يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 597 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 7263|ئىنكاس: 16

ئەيدىز ۋە ھاجەتخانىدىكى خەتلەردىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
65 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
235
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:06:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيدىز ۋە WC دىكى خەتلەردىن تۇغۇلغان ئويلار


ئىزاھات: بۇ تېمىنى يوللاشنى جىق ئويلاشتىم،ئاخىرى يەنىلا يوللاشنى لايىق تاپتىم،دوستلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى دەپ بېقىشنى ،ئورتاق تەھلىل قىلىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يېقىن دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ مىجەزى يوق بۇلۇپ قېلىپ،ئاقسۇدا دوختۇرخانىدا يېتىپ بىر مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ،ئۈنۈمى تازا كۈرۈلمىگەچكە، بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە بىر كۆرسىتىپ بېقىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئوغلىغا دىدى. يېقىن دوستۇمنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بۇلۇشىغا قارىماي، ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئېلىپ،ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار كەلگەن كۈنى دەل مىنىڭمۇ دەم ئالغان ۋاقتىم ،يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، دوختۇرخانىغا بىرگە باردىم، دوستۇمنىڭ ئاپىسى توختىماستىن ھاسىرايتى،نەپەس ئېلىشى قىيىن ئىدى،ئاۋال ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق، نۇمۇر ئېلىپ، مۇتەخەسىسكە كىسەل كۆرسىتىش نۆۋىتىنى ساقلاپ تۇردۇق...بۈگۈن گەرچە دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ كۈنى كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر ئاز ئەمەسكەن، ئالدىمىزدا 7-8 دەك بىمار بولغاچقا،كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئارىدىن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى. ساقلىغاچ ئوبىرنىغا كىرىپ چىقاي دەپ كىردىم، دوستۇم بىلەن ئاپىسى نوۋەت ساقلاپ قالدى، ئوبىرنى خېلى پاكىز تازىلانغان ئىدى، شۇ چاغدا كورگىنىم مۇنداق 2 تېلفۇن نۇمۇرى بىلەن يېزىلغان خەت بولدى.131997.........ئۇيغۇرچە «..... يەيمەن» دەپ يېزىلغان ئىدى، يەنە بىرسى خەنزۇچە يېزىلغان بۇلۇپ، «卖肾» دەپ يېزىلغان بۇلۇپ،يېنىدا تېلفۇن نۇمۇر يېزىلغان ئىدى. بىرسى ئۇيغۇر تىلىدا، بىرسى خەنزۇ تىلىدا، چىقتىم، ئويلىنىپ كەتتىم،ئويلىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايۋاتاتتى.....
.دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئاخىرى دوختۇرغا كۈرۈنۇپ بولدى،بىراق نەپەس بۈلۈمىدە كارۋات بولمىغاچقا، يۈرەك بۈلىمىدە ياتقۇزايلى دىسەكمۇ ، ئامال بولمىدى، ئاخىرى جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ كارۋىتىدا ياتقۇزدۇق، بۇنداق بولغاندا، ۋاقىتنى تېجىگىلى،تىز تەكشۈرتكىلى بولاتتى. ھەم،كارۋات بولمىغاندىكىن،بىزگىمۇ ھەم ئامال يوق ئىدى، ئۇنىڭغىچە، تىببى داشۆنىڭ، جوڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق،ئۇلاردىمۇ ئوخشاشلا كارۋات قىس ئىكەن، ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغانلار 20-30 غا يىتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، دوستۇمنىڭ ئاپىسىنى كارۋاتقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،خاتىرجەم بولدۇق. ئۇندىن كېيىن، چۈشلۈك تاماق يەپ، دوستۇم ئاپىسىنىڭ قېشىدا قالدى،مەن ئۆيگە قايتتىم. ئويلىرىم ئۈزۈلمىدى.
ئوينىڭ داۋامى: بۆرەك سېتىش ھەققىدە. بىز بىلىمىز، بۆرەكنىڭ قان تازىلاش رۇلى بار،بۆرەك كاردىن چىقسا، سۈنئى ئۇسۇلدا قان تازىلاتماقتىن باشقا ئامال يوق، ئەنگىليە قانۇنىدا ئۆز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا كىشىلەر بۆرەك تەقدىم قىلسا بولمايدۇ دىيىلگەن ئىكەن،بۇنى،ھىندىستاننىڭ «مىليۇنېرنىڭ ئوغلى» دىگەن كىنو فىلىمىدىن كۆرگەن ئىدىم. ئوغلى دادىسى ئۈچۈن بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلاتتى. يەنە بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئوغۇلمۇ دادىسىغا ئۈزىنىڭ بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. دۆلىتىمىزدە بۇ توغرىلىق قانداق قانۇن بارلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم، قارشى تەرەپ خالىسا، ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى بولمىسا بۇلىدىغان بۇلۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، داڭلىق،ئىقتىدارلىق رېجىسسور مۇختەر بۇغرانىڭمۇ بۆرىكى ئالماشتۇرۇلغان. كىسەلگە دورا قىلىش كېرەكقۇ،سەۋەب قىلىش كېرەك. چۈنكى، كىسەلنىڭ داۋاسى سەۋەب قىلىش ۋە دورا. بۆرەك سېتىشقا كەلسەك، نورمال ئادەمدە 2 بۆرەك بولىدۇ، ئەمدى،شۇ ئەمەلىي ئىشلاردىن قارىغاندا ئادەمدە بىر بۆرەك بولسىمۇ ياشىيالايدىكەن، خۇددى،ئۆتى ئېلىۋېتىلگەن ئادەممۇ خېلى زامانلارغىچە ياشىيالىغاندەكلا. ئەمدى،ئادەم نىمىشقا بۆرىكىنى ساتىدۇ؟ بەلكىم ئىختىسادى سەۋەبتىندۇر ،بۇ ئاساسلىق ئامىل دەپ ئويلايمەن. ۋاقتى كەلسە، ئاتا ئانا،قېرىنداشلار ۋە پەزەنت ئۈچۈن، قۇربانلىق بەرمەي بولمايدۇ(پەرۋەردىگارىم،ئاتا ئانا ۋە پەزەنت،قېرىنداشلارنى ئېغىر كىسەللەردىن يىراق قىلغايسەن.ئامىن.) كىسەل داۋالىتىش ئۈچۈن، ئاتا ئانىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، قېرىنداشلىرى ئۈچۈن،بالىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن،ئايالى ۋە ياكى يولدىشىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ۋە بەزى قەتئى قايتۇرمىسا بولمايدىغان ماددى قەرزلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،بۆرىكىنى سېتىشنى ھازىرقى جەميەتتە قۇبۇل قىلماي، توغرا چۈشەنمەي بىزدە ئامال بولمىسا كېرەك. بىراق، ئەمدى،ئۇيغۇرچە يېزىلغان «...نى يەيمەن » دىگەن ئەھۋالنىچۇ؟

مەن بۇ ماقالەمنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، «ھەمجىنىسلىق«بەچچىۋازلىق»،ئەيدىز ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى» دىگەن ماقالەمدىن ئازراق قىستۇرما ئېلىشنى ئويلاپ قالدىم.
قىستۇرما بايان:
مەيلى روھى جەھەتتىكى پاكلىق بولسۇن ۋە ياكى تۇرمۇشتىكى پاكلىك،پاكىزلىق بولسۇن، ھەممىسى بىزنى بەختكە ئېرىشىتۈرىدۇ، روھىيىتىمىزنى پاك تۇتۇش، يامان خىياللاردىن يىراق بۇلۇش، ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك، تۇرمۇشتا پاكىز،پاك بۇلۇش، ھالال نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھالال ئايالى (ئايال بولسا ئىرى بىلەن) بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش بەكمۇ مۇھىم، ھەم بۇ چۇقۇم شۇنداق بۇلۇشقا تېگىشلىك، بۇ ھەم ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، پاكىز ھالال يۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى.
ئەمدى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىغىنى كۈرۈپ باقايلى.
لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقىنى ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسلامغا ئىمان ئىېتقان ئىدى، ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام بىلەن بارلىق سەپەرلەردە بىللە بولاتتى، ئاللاتائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئۇردانىيىگە تەۋە سەدۇم ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، سەدۇم ئاھالىسى تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بۇلۇپ، يامان ئىشلارنى ئاشكارە قىلاتتى، مۇساپىرلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى، ئۇيالماستىن بەچچىۋازلىق قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا پەند- نەسىھەت قىلىپ،ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى.لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ يامان ئىشلاردىن يانمىدى. لۇت ئەلەيھىسسلامغا ئۇلار بىردە تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز دەپ، بىردەم يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىمىز دەپ تەھدىت سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چىرايلىق ياش يىگىتلەر سۈپىتىدە پەرىشتىىلەرنى ئەۋەتتى، بۇ چاغدا لۇت ئەلەيھىسسلام پەرىشتىلەرنى ئادەمزات دەپ ئويلاپ، بۇ مېھمانلىرىغا قەۋمىنىڭ يامان مۇئامىلىدە بۇلۇشىدىن ئەنسىرىدى، يۇرتنىڭ كىشىلىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ مېىھمانلىرى بىلەن يامان ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ، لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: " مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ئەڭ پاكتۇر " دېدى. ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ چاغدا پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئەھۋالنى -ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالەك قىلىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى، پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئىككى قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشنى ، ھىچقايسىسىنىڭ ئارقىسىغا قارىماسلىغىنى ئېىتتي، ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ ئېيتقىنىچە قىلدى،پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا قەۋمىگە نازىل بولىدىغان ئازابنى كۈرۈش ئۈچۈن ئارقىسىغا قارىغان ئىدى، ئۇمۇ قەۋمى بىلەن ھالەك بولدى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ كۆڭلى قەۋمى بىلەن بىرگە ئىدى، ئۇ ئىمان ئىېتمىغان ئىدى ، ئاللاتائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ساپال-تاش ياغدۇرۇپ ۋە يۇرتىنى دۈم كۆمتۈرۈپ ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى. (قۇرئان كەرىم، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى،620-621-بەتلەر.)
دىمەك، بۇنداق بەچچىۋازلىق قىلىش ئەلمىساقتىن تارتىپ چەكلەنگەن، بەچچىۋازلىق قىلغانلار تاش-ساپال ياغدۇرۇلۇپ، يەرگە يۇتقۇزىۋېتىلگەن، ھازىرقى زاماندا ئەگەر ئىنسانلار داۋاملىق مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كىم ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۋېتېلمەيدۇ، ھىچقانداق بالا- قازا كەلمەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ يەرگە يۇتقۇزۇلۇپ بىراقلا قۇتۇلسا مەيلى، بىراق، گۆرنىڭ ئازاۋىچۇ،ئوت ئازاۋىچۇ؟ ئازاپلانماي قېلىش مۇمكىن ئەمەستە؟
ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىرقى بىزدە ئەڭ كۆپ كۈرۈلىۋاتقىنى زادى قايسى سەۋەپتىن يۇقۇش؟روھىيىتىمىزنى بۇلغاۋاتقىنى زادى نىمە؟ شەھۋەتپەرەسلىك، جىنسىيەتكە ئەسەبىلەرچە چۇقۇنۇش،پاكلىغىنى قوغدىماسلىق ، ئەيش -ئىشرەتكە بىرىلىش، قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، مۇھەببەتلەشتۇق دەپ، نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ، بىر ئويدە يېتىپ قۇپۇش، تويدىن،نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش (زىنا قىلىش ) ......بۇلار ئىجتىمائى ئەخلاققا يات بولغان ئىشلار. دۆلىتىمىز ھازىر ئەخلاق ئارقىلىق دولەت باشقۇرۇشنى، ئىناق جەميەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بىز توغرا يولدا ماڭايلى، تەۋپىق، ھىدايەت ھەممىمىزنىڭ قۇلىدا، كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى، ئەخلاقلىق بولايلى، ئائىلىمىزگە مەسئۇليەتچان بولايلى، بىردەملىك ھەۋەسنىڭ قۇلى بولمايلى، بولمىسا، بىر كۈنلەردە بىزمۇ ساپال تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك بولماي قالمايمىز. سورىقى يوق جاھان ئەمەسقۇ بۇ؟
ئەيش -ئىشرەتنىڭ باش كۈتۈرىشى -مىللەتنىڭ زەئىپلىشىشىنىڭ باشلىنىشى .
« قىستۇرما تامام.»
.................. ......................... ................... ............. .................
داۋامى: ھەممىمىزگە ئايانكى، ئېغىز تائام يىيىش، گەپ قىلىش رولىغا ئىگە، WC غا يېزىلغان «...نى يەيمەن»، ھەرگىزمۇ تائام يىيىشتىكى يىيىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بۇنداق خەتلەرنى بەلكىم باشقىلارمۇ ئاممىۋى WC غا كىرگەندە كۆرگەن بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مەن ئۈزۈملا بىر نەچچە ئاممىۋى سورۇندا ئۇچراتقان.بەزىلىرىدە خېلى ئۇچۇقلا نىمىنى يەيدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان،ئىسمى ئاتالغان،ھەتتا رەسىملىك كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بۇنى تىلغا ئېلىشقا ئادەم نۇمۇس قىلىدۇ. ھەمدە تائامنى يەيمەي دەپ WC غا يېزىپ قويمىسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى، بىز ھىچقاچان شۇنداق يەردە تۇرۇپ،تاماقنىڭ گىپىنىمۇ قىلمايمىز، چۈنكى،بىز ئەنە شۇنداق ئىسىل ئەنئەنىگە ۋە ئەدەب ئەخلاققا ئىگە مىللەت، تائام،نانلارنى ئەزىزلەيدىغان،قەدىرلەشنى بىلىدىغان قەۋممىز. بۇ يەردىكى يىيىش مەقەت يولىغا جىما قىلدۇرىدىغان «يييىش»نى كۆرسىتىدۇ. نىجاسەت چىقىدىغان بۇ جايغا شۇنداق قىلدۇرۇش-«يىيىش» نىمىگە زۈرۈر بوپ قالدى؟ بۇ قاندىكى مەسىلىمۇ؟ گېندىكى مەسىلىمۇ؟ نىجاسەت ئادەم بەدىنىگە پايدىسى يوق،بەدەن ئىچىدە ئۇزۇن تۇرسا،ئادەمنى زەھەرلەيدىغان،تىبابەتتە سۆزلىنىدىغان قەۋزىيەت دىگەن شۇ نىجاسەت بەدەن ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش ئارقىلىق،ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدىغان كىسەللىك. دىمەك، بۇ يەردە WC دا يېزىلغان شۇ ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ئۇقۇرمەنگە ئەمدى ئايدىڭ بولغان بولسا كېرەك.
كىسەللىك روھى كىسەللىك ۋە بەدەندىكى كىسەللىك دەپ ئىككىگە بۈلىنىدۇ. روھى كىسەللىكنى بىز ھازىرچە قۇيۇپ تۇرايلى، بەدەندىكى كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرى ھەر خىل بۇلۇپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ھازىر يۇقۇش سەۋەبى بىر قەدەر كەڭ تارقىلىۋاتقان ھەم ئاساسلىق بۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىىرى. جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ھازىر نۇقۇل پەقەت ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىكى جىنسى مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى،مەقەتكە(نىجاسەت چىقىدىغان ئۇرۇنغا) جىما قىلدۇرۇش يەنى WCدا تىلغا ئېلىنغان «يىيىش» . مەيلى گېندىكى مەسىلە دەڭ، ۋە ياكى، قاندىكى مەسىلە دەپ بانا-سەۋەب كورسىتىڭ،ۋە ياكى، مەيلى شۇنداق ئىشنى قىلغاندا كاندون ئىشلىتىڭ، مەقەتكە جىما قىلدۇرۇش بۇ مەينەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،نورمال ئادەمدە نىجاسەت ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە قەۋزىيەت بولغاندەك، بۇ خىل ھەركەت،قىلمىش،نىجاسەتتىن ئادەم بەدىنىگە قەۋزىيەتتىن باشقا يەنە ئەيدىز كىسىلىمۇ قۇشۇلۇپ كېلىدۇ. بىز بۇ يەردە ئەقىدە،ئېتىقاد، مۇسۇلمان،ئەنئەنە دىگەننى قۇيۇپ تۇرايلى، مەينەتچىلىك ئارقىلىق، شۇنداقلارغا ھەمرا بۇلۇدىغىنى ئاقىۋەتتە ئەيدىز ۋە كىسەللىكتىن ئىبارەت. كىسەلنىڭ ياخشىسى يوق، بىر يىرىڭىز ئاغرىغاندا ئادەم ئۈچۈن ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى،ئۈزىنى پاك،پاكىز تۇتۇشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى، دانالىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىىز،ئەمما،كىسەللىك،ئەيدىز سىزگە چىرمىشىپ بولغاندا، جان قاقشىغاندا،ئاغرىقنىڭ دەستىدىن يۈرەك پۇچۇلانغاندا،ۋايجانلىغاندا، شۇ بىر نەچچە مىنۇتلۇق «يىيىش» نىڭ قانچىلىق چوڭ بەدەل ئەكەلگەنلىكىنى بىلىسىز. بەدەل،ئاقىۋەت......ئاغرىق ئازاۋى....قىيامەتتىچۇ،دوزاقتىچۇ؟
ئادەمنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئورنى،رولى بار، بۇ بىر قانۇنىيەت، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئىنسانلار خىلاپلىق قىلسا، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ،ئادەم بەدىنىدىكى بۇ ئەزەلارنىڭ رولى ۋە قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئوخشاشلا ئىنسانلار جازاغا ئۇچرايدۇ، مەقئەتنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ رۇلى نىمە؟ ھەرگىزمۇ «يىيىش » ئەمەس.ئېغىزنىڭ رولى تائام يىيىش، سۆزلەش، ئۇنى-ئېغىزنى، تائام يىمەيدىغان قىلاتتىم دەپ چاپلىۋەتسەك ياكى يىپ-يىڭنە بىلەن تىكىۋەتسەك، ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلىقتىن نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز. كۆزنىڭ ۋەزىپىسى، رۇلى كۈرۈش،ئەگەر ئۇنى كۆرمەيدىغان قىلاتتىم، ئۇنىڭ كۈرۈش قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىتىتىم دىسەك، بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئەما بۇلۇش، يۇرۇق دۇنيانى شۇ كۈزىمىز بىلەن كۈرەلمەسلىك.قېنى،قايسى ئادەم، كىم شۇنىڭغا رازىكىن؟مەقئەتنىڭ رۇلى ۋە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيلى. بىزنىڭ بوينىمىزنىڭ ئۈستىدىكىسى باش،مىڭە ھەرگىزمۇ قاپاق ئەمەس. ئەقلىمىزنى ئىشلىتەيلى،چەتئەللىك شۇنداق قىلىدىكەن،دەپلا،شۇنداق قىلىۋەرسەك،بىزدىن ئەۋلاتلارغا نىمە قالىدۇ؟ بىز شۇنداق شەھۋانى ھەۋەس بىلەنلا ياشامدۇق؟ نىجاسەت ئىچىدە ياشامدۇق؟زىنا بىلەن ياشامدۇق؟ قېنى بىزدىكى پاكلىق؟ پاكىزلىق ۋە توغرا ئەقىدە؟
قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلايلى،توغرىسى،پاكىز ھالال ياشايلى،ئەيدىزدىن يىراق بولايلى،ئۇنىڭدىن بىردىنبىر يىراق تۇرۇش يولى،پاك،پاكىز ياشاش.زىنا قىلماسلىق،ئائىلىگە،مىللەتكە نىسبەتەن مەسئۇليەتچان بۇلۇش.ئۈزىمىزنى قەدىرلەش.
ھەممىمىزگە تەۋپىق،ھىدايەت،پاكىز تۇرمۇش يار بولسۇن.

تامام.

بۇ تېمام 2008- يىلى 3-ئايدا يېزىلغان. مەنبەسى ئۆزەم.

Rank: 3Rank: 3

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
200
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 20:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس، ھازىر بۇنداق ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى،بىز بۇنىڭغا سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
687 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2090

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىببىي جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلغاندا بۇنداق بەچچىۋازلارنىڭ ئوتتۇرا يېشى 40 تىن ئاشمايدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان، ئۇنىڭدىن باشقا بۇنداق ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىدۇ، يەنى ئەر دېسە ئەر ئەمەس، ئايال دېسە ئايال ئەمەس بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك، ئۇ دۇنيادىكى سوراق- سوئاللارچۇ ؟
ئاللاھ بەندىلىرىگە ئىمان، ئىنساپ، دىيانەت ئاتا قىلغاي!
مەن بۇ بەچچىۋازلىققا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى يېزىشنى ئويلىغان، لېكىن مۇ ئاممىۋى سورۇن بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلىي مىسال كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
121

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئىسىل تېما بۇ !!!!
توردىشىمىزنىڭ جەمئىيتىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەرنى دادىللىق  بىلەن قامچىلىغىنىغا ئاپىرىن ئۇقۇيمەن .

Rank: 1

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
15
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:12:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بايام ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ مۇشۇ بەچىۋاز غىتمەكلەر توغىرىسدا پاراڭلار بولغان ئىدى ، ئەمدى توردا ئۇقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە مەنمۇ بۇرۇنلا بىر نەرسە يىزىشنى ئويلاشقان. بىر ۋە بىر نەچچە يىللار بۇرۇن ئۈرۈمچىدە   تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاش  ئىھيىياجى بىلەن بىر نەچچە يىل تۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق خەتلەر دۆڭۆۋرۈكتىكى ئاممىۋىي ھاجەتخانىلاردا كۆپ ئىدى...

ئەڭ دەسلەپ تۇنجى كۆرگەن ۋاقىتىمدە شۇنچىلىك نۇمۇس قىلغان ئىدىم.

شۇ تاملارغا يېزىلغان خەتلەر ئەر بولمىش مەن ئۈچۈن ئاجايىپ نۇمۇس بىلىنگەن ئىدى. غەزەپ-نەپرىتىم بىلەن ئۇ ئازغۇنلارنى نەچچە مىڭنى تىللاپ ، ئۈزەمچە مەن كىرگەن ئايرىم خانىنىڭ تاملىرىدىكى نۇمۇرنى قىرىمەن دەپ قەلەمتۇراچ بىلەن قىرغىلى تۇرسام باقارمەن خەن كىرىپ ، ئېسىلىۋېلىپ، خەت يازغانلارنى تۇتالماي يۈرەتتىم ئەسلى سەن ئىكەنسەن دەپ....

ھاجەتخانىغا كىرگەن كىشىلەر ئالدىدا ئۆلمىدىم ئەمما باشقىسى بولدۇم...ئاران قاچقان ئىدىم.

بىز ھەرقانچە ئۆچ بولساقمۇ، قاقشىساقمۇ كار قىلمىسا بىكار ئىكەن، كىيىن بارغان ۋاقىتلىرىمد، ىەنزۇلار كۆپ رايۇندىكى ھاجەتخانىغا زۈرۈرىيەت سەۋەبىدىن  كىرىش مەجبۇر بۇلۇپ كىرسەم خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يىزىلغان ئۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ ، ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچۇپ، كەينىمگە يىنىپلا باقارمەننى تىللاپ تويغۇزۋەتكەن ئىدىم "سەن باقارمەن بولغاندىكىن ئۇچۇرۋەتسەڭ بولمامدۇ؟ نىمىنى باقىدىغان نىمىسەن دەپ" .

كىيىن ئۇرۇمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ساۋاقداشلار بىلەن كۈرۈشكەن ۋاقىتلىرىمدا قىزىل تاغ تەرەپلەرگە جايلاشقان بىر قىسىم كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا ھەپتىدە بىرەر قىتىم  ئانىسى ئوغۇل دەپ تۇغقان ، مەخسۇس مىللىي خىتمەكلەرنىڭ، بەچچىۋازلارنىڭ خاس ئولتۇرشى بۇلدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ خىلدىكى ئازغۇنلارنىڭ كۈپۈيۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىكايەت قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئۈرۈمچىدە كۈزۈمگە كۈرۈنگەن ياش شۇملار ئۇچرىسا شۇنچىلىك يىرگىنىشلىك ۋە ئازغۇن كۈرىنىدىغان بوپ قالغان ئىدى.
يەنىلا سەھرا ياخشىكەن. ساپ مۇھىت، ساپ ئۇيغۇر.....

خۇدا بەندىلىرىڭنى يامان يولدىن قايتۇرغايسەن.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
381 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1014

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىچ تۇرمۇش بىلەن نوكىيا فۇننىڭ قەلەملىرى بەك ئۆتكۈركەن، كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدىغان، ئويغا سالىدىغان پىكىرلەر.
    ھەي........مەن بۇ تېمىنى 3 قېتىم ئوقۇۋەتتىم. ئوقۇغانسىرى ئىچىمنى بىر نېمە تاتىلىغاندەك بولۇپ، بەكمۇ بىئارامچىلىق بىلەن ئوقۇپتىمەن. راستىنى دېسەم بەكلا ئازابلاندىم، ھازىرقى ھېسسىياتىمنى پەقەت بىر ئۆزەملا بىلىمەن. ................
   ھەي ئۇيغۇرلار، بىز شۇنداق تۈگەشتۇقمۇ، شۇنچىلىك زەئىپلىشىپ كەتتۇقمۇ، راستىنلا زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتىمىزمۇ؟؟؟ دېگەن خىياللار بىلەن كۆزۈمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى. كىيىنكىلەرگە، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرگە مۇشۇنداق زەئىپلىشىۋاتقان، تۈگىشىۋاتقان ئۇيغۇر دۇنياسىنى قالدۇرامدۇق؟ دەپ ئويلىدىم. ئەسلىدىنلا ئىككىنچى بالىنى ئېلىشقا ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمىگەن مەن ئەمدىلىكتە بېشىم تېخىمۇ ئىچىمگە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.......
    بەلكىم بۇنىڭغا ئوخشاش ھاجەتخانا ۋە ئۇ يەر-بۇيەرلەردە  يېزىپ قويۇلغان ئېلانلارنى بىزنىڭ مىللەت قىلمىغاندۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ھېچ بولمىغاندا كومپيۇتېرخانىلاردا ئۇرغۇزىدۇ ياكى تەرجىمە قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ بەلكىم مەن بۇ يەردە قاخشاپ باشقىلار نېمىشقا بۇنداق رەزىل ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغاندۇ، دەپ باشقىلارنى تىللايدىغاندىمەن، ئۇ باشقىلار كېلىپ يەنە بىر باشقىلارنى  نېمىشقا ئۇنداق قىلىدىغاندۇ، دەپ تىللىشى مۇمكىن، مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزدىن  رەنجىپ يۈرىشىمىز مۇمكىن....زادى قانداق كىشىلەر شۇنداق ئىشنى قىلىدىغاندۇ؟ ؟؟ ئادەم ئويلىسا، ئويلىسا پەقەت كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ئىللەتلەرنى تۈگەتمەك بەك تەسكە چۈشەمدۇ نېمە؟ ھەممە ئىشنىغۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىن باشلىساق توغرا بولىدۇ. ئەمما ئويلىساق بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى تەرەققى قىلغان، چوڭ شەھەرلەردىن كۆپرەك چىقىدىكەن. زاماننىڭ تەرەققىياتى بىزگە شۇنچىلىك قولايلىقلارنى ئەكىلىۋەتتىكىن بۇ جاھاندىن قاخشاشقا، زارلاشقا پەقەتلا ئامالىمىز يوق، ھەددىمىز ئەمەس. ئەمما بىزگە ئەكەلگەن مەنىۋى جەھەتتىكى  "سوۋغا"سىغا نېمە دېگۈلۈك؟ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى زامان تەرەققىياتىدىن كۆرەمدۇق ياكى؟..................
  مەن راستىنى دېسەم ئىنكاسىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا ئامالسىز قالدىم، قەلەم ئاجىزلىق قىلىپ قالدى.
   پەقەتلا ئۆز كۆڭلۈمدە:" ئۇلۇغ خۇدا، بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرگەي!" دەپلا قالدىم...........

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
222 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1232

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 18:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىللىت ئۆزىدىكى ئىللەتلەرنى يوقاتمىسا يۈكسەلمەيدۇ ....نەچچە ھەپتە بۇرۇن <لەگلەك قوغلىغۇچى بالا > دىگەن كىتابنى ئوقۇپ بەك يىغلاپ كەتكەنىدم ، كىچىككىنە ھەسەننىڭ ئۆزىنىڭ تەڭدۇشلىرى تەرىپىدىن بۇلغىغانلىقى ھەتتاكى بۇ رەزىل بەچچىنىڭ ھەسەننىڭ ئوغلىنى ئويۇنچۇق قىلىۋالغىنىنى ئوقۇغىنىمدا ئىچ -ئىچىمدىن پۇچىلىنىپ كەتكەن ، كىتابلاردا لۇت قوۋمىنىڭ ھىكايسىنى ئالاھىدەتىلغا ئېلىپ يېزىلىشىمۇ بۇ ئېغىر گۇناھنى يەرمۇ كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ ....
تېنچ تۇرمۇشنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى كۈزىتىشگە قايىل بولدۇم ، يېڭى تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز
ئاللاھ بەندىلىرىگە ئىنساپ بەرسۇن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
171 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
297
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 23:28:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىللەت ھەممە مىللەتتە بار........
  مەن بىرىنىڭ "....خەپ سەن گۇينىڭ تېلېفون نومۇرىنى ھەممە ھاجەتخانىغا يېزىپ قويمىسام..." دېگىنىنى ئاڭلاپ، مۇنداقمۇ ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلى بولىدىكىنا... دەپ ھەيران قالغان ئىدىم... ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ قايسىسى راست، قايسىسى يالغان بىرنېمە دېمەك تەس...

Rank: 2

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەك ئىچىنىشلىق تۇيۇلغىنى (بۇ ئىش ئۆز كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن ) بىر كۇنى ئەتتىگەن 7:30 ئەتىراپىدا ئىشقا ماڭاي دەپ يول بويدا ماشىنا توسۇپ تۇرسام بىر تاكسى ئالدىمغا كىلىپ توختىدى ،قارىسام بىر ئۇيغۇر قىزى ،مەندىن "ئۇ   يەرگە قانداق بارىدۇ " دەپ سورىغانتى ،مەن شۇنداق ئىنچىىكلىك بىلەن "نەنى دەيسىز ؟"دەپ سوراپتىمەن ،بۇ خىل سوئال نەچچە قىتىم تەكرالاندى ،لىكىن مەن پەقەتلا نەگە باردىغانلىقىنى بىلەلمەي،قاتتىق تەلەپپۇزدا  "ۋاي زادى نەگە باراتتىڭز ؟"دىسەم ،ئۇيالماستىن "ئەرلەر بىلەن ھىلىقىدەك ئىش قىلدىغان يەرگە"دىمەسما ،تاس قالدىم ياقىسىدىن تارتىپ چۇشۇرۇپ ئۇرغىلى ،لىكىن ئۇنداق قىلالمىدم ،(چۇنكى ئەپسۇس قىزىمنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدىغىنىغا ئازلا قالغان ئىدى ) ،شۇ تۇرغان جايىمدا ئىنكاسسز تۇرۇپ قاپتىمەن ،توۋە دەپ خىلى ئۇزۇنغىچە ئىسمگە كىلەلمەي قالدىم .

ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىڭنىڭ ئىنسابىنى بەرگەيسەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى 06:23 , Processed in 0.066544 second(s), 20 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش