يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 666|ئىنكاس: 5

ساتىراش دوستلارغا ئىككى كەلىمە سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساتىراش دوستلارغا 2 كەلىمە سۆز ۋە ئەيدىز
ساتىراشلىق كىشىگە پاكىزلىق،گۈزەللىك ئاتا قىلىدىغان ھالال كەسپلەرنىڭ بىرى.بۇ توغرىلىق "سەرسان روھ" دىگەن كىتاپتا بارلىق ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلغان ئاتىخاننىڭ شۇ ھەرەم-مەككىدە شۇ ھالال، پاكىز كەسپكە تايىنىپ،مۇئامىلىسىدىكى خۇش پېئىل،ئاق كۈڭۈل،سەمىمى،يۇمشاق قۇلى،ئەتراپلىق پاكىز مۇلازىمىتى ئارقىلىق شۇ جايدا بۇيۇن قىسىپ قالماي،شۇ گۈلدەك ھۈنىرىنىڭ نېنىنى تېتىپ يەيدىغانلىقى توغرىلىق بايانلار بار.
ھازىر يۇرتىمىزدا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز ئەمەس، ھەر كىمنىڭ رىسقى ئوخشاش بولمىغاندىكىن، ھەر كىمنىڭ ،ھەر قايسى ساتىراشخانىلاردىكى ساتىراش ئۇستاملارنىڭ تاپقان تەرگىنى ئوخشاش ئەمەس، شۇنداقلا، كىرىدىغان خېرىدارلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھەر خىل ئېقىمدىكى ھەر خىل تىپتىكى ھەر قانداق ئادەملەر ئۇچرايدۇ.
مەيلى قانداق ساتىراشخانا بولسۇن، خېرىدارنىڭ ئىستەيدىغىنى شۇ ساتىراش ئۇستامنىڭ خۇش پېئىللىقى،قۇلىنىڭ يۇمشاقلىقى،پاكىزلىقى مۇشۇلار ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، بىزدە «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۈزۈڭ يوقمۇ»،« تاپقىنى گۈل كەلتۈرۈر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دەپ، مۇئامىلىدىكى، پوزىتسىيەدىكى خۇش پېئىللىق،ئىللىق چىراي ۋە پاكىزلىق خېرىدار،ھەممە كىشىنى رازى قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ۋە تەلىۋى.ساتىراشلىقتا، خېرىدارنىڭ بېشى،يۈزى قاتارلىق ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنى تۇتۇدىغان،ئۇلارغا تىغ سالىدىغان ئىش بولغاندىكىن ھۈنەردە بەكمۇ مۇلايىم،قۇلى يىنىك،پاكىز بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەمدى بەزى ساتىراشخانىلارغا كىرسە ئادەمنىڭ دىلى يۇرۇپ قالىدۇ، مۇئامىلىسىنىڭ ئىللىقلىغى،ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئەھۋال سورىشى، تاماكىنى چەكلىشى،ئىشلىتىدىغان لاتا-پەرتۇق-لۆڭگە،ئۇرۇندۇقلارنىڭ پاكىز بۇلۇشى، ،چاچ يۇقۇپ قالمىغان بۇلۇشى،پۇراپ قالمىغان بۇلۇشى،بىر خېرىدارغا ئىشلەتكەن لۆڭگە،تىغنى 2-بىر خېرىدارغا ئىشلەتمەسلىكى ھەقىقەتەن بۇ ساتىراشلاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك سەمىمى مۇلازىمەت ۋە خېرىدارنىڭ،پاكىزلىق تەلىۋى. ئادەم بۇنداق ساتىراشخانىلاردىن بەكمۇ رازى بولىدۇ،بۇنداق ساتىراشخانىلار ئىشەنچلىك بۇلۇپ، كىسەل يۇقۇپ قېلىشىدىن ئادەم-بىز خېرىدارلار ئەنسىرىمەيدۇ، ئەمدى بەزى ساتىراشخانىلارغا كىرسە، تۇنۇش خېرىدارلار كىرسە باشقىچە مۇئامىلە قىلىدىغان،تۇنۇمايدىغانلارغا ئانچە سەمىمى بولمايدىغان، ئىشلىتىپ بولغان لۆڭگىلەرنى يەنە ئىشلىتىدىغان، ئىشلىتىپ بولغان ،باشقىلارنىڭ ساقىلىنى ئالغان،گەدەننى قىرغان تىغدا باشقا 2- ئادەمگە ئىشلىتىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس،مەۋجۇت. بۇنداق ساتىراشلار ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولىدۇ، مۇئامىلىدە سەمىمى بولمىغان بولىدۇ،قىسقىسى ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر..
بىز بىلىمىز، ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى 3 خىل يول بىلەن بۇلۇپ،بىرسى قان ئارقىلىق يۇقۇش، ساتىراشخانىدا ئىشلىتىدىغان تىغ بىۋاستە ئادەم تىنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان سايمان بۇلۇپ،بۇ تىغدا قان تىگىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى،چۈنكى، ئادەم يۈزى ۋە بېشىدا،ئىڭەك قاتارلىق جايلاردا ھەر خىل يارا ۋە دانىخورەك،سۈگەللەرنىڭ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ جايلارغا تىغنى ئاۋايلاپ سالمىغاندا، قان چىقىش تۇرغانلا گەپ. ئۇ خىل ئەھۋالدا، شۇنداق قان چىققان چاغدا ئىشلەتكەن تىغنى يەنە بىر خېرىدارغا ئىشلەتكەن چاغدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ دەرىجىسى بەكلا چوڭ بولىدۇ. ھازىر دىيارىمىزدا ئەيدىز كېىسىلى تېز يامراۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە سانى جەھەتتە بىز مىللەت كۆپرەك نىسبەتنى تەشكىل قىلىمىز، ئۇنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش شەكلى زىناخورلۇق،پاھىشىلىك،پاھىشۋازلىق،بەچچىۋازلىق،زەھەرلىك چېكىملىك،ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق بۇلۇپ، قان ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ يولللىرى يەنى ئىشپىرىشنى ئورتاق ئىشلىتىش،تىغنى جىق ئادەملەر ئىشلىتىش قاتارلىقلار.
مەن بۇ يەردە بارلىق ساتىراشخانىلارغا بارىدىغان ئۈزىمىز ئۈچۈن،بىر خېرىدار بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ساتىراشخانا ،ساتىراش ئۇستاملارنىڭ سەمىمى بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ سەمىمى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ساتىراش ئۇستاملار چۇقۇم سەمىمى بۇلۇشى كېرەك. چۈنكى،ساتىراشخانىغا ئوڭمۇ كىرىدۇ،ساقمۇ كىرىدۇ،تەتۈرمۇ كىرىدۇ،بىمارمۇ كىرىدۇ،ئەرمۇ كىرىدۇ،ئايالمۇ كىرىدۇ،چوڭمۇ كىرىدۇ،ياشمۇ،كىچىكمۇ كىرىدۇ،ھەممە ئادەمنىڭ ساتىراشقا ھاجىتى چۈشىدۇ،شۇنداقلا،شۇ ساتىراش ئۇستاملارنىڭمۇ بىر بىرىگە ھاجىتى چۈشىدۇ، ئۇلار چۇقۇم ۋىجدانىغا لايىق،جەميەتكە،مىللەتكە مەسئۇل بولغان ئاساستا، ئۆز ھۈنىرىنى ھالال قىلىشى كېرەك.پاكىز بۇلۇشى، سەھىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلۈشى، ئەگەر بىر ساتىراش ئۇستامنىڭ بىخەستەلىكى،ھۇرۇنلىقى ياكى بىر موچەنلىك پايدىنى دەپ،بىر ئەيدىز كىسىلى بار خېرىدارغا ئىشلەتكەن،قان يۇقى بار تىغنى يەنە بىر ساق بىمارغا ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ساقلىنى ئالسا، يۈزىنى غىدىسا،قىرسا،ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇنىڭ بىر يىرىنى كىسىۋەتسە، شۇ بىر ساق ئادەمنى نابۇت قىلدى دىگەن گەپ،ساتىراش ئۇستام شاگىرتلىرىغىمۇ چۇقۇم قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى كېرەك،تىغنى چۇقۇم قەتئى ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك،ئۇنىڭ زىيانلىق تەرىپىنى ھەر بىر شاگىرت،ئۇ چوڭ بولسۇن،كىچىك بولسۇن، كاللىسىغا قۇيۇۋېتىشى كېرەك. بىر-ئىككى موچەننى دەپ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى بىلەن ئويناشماسلىقى كېرەك. خېرىدارمۇ تىغنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشى،يېڭى،ئىشلەتمىگەن تىغنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
قىسقىسى ئەيدىزدىن يىراق بۇلۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇليىتى بار،ساتىراش ئۇستاملارنىڭ مەسئۇليىتى بار،ھەر بىر خېرىدارنىڭ مەسئۇليىتى بار،ئەيدىز بولغۇچىمۇ چۇقۇم ئۈزى ئىشلەتكەن تىغنى باشقىلارنىڭ ئىشلەتمەسلىكىكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئەگەر بىر يىرىنىڭ كىسىلىپ كەتكىنى بايقىسا چۇقۇم، شۇ تىغنى ئىشلەتمەي تاشلىۋېتىشىنى ئالاھىدە تاپىلىشى كېرەك، مەيلى خېرىدار دىسۇن ياكى ئەسكەرتسۇن،ئەسكەرتمىسۇن،شۇ ساتىراشخانىدىكى ھەر بىر خادىم،بىر ئادەمگە بىر تىغنى ئىشلتىشنى چۇقۇم ئالاھىدە ئىسىدە چىڭ تۇتۇشى،ھۈنەردە ئىلمى،ھالال،پاكىز، قۇلى يىنىك بۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك.
ئاخىرىدا،بارلىق سەمىمى ساتىراش ھۈنەرۋەن ئۇستاملارنىڭ ھۈنىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن.


مەنبەسى : ئۆزەم
بۇ تېمام 2008- يىلى 4-ئايدا يېزىلغان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
223 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
789

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكامنىڭ  ساتىراش بىر تونىشىغا ماۋۇ تىمىنى ئەۋەتىپ قوياي جۇمۇ ``

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:23:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ھەقىقەتەن بەك جىق، بۈگۈن مەن 13 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ مۇشۇ نىجىس كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ بىر كۈن بېشىم ئاغىردى ، بۇ نارسىدە نەلەردىن، قانداق ئۇسۇللاردا يۇقتۇرۋالدى خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ، شۇڭا ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرمىساق بولمايدۇ

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:02:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  دىققەت  قىلىشقا  تىگىشلىك  مەسىلە  بۇ ، بولۇپمۇ  ھازىرقى  ئەيدىز يامراپ  كەتكەن جەمىيىتىمىزدە ....بۇ  يەردە  شۇنىمۇ دەپ  ئۆتۇپ  كەتكۈم  كېلىۋاتىدۇ ، قان ئارقىلىق يۇقىدىغان مۇشۇ  ئەيدىز ، ب تىپلىق جىگەر  ياللۇغى  دىگەندەك  كېسەللەردە  يەنە بىر بىز  دىققەت  قىلماي  قالىدىغان ھالقا " چىش چوتكىسى " !!! بولۇپمۇ بىر  ئائىلە  كىشىلىرى  ئارىسىدا مۇشۇنداق  كىسەللەر  بولۇپ  ، تېخى ئۆزى  بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا  ئائىلىدىكى باشقا  ئەزالار ئېھتىياتسىزلىقتىن  ئاشۇلارنىڭ چىش چوتكىسىنى ئىشلىتىپ قالغان ئەھۋاللاردا ( گەرچە بۇنداق  ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلسىمۇ ، لىكىن  شۇنداق  ئېھتىماللىق  يەنىلا مەۋجۇت ) كىسەللىكنى  يۇقتۇرىۋالىدۇ ....................

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 13:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ....ھەقىقەتەن دىقەت قىلساق بولغىدەك -ھە؟ سىزگە .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
575 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1186

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 16:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىچ تۇرمۇش ئەپەندىم ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىكى ئادەمنى ئويغا سالىدىغان، بەزىدە سەل قاراپ قالىدىغان نۇقتىلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ خىل تېما يوللاش ئۇسۇلى مۇنبىرىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىققا باراۋەر. بىزگە مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي تېمىلار كېرەك.

   ساتىراشخانا قارىماققا ئاددى مەشغۇلات ئورنىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، بەزىدە ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ قالىدۇ. بەزى ساتىراشخانىلارغا كىرسىڭىز شۇنچىلىك خۇشخۇي، چاققان مۇئامىلىگە ئېرىشىسىز، ئەمما تازىلىقى ياخشى ئەمەس. مۇشۇ تىغ ئالماشتۇرۇشقا چوقۇم خېرىدار ئۆزى دېققەت قىلىش كېرەك. بىزنىڭ ئائىلە بويىچە ساتىراشخانىدا ساقال ئالدۇرمايدۇ، پەقەتلا چاچ ياسىتىشقا بولىدۇ. تاماقخانىلارغا كىرگەندە ھەرگىزمۇ چىش كوچىلىغۇچ ئىشلىتىپ سالمايمىز. ئامال بار ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز لازىمدۇر.

   ھەممەيلەنگە پاكىزلىق يار بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:35 , Processed in 0.053258 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش