يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 4

پىشقەدەملىرىمىزگە ئىككى ئېغىز سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 08:38:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


پىشقەدەملىرىمىزگە ئىككى ئېغىز سۆز


تۈنۈگۈن ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان ئوغلۇمنى قورۇنىڭ ئىچىدە ئاپتاپ يىگۈزەي دەپ ھويلىغا ئېلىپ چىققان ئىدىم، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چاچلىرى ئاقارغان، كۈرۈنىشىدىن خېلى پىشقەدەم كۈرۈنىدىغان بىر «دادا» كېلىپ، ھويلىدىكى راۋاقتا، ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇردى، دەسلەپتىلا، بۇ يەرگىچە نەچچىنى يۈتۈلۈپ، قېقىلىپ كەتكەن بۇ پىشقەدەم، ھۈتەلگەن چاغدا، ئاغزىنى تۇتۇۋالماستىن بىز تەرەپكە شالىلىرىنى چاچرىتىشقا باشلىدى، كۈزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قالاپ قۇيۇپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، كۆڭلۈمدە بولسا، كىچىك باللىغا زۇكام يۇقۇپ قالمىسا بولاتتى دەپ ئويلىدىم، قارىغىنىمنى سەزدى بولمىسا، بۇ بوۋاي سۈپەت پىشقەدەم كىشى....ئارقىدىن قانداق بولدى دىمەمسىز ؟ تۇيۇقسىز يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ چىكىۋاتىدۇ،
باياتىن بېرى قېقىلىپ ،يۈتۈلۈپ قىلغان بۇ ئادەم، يەنە يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ چىكىۋاتاتتى، چەكسىغۇ چەكسۇن، ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئېلىپ چېكىدۇ، بىراق، كىچىك باللا بار يەردە تاماكا چېكىشى قەتئى ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى، نىمە دىگەن مەسئۇليەتسىز پىشقەدەم «مويسىپىت » بۇ كىشى ؟ بۇ كىشىنى قانداقمۇ ھۆرمەت قىلاي؟ ئاچچىقىمدا تازا بىر قارىۋېتىپ، بالامنى ئېلىپ ، باشقا ئۇرۇنغا يۆتكىلىپ كەتتىم، ئۇ كىشى خېلىغىچە تاماكا ئىسىنى چىقىرىپ، ئولتۇراتتى...




بۇرۇن بىر پىشقەدەم مۇنبەردە مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئوقۇغان ئىدىم، ئۇنىڭدا، خېلىلا ياخشى تۇنۇشىدىغان ، دوستلار قاتارىغا بېرىپ قالغان بىر ئۇيغۇر بالا، موسكۋادا بىر رۇس دوستىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بېرىپتۇ، تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يىگىت ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن بۇلۇپمۇ، ئۇئۆيدە ئەمدىلا 5-6 ياشلارغا كىرگەن بىر كىچىك بالا بار ئىكەن، ئۇنىڭغىمۇ قارىماستىن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلاپتۇ، نەتىجىدە، ئۆي ئىگىسى شۇنداق خاپا بۇلۇپ، مەندىن رۇخسەت ئالمىساڭمىغۇ مەيلى، نىمىشقا بۇ نارەسىدە بالىنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكىسەن دەپ، يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ....




ئارىمىزدا نۇرغۇن ئەرلىرىمىز،ئاتىلار، دادىلار باركى، ئۇلار نارەسىدە باللىرىنىڭ ئالدىدا تەپتارتماستىن تاماكا چىكىدۇ، ھەتتا بوۋاق باللىرىنىڭ قېشىدىمۇ تاماكا چىكىدىغانلارنىمۇ ئەتراپىمىزدا ئۇچرىتىمىز، كوچىلاردا ئۇلارنىڭ شۇ كىچىك باللىرىنىڭ ۋە ياكى ھامىلدار ئايالىنىڭ قېشىدىمۇ،
ئالدىدىمۇ تاماكا چەككەنلىكلىرىنى كۆرسەم، ئۇلارغا شۇنداق ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئۇلار نىمىشقا شۇ نارەسىدە باللىرىنىڭ، ھامىلدار ئايالىنىڭ قوساقتىكى ھامىلىنىڭ
سالامەتلىكىنى ئويلىمايدۇ؟




بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنە بار، ئارىمىزدىكى كۆپىنچە پىشقەدەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتى، مۇلايىملىقى، ئەقىل -پاراسىتى بىلەن بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغىسا، بىر قىسىم ئەخلاقسىز، ئەنە شۇنداق ئاددى ساۋاتلارغا سەل قارايدىغان، باشقىلارنىڭ بۇلۇپمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ،كەلگۈسىنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىمايدىغانلار نەپرىتىمىزنى ۋە ئۆچلىكىمىز قوزغايدۇ، ئۇلارنى ياش جەھەتتىن چوڭ بولسىمۇ، كىشىنىڭ ھۆرمەتلىگىسى كەلمەيدۇ، بەزى قىلىقلىرى كىشىنى تېخىمۇ بىزار قىلىدۇ، بەزى پىشقەدەملەر كېچە كۈندۈز ھويلىدا قەرت ۋە ياكى ماجاڭ ئويناپ، خوشنىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەزى پىشقەدەملەرنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغانلارنىڭ ھەتتا ھاراق ئىچىپ دەلدەڭشىپ قالغانلىقىنى كۈرىمىز،ئۇلارغا نەپرەت كۆزىمىز بىلەن ئالىيىپ ئۆتۈپ كەتمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.




ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، ئەلنىڭ ئوغلانلىرى، ئاياللارنىڭ پاسىبانلىرى، پەرزەنتلەرنىڭ زۇلپىقارى، غەمگۇزارى، شۇنىڭغا ئۇلار ھەر قايسى جەھەتلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىشى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئىش قىلىشى، يېشىغا لايىق ئىش قىلىشى، ياشلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك.....




پىشقەدەملەر ۋە ئەرلەر ئويلىنىپ باقايلى.......





مەنبە: ئۆزەم

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ،ئاخىرىمۇ لاي بۇلىدۇ دەپتىكەن .ئاتا ئانا بولغۇچى تەربىيىنى ئالدى بىلەن ئوزىدىن باشلىشى كېرەك ،ئۇنداق بولمايدىكەن باللارنىڭ كەلگۇسى نىمە بولماقچىدى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز... ئاللاھ پاكىزە قېرىغۇلۇقنى نېسىپ قىلىپ، خارلىقتا قويماي، ئاسان كېسەل، ئاسان ئۆلۈم ئاتا قىلغاي...
......
  ئەگەر مەن  بالامنى تۇتۇپ ئولتۇرغاندا، ئاشۇ ئادەمنىڭ ئورنىدا ئۆزەمنىڭ دادىسى كېلىپ تاماكا چەككەن بولسا... "دادا! بالامنىڭ ئالدىدا نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟! ~" دەپ ۋارقىراپ كېتەرمەنمۇ؟

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز مۇنبەرگە كىرسە كۈلكىلىك بىر گەپلەر چىقىدىغاندەك بىلىنىدۇ ماڭا.

بارلىق دادىلار ۋە دادا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلار ئۈچۈن ياخشى مەلھەمكەن. بىزمۇ تەشۋىق قىلايلى.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:24:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەزنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ كۈلىۋەتتىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:38 , Processed in 0.052519 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش