يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 752 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 757|ئىنكاس: 5

ماشىنا ھەيدىگەندە مۇھەببەت تىنىچ - ئامانلىقنىڭ تىلتۇمارى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
18
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت تىنىچ - ئامانلىقنىڭ تىلتۇمارى

     ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق ساياھەت  ئورنى كاتېدرالنى تاغ ئىچىدىكى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كېسىپ ئۆتىدۇ . بۇ يىلان باغرى تاشيولنىڭ ئۈچ كىلومېتىرلىق بۆلكىدە 12ئەگىم بار . بەزى ئەگىملەرنىڭ ئارىلىقى ناھايتى يېقىن . بۇ يول بۆلىكىدە دائىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭ "ھالاكەت يۆگىمى"دېگەن قورقۇنچلۇق نامى بار . سىتاتستىكىغا ئاساسلانغاندا  1994 يىلى بۇ يول ياسىلىپ قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ 2004-يىلغىچە بۇ يول بۆلىگىدە 320 قېتىم قانناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن .106 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان . ئەمەلىيەتتە بۇ يولدا قاتناش باشلانغاندىن تارتىپ قاتناش تارماقلىرى بۇ يولنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە ھەربىر ئەگىمگە ئاگاھ تاختسى ئورنىتىپ شۇنداق دەپ يازغان :"ئالدىڭىزدا ئەگىم كۆپ . سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ"،  "ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول . ئېھتىيات بىلەن ھەيدەڭ" . . . گەرچە بۇ ئاگاھ تاختىلىرى كۆزگە ئېنىق چېلىقىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما بەزى شوېۇرلارغا نسبەتەن ئازراقمۇ رولى بولمىغان . قاتناش ھادىسىسى كەينى - كەينىدىن يوز بەرگەن . قاتناش ھادىسىسىنى ئازايتىش ئۈچۈن  قاتناش تارماقلىرى ئاگاھ سۆزىنى ئۆزگەرتىپ  كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۆزلەرنى يازغان : "ئېھتىيات بىلەن ھەيدەڭ ، ھاياتىڭىز بىلەن ئويناشماڭ" . "بۇ دۇنيا بويىچە ھادىسە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان يول ، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ" . "بۇ يەر دوختۇرخانىغا يىراق، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ" . . . كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ سۆزلەرنى يازغاندىن سىرت، قاتناش تارماقلىرى يەنە باشقا تەدبىرلەرنىمۇ قوللانغان. مەسىلەن:  يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا خادىملارنى قويۇپ شوپۇرلارغا ئەسكەرتكەن؛ بۇ ئەگىمگە سىنئالغۇ ئورنىتىپ ، سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىردىن ئېشىب كەتسە قائىدىگە خىلاپ دەپ قارىغان . . . گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ، ھادىسە يەنىلا كۆپلەپ يۈز بەرگەن .2003-يىلى بىر يىلدا 42 قېتىم قاتناش ھادىىسسى يۈز بەرگەن.  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم يۈز بەرگەن.  قانداق قىلغاندا قاتناش ھادىسىسىنى ئازايتقىلى بولىدۇ ؟ يولنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا ياخشىراق ئامال يوقمۇ ؟
بۇ قىيىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى گومىس ئىسىملىك بىر پېشقەدەم شوېۇر بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
    كوردوبادا نۇرىدىغان گومىس بىر ئۆمۈر ماشىنا ھەيدىگەن . ئۇ كوچا ئاېتوبۇسى ھەيدىگەن ، باشقىلارنىڭ خۇسۇسىي
شوپۇرى بولغان . نۇرغۇن يىل كىرا ئاپتۇمۇبىلى ھەيدىگەن. ئۇ ماشىنا ھەيدىگەن 43 يىلدا بىرەر قېتىممۇ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمايلا قالماستىن، بىرەر قېتىممۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلمىغان . بۇنى بىر مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ . دەم ئېلىشقا چىقىشتىن  ئىلگىرى گومېس ئىشلىگەن كىرا ئاپتوموبىلى شىركىتى كوردوبا قاتناش تارماقلىرىدىن ئۇنىڭفا مەدەنىي شوپۇر مىېدالى بېرىشنى تەلەپ قىلغان . مېدال تارقاتقان كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ماشىنا ھەيدەپ بىرەر قېتىممۇ ھادىسە
سادىر قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن : "ماشىنا ھەيدەۋاتقان ۋاقتىمدا ئائىلەمدىكىلەر ماڭا ھەمراھ بولىدۇ . ئەمما يولۇ چىلار كۆرەلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ قەلبىمدە . ئايالىڭىزنىڭ  ئۆيدە سىزنى تاماققا ساقلاۋاتقانلىقى، بالىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىڭىز، ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغىنىڭىزدا  ئۆزىڭىزنى ماشنىنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشكە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىسىز ." ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرغاچقا ، گومېس شۇنداق مۆجىزە ياراتقان . قاتناش تارمىقىدىكى بىر كىشى گېزىتتىن گومېسقا ئائىت خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان : گومېسنىڭ ئۇسىۇلىنى نېمىشقا سىناپ باقمايمىز ؟
    ئۇزاق ئۆتمەي ھالاكەت ئەگىمىسىدىن ئۆتكەن شوپۇرلار ئاگاھ تاختىسىدىكى خەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان . ئاگاھ تاختىلىرىغا مۇنداق دەپ يېزىلغان : "ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى تاماققا ساقلاۋاتىدۇ . ئۇلارنى ئۈمىدسىزلدندۈرمەڭ"  ،  "ماشىنىنى بىخەتەرھەيدەڭ . ياشانغان ئاتا - ئانىڭىزنى ئازابلىماڭ" ،  "سىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىڭىز ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بولغان ئەڭ سەمىمىي مۇھەببىتىڭىزدۇر" . . . ئاگاھ تاختىسىغا يەنە مۇشۇ جۇملىلەرنىڭ مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر سىزىلغان . ئاگاھ تاختىلىرى ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ھالاكەت ئەگىمىدە قاتناش ھادىسىسى كۆرۈنەرلىك ئازايغان .2004- يىلى ئون قېتىم قاتناش ھادىسىسى بۈز بەرگەن . 2005- يىلى ئالتە قېتىم قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن .2006- يىلى ۋە 2007- يىلى بىر قېتىىمۇ قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن . ھازىر ئارگېنتىنانىڭ ئاساسلىق قاتناش بوللىرىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاگاھ تاختىلىرى ئورنىتىلدى . يېزىق بىلەن رەسىم كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ئۆزگىچە ئاگاھ تاختىلىرى ئارگېنتىنانىڭ يوللىرىدىكى بىر چىرايلىق مەنزىرە بولۇپ قالدى .
    مۇھەببەتنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ . مەسئۇلىيەتمۇ ئېغىر يۈك ئەمەس . ماشىنا ھەيدىمىگەن، شوپۇر بولمىغان تەقدىردىمۇ ،  ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر ئاگاھ تاختسسى بولۇشى،  ئائىلىدىكىلىرىمىزنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ، ئۇلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك .
    بۇنداق مۇھەببەت كىشىلىك ھاياتتىكى ئەگمىلەردىن غەلىبىلىك ئۆتۈشىمىزدە تىنج - ئامانلىقىمىزنىڭ تىلتۇمارى بولىدۇ .
===========
    ئارىمىزدا ماشىنىسى بارلار ئاز ئەمەس. ماشىنا ھەيدىگەندە چۇقۇم ئاستا ھەيدىشىمىز ، باللىرىمىز، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىمىزنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك.
قاتناش ئىدارىسىدا دائىم يول تۇسۇپ شوپۇرلارغا جەرىمانە قۇيۇپ  ماشىنا سۈرئىتىنى ئاشۇرۋەتكەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تۇنۇشۇم بار ئىدى.  ئۇنىڭ ھە دىسىلا شوپۇرنى تىللايدىغان بىر گىپى بار: ماشىنى ئاستا ھەيدە گۇي، سەن ئۆلسەڭ خۇتۇنۇڭنى خەق خۇتۇن قىلىسا خوش بولىدىغان ئوخشىمامسەن.... ئۇنىڭ زەھەردەك گەپلىرى چىكىدىن ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتتە خاتا ئەمەس. رولغا قولىمىز چىققان ئىكەن ، بىزنىڭ ۋە ماشىنىدىكىلەرنىڭ ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە. بىر سىكونىتلىق خاتالىقمۇ بىزنى بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشتۇرىدۇ... ھازىر بىر قىسىم ھازىرقى زامان ئاياللىرىمىزمۇ كىنىشكە بىجىرىپ، ماشىنا ھەيدەشمەكتە. ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە بىخۇتلۇق قىلماي كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئاستا ھەيدىگەي. بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشسىڭىز ئېرىڭىز ئورنىڭىزغا باشقا بىرىنى باللىرىڭىزنىڭ ئانىسى قىلىپ تەيىنلەپ سالمىسۇن.
    خۇدا يامان كۈنلەردىن ساقلىسۇن. ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ۋە ئۆزىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ماشىنىنى ئاستا ھەيدەڭ!

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:32  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكىيافۇن ئەپەندىمنىڭ يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەن قەدىمىگە مەرھابا!
مەن مۇشۇ ماشىنا دېگەنگە ئامالنىڭ يوقىدىن چىقمىسام پىيادىلا ماڭسام دەيمەن، شۇڭىمۇ ماشىنا دېگەن نەرسىگە ھەۋەسمۇ قىلىپ كەتمەيمەن . ھەيدەش ئەمەس ھەيدىگەنلەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرساممۇ، ئەنسىزلىك قىلىپ شوپۇرنى جىددىيلەشتۈرۋېتىمەن .
ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار، ئۆگىنىۋاتقانلار بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭلار!

Rank: 4

توردا
216 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
765
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ماشىنانى ئاستا ھەيدەڭ قاتناش قائىدىسگە قاتتىق رىئايە قىلىڭ !!!!

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .
ئاھ شۇنچىلىك ناۋاسىز سۆيگۈ ئىش

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:35:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ   بېقىڭلار  دوسلار ، ھايات   قەدىرلەشنى  بىلگەنلەر ئۈچۈن  قەدىرلىك   ......

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
216
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەل-ئۈلۈم............بۇلا خۇددى تەپكۈچىدىن ئايرىلغان ئوققا ئوخشايدۇ،ھەم بىز بىلەن ھەرۋاقىت بىللە ھەركەت قىلىپ بوشلۇقتا يۈرۈيدۇ.ئەگەر ئەجىلىمىز توشسا ،بۇ ئوق دەقىقە ئىچىدە بىزگە تىگىدۇ.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1173

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ خۇدا! ھەممەيلەننى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
ماشىنا ھەيدىگەندە مۇھەببەتنى رولغا تىگىشىۋەتمەسلىك كېرەك. ماشىنا ھايدىگۈچى چوقۇم پۈتۈن زېھنى بىلەن ئالدىغا قاراپ ماشىنا ھايدىشى كېرەك. ئىنسان ئۈچۈن ھاياتلىقتىن مۇھىم يەنە نىمە بار دەيسىلەر، تاسادىبى بىرەر كېلىشمەسلىككە دۇچار بولغاندا ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدىغان گەپ.
بۇ سۈرەتلىك ناخشىمۇ كىشىنى ئىزىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى سىكۇنت ئىچىدىلا بەربات بولدى، بەكلا ئېچىنىشلىق...

قارىغاندا نىيىتىمدىن يانسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ، ماڭا ئوخشاش بېشىدا ئىشى جىقلار ئەڭ ياخشىسى بىجىرىم قول بىلەن پۇتنى ئىشلەتسە بولىدىغان ئوخشايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 04:48 , Processed in 0.097290 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش