يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 600|ئىنكاس: 4

17 ياشلىق ئوغۇل، ئانا، تور، ئاقىۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
17ياشلىق ئوغۇل،ئانا،تور، گېزىت،
ئاقىۋەت، جەم بۇلۇش
شېنجېندىكى بىر ئانا شىركەتتە بەك ئالدىراش ئىشلەيتى، ئوغلى بولسا ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ، تۇللۇق ئوتتۇردا ئوقۇيتى، تۇللۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسلىرى ئېغىر بولغاچقا، ئانا ئوغلىنىڭ ئوقۇشىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۈلەتتى، بىراق، خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئوغلىغا پات پات ھەمرا بولالمايتى، ئۇنىڭغا ۋاقتىدا تاماق ئىتىپ بىرەلمەيتى، ئوغلىنى دائىم سىرتتىن تاماق يىگىن دىيىشكە ئەسلا كۆڭلى ئۇنمايتى، ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئىتىپ بىرىشنى، ئوينىڭ ئۇششاق چۈششەك ئىشلىرىغا باش قاتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ ئۈگۈنىشىگە ئوبدانراق شارائىت يارىتىپ بىرىشنى ئويلايتى، يولدىشى بولسا، خىزمەت سەۋەبلىك دائىم كاماندوروپكىغا چىقاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئوغلىغا پەقەتلا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئانا، ئاخىرى ئەمگەك مۇلازىمىتى شىركىتى ئارقىلىق ئويىگە بىر ئىشلەمچى تەكلىپ قىلدى، بۇ ئىشلەمچى 30 ياشلاردىن ئاشقان ، سىچۈەندىن شېنجېنغا ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن بۇلۇپ، 3 بالىنىڭ ئانىسى ئىدى، بۇ ئىشلەمچى ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ بارلىق جايلىرىنى سۈرتۈپ تازىلاپ، ۋاقتىدا تاماق ئىتىپ، ئانىنى خېلىلا خاتىرجەم قىلدى، ئوغۇلمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئىسسىق تاماق يىيەلەيدىغان بولدى.
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى، ئانىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى، بەزىدە كەچ قېلىپ،ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بۇلاتتى، ھەر قېتىم ئانا ئوغلىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇن قىلغاندا، ئوغلى، "ئانا، خاتىرجەم بولغىن، ھەدەم (ئىشلەمچى) تاماق ئىتىپتىكەن، ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ، ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ "دەيتى، ئانا مەمنۇنلۇق بىلەن كىلەر ئايدە ئىشلەمچىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بىرىشنى ئويلايتى، بىر كۈنى ئانا شىركەتتە يەنە ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولدى، بۇ كۈنى ئانىنىڭ تازا مىجەزى يوق ئىدى، ئانا ئوغلىغا تېلفۇن قىلىپ، بۈگۈن يەنە ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتي، ئوغلى شۇنداق خۇشال بولغان قىياپەتتە:" خاتىرجەم بولغىن، ھەدەم (ئىشلەمچى) ئوبدان ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ " دىدى، ئانا خاتىرجەم ھالدا تېلفۇننى قويدى، ئازراق ئىشلەپ باقتى، بىراق ، پەقەت مىجەزى بولمىغاچقا ئاخىرى بالدۇرلا ئۆيگە قايتتى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئانا، كۆڭلى بىر نىمىنى تۇيغاندەك قىلدى، ئويدە،مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى يېنىق تۇراتتى، ئۆيدىن بىر خىل پۇراق باردەك ھىس قىلدى، شۇنداقلا، بىر خىل ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئانا ، نىمە بولغانلىقىنى دەماللىققا ئاڭقىرالمىدى، بۇ ئاۋازنىڭ ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىدىن چىقىۋاتقانلىغىنى بىلىپ، خۇدىنى يوقاتقان ئانا ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى، شۇ چاغدا ئانا ئوغلىنىڭ ھاسىرىغاندەك گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، تۇرۇپ قالدى، ئۆي ئىچىدىن ئىشلەمچىنىڭ " ئۆتكەندە 500 نى بەرگەنتىڭ، بۇ قېتىم 300 نى بىرەمسەن ؟500 نى بىرىمەن دىگەنتىڭغۇ" دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئوغلى، "ئوتكەندە پۇلۇم جىق ئىدى، بۇ قېتىم مۇشۇنى ئېلىپ تۇر،كېيىن تۇللۇقلاپ بىرىمەن ، ئۈتۈنۈپ قالاي، ھىچكىمگە دىمە" دىگەن سۆزى ئاڭلاندى، ئانا ئلغۇچنى ئىلمىغان ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىگە قاراپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قالدى، ئوغلى بىلەن ئىشلەمچى ئايال ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئىدى، ئوغۇل ئانىنى كۈرۈپ، خىجىل بولغىنىدىن دەرھال يوتقانغا پۈركىنىۋالدى، ئانا ئىشلەمچى ئايالنى شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى، ئاندىن،" يوقال ،ھازىرلا كۈزۈمدىن يوقاپ" دەپ ۋاقىرىدى. ئانا ئەقلىدىن ئازاي دەپ قالغان ئىدى، نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ئىدى، ئۈزىنىڭ مىجەزىنىڭ يوقلىغىمۇ ئىسىدىن چىقىپ قالغان ئىدى،ئارىدىن ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەر ئوتتى، ئاخىرى ئانا ئوغلىنى چاقىردى، ئوغلىدىن نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىدى. ئوغۇل، ئانىدىن بەكمۇ خىجىل بولغان ئىدى، قىلغانلىرىغا بەكمۇ پۇشايمان قىلغاندەك قىلاتتى، ئوغۇل تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئانىدىن كەچۈرۈم سورىدى، ئانا ئوغلىدىن تەپسىلى ئەھۋالنى دىيىشنى بۇيرۇق قىلدى، ئوغۇل يىغلاپ تۇرۇپ، كەچۈرۈم سورىغان ھالدا ئانىسىغا ئەھۋالنى دىدى.....
15 كۈن ئىلگىرى ئىشلەمچى ئايال، ئوغۇلنىڭ ياتىقىنى تازىلاۋاتقان چاغدا ئوغۇلمۇ شۇ ياتاقتا بار بۇلۇپ، ئىگىلىپ ئۆينى تازىلىغان چاغدا، ئىشلەمچى ئايالنىڭ كۆكسى، بىلى كۈرۈنۇپ قالدى، تېخى ئاخشاملا توردىن سېرىق فىلىم كۆرگەن ئوغۇلنىڭ تۇيۇقسىزلا ھىسياتى قوزغىلىپ قالدى، ئۈزىنى تۇتالمىدى، باسالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشلەمچى ئايالنى قۇچاقلىۋالدى، ئىشلەمچى ئايال نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا" مىنى قۇيۋەتكىن، ئۇنداق قىلمىغىن ، مەن سەندىن چوڭ، مىنىڭ 3 بالام بار "دىدى، ئوغۇلنىڭ ئەسەبى ھىسياتى ئۆرلەپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئاخىرى ئوغۇل، ئۇنىڭدىن ئۈزى بىلەن بىرگە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ،كارۋاتقا بېسىۋالدى، كېيىن، بۇلار ئىش بولدى، ئوغلى ئىشنى تۈگۈتۈپ، ئۇنىڭغا 500 يۈئەن بەردى، ھەم ھىچكىمگە تىنماسلىقىنى ئۈتۈندى، بۇگۈنمۇ ئوغۇلنىڭ يەنە ھىسياتى ئۆرلەپ كەتتى، ئاخىرى ئانىسىنىڭ يەنە ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشنىڭ ئوڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىشلەمچى ئايالدىن بىرگە بۇلۇشنى ئىلتىماس قىلدى، ئايالمۇ پۇلنى دەپ، ماقۇل بولدى، ئويلىمىغان يەردىن، ئانا بالدۇر قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىش بايقىلىپ قالدى.....
ئارىدىن نەچچە كۈن ئوتتى، ئانا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىدا بىر خىل تام پەيدا بۇلۇپ قالغاندەك ئىدى، ئوغۇل مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا، ياتىقىغا بىكىنىۋالاتتى، ئانا ئارىدىكى بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلەلمەي تىت تىت بولدى، ئاخىرى تور ئارقىلىق توردىكىلەرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىشنى ئويلاپ، تورغا چىقىپ، كۆپچىلىكتىن بۇ ئىش توغرىلىق مەسلىھەت ئالدى، توردا ئويلىمىغان ئىش بولدى، شۇ كۈنىلا توردا ئانىنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆرگەنلەر نەچچە مىڭغا يەتكەن بۇلۇپ، كۆپىنچىلىرى ئانىغا ھىسداشلىق قىلغان ئىدى، بەزىلىرى ئانىنى ئەيىپلىگەن بۇلۇپ، بۇ ئوغۇلنىڭ شەخسى ئىشى ئىكەنلىكىنى دىگەن ئىدى، ئارىدىن 3-4 كۈن ئوتتى، بۇ ماقالىنىڭ كۈرۈلۈش ۋە توردا چىكىلىش سانى 10000 دىن ئېشىپ كەتتى، بەرگەن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرمۇ جىق ئىدى، بىر كۈنى ئانا يانتېلفۇندا تۇيۇقسىز ئوغلىدىن كەلگەن بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدى، "ئانا، مەن ساڭا ئۆچ،مەن سىنى كەچۈرمەيمەن، مىنى ھەرگىز كۈرەلمەيسەن،سەن نىمىشقا بۇ ئىشنى گېزىتكە چىقىرىسەن ؟؟" دىگەن ئۇچۇر ئىدى، ئانا، شۇ كۈنلۇك شۇ شەھەر بويىچە تارقىلىش،سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ گېزىتنى كۆردى، گېزىتتا، توردا مۇشۇنداق بىر ئىش بولغانلىقىنى بۇ توغرىلىق مەخسۇس مۇنازىرە تەرىقىسىدە بىر ماقالە بېسىلغان ئىدى، ئانا ئىشنىڭ يوغىناپ كەتكەنلىكىنى بىلدى، ئانا ھەرگىزمۇ بۇ خەۋەرنىڭ گېزىتتا بېسىلىشىنى مەخسۇس مۇنازىرە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى ھىس قىلمىغان بىلمىگەن ئىدى، ئاقىۋەت، بۇ ئىش يوغىناپ توردىن ئېشىپ ،گېزىتتا بېسىلىپ، جەميەتتە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. ئانا نىمىشقىمۇ توردا ئېلان قىلغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى، بىراق، كېچىككەن ئىدى. كەچتە ئىشتىن چۈشۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئانا ئويدىكى نەق پۇل 8000 يۈئەن، ۋە بىر 10000 يۈئەن بار بانكا كارتىسىنىڭ يوقلىغىنى، ئوغلىنىڭ مۇھىم كىيىملەرنى ئېلىپلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئادىشىپ قالايلا دىدى، دەرھال ، شىمالدىكى بىر شەھەردە كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ئېرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى، ئېرى ئەتىسىلا قايتىپ كەلدى. مەكتەپكە بېرىپ، ئوغلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوغلىنىڭ ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىدىن سورىدى، ئۇلارمۇ ئوغۇلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيتى. ئانا بىلەن ئاتا گاڭگىراپ قالدى، نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى، ئوغلىنىڭ تېلفۇنى ئىتىكلىك ئىدى، ئانا ساۋاقداشلىرىدىن ئوغلىنىڭ چ چ نۇمۇرىنى سوراپ بىلىۋالدى، ئۈزىمۇ بىر چ چ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلىپ، تورغا چىقتى، لېكىن، ئوغلى كۈرۈنمەيتى،ساۋاقداشلىرى ئارقىلىق ئوغلىنىڭ يۇشۇرۇن ھالاتتە تورغا چىققانلىقىنى بىلدى. ئوغلى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىش كېرەك؟ ئوغلى قايتىپ كىلەرمۇ؟ ئاقىۋىتى قانداق بۇلار؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
مەكتەپ تەرەپمۇ، ئانىدىن بۇ ئىشنى بىلىپ، ئانىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى دىدى، مەكتەپ مۇدىرى،سىنىپ مۇدىرىمۇ زادى قانداق ئىش بولغانلىقىنى بىلدى. ئانا بىلەن ئاتا ئوغلىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك رۇخسەت ئالدى، ئانا دوختۇرغا بېرىپ، پىسخىك مۇتەخەسسىس ۋە پىسخىكا دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، ئۇلار شۇنى دىدىكى،ئوغلىنىڭ ئىشلەمچى ئايالغا پۇل بىرىشنىڭ ئۈزىلا، ئوغلىنىڭ بۇ ئىشنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، سىر بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلايدىغانلىقىنى، ئانىنىڭ تورغا ئاندىن تور ئارقىلىق گېزىتقا بېسىلىشى ئارقىلىق، ئوغلى ئەمدى ئۈزىنى نەگە قۇيۇشىنى بىلمەي، قاتتىق ئۈمۈتسىزلىنىپ، ئانىسىدىن نارازى بۇلۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى پىسخىكا جەھەتتىن چۈشەندۈردى.ھەم ئانىغا ئامال قىلىپ، چ چ ئارقىلىق ئوغلى بىلەن ئالاقلىشىشنى، چ چ دا ئۈزىنى بىر پىسخىكا دوختۇرى دەپ تۇنۇشتۇرۇشنى ، ئەھۋالنى ئىگەللىگەن بۇلۇپ، ئەگەر شۇ چاغدا ئوغۇل ئانىنىڭ ئورنىدا بولسا ،قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاندىن قارشىسىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوغلىغا يۇمشاق گەپلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۇش ئارقىلىق، ئوغلىنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئانا كۈتتى، بۇ كۈتۈش بەكمۇ ئۇزۇن تۇيۇلدى، ئوغلىنىڭ ئامان ئىسەن بۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، كۆزلىرىدىن ياشلار ئاقاتتى، كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى، ئانا باشقىدىن بىر چ چ نۇمۇرى ئىلتىماس قىلدى، ئانا ئوغلىنىڭ چ چ دا پەيدا بۇلۇشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى، ئانا كۈتكەن پەيت ئاخىرى كەلدى، ئوغۇل چ چ دا پەيدا بولدى، ئانا چ چ ئارقىلىق ئوغۇلغا گەپ قىلدى، ئوغۇل ھە دىسىلا ئۇنداق ئاسان گەپ قىلىشقا قېرىقلىق قىلدى. ئاخىرى ئانا پىسخىك جەھەتتىن ئالغان مەسلىھەت ۋە تەكلىپ ئارقىلىق، ئوغلى بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئانا بىلەن ئوغۇل توردا پاراڭلىشىپ، ئوغۇلغا ياخشى تەسىر بەردى، ئانا ئوغلىنىڭ ھايات ۋە ساق سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بەكمۇ خوش بولدى، بىر چاغدا ئانا ئوغۇلدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ، نىمە سەۋەبتىن ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى پىسخىك دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن سۆزلىشىپ، ئوغۇلدىن پىكىر ئالدى، ئاندىن، شۇ چاغىدىكى ئەھۋالنى قارشىسىدىن چىقىپ ئويناش تەكلىۋىنى بەردى، ئوغۇل دەسلەپتە ئۇنىمىغان ، قۇشۇلمىغان بولسىمۇ، كېيىن، تەسلىكتە ماقۇل دىدى، ئويۇن ئوينالدى، ئاخىرى، ئوغۇل ئويۇن ئارقىلىق شۇ چاغدىكى ئانىسىنىڭ قەلب ھىسياتىنى چۈشەنگەندەك بولدى، ئانا ئوغلىنىڭ چۈشەنگەنلىكىنى بىلىپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلدى، ئاخىرى، ئانا ئۈزىنى باسالماي،يىغلاپ تۇرۇپ، چ چ دا " ......... مەن ،..... ئاناڭ،........ ئوغلۇم،..... ئاپاڭ خاتا قىلدى،............ مىنى كەچۈرگىن...................................مىنى كەچۈر........... " دىدى، ئوغۇل جىمىپلا كەتتى، ئوغۇلنىڭ كۆزلىرىمۇ ياشقا تولدى، ئوغۇل سىرتتا،باشقا شەھەردە تۇرۇپ، ئۆينىڭ ، ئىللىق ئائىلىنىڭ بىر بالا ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ۋە قانچىلىك بەخت سائادەتلىك، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى، ئوغۇل يىغلىدى، "ئانا، سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم،......" دەپ، تورخانىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئانىمۇ يىغلاۋاتاتتى، ئۆكسۈپ ئۆسۈپ يىغلاۋاتاتتى.....
ئانا بىلەن ئاتا ئوغلىنىڭ چ چ نۇمۇرىغا ئاساسەن ، ئوغلىنىڭ لوياڭ شەھىرىگە كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئوغلىغا ئۇنى ئالغىلى بارىدىغانلىقىنى دىدى، ئەتىسى ئانا بىلەن ئاتا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، لوياڭ شەھىرىگە باردى، بالا ، ئاتا ئانىسىنى كۈرۈپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئاتتى........ئانا ئۈزىنى باسالماي ھۈ تارتىپ يىغلىدى، ئوغلىدىن كەچۈرۈم سورىدى. ئوغۇلمۇ، ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورىدى......
.............ئۇلار جەم بولدى، ئىللىق ئائىلە ئوغۇلنى قايتىدىن ئىسسىق قوينىغا ئالدى، ئوغۇل ئاتا ئانىسى قېشىدا تۇرۇشنىڭ قانچىلىك بەخت- سائادەتلىك بۇلۇدىغانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتى، ئۇ ئەسلى جاھاندا ياشاشقا يۈزى يوقتەك ھىس قىلىپ، ئانىسىدىن نارازى بۇلۇپ، لوياڭ شەھىرىگە شاۋلىن ئىبادەتخانىسىغا راھىپ بۇلۇش ئۈچۈن خېنەن لوياڭغا كەلگەن ئىدى، بىراق، ھەر قېتىم شۇ شاۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئىككىلىنىپ، ئاتا ئانىسىنىڭ باغرىنى،ئىللىق ئائىلىسىنى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مەكتەپتىكى قىزغىن ھاياتىنى ئەسلەپ توختاپ قالاتتى، بۇرۇختۇرما بولغان ئوغۇل، قاتتىق ئۈمۈتسىزلىككە پاتقان بۇلۇپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدى، چ چ، تور ئارقىلىق، ئانا ئوغلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوتتۇردىكى نارازىلىق مېھرى- مۇھاببەت بىلەن يۇيۇلۇپ، ئىللىق ئائىلە ئەزالىرى قايتىدىن جەم بولغان ئىدى.
..
...

مەنبە: ياخۇ تورى، خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ يوللىغۇچى ئۆزۈم.
بۇ تېمام 2008- يىلى 4-ئايدا يېزىلغان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:28:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھە دىسە توردىن پايدىلىنىپ ئۇنى قىلىپ كېلىڭلار، بۇنى قىلىپ كېلىڭلار دىيىشلىرىدىن بەزىدە بىزار بولۇپمۇ قالىمەن، بالىلار بىلىپ بىلمەي يۇقۇرقىدەك ناچار نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسا، ئاق- قارىنى پەرىق قىلمىغان بۇ بالىلار قىلىدىغان ئىش ئوخشايدۇ دەپ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ سالسا  ۋاقتىدا بايقىيالىساققۇ ئالدىنى ئالارمىز، بايقىيالماي قالساق................ خۇدايىم ساقلىسۇن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:43:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ  توۋا```

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تور دىگەننىڭ ياخشى يىرىمۇ يامان يىرىمۇ بارئكەن ئەمەسمۇ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:28:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن بالىسىنى يەنە قايتۇرۇپ كېلەلەپتۇ، باشتا كۆڭلۈم يېرىم بولغان بولسا، ئاخىرسىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى، توردىن توغرا پايدىلىنايلى، بالىلىرىمىزنى ئائىلە خىزمەتچىلىرىگە ئىشىنىپ تاشلاپ قويمايلى! چۈنكى بەش قول ئوخشاش بولمىغاندەك ئادەملەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 00:07 , Processed in 0.052580 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش