل ئىلگىرى بولغان.
مانا يۇقۇرىقىلار چىڭ سۇلالىسى تەزكىرىلىرىدە خاتىرىلەنگەنلىرى ئىكەن. بۇ ماتىرىيالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى مەلۇماتلاردىن كۆرەلەيمىز.
بۇنىڭدا يەنە ئىپارخاننىڭ ئوردىغا كىرىشتىكى سەۋەبىنىڭ ئوخشىمايدىغان قاراشلىرى شەرھىيلەنگەن .
مەنبە :
http://www.china.com.cn/culture/ ... tent_15879923_2.htm
[
saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 19:38 دە تەھرىرلىگەن. ]