يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 750 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 6

21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى


يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى




٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تەھرىر ئىلاۋىسى:
قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ يىراق ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، بالايىئاپەت ۋە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنى ئەسلەپ، بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ مەنبىئى، سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى، شۇنداقلا تەقدىرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش-نۆۋەتتە ھەربىر ئانا، خوتۇن-قىز، ئاچا-سىڭىل ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىبان شاپائەتچىسى، كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ئىمانلىق تەربىيىچىسى بولمىش ھەربىر ئاتا، ئەر-ئوغۇل، ئاكا ۋە ئۇكىلارنىڭ سۇغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا تېگىشلىك جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، ئالدىمىزغا قويۇلماقتا. خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ھوقۇق تارىخچىسى مۆھتىرەم يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى ئەپەندىنىڭ بۇ رىسالىسى دەل مانا مۇشۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئەخلاق بىلەن ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەي تېنەپ قېلىۋاتقان خوتۇن-قىزلىرىمىزغا توغرا يول كۆرسىتىپ روھىي ئوزۇق ئاتا قىلىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

(1)

ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ ئاتىسى ھېسابلانغان قەدىمكى مىسۇپوتامىيە ۋادىسىدا بۇنىڭدىن ئالاھەزەل قىياس ئالتە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان سومېرلار، ئاسورىيلەر ۋە بابىلونلىقلارنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدا ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق. مىلادىدىن ئاۋۋالقى 18-ئەسىردە قەدىمكى بابىل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ھاممۇرابى تەرپىدىن جاكارلانغان «ھاممۇرابى قانۇنى»دا ئاياللارنىڭ گۇناھكارلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ماددىلار بار، ئۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرلەر ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلتۈرگۈچىگە ئۆلۈم كەلمەيتتى. ئەرلەر ئاياللىرىنى سېتىۋېتىشكە ياكى قۇل ئورنىدا قەرزگە تۇتۇپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئىدى. ئاياللار ئەرگە تېگىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانىلارغا كېلىپ، سېتىلىدىغان بۇيۇم ئورنىدا تۇراتتى. چىرايلىقلىرى دەرھال سېتىۋېلىنسا، سەتلىرى ئۈچ-تۆت يىللاپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. بۇنداق ئىبادەتخانىلار تولاراق پاھىشە خانا خاراكتېرىنى ئالغان ئىدى. دەللاللار قاۋاقخانا ئېچىپ، سولامچىلىق بىلەن تۇرمۇسىنى قامدايتتى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ئۆز تېنىنى سېتىپ جان باقاتتى. قەدىمكى ھىندىستاندا ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ھىندى ئالىمى دوكتور گوستاپ ئەپەندىنىڭ «تەمەددۇنى ھىندى» (ھىندى مەدەنىيىتى) دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە كۆرە، ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىدا: «ۋابا كېسىلى، ئۆلۈم، دەۋزەخ، زەھەر، زەھەرلىك يىلانلار، ئوت قاتارلىقلارمۇ خوتۇن كىشىدىن ياخشىراقتۇر» دېيىلگەن. ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ تەقدىرى ئۇلارنىڭ خوجايىنى بولغان ئەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلىرى ئۆلسە ئۇلار ئەرلىرى بىلەن بىللە تىرىك كۆمۈلەتتى ياكى ئوتتا كۆيدۈرۈلەتتى. «مانو قانۇنى»دا: «ئاياللار قىز بولسۇن، جۇۋان بولسۇن ۋە ياكى قېرى موماي بولسۇن، ئۆز ئەركىنلىكىنى تاللاش ھوقۇقى يوق. ئۇلار ئۆيدە ئاتىسىغا، تالاغا چىقسا ئېرىگە، ئېرى ئۆلسە ئوغلىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم. تول ئاياللارنىڭ قايتىدىن ياتلىق بولۇشى راۋا ئەمەس. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە تارىنىش، ياسىنىش جەھەتتە ئۆلگىچە پەرھىز تۇتۇشى لازىم. ئاياللارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق، ئۇلارنىڭ بارلىقى ئەرلىرىگە مەنسۇپ» دېيىلگەن. ئۇلار دەرەخ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان بولغاچقا ھەر يىلى شۇلارغا ئاتاپ ھەر بىرى ئۈچۈن بىردىن قىز قۇربانلىق قىلاتتى. مۇئەللىپ ئابدۇلفەتتاھنىڭ «روھۇد دىينىل ئىسلام» (ئىسلام روھى) دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، «تەۋرات»مۇ خوتۇنلارغا ھىندى قانۇنلىرىدىن رەھىمدىلرەك ئەمەس ئىدى. تەۋراتنىڭ «جامىئە» قىسمىدا مۇنداق يېزىلغان: «خوتۇن كىشى ئۆلۈمدىنمۇ ئاچچىق بىر نەرسىدۇر. خوتۇن كىشى (ئادەمنى ئوۋ قىلىدىغان) سىرتماق، ئۇنىڭ قەلبى قىسماق، ئۇنىڭ ئىككى قولى كىشەندۇر. مىڭ ئادەم ئارىسىدىن كېرەكلىك بىر ئادەم تېپىلىدۇ. مىڭ خوتۇن ئارىسىدىن كېرەكلىكىدىن بىرسى تېپىلمايدۇ». مىسىرلىق دوكتۇر ئەھمەد شەلەبىنىڭ «مۇقارىنەتۇل ئەديان ئەل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 6-ئەسىردە رىم ئاقساقاللىرى «‹ئاياللار روھى بار جىسىممۇ ياكى مۇتلەق جىسىممۇ؟› دېگەن تېمىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، ئاياللار دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئۇ دۇنيالىقى يوق، روھى بار پاسكىنا جىسىم، ئۇلار گۆش يېمەسلىكى، كۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا يارىتىلغان» دېگەن پىكىردە بىرلىككە كېلىشكەن. رىملىقلار ئاياللارنى شەيتاننىڭ ھەمراھى، ئازدۇرغۇچى يامان روھ، بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى، شەيتان ئادىمىزاتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاياللار ئارقىلىق چىرىتىدۇ. ۋە نابۇت قىلىدۇ، دەپ قاراپ، خوتۇن-قىزلىرىنى تۆلەم ئورنىدا باشقىلارغا بېرىۋېتەتتى. ئاياللار ھەر خىل تەن جازالىرىغا ئۇچراپ تۇراتتى. بۇ چاغدىكى ئاياللارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بولمايتتى. ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشنى توسۇش ئۈچۈن، رىملىقلار ئاياللارنىڭ ئاغزىغا تۆمۈر قۇلۇپ سېلىپ قوياتتى. بەزى ئالىملار بۈگۈنكى كۈندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىۋالغان ھالقا ئەنە شۇ قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەندىن، بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن زەنجىر بولسا، قەدىمكى زاماندىكى ئاياللارنىڭ بوينىغا سېلىنغان قۇلۇپلۇق زەنجىردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، قۇلىقىغا سالغان ھالقا ۋە قولىدىكى ئۈزۈكلەرمۇ ئەنە شۇلارنىڭ راۋاجى دېيىشىدۇ. «شۇبھاتى ھەۋەلەل ئىسلام»دا يېزىلىشىچە، ئافىنا (يونان) ئاياللىرى ئېلىپ-سېتىلىدىغان ماددىي بۇيۇم ئىدى. ئۇلار ئاياللارنى شەيتاندىن ئاپىرىدە بولغان مەينەت، پاسكىنا مەخلۇق دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ يىرگىنەتتى. ئاياللارنىڭ شۇملۇقى، نىجىسلىقى، پەسكەش ۋە بۇزۇقلۇقىدىن گۇناھ سادىر بولىدۇ، ئاياللاردىن يىراق تۇرغاندىلا ئاندىن ئالىي پەزىلەت ۋە يۇقىرى مەرتىۋە قولغا كېلىدۇ، دەپ قارايتتى. بەنى ئىسرائىل قەبىلىسى (يەھۇدىيلار)نىڭ خاتا گۇمانىچە ئاياللار ئەرلەرنى جەننەتتىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، ئۇلار كەمسىتىلىپ ئەڭ ئېغىر ئىشلارغا سېلىناتتى. ئۇلار بەزىدە قىزلارنى ئۆلتۈرۈپ نەزىر ئۆتكۈزەتتى. پارس تارىخچىسى شاخىم ماكارىئوسنىڭ «ئىران تارىخى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىساق، قەدىمكى ئىران نادانلىق بىلەن جىنايەتنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە تېخى مەۋجۇد بولمىغان نىكاھ تۈزۈمى ئىراندا قانۇنلۇق دەپ قارىلاتتى. ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى يەزدىگەرد II ئۆزىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، خوتۇنلاپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. مەشھۇر ئەرەب تارىخ ئالىمى ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد بىننى جەرىر بىننى يەزىد ئەل-تەبەرى (ھىجرىيە 224-310) نىڭ «تارىخى تەبەرى» دېگەن كىتابىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، ئىران شاھى بەھرام چۆبىن ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغان ئىدى. شۇەنزاڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەت خاتىرىسى»دە يېزىلىشىچە، ئىران جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قانۇنى ھەرقانداق  شەكىلدىكى نىكاھلىنىشنى چەتكە قاقمايتتى.
ئىران ساسانىيلار دەۋرىدە مانى دىنى تەلىماتى مەيدانغا كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن شۇ زاماندا ئەۋج ئالغان ئەخلاقسىزلىق ھەم چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەدىمكى ئىران پەيلاسوپلىرىنىڭ قىزىقىپ تەتقىق قىلغان ئاتالمىش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق كۈرىشى تەلىماتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. مانى (216-276) مىلادىيە 3-ئەسىردە ئون ئىككى يېشىدا تەركىدۇنيالىقنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، شۇ زاماندىكى ئىنسانلار ئارىسىدا يامراپ كەتكەن ھاراقكەشلىك، زىناخورلۇق، شەھۋەتپەرەسلىك قاتارلىق قورقۇنچلۇق كېسەلنى ئۇنىڭ تەلىماتى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولاتتى. ئۇ بارلىق رەزىللىكلەر قاراڭغۇلۇقنىڭ يورۇقلۇققا قارشى تۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، يورۇقلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئىنسانلار نەسلىنى ئاۋۇتماسلىقى كېرەك، دېدى. مانى دىنىنىڭ رىۋايىتىدە  ئۇنىڭغا ئون ئىككى يېشىدا ۋە يىگىرمە تۆت يېشىدا ئىككى قېتىم زىناخورلۇق ۋە ئادەم، جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ۋەھىي كەلگەن دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي تەشۋىقاتىغا ئاتىسى ۋە باشقا يەنە ئىككى ئادەملا ئاۋاز قوشقان، ئۇ ئۆز تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تەبىىسفون، موقران، تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە جۇڭگوغا كەلگەن، ئاخىردا مىلادىيە 273-يىلى مانى مەملىكىتى ئىرانغا قايتقان. ئەمما، شۇ ۋاقىتتىكى ئىران پادىشاھى بەھرام: «بەختسىزلىكنى تەشۋىق قىلغۇچى بۇ ئادەمنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىدىغان سۇيىقەستى ئىشقا ئېشىشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ جاكارلىدى ۋە 276-يىلى بەھرام ئۇنى تۇتۇپ گۇندى شافۇر زىندانىغا قامىدى ۋە يىگىرمە ئالتە كۈندىن كېيىن كىرستقا مىخلاپ ئۆلتۈردى. مانى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرى، شاگىرتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. ئەمما، ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتى بۇ دىننىڭ مەركىزى بولغان بابىلونىيە ۋە باشقا شەھەرلەردە تەشۋىق قىلىنىۋەردى. مۇرىتلار ئەزەربەيجان، كىچىك ئاسىيا (ئانا-تولى)، مىسىر، مەغرىب (شىمالىي ئافرىقا)، ئوتتۇرا ئاسىيادا دىن تارقاتتى. مانى تەلىماتى شەرقتە، بولۇپمۇ يايلاق مىللەتلىرى ئىچىدە ئۈنۈملۈك تارقىتىلدى. 8-ئەسىردە ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتتى.
مانى ئۆلۈپ ئىككى يۈز يىلدىن كېيىن، يەنى پادىشاھ قۇباد دەۋرى (488-531)دە ئىرانلىقلارنڭ شاللاقلىق مىجەزى قايتىدىن قوزغىلىپ، مەزدەك ھەركىتى دېگەن بىر تەتۈر بوھران كۆتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان ئىسلام پەيلاسوپى ۋە تارىخ ئالىمى ئەبۇ فەتتاھ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ئەھمەد شىھىرىستانى (10860-1153)نىڭ «ئەلمىلەل ۋە ئەلنىھەل» دېگەن ئەسىرىدىكى قەيتلەرگە قارىغاندا، مەزدەك ئىنسانلار بىر ئاتا بىر ئانىدىن تۆرەلگەن. شۇڭلاشقا خۇددى ئوت، سۇ ۋە يېمەك-ئىچمەككە ئىھتىياجلىق بولغاندەك جاھاندىكى بارلىق ئەرلەر، بارلىق خوتۇنلار ۋە مال-دۇنيادىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دېگەننى تەشۋىق قىلدى. بۇ خوتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا كەلگەن دۇنياۋى خاراكتېرلىك چوڭ بىر ئاپەت، شۇنداقلا بارلىق ئەركەكلەرنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان دەھشەتلىك كەمسىتىش ئىدى. مەزدەك تەلىماتى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن تەڭ خۇددى «تارىخى تەبەرى»دە ئېيتىلغاندەك، «ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بىمەنە، چاكىنا، شاللاق ئادەملەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزدەك مۇرىتلىرىغا ئايلاندى. ھەتتا پۇقرالارمۇ خۇددى شىددەتلىك بوران كەبى كەلگەن بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۆز ئىختىيارىچە باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرەلەيتتى، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تونۇمايدىغان، بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنى تونۇمايدىغان بولدى». ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن ھېچبىر پەرقى يوق ئىدى. مەزدەك مۇرىتلىرى پادىشاھ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، پادىشاھ قۇبادنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشقا قىستىدى. مەزدەك دىنى پادىشاھنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدە ھەش-پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى. ئىران چىرىكلىك، مالىمانچىلىق، زىنا، پاھىشە، شەھۋەتپەرەستلىك، پاسكىنا، مەينەتچىلىك بىلەن بولغانغان، خوتۇن-قىزلار قاتتىق دەپسەندە قىلىنغان بىر قورقۇنچلۇق دۇنياغا ئايلاندى. ئاللانىڭ ئىرادىسى بۇنىڭغا قەيئىي يول قويمايتتى. مىلادىيە 496-يىلى ئىران ئاقسۆڭەكلىرى پادىشاھ قۇباد I نى تەخىتتىن چۈشۈردى. 6-ئەسىرنىڭ بېشىدا مەزدەكلەر ئىفتالىتلار ئارىسىدا پاناھلىنىۋاتقان پادىشاھ قۇباد I دىن ئۆزلىرىنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، 529-يىلىدىكى ئاقساقاللار كېڭىشى مەزدەك تەلىماتىنى بىردەك بىدئەتلىكتە ئەيىبلەپ، مازداق ۋە ئۇنىڭ سەكسەن مىڭ مۇرىتىنى دارغا ئاستى.
ھىندىستانلىق ئىسلام ئالىمى مەۋلانە ئەبۇل ھەسەن ئەلى نەدىۋنىڭ «مازا خەسىرەل ئالەم بىنھىتاتىل مۇسلىمىن» دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدىكى قەيتلەردىن جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر رەزىللىك بىلەن قاباھەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغان بولۇپ، جازانىخورلۇق، زىناخورلۇق، ھاراقكەشلىك، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  جاھىلىيەت دەۋرىدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ ناچار، قەبىھ ئادەتلەرنى تەسۋىرلەپ يېزىلغان بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ يازما ۋەسىقىلىرىدىنمۇ ھاراقنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. قىمار-ئەرەبلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان بىر خىل كەسپى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قىمارغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى رەت قىلىشنى ئادەمنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمىغانلىق ھېسابلايتتى. قىمار كۆپىنچە قەبىلىلەر ئارىسىدا بولىدىغان قىساس ۋە قان تۆكۈلۈشلەرگە سەۋەبچى بولاتتى. زىنا ئەرەبلەردە گۇناھ ھېسابلانمايتتى. پاھىشىۋازلىق ھەر خىل شەكىللەر بىلەن بۇ جەمئىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، پاھىشە ئاياللار ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا بىر بايراق قاداپ بەلگە قىلىپ قوياتتى. ئەرەب ئاياللىرىدا مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايتتى.تۇل خوتۇنلار ۋە ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلارنىڭ قايتا ئەرگە تېگىشىگە رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئاتىسى ئۆلسە خوتۇنلىرى بىلەن مال-دۇنياسىغا چوڭ ئوغلى ۋارىسلىق قىلاتتى. غۇرۇر ۋە نامراتلىق تۈپەيلى يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان قەبىھ ئادەت ھەر قايسى ئەرەب قەبىلىلىرى ئىچىدە ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر ئون ئەرەبتىن بىرى قىزىنى ئۆلتۈرۈپ گۇناھكار بولاتتى. بۇ چاغدا ئاللانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قىممەتلىك سوۋغىسى بولغان ئەخلاق ئېتىباردىن يىراقلاشتى، باتۇرلۇق بىلەن كۈچ زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندى. بۇزۇپ چېچىش ۋە ئىسراپچىلىق سېخىيلىقنىڭ بەلگىسى قىلىندى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش غۇرۇر سانالدى. پىلان-تەدبىرنىڭ ئورنىغا ھىيلىگەرلىك دەسسىدى. ئەقىلنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى جىنايەتنى لايىھىلەش ياكى كۆز كۆرسە يۈرەك جىغىلدايدىغان، يېڭىچە چىرىك، شەھۋانە تۇرمۇشنى ئىجاد قىلىش بولۇپ قالدى. ئادەم ياشايدىغانلىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە ھەسرەت-نادامەت ۋە ئەندىشە-كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەۋج ئالدى. سىياسەت قالايمىقان ئىشلىتىلدى، ئۇ خۇددى قالايمىقان چېپىپ يۈرگەن ياۋا تۆگىگە، ھوقۇق كەيپ بولۇپ قالغان ھاراقكەشنىڭ خەنجىرىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ ئەقلىدىن ئاداشقان بولۇپ، مەيلى ئۆزىگە ياكى ئۆزگىگە بولسۇن پىچاق بىلەنلا تاقابىل تۇراتتى.
يىغىنچاقلىغاندا، خرىستىئان دىنى يىلنامىسىنىڭ 6-ئەسىردە دۇنيادا بىرەرمۇ ساغلام دۆلەت، پەزىلەتلىك، غايىلىك بىرەرمۇ جەمئىيەت، پۇقرالىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغان بىرەرمۇ ئەدلى-ئادالەتلىك دانا ھۆكۈمران يوق بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا تەپرىقىچىلىك ۋە توپىلاڭلارنىڭ ئانا مەنبەسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇرمىلانغانلىقتىن كىچىككىنە يورۇقلۇق چىقىرىپ تۇرغان چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلار زۇلمەت كېچىدە خىرە-شىرە يورۇپ تۇرغان شامغا ئوخشايتتى. ئۇ چاغدا ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، ئادالەت ئۆزىنى دالدىغا ئالغان ئىدى. گەرچە ئىنسانلار زۇلمەت ئىچىدە نەچچە يۈز يىل ئىزدەنگەن بولسىمۇ، بىرەر كۈچمۇ ئۇلارنى خەتەرلىك يارنىڭ لېۋىگە كېلىپ قالغان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر چاغدا يەنە كېلىپ خۇددى ئۇلۇغ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» دېگەن كىتابىدا ئېيتىلغىنىدەك: «زامان ئەھلىنىڭ ئەڭ ساغلاملىرى كېسەل، ئەڭ سۆزمەنلىرى كېكەچ بولۇپ قالغان بىر چاغدا مىھرىبان ئاللاھ ھالال بىلەن ھارام ئىشلار ئېنىق ۋە تولۇق بايان قىلىنغان قۇرئاننى جىبرىيل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىپ، مەشئەل ۋە يول كۆرسەتكۈچ بەلگە تىكلەپ بەردى». مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىماسى سەھنىدىكى داھىي ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ يولىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئىنسانلارنى يامان ئىشتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى نۇرلۇق مەشئەل ئىدى. ئۇ بىر خىل گۇناھ بولىدىغان ئىشنى يەنە بىر گۇناھ بولىدىغان ئىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمىدى، بىر جايدا ئادالەتسىزلىكنى يوقاتقاندىن كېيىن يەنە بىر جايدا يېڭى ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلمىدى. ئۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇسى تۇپرىقىدا ھەيۋەتلىك ئەرەب قەسىرلىرىنى بىنا قىلمىدى. ئىنسانلارنى رۇم ۋە پارس ئىستىبداتلىرىنىڭ بويۇنتۇرقى ئاستىدىن ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئەدنان ۋە قەتان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خارلىشىغا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىرەر دۆلەت ياكى ئۈممەتكە دىن  تارقاتمىدى، بەلكى ئەرەبلەرنى دىن تارقىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۆستىدە باش قاتۇردى. چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب جەمئىيىتى ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە بايلىقنىڭ تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چىرىك جەمئىيەت ئىدى.
ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىرشادلىرى ۋە ھېكمەتلىك كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدىكى ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەر-خوتۇنلۇق ئالاقىنى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك ئالاقىلەردىن قىلدى. «قۇرئان كەرىم» ئېنىق قىلىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ يارىتىلىشتا، بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (4:1، 49:13)، قىلغان ئىش-ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى (33:35، 16:97، 60:12، 4:32، 4:124)، ئەر بىلەن ئايال ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىدە ۋە ئىنسانلىق ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكى (17:70)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەل ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىنىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (3:195)، ئەر بىلەن ئايال ئىسلام شەرىئىتىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن توسۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى (28:84)، ئەر بىلەن ئايالنىڭ قىساستا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى بىر ئەر بىر ئايالنى ناھەق ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئايال ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئايال بىر ئەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ ئايالنىڭمۇ شۇ ئەر ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى (2:178)، ئەر بىلەن ئايال مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەر كىشى مال-مۈلۈككە قانداق ئىگە بولالىسا، ئاياللارنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاش مال-مۈلۈك ساھىبى بولۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى (33~32: 4)، ئەر بىلەن ئايال مىراس ئېلىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئەرلەر مىراس ئالغاندەك ئاياللارنىڭمۇ مىراس ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى (4:7) قاتارلىقلارنى بېكىتتى. «قۇرئان كەرىم» يەنە ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھوقۇقىدا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، يەنى ئەرلەر ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئاياللار بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئۆزلىرى خالاپ ياخشى كۆرگەن ئەرلەر بىلەن توي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئوغۇل-قىزلارنى ئۇلار خالىمىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشقا زورلاشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئۆزلىرى خالىمىغان ئەرلەرگە تەگمەسلىككە، ئۆزلىرى خالىغان ئەرلەرگە تېگىشكە ھوقۇقلۇق بولدى. بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ھوقۇقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر ھوقۇق ئىدى. ئىسلام دىنى ئەرلەرنى ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشقا، ئاياللارنى ئەرلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى ھەمدە خۇددى ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللىرىنىڭمۇ ھەقلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئىسلام دىنى ئاياللار خۇسۇسىدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر دىن ۋە مەدەنىيەتكە قارىغاندا ئىلغار يول تۇتتى. «قۇرئان كەرىم» ئىلىمنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھىملىقىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلىم يالغۇز ئىمتىياز ئىگىلىرىگىلا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق كىشىگە مەنسۇپ ئىدى. ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىشكە بۇيرۇلۇشتا ئوخشاش ئىكەنلىكى، يەنى ئىسلام دىنى  مۇسۇلمانلارنى ئىلىم ئۆگىنىشكە بۇيرۇغاندا ئەر، ئايال دەپ ئايرىماستىن ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش ئەمىر قىلىدىغانلىقىنى، بىلىمنىڭ دىنىي ئىلىم ۋە شۇنداقلا شەخسكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە پايدىلىق بارلىق ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى (3:18، 35:28، 39:9) قاتارلىقلارنى ئوقتۇردى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشىنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ شۇنداقلا ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ مۇھىم بىر بەلگىسى قىلىپ بېكىتتى. رەسۇلىللا ھەزرەتلىرى خۇددى مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى پەخرىددىن (1859-1936)نىڭ «جەۋامىئولكەلىم شەرھى» كىتابىدا كۆرسىتىلگەندەك «پۈتۈن ئەھلى ئىسلام ئىچىدە ئىلىم يېيىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى ۋە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆزى ئۆگىنىش لازىم ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتى. لېكىن بۇ (تەشەببۇس) بەختسىزلىككە قارشى بۈگۈنگە قەدەر (20-ئەسىرگە قەدەر) مۇسۇلمانلار ئىچىدە ھېچبىر ئەسىردە ۋە ھېچبىر مەملىكەتتە ئىجرا قىلىنمىدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى. بۇنىڭ گۇناھى دىندا ئەمەس، بەلكى ئۈممەتنىڭ ئۆزىدە» ئىدى.

مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(داۋامى بار)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
(داۋامى)

يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى



(2)



19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ئالىملار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار 19-ئەسىردىكى مۇسۇلمانلرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ مەسخىرىلىرى بىلەن ئەيىبلەشلىرىگە باھانە بولۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى؛ ئىلىم-مەرىپەتنىڭ كېمىيىپ، خار-زەبۇنلۇقلارنىڭ ئەۋج ئالغانلىقى؛ سەپەر يۈرۈشلىرىگە خۇراپاتلىق ئارىلىشىپ، دېھقانچىلىق، سودا-سانائەتتە ئارقىدا قالغانلىقىنى؛ رەسۇلىللاھ زامانىسىدا خاتىمە بېرىلگەن جاھىلىيەت دەۋرى ئىللەتلىرىنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان نەرسىنىڭ دەل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيلى ئېتىبارى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئىسلام دىنىنى دەۋرگە ماس ھالدا شەرھلەپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي روھىي قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق (يېڭى نەرسىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس) غەرب ئەللىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان تۈزۈمنىڭ ئىسلام جەمئىيتىدە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا ۋە ساغلام بىر دۆلەت شەكلى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تەرەققى تاپتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاھالىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغان ئاياللارنى ئويغىتىش، ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن قەلبلىرىگە مەلھەم سۈرۈپ، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئانىلىرى، ئاچىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە سىڭىللىرىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ لايىھىلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتى.
يېقىنقى زامان ئىسلام تارىخىدا ئاياللار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى ۋە بايراقدارى مىسىرلىق ئىمام ئەزھەرى شەيخ رىفائەرافى ئەل تەختەۋى (1801-1875) بولدى. ئۇ يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، شۇنداقلا مىسىرغا ئەڭ بۇرۇن غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم-مەرىپىتى بىلەن دېموكراتىك ئىدىيىنى كىرگۈزگەن داڭلىق مۇتەپەككۇر ۋە مائارىپچى ئىدى. ئۇ ھىجرىيە 1241-يىلى (مىلادىيە 1825-1826)، يەنى يىگىرمە يېشىدا ئۆز زامانىسىنىڭ ئەللامىسى ھاشىم ئاتا دېگەن كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مىسىر نائىبى مۇھەممەد ئەلى پاشا (1769-1849) تەرىپىدىن پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىمام بولۇپ تەيىنلەندى ۋە 1826-يىلىدىن 1831-يىلىغىچە پارىژدا تۇردى. گەرچە ئۇ پارىژغا ئىماملىق سالاھىيتى بىلەن (ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيتى بىلەن ئەمەس) بارغان بولسىمۇ، فرانسۇز تىلىنى قىلچە بوشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى قابىل تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ئۇ دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، يۇنان پەلسەپەسى، دىنشۇناسلىق، جۇغراپىيە ئىلمى، ماتېماتىكا، مەنتىقە ئىلمىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇدى. ئۇ سىستېمىلىق ھالدا يەنە فرانسىيە مۇتەپەككۇرلىرىدىن مۇنتيوسكۇ، ۋولتىر ۋە روسسۇنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. مۇھەممەد ئەلى پاشا ئۆزىنىڭ پارىژغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن فرانسىيىنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت نەرسىلەرنى كۆپ بىلىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما، تەختەۋى ئۇنىڭ ئەكسىچە فرانسىيىنىڭ ھەممە نەرسىسىگە دىققەت قىلدى. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا «پارىژغا سەپەر» ناملىق ئەسىرىنى يازدى. بۇ ئەسەر مىسىردىكى «مەتبۇئات بۇلاق» تەرىپىدىن 1834-يىلى تۇنجى قېتىم ئەرەب تىلىدا نەشىر قىلىندى، 1839-يىلى تۈركچە نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەردە 19-ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى، مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ئەھۋالى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان بولۇپ ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى. ئىمام تەختەۋى مىسىرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1836-يىلى تەرجىمان ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان كەسپىي مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆتەش بىلەن بىللە شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ نەشر ئەپكارى-«ئەل ۋاقايى ئەل مىسىرىيە»نىڭ باش مۇھەررىرى بولدى. مۇھەممەد  ئەلى پاشانىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ تارىخىي كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچ ئاجراتتى، «قەدىمكى دۇنيا تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيە پادىشاھلىرى»، «ئىمپېراتۇر پېتىر»، «پادىشاھ چارلىز VII نىڭ تارىخى»، «رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە خارابلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى» قاتارلىق كىتابلار ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتابلارنى تەختەۋى ئۆزى تاللىغان ئىدى. تەختەۋى مۇھەممەد ئەلى پاشا زامانىسىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلدى. ئەمما مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ نەۋرىسى ئابباس پاشا ھېلىمسانى زامانىسىدا (1848-1854) ۋە ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى سەئىد پاشا زامانىسىدا (1854-1863) ئېتىۋاردىن يىراقلاشتى. چۈنكى، بۇ ئىككى ھۆكۈمران غەربلىشىشكە قارشى ئىسلام ئەنئەنىچىلىرى ئىدى. ھىجرىيە 1279-يىلى (مىلادىيە 1863-يىلى) ئىسمائىل پاشا تەختكە چىققاندىن كېيىن تەختەۋىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۇ 1870-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىدە تەتقىقات ۋە ژۇرنال چىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ مائارىپقا ئائىت «ياشلارنىڭ توغرا يولى»، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت «زامانىمىزدىكى سەنئەت ھۇزۇلىنىشىدىن مىسىرلىقلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا نەزەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى مانا مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلغانىدى. ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە پىشقان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىسىر ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىدىيە ئەھۋالىنى قاتتىق تەھلىل قىلدى.
ئۇ ئاياللار مەسىلىسىدە ئۆزگىچە بىر تەپەككۇر ئۈستۈنلۈكىدە تۇرۇپ، ئۆز زامانىسىدىكى ئىسلاھاتچىلارغا قارىغاندا دادىل بىر قەدەم باستى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتلىرنىڭ نورمالسىزلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب خوتۇن-قىزلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئوچۇق قويۇپ يۈرۈشى بىلەن بەدەنلىرىنى يۆگەپ يۈزىگە چۈمبەل تەرتىپ سەترە (يېپىنىۋېلىش) بولۇشىدا بولماستىن، بەلكى تەربىيلەشنىڭ ياخشى-يامانلىقىدا ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ئەھمىيتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ناۋادا ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى قاتمال ۋە كونىلىققا تەۋە بولسا، ئېتىبارغا ئېلىنماي تاشلىۋېتىلىدىغان بىر خىل قارا ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاياللارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى ئويغىتىپ بايلىق يارىتىدىغان ئەمگەك ۋە خىزمەتكە ئاتلاندۇرۇشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مىسىرغا تالانتلىق، ئىقتىدارلىق يېڭى ئادەملەر كېرەك. بۇ يېڭى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىدى. تەختەۋىنىڭ بۇ كۆز قارىشىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىسمائىل پاشا (1863-1879) مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ ھازىرقى زامان مىسىر مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھىجرىيە 1289-يىلى (مىلادىيە 1873-يىلى) ئىسمائىل پاشا ئۈچىنچى خوتۇنى جاسىر ئەفتەر خانىمنىڭ تۇنجى قىزلار مەكتىپىنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، بۇ مەكتەپكە «سۇفىيە قىزلار مەكتىپى» دەپ نام بەردى. 1874-يىلى جۇغراپىيە، تارىخ ۋە دىنىي ئىلىمگە ئوخشاش ئاساسلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى. قىز ئوقۇغۇچىلار ماشىنچىلىق (تىككۈچىلىك)، توقۇمۇچىلىق، كەشتىچىلىككە ئوخشاش قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپلىرىدە ئوقۇدى. بۇ ئىش 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشتى.
ئىمام تەختەۋىدىن كېيىن شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ ئىبنى ھەسەن خەيرۇللاھ ھەزرەتلىرى (1849-1905) مەيدانغا كەلدى. ئۇ ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر ئىسلاھاتچى ۋە ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈاشنىڭ يەنە بىر باشلامچىسى ئىدى. ئۇ «ئەل ئىھرام» ۋە «ئەل ۋەقايى ئەل مىسىرىيە» گېزىتلىرىدە ماقالىلار ئېلان قىلدى. 1889-يىلى جامالىدىن ئاففانى (1839-1897) بىلەن بىرلىشىپ پارژدا «ئەل ئۇرۋەتۇل ۋۇسقا» (مۇستەھكەم بىرلىك) نامىدا تەشكىلات قۇردى ۋە ژۇرنال چىقاردى. «رىسالەتۇت تەۋھىد»، «ئىسلام دىنى، كاتۇلىك دىنى ۋە ئېلىم-پەن مەدەنىيىتى»، «قۇرئان تەپسىرى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇ ئىسلامىيەتنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق قايغۇراتتى. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىسلام ئىسلاھاتىنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارىتىپ، دىننى رېئال جەمئىيەتتىكى تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلاشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆز قارىشى ئېتىقادنى پاكلاپ ئەخلاقنى تەكىتلەش، ئىسلامنىڭ پاكلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام ئەنئەنىسى ئىچىدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئۆرۈپ-ئادەت ۋە قانۇن-نىزاملارنى ئىسلاھ قىلىش، دىننى ئەقىلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دەلىللەش قاتارلىقلار ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرى بارغانسېرى ئۇششاقلاپ ۋە چاكىنىلىشىپ كېتىۋاتقان كونا قائىدە-يوسۇنلارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، قارىغۇلارچە ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئىسلام دىنىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. «قۇرئان كەرىم»نى يېڭى تەپسىرشۇناسلىق نەزەرىيىسى بويىچە شەرھلەپ، ئۇنىڭدىكى ئېتىقادقا ئائىت ۋەھىيلەرنى ئىجتىمائىي قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئائىت ۋەھىيلەردىن ئايرىپ چىقتى. «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىشەنچىلىك «ھەدىس شەرىف»لەر ئىچىدىن زامانىۋى ئىدىيىلەرگە يېقىنراق بولغان ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، ھۆر پىكىر بىلەن فىقھى ئىلىمگە مەنتىقىلىق يەكۈن بېرىپ، يېڭىچە بولغان قانۇن-قائىدە ۋە «ئىجما» پرىنسىپىنى بەرپا قىلدى. ياۋروپانىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئىسلامىيەتنىڭ ئىدىيە-مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى زامانىۋى تۇرمۇشقا يېتەكلەپ، دىننى زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەقىل-پاراسەتنى جانلاندۇرۇش بىلەن رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدرىسىچە بولغان مائارىپ تۈزۈمى بىلەن ئەرەب ئەدەبىي ئۇسلۇبىنى ئىسلاھ قىلىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئىگىلەپ، يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسۇلمان زىيالىيلىرىنى يېتىشتۇرۇش دىنىي ئىسلاھاتنىڭ يادروسى ئىدى.
مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرى ئىسلام دۇنياسىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە رەت قىلىش پوزىتسىيسىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئائىلىلىرىگە ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، رەسۇلىللا دەۋرىدىكى ئەرەبلەردە يولغا قويۇلغان كۆپ خوتۇنلۇق شۇ زامان ئىجتىمائىي شارائىتى ئاستىدىكى بىر خىل كېلىشتۈرمىچىلىك بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان غايە (4:129، 4:3) ئەمەلىيەتتىكى بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمگە بېرىلگەن بېشارەت ئىدى. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»دە قەيت قىلىنغان كۆپ خوتۇنلۇق باراۋەر، ئادىل، شەخسىيەتسىز بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان بولۇپ، ئۇنداق ئادىل، باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش (ئەرلەرنىڭ تۆت خوتۇنغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى) رېئاللىقتا قەتئىي ئىشقا ئاشمايدىغان ئىش ئىدى. مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىنىڭ بۇ خىل شەرھىلىشى مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمان ئىسلاھاتچىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا خېلى نۇرغۇن ئەللەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى مۇسۇلمانلار ئائىلە قانۇنىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ياراتتى.
مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى (1865-1935) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرتلىرىگە ئوخشاش، كاتتا ئالىم شۇنداقلا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1324-يىلى (مىلادىيە 1897-يىلى) ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇنىڭ ياردىمىدە قاھىرەدە «ئەل مەنار» ئايلىق ژۇرنىلىنى نەشر قىلدى ۋە ھىجىرىيە 1317-يىلى (مىلادىيە 1900-يىلى)دىن باشلاپ ئۆزى يازغان «قۇرئان تەپسىرى»نى ئۆزىنىڭ مۇھەررىرلىكىدىكى شۇ ژۇرنالدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ئۇ «تەپسىيرۇل مەنار» دەپ ئاتالدى. بۇ «قۇرئان كەرىم» تەپسىرى ئەسلىدە ئون ئىككى جىلدقا پىلانلانغان بولۇپ، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ھاياتلىقىدا ئاران سەككىز جىلد يېزىلدى، قالغان قىسمىنى يېزىشقا ئۇنىڭ ئۆمرى قىسقىلىق قىلدى. ئۇ ئۇستازى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىگە ئاتاپ «تارىخى ئوستاز شەيخ مۇھەممەد ئابدۇ» دېگەن بىئوگرافىك ئەسەرنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ «قۇرئان تەپسىرى» ھىجرىيە 1346-يىلى (مىلادىيە 1927-يىلى) قاھىرەدە نەشر قىلىندى.
رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ قارىشىچە، «قۇرئان كەرىم» ئۆرپ-ئادەت ھەققىدىكى قانۇن دەستۇرى، تېبابەتچىلىك قامۇسى ياكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى خاتىرىلەنگەن تارىخنامە ۋە ياكى سەنئەت بۇيۇمى بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بارومېتىرى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتلىك بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مىزان ئىدى. رىزا ھەزرەت دېموكراتىك سىياسىي ئاساستا ئەرەب جەمئىيىتىنى ئۆزگەرتىش، مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىپ، ئىسلام دىنى بىلەن ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنى ئۆزئارا بىرلەشتۇرۇش، دىنىي ئەقىدە بىلەن ئىلىم-پەننى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ «قۇرئان تەپسىرى»دە: مۇسۇلمان ئاياللار ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇلارمۇ خۇددى ئەرلەرگە ئوخشاشلا دىنىي مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئولىيىتى دىننىڭ تەبىئىي پرىنسىپلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھوقۇقتا ئوخشاشتۇر. ئەرلەر ۋە ئاياللار فىزىئولوگىيىلىك بەدەن تۈزۈلۈشى، پىسخىكا ئىقتىدارى جەھەتلەردە تۇغما ئوخشىماسلىققا ئىگە. ئەمما بۇنداق تۇغما ئوخشىماسلىقلار ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق تۈپەيلى داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇۋەرمەسلىكى ھەم كەمسىتىلمەسلىكى، بەلكى مۇشاۋىرەت (كېڭەش) ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ھەم تۈگىتىلىشى لازىم، دەپ قارىدى.
ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە ئىسلام دۇنياسىدا ھەممىدىن كۆپ مەخسۇس ئەسەرلەر يازغان كىشى مىسىرلىق ئادۋوكات، سوتچى ھەم ئەدىب قاسىم بەگ ئەمىن (1863-1908)دۇر. ئۇ مۇھەممەد ئەبدۇھ ھەزرەتلىرىنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ئىدى. مىسىرلىق ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئوسمان تۇنجىلىنىڭ «ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار» دېگەن كىتابىدا قاسىم بەگ ئەمىن «شەرق ئەللىرىدە ئاياللار ئەرلەرنىڭ قۇلى، ئەرلەر بولسا ھۆكۈمرانلارنىڭ قۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئەرلەر ئائىلىدە ئىستىبدات، جەمئىيەتتە بولسا ئىستىبداتلارغا بويسۇنغۇچىدۇر. ياۋروپا ئەللىرىدە بولسا ھۆكۈمەت ھۆرلۈك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئاياللارغا ئېتىبار بېرىدۇ، ئاياللار ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ئۆزگىچە كۆز قارىشى بىلەن شەرق ئەللىرىدىكى ئاياللارئازادلىقىنى تۇنجى تەشەببۇس قىلغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتىدىكى ئۆرپ-ئادەتلەشتۈرۈش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۈلگىسى ھەم ۋەكىلى دەپ قارالدى. قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئىدىيىسى مىسىردا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئەرەب بۇرژۇئازىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ياۋروپا مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە قارىتا قارشى ئېلىش ھەم قوبۇل قىلىش تەرىپىدە بولغان بولسا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىسلامىيەت دۇنياسىغا بولغان مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئىسلام پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ غەرب كۈچتۈنگىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ۋە زومىگەرلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە مۇددىئاسىنى ئېچىپ تاشلاش تەرىپىگە يۈزلەندى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ئۈچ پارچە ئەسەر يازدى. تۇنجى ئەسىرى «مىسىرلىقلار»دا مىللىي ئالاھىدىلىكنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق شەيئىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقى، غەرب ئىدىيىسى بىلەن مۇسۇلمانچىلىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭلۇقى، بەزى غەربلىكلەرنىڭ ئىسلامىيەت تۈزۈمىدە ساقلىنىۋاتقان كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق ۋە يۈزىگە چۈمبەل تارتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئىسلام دىنىنى كەمسىتىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تەشەببۇسى ئۆز زامانىسىدىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ فىقھى قارىشىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنىڭ رېئاللىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھالدا شەرق ئەللىرىدە ئاياللار مەسىلىسى مەۋجۇد ئەمەس، ناۋادا بار دېيىلسە، غەرب مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئاياللار مەسىلىسىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرى زىددىيەتلىك بولۇپ، ئۇ بارلىق مىسىر بۇرژۇئازىيىسىگە ئوخشاش بىر مەزگىل ئېچىۋېتىلگەن غەرب بىلەن ئىسلام ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدا تەۋرىنىپ يۈردى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا غەربلىشىشكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى «تەھرىيرۇل مەرئە» (ئاياللار ئازادلىقى) ھىجرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1899-يىلى) قاھىرەدە نەشىر قىلىندى. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئۈستقۇرۇلما ۋە ئىقتىسادىي بازىس تەرىپىدىن كېلىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنى، مەۋجۇد سىياسىي تۈزۈم بىلەن ئىدىيىۋى كۆز قاراشلارنى يېڭىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ سىياسىي تەلىماتى بىلەن ئىدىيىۋى خاھىشى نۇقتىلىق ھالدا ئاياللار مەسىلىسىدە ئەكىس ئەتتى. ئۇ بۇ كىتابىدا ئىسلامىيەت نىڭ ئاجىزلىشىشى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ زەئىپلىشىشىدىن كېلىپ چىققان دەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي دارۋىنزىملىق كۆز قاراشنى تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئىسلامىيەتنىڭ يېقىنقى زاماندا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ مەنبىئىنى ھەرگىزمۇ تەبىئىي مۇھىتتىن ئىزدەشكە بولمايتتى. بەلكى ئۇنىڭ سەۋەبى جەمئىيەتتىكى گۈزەل ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يوقىلىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى ئائىلە تەربىيىسى، مىللىي مائارىپ، ئىجتىمائىي مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكى، شۇنداقلا ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ قالاقلىقىدا، قالاقلىقنىڭ بولسا ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرسىزلىكىدە ئىپادىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاياللارغا تېگىشلىك ئورۇن بەرمىگەنلىكىدە ئىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش لازىم، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاساسي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان مەكتەپلەرنى قۇرۇپ بېرىش، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، تېببىي ئىلىم، فىزولوگىيە ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش، شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەبىئىي پەن، ئەخلاق، ئېتىكا، دىنىي ئىلىم، ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىملىرىدىن خەۋەردار قىلىش لازىم. ئاياللارنى تەربىيىلەشتىكى مەقسەت ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئەرلىرى بىلەن مەدەنىي ھالدا ياشاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاياللار ھوقۇقىنىڭ تۈپ كاپالىتى بولۇپ، مانا مۇشۇنداق مىسلىسىز دىرىجىدە ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي مائارىپ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مۇستەبىتلىكىگە خاتىمە بېرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. قاسىم ئەمىن «قۇرئان كەرىم» ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرۈشىنى قاتتىق چەكلىگىنى يوق. ئاياللارنىڭ خالىي جايغا كىرىپ بېكىنىۋېلىشى ھەققىدە ئېنىق كۆرسەتمە بەرگىنىمۇ ھەم يوق. ئاياللار يۈزىگە چۈمبەل سالسا، ئۇلارنىڭ خىزمەتلەرگە، ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشى، كوللېكتىپ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشى، توختاملارنى تۈزۈشى، سودا قىلىشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. سەترە بولغان ئاياللارنىڭ ئەخلاقلىق، شەرم-ھايالىق بولۇشى، سەترە بولمىغانلارنىڭ ئەخلاقسىز، شەرم-ھاياسىز بولۇشى ناتايىن. ئاياللارنىڭ ئۆيدىن چىقماي، جەمئىيەت بىلەن ئۇچراشماي، يالغۇز پىنھان تۇرۇشىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز. بۇنداق قىلىش ئاياللارنىڭ ئۆزىدىكى جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يوشۇرۇن كۆچىنى نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇكەممەل ئادەم بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
ئاياللار ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە قاسىم بەگ ئەمىن ئۇستازى مۇھەممەد ئابدۇ ھەزرەتلىرىدەك «شەرىئەت»كە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ شەرىئەتنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە يەنە ئۇنىڭ ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ بەزىلەر ئاتىغاندەك ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى ئەمەس بەلكى، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» ۋە شەرىئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئېتىقادنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن شۇ ئاساستا ھۆكۈمەت ئىشىغا قاتنىشىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشىنى مۇلاھىزە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىسلاھاتچى ئىدى. ئۇ «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە ئەر-ئاياللار تالاش-تارتىش قىلماي ئەمەل قىلىشى كېرەك. «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەتتە كۆرسىتىلمىگەن ئىشلاردا ئەر-ئاياللار ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىغا پايدىلىق-پايدىسىزلىقىدىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدا تۇرۇپ تاللاش لازىم. شۇنداقلا دىنىي بەلگىلىمىلەردىن باشقا يەنە ئىنسانلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت مىزانلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ئۆرۈپ-ئادەتلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى تۇراقلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان يېڭىچە قاراشلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلىرى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ ئاياللار مەسىلىسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مىسىر ئاياللىرىنى شەرىئەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ھازىرقى ھالىتى ۋە ئورنىنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئەمما مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ياۋروپادىكىدەك يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈشىگە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشىنى، ئەمما ئاياللار قىلسا بولمايدىغان بەزى ئىشلار مەسىلەن، خەلىپە (دۆلەت باشلىقى)، ئىمام (دىنىي داھىي) قاتارلىق سىياسىيلىقى كۈچلۈك خىزمەتلەرنى ئاياللارنىڭ قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسىگە «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف»لەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ رەت قىلىش پوزىتسىيسىنى تۇتتى ۋە شەرت ئاستىدا ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلەش، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ئەپكېلىدىغان يامان تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ غەيرىي ئىسلام ئاياللىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى، شۇنداقلا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەندى. ئۇ ئاياللار ئازادلىقى بىلەن مىللەتچىلىكىنى بىرلەشتۇرۇپ، ئاياللارنى چەكلەپ قويۇش دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئەرلەردە نىكاھتىن ئاجرىشىش ھوقۇقى بولۇش، ئاياللاردا بولماسلىقتەك ئادەتلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
قاسىم بەگ ئەمىننىڭ قانچىلىك ئېھتىياتچان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئەسىرى جەمئىيەتتە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، كىتاب نەشىردىن چىقىپ بىرقانچە ئاي ئۆتە-ئۆتمەيلا ئۇنى تەنقىدلەيدىغان ماقالە ۋە ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنلىرى بىلەن ئورۇنبورگ مەدرىسلىرىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوقۇشلۇق بولغان «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتاب بولۇپ، ئۇ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «تەھرىيرۇل مەرئە» دېگەن ئەسىرىگە قارشى مۇسۇلمان ئالىمى فەرىد ۋاجىدى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىدى. فەرىد ۋاجىدى بۇ ئەسىرىدە قاسىم بەگ ئەمىننىڭ ئاياللار ئازادلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىجابىي ۋە ئەقىلىي تەرزىدە تەنقىد قىلدى. شۇ ۋاقىتتىكى «شورا» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان سان ۋە سەھىپىلىرىدە بۇ مۇنازىرىگە ئورۇن بېرىپ، غ.باتتالىنىڭ قاسىم بەگ ئەمىننىڭ كىتابىغا يازغان تەنقىدىي ماقالىلىرى بىلەن ز.قادىرىنىڭ ئۇنىڭغا يازغان جاۋابلىرىنى باستى. ز.قادىرى قاسىم بەگ ئەمىننىڭ «ئاياللار ئازاتلىقى» دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان تەرجىمان ئىدى. ن.ئەغايىف ئىستانبۇلدا چىقىدىغان «تانىن» گېزىتىگە تەپسىرشۇناس فەرىد ۋاجىدىنىڭ «مۇسۇلمان خوتۇن» دېگەن كىتابىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مەدھىيىلەر يازغان. ت ەنقىدكە قارشى تەنقىد مەقسىتىدە قاسىم بەگ ئەمىن ھىجرىيە 1317-يىلى (مىلادىيە 1900-يىلى) «يېڭى ئاياللار» ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئەسەرنىڭ بىرقانچە بۆلەكلىرى ئۇنىڭ «ئاياللار ئازادلىقى» دېگەن ئىككىنچى كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلىرىنىڭ يېڭى بىر شەكلىدە شەرھىلىنىشى بولۇپ، بۇ ئەسەر نەشردىن چىقىشى بىلەن تەڭلا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك مۇنازىرە قوزغىدى. نۇرغۇن دىنىي داھىي (ئىمام) لار ۋە مىللەتچىلەر قاسىم بەگ ئەمىننى غەربلىشىش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك دەپ ئەيىبلىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ غەربلىشىش ئىدىيىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ «يېڭى ئاياللار» دېگەن ئەسىرى ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر ئوسلۇبتا يېزىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئاياللار مەسىلىسىنى «قۇرئان كەرىم» ۋە شەرىئەت ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلماستىن، يېقىنقى زاماندىكى غەب دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىلىم-پەن ھەم ئىجتىمائىي ئىدىيە ئېقىملىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇسلۇبى بويىچە مۇھاكىمە قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئازادلىقى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا باغلىق. ئاياللار ئىپتىدائىي جەمئيەتتىكى ئاياللارنىڭ ھۆرلۈك دەۋرى، ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرايدىغان ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى، ئاياللارنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جەمئىيەتكە قاراپ مېڭىش دەۋرى ۋە ئاياللار ئازادلىققا چىققان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت دەۋرى قاتارلىق تۆت دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام ئەللىرى 3-دەۋىردە تۇراتتى. غەرب ئەللىرى بولسا 4-دەۋرگە كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئاياللار زۇلۇمغا ئۇچرىسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت قۇل بولۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ، ئاياللار زۇلۇمدىن قۇتۇلسا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھەقىقىي ھۆرلۈككە ئېرىشىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە غەرب دۇنياسىدىكى ئىلىم-پەن، تەرەققىيات، ئىلغارلىق ئاياللار ئازادلىقىنىڭ ئۇل تېشى، ئىلىم-پەن ئىلغارلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئاياللار ئازادلىقى بولسا ئىنسانلار ئەركىنلىكىنىڭ تەلتۈكۈس ئىشقا ئېشىشى ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى.
19-ئەسىردىكى ئاخباراتچىلىق، ھېكايە، ساياھەت خاتىرىسى قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر غەرب ئاياللىرىنىڭ ئورنى ۋە تۇرمۇشىنى تەشۋىق قىلىپ، مەكتەپلەرگە كاتولىك دىنىدىكى ئاياللار مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشنىى ئۆگەتتى. ھىندىستانلىق دىنىي ئىسلاھاتچى سەئىد ئەھمەدخان (1817-1897) ئۆزىنىڭ «ئاشارۇس سانادىد» (سەنئەتكە بېشارەت) دېگەن ئەسىرى ۋە شاھ رەئۇف ئەھمەدمۇجەددىد ئۆزىنىڭ «دۇررۇل مەئارىف» (مەرىپەت ئۈنچىلىرى) دېگەن ئەسەرلىرىدە نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىققا ئوخشاش ئىللەتلەرنىڭ ھامىيسى بولغان تەكەببۇر روھانىيلارنى تەنقىدلەپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈش غايىسىنى شەرھىلىدى. ئەھمەدخاننىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇمتاز ئەلى «ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى» دېگەن ئەسىرىدە ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆز ئەھۋاللىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەخلاقىي-دىنىي تەربىيە بىلەن ئەمەلىيىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇنىس ئىسلام ئالىمى ئىبن ئەبۇ دۇياف ھىجرىيە 1273-يىلى (مىلادىيە 1857-يىلى) «ئاياللار ھەققىدە» دېگەن ئەسەرنى، تاھىرخاددات ھىقرىيە 1348-يىلى (مىلادىيە 1930-يىلى) «شەرىئەت ۋە ئاياللار» دېگەن ئەسەرنى يازدى. «شەرىئەت ۋە ئاياللار» تاھىرخادداتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيتىنىڭ يەكۈنى ھەم جەۋھىرى ئىدى. تاھىر خاددات بارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىنقىلابنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ چوقۇم ئاڭ سەۋىيىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى، مىللىي تەرەققىياتقا پايدىسىز بولغان ئامىللارنىڭ سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى، بارلىق ئامىللار ئىچىدە ئالدى بىلەن ئاياللار مەسىلىسىنىڭ ئوبدان ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايقىدى. ئۇ نۇقتىلىق ھالدا ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئائىلە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ شەرق، غەرب ئاياللىرىغا ئائىت بىر قاتار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئىسلام دىنى تەرەققىياتىنى قوبۇل قىلىش، يېقىنقى زاماننىڭ تۇرمۇش رېتىملىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ماسلىشىپ مېڭىش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى. ئۇ شەرىئەت مەڭگۈدۇر. نىكاھ، نىكاھتىن ئاجرىشىش، مال-مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، گۇۋاھلىق بېرىش قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە ئائىت ئىشلار شەرىئەتنىڭ شاخچىسىدۇر. ئىسلام دىنى رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان دىن، ئۇ رېئاللىقتا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سىرى، دەپ قارىدى.
ھىجرىيە 1300-يىلى (مىلادىيە 1883-يىلى) قىرىمدىكى باغچە ساراي شەھىرىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇنجى گېزىتى «تەرجىمان» دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ گېزىتنى پارىژ ۋە ئىستانبۇلدا ئاڭ ۋە بىلىم توپلىغان، بىر نەچچە خىل تىل بىلىدىغان قىرىملىق تاتار ئالىمى، ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى (مىلادىيە 1851-1914) چىقاردى. ئۇ مۇئەللىملىك قىلغان ئوتتۇز ئىككى يىلدا ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى مىللىي ئەدەبىياتنى بىرىنچى مەقسەت قىلغان ھالدا تۇنجى سانىدىن تارتىپ كەنجى سانىغىچە مەسلىكىنى ئۆزگەرتمەستىن باشتىن-ئاخىر مەقسەت بىرلىكى، تىل بىرلىكىدە چىڭ تۇردى. غەسفىرىنىسكى تاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى تاتارلارنىڭ ئۆزىدىن، ئۇلارنىڭ مىللەت ھەققىدە جان كۆيدۈرمىگەنلىكىدىن، قايغۇرمىغانلىقىدىن، ئەكسىچە نادان موللىلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىزدىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەر بىر تاتار بەشتىن-ئالتىگىچە تىل بىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ مىللەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاتار زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەش، رۇس تۇرمۇشىدىكى ئەپچىل تەرەپلەرنى تاتار دۇنياسىغا كۆچۈرۈپ كېلىش، رۇس ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئىچىدىكى تاتار مائارىپىغا ماس كېلىدىغان پايدىلىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، تاتار مائارىپىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئويلىدى ھەم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى، زېھنىنى مۇشۇ ئىشقا ئاتىدى. ئۇ مىللەتنىڭ ھالىغا چۆكمەي تۇرۇپ مىللەتكە خىزمەت قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ ياخشى-يامان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەتقىق قىلىپ، مىللىي زەئىپلىكنىڭ نېمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ۋە مىللەتنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. نېمە ئىش قىلىشقا، ئىشنى نەدىن باشلاشقا، ئۆلگەن كۆڭۈللەرنى قانداق نەرسە بىلەن تىرىلدۈرۈشكە، ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇۋالغان پەردىلەرنى نېمە بىلەن كۆتۈرۈشكە، نادانلىق دالاسىدا سۆرۈلۈپ ياتقان مىللەتنى نېمە بىلەن ئاياغ باستۇرۇشقا بولار؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار بىلەن ئازابلاندى. ئاخىرىدا پەن ۋە مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈشنى قارار قىلىپ مىللەت ئىچىگە ئوقتەك ئېتىلدى. ئۇنىڭ تەھرىرلىكىدىكى «تەرجىمان» گېزىتى يەنە ئاياللار ئازادلىقىنى تەكىتلەپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھۇرۇنلۇقىنى، ئەرلەرگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشىنى، ئۆيگە سولىنىپ ياشاشلىرىنى تەنقىدلىدى. ئىسمائىل بەگ غەسفىرىنىسكى 1884-يىللىرى ئۆزى قۇرغان «ئۇسۇلۇ جەدىد» مەكتەپلىرىدە كېيىن ئۆزلىرىمۇ ئانا بولغۇسى قىزلارنى ئوقۇتتى. ئۇ شىمال تۈركلىرى ئىچىدە خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن ھۆرىيەت تەلەپ قىلغان ئادەم بولۇپ، قىزى شەفىقە توتاش (خېنىم) تەھرىرلىكىدە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «غەلەمى نىسۋان» (خوتۇن-قىزلار دۇنياسى) دېگەن ژۇرنالنى نەشىر قىلدى. كېيىن قازاندا «سۈيۈمبىكە» ناملىق مەخسۇس بىر ئاياللار ژۇرنىلى دۇنياغا كەلدى.
ھىجرىيە 1325-يىلى (مىلادىيە 1908-يىلى) مەشھۇر تاتار ئالىمى رىزائىددىن بىننى پەخرىددىن (1859-1936) ھەزرەتلىرى ئورنبورگ شەھىرىدە «شۇرا» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلدى. ئۇ 15 كۈندە بىر چىقىدىغان ئەدەبىي، پەننىي ۋە سىياسىي مەجمۇئە بولۇپ، ئۇنىڭ ژۇرنال نامى «قۇرئان كەرىم»دىكى «شۇرا» (كېڭەش) سۈرىسىدىن ئېلىنغان ئىدى. «شۇرا» مەخسۇس سەھىپىلەر ئاجرىتىپ، مۇسا بېگيوۋ تەرىپىدىن يېزىلغان ئىپتىدائىي مەكتەپلەردە بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم بولغان دىنىي ئىلىملەر، مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش چارىلىرى ھەققىدىكى تەلەپ-تەكلىپلەر، «قۇرئان كەرىم ۋە ئىلىم» ماۋزۇلۇق لۇغەت، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە باشقىلارغا دائىر دەرسلەر، ئوفا، پتېربورگ، قازان ۋە قوقەند قاتارلىق جايلارنىڭ سورىغان ھەر خىل تېمىدىكى سوئاللىرىغا «شۇرا» رىداكسىيىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى، رەشىد رىزا ھەزرەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇتىبەر « ئەلمەنار» ژۇرنىلىدا مەھمۇد تەۋفىق ئەپەندى سىدىقى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىلەردىن قىلىنغان تەرجىمىلەر، مىسىرلىق ئىسلام ئالىمى مۇستافا كامىل (1874-1908) تەرىپىدىن ھىجرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1899-يىلى) نەشر قىلىنغان «ئەللەۋائ» (تۇغ) ژۇرنىلىنىڭ ئىراندىكى شىرازدا چىقىدىغان «دارۇل ئىلىم» گېزىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى پەنلەرنى ئوقۇشىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى ھەققىدە سورىغان سوئال-جاۋابلىرى، «سراتۇل مۇستەقىم» ژۇرنىلىدىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان «تەلىم ۋە تەربىيە ھەققىدە ئىنگلىزلار ۋە بىزلەر» ماۋزۇلۇق ماقالىلەر، خوتۇن-قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ بەزى يامان ئادەتلىرى، خوتۇن-قىزلارغا ئىلىم ئۆگەتمەك ئۈچۈن ئىستانبولدا قۇرۇلغان «ئانىلار مەكتىپى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر، غەززالى، مەۋەردى، ئىبنى مەسكۈيە، مەھمۇد ئەفەندى، ئەكرەم بەگ ۋە ئىسمائىل ھەققى قاتارلىق ئەرەب، تۈركئالىملىرىنىڭ «بالىلار تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ئەخلاقى» توغرىسىدىكى ئەسەر، ماقالىلىرى، «تاشلانمىش بالىلار» تېمىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەر، تىلەمچى، پاھىشە ئاياللار ۋە پاھىشەخانىلارنىڭ ئەۋج ئېلىشىنىڭ مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاپەت ۋە زىيانلىرى، شەرئىي مەھكىمە ۋە خوتون-قىزلار ھەققىدە مۇلاھىزە، شۇنداقلا ئەۋلاد تەربىيىسى ھەققىدە پىداگوكلارنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەردى.
رىزائوددىن بىننى پەخىرىدىننىڭ خوتۇن-قىزلار خۇسۇسىدىكى ئەمگەكلىرى ئۇنىڭ ئىسلامىيەتنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماننىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇرلىرىنىڭ ئورگانىك بىر قىسمى بولۇپ، يالغۇز ژۇرنال چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، «شۇرا» دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى. ئۇ ھىجىرىيە 1321-يىلى (مىلادىيە 1904-يىلى)  «مەشھۇر خوتۇنلار» ناملىق ئەسەرنى يازدى. شۇ يىلى ئورنبورگتا نەشر قىلىنغان بۇ كىتابقا 360 نەچچە نەپەر مەشھۇر نامدار مۇسۇلمان مۇھتىرەمە ۋالىدىلەر (ئانىلار) ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى، ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپە-خىزمەتلىرى كىرگۈزۈلدى. «مەشھۇر خوتۇنلار»دىن ئورۇن ئالغان ئولبەنەتخان لۇتپۇللا سۇلايمان ئاخۇند قىزى «تۇرمۇش ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىنى يازدى. بۇ رىسالە رىزائىددىن بىننى پەخرىددىننىڭ 1897-يىلى نويابىردىكى بىر تەھرىر ئېلاۋىسى بىلەن ھىجىرىيە 1316-يىلى (مىلادىيە 1898— 1899-يىلى) سانكىت پتېربورگدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم نەشىر قىلىنىپ، تاتار مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئىدى. رىزائىددىن بىننى پەخرىددىن يەنە قىزى زەينەپ ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتاپ ئۇنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى ھەققىدە «ئائىلە» ناملىق ئەسەرنى يازدى. بۇ ئەسەر يەنە ئۇنىڭ «تەربىيىلىك خوتۇنلار» دېگەن رىسالىسى بىلەن قوشۇلۇپ، جامائەتنىڭ فېئوداللىق خۇراپىي كۆز قاراشلىرىنى تۈزىتىشىگە ھەم ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىنى ساقلاشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتتى.
بۇ مەزگىلدە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئىسلاھاتچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاياللارنى ئازاد قىلىشنىڭ  يولى-بىرىنچىدىن، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۇلارنى خىزمەتكە قاتناشتۇرۇش بولدى. ئەمما، ئائىلە مەسىلىسى ئىسلاھاتچىلارنىڭ نەزەرىدە يەنىلا سىرلىق ۋە مۇقەددەس ئىدى. چۈنكى، مۇستەملىكىچىلىك تەسىرىنىڭ مىللەتكە خىرىس قىلىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كرزىسقا پېتىپ قېلىشى ئارقىسىدا پەقەت ئائىلىلا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ۋە بىرقەدەر مۇقىم ھالدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدىغان جاي بولۇپ، ئۇ ئاياللاردىكى ئەنئەنە ۋە ئەخلاق، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلالايتى. ئائىلە ئاۋامنىڭ ئاڭ ۋە ھېسياتىدا چەتئەل مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئېزىتقۇ تۇمانلىرى ئىچىدىن يوقىتىپ قويمايدىغان ۋە ئۆزىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىردىنبىر قەلئە ئىدى.

مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(داۋامى بار)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتمەنباينىڭ ئېسىل يازمىسىغا تەشەككۈر!
گەرچە دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئنكاس يازمىغان بولساممۇ، ئەمما مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولمىش بىزلەرنىڭ تەقدىرىمىز  ئۈچۈن يېزىلغان بۇ يازمىدىن بەك سۆيۈندۈم، داۋامىغا تەشنابىز كەتمەنباي!

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 19:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
(داۋامى)

يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى

(3)



غەرب مەدەنىيىتىنىڭ زەربىسى ۋە تۈرتكىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەرنى قايتىدىن شەرھىلەپ، ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى روھ ئاتا قىلىشى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن ۋە ھەممىدىن بەك ئويغىتىلغان مىسىر ئاياللىرى ئۆتمۈشتىكى بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى تەبىقە ئاياللىرى ئالدى بىلەن مىسىر ئاقسۆڭەك بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىك قىلغان 1919-يىلدىكى ئەل-ۋافد پارتىيىسى ئىنقىلابىغا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاياللارنى ئويغاتتى. ئايال ئەدىب ئەشرەۋى (1879-1947) بىلەن مەلىكە خافۇنى نەسەپ (1886-1918) لەر شۇ دەۋردىكى ئويغانغان ئاياللارنىڭ ئەڭ بالدۇرقى نادىر ۋەكىللىرى ئىدى. ئولار يازغان ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇق مەنپەئەتلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلەر ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئۇلارنىڭ ماقالىلىرى ئىسلامىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان بولۇپ، شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھەددى-ھېسابسىز كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ھەم كەلسە-كەلمەس تالاق قىلىش، ئاياللارنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ئۆيگە بەند قىلىپ قويۇش، جەمئىيەتكە ئارىلاشتۇرماسلىق قاتارلىق بەزى ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئاياللارنىڭ مائارىپتىن ئەرلەر بىلەن ئورتاق تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلدى. 1923-يىلى ئۇ يۈزىدىكى چۈمبەلنى ئېلىپ تاشلاپ، ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ «ئەرەب ئاياللىرى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتى»نى قۇردى. بۇ جەمئىيەت ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تەرەپلىرىدىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا سىياسىي ھوقۇق بېرىشنى، ئۇلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. 1924-يىلى ھۆكۈمەت قانۇن ماقۇللاپ، قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش يېشىنىڭ ئۆلچىمىنى 16 ياش قىلىپ بېكىتتى. نىكاھ ئىشلىرىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆپلىگەن ئالىم، جەمئىيەتشۇناس ۋە دىنىي زاتلارنىڭ نەزەرىدە شەرىئەتنىڭ ئىشى بولۇپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ 65-سۈرە 4-ئايىتىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ھەققىدىكى بايانلارغا ئاساسەن نىكاھنىڭ ئەڭ تۆۋەن يېشى بېكىتىلمىدى. بۇ جەمئىيەت كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 1930-، 1940-يىللىرى مىسىردا يەنە بەزى ئاياللار تەرىپىدىن بەزى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى قاتارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى. ئەمما، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئۈستىگە ئالغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بولغانلىقتىن، ئۇلار بيۇروكراتلىق قىلىپ، ھەقىقىي مەسىلە سادىر بولۇۋاتقان ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ ئارىسىغا بارمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان چوڭ-چوڭ شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، كەڭ يېزا-قىشلاقلارغا كېڭىيەلمىدى. ئۇلار خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان، ئاھالىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان يېزا-قىشلاقلار بىلەن قالاق رايونلارغا سەل قارىدى. 1949-يىلى دەريا شەفىق خانىم «نىل دەرياسى قىزلىرى جەمئىيىتى» دېگەن جەمئىيەتنى قۇردى. بۇ شۇ چاغدىكى ئەرەب ئاياللىرى ئۈچۈن سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلغان بىردىنبىر جەمئىيەت ئىدى. ئۇلار ناھايىتى ھېسسىياتچان ۋە ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر بولغاچقا، پائالىيىتى ناھايىتى رادىكال تۈس ئالغان ئىدى. ئۇلار پارلامېنتقا باستۇرۇپ كىرىپ، مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىغا كاشىلا سالدى. ھەتتا ئاچلىق كۈرىشى ئېلان قىلدى. ئاياللار تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان پائالىيەتلىرى قىسمەن ئىسلاھاتچىلار، جەمئىيەتشۇناسلار، سىياسىئون ھەم دىنى ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئاياللارغا بولغان مائارىپ تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈردى. 1873-يىلى ئىسلاھاتچى تەقتەۋى ئەزھەر ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئەلى بارك دېگەن زات بىلەن ئىككى جايدا قىزلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى قۇرغان بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئۇ مەكتەپنى داۋاملاشتۇرالمىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلشىغا قارىتا ئىنسانلارنىڭ تونۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل بولدى. بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە ئالىجاناپلىق ھىس قىلىدىغان بولدى. ئاياللارنىڭ ئالى مەكتەپلەرگە كىرىشى مىسىر ھۆكۈمران دائىرلىرى ۋە غەيرى مىسىر ھۆكۈمران دائىرلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇ چاغدىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەھمەد رەفىق ئەپەندى تولغىما قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كونسېرۋاتىپلار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ ئىشقا كاشىلا سېلىشنى توسۇپ قالدى. 1928-يىلى مىسىر ئۆزىنىڭ تۇنجى قىز سىتودىنتلىرىنى كۆردى. مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا قىزلاردىن تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. ئىلگىرى مىسىر ئاياللىرى ئاغرىپ ئۆلۈشكە رازى ئىدىكى، ھەرگىز ئەر دوختۇرلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتمەيتتى. ئەمدى ئايال دوختۇرلار مەخسۇس ئاياللارنىڭ كېسىلىنى كۆرىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىسىردىكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئايرىم ئىنىستىتۇت ۋە مەكتەپلەرمۇ قىز ئۇقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىسلام ئەنئەنىچى كۈچلىرىنىڭ قورغىنى بولغان ئەزھەرگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئىلاھىي جايدا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كېيىنچە بارا-بارا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېڭى قان بولۇپ كىردى.
1923-يىلى تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى غەلىبە قىلدى. بۇنىڭ رەھبىرى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك (1881-1938) ئىدى. ياش تۈركلەر پارتىيىسى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان مەزگىلدە قىلىش پىلانغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇرۇش تۈپەيلىدىن قىلىنماي قالغان ئىسلام شەرىئىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئورنىغا دىندىن خالىي سوتنى دەسسىتىش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ئاياللارنىڭ تېببىي مەكتەپ ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشىغا ۋە ئاياللار ئازادلىقىغا ئائىت كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا رۇخسەت قىلىش، پەننىي مەكتەپ ئېچىش قاتارلىق ئىشلار مۇستاپا كامال دەۋرىدە ئىشقا ئاشتى. مۇستاپا كامال سۇلتانلىق ۋە خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئارقىدىنلا ئەدلىيە ۋە مائارىپنى دىندىن ئايرىۋېتىشكە قارىتا قەتئىي چارە قوللاندى. دىن ۋە ۋەخپە ئىشلىرى ۋازارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مەدرىسلەرنى پىچەتلىدى. شەرىئەت ۋە «شەرئىي مەھكىمە»لەرنى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى، شۇنداقلا تالاق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نادانلىق، خۇراپاتلىق، شۇنداقلا تالاق تۈزۈمىنى بىكار قىلدى. ئۇ تۈركىيە جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئاياللارنى كەمسىتىش قاتارلىق ئىللەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتنى تەرەققىياتقا باشلاش ئۈچۈن، جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بولغان ئاياللارنى ئاۋۋال نادانلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارغا ھۇقۇق بېرىش، ئۇلارنى ئۇيغىتىش، ئۇلارنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ: «ئەگەر دۆلەتتە نادانلىق ھۆكۈم سۈرسە، ئالدى بىلەن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئەۋج ئالىدۇ. ئاياللىرىمىز ئەرلىرىمىزگە قارىغاندا بەكرەك ئويغىتىلىشى، تېخىمۇ مەدەنىي بولۇشى، تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىشى كېرەك. ناۋادا ئاياللار بىز بىلەن تەڭ ياشاپ دۆلەتنىڭ ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت ئىشلىرىغا قاتنىشالىسا ھەم ئۆزى قاتنىشىۋاتقان پائالىيەتلەر ئىچىدىن ئۆزى رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمىنى تاپالىسا، ئۇنداقتا مۇتلەق تەرىقەتچىلىك يولىغا ماڭغانلارمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ»، «ئەگەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەر-ئاياللىرىنى ئورتاق ئاتلاندۇرمىسا، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىشى ھەمدە مەدەنىي بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «چوقۇم ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بىز يەر شارىدا كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەھسۇلاتى. ناۋادا بىر دۆلەت پەقەت بىرلا جىنىسنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە يەتمەكچى بولىدىكەن، بۇ ھالدا ئۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ»، «ئانىلىق بۇرچى ئاياللارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. بىر ئانىنىڭ قۇرسىقى بىر ئادەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەربىيە سورۇنى ئىكەنلىكى ئەسكە ئېلىنغاندا، يۇقىرىقى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىغا ئاپىرىن ئوقۇماي بولمايدۇ» دەپ قارىدى.
مۇستاپا كامال ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيەت-ھۇقۇقلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. ئۇ «ئائىلىۋى تۇرمۇش مەدەنىي بولۇشنىڭ ئاساسى، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن ھوقۇقنىڭ ئۇلى. ناچار ئائىلىۋى تۇرمۇش چوقۇم ئىجىتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دەپ ھېسابلىدى. 1925-يىلى «ئائىلە قانۇنى» ماقۇللىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئاياللار ئازادلىقى تەكىتلەندى ۋە كۆپ خوتۇنلۇق، تالاق شۇنىڭدەك خوتۇن-قىزلارنىڭ ئەركىنىلىكىنى بوغىدىغان، غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان كونا ئەمرىمەرۇپلار بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مۇستاپا كامال ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتىشىنى ياقىلىمايتتى. ئەكسىچە، ئۇنداق قىلىشنى مەدەنىي دۆلەتتىكى ئانىلار ۋە قىزلارنىڭ غەلىتە، ياۋايى قىلىقلىرى دەپ قارايتتى. ئەمما، بۇ داڭلىق ئىسلاھاتچى تۈركىيە جەمئىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى شەرىئەتچىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىشى ھەم ئاۋام خەلقنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ ئەنئەنىدىن چەك ئايرىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دەسلىپىدە قولىدا «ئامانلىق ساقلاش قانۇنى» ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان «مۇستەقىل سوت»تەك كۈچلۈك قورال تۇرغان ئەھۋال ئاسىتىدىمۇ، مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ چۈمبەل ئارتماسلىقنى قاتتىق تەكىتلىيەلمىدى. ئاياللارنىڭ مەستۇرە بولماسلىقى ھەققىدىكى ئىسلاھات چوڭ شەھەرلەردىكى بىلىملىك ئادەملەر تەرىپىدىن تېز قوبۇل قىلىندى، ئەمما يېزا قىشلاقلاردا بولسا، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بەك ئاستا بولدى. كېيىن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆتۈرۈلگەن غەربلەشتۈرۈش شامىلىدا ئاياللارنىڭ چۈمبەل ئارتماسلىقى زورلۇق ۋاستىسى بىلەن قاتتىق تۈزۈم قىلىپ بېكىتىلدى. مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلام دىنىنى «تۈركىيىنىڭ دۆلەت دىنى»لىك ئورنىدىن چىقىرىپ تاشلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن غەربچە كىيىنىش، ياسىنىش، دورامچىلىق شامىلىدا زىيالىيلار غەربلەشتى، ئەمما كەڭ خەلق ئاممىسى يەنىلا ئىسلامىيەت ئەنئەنىسىدە قېلىۋەردى. گەرچە تۈركىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئۇ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى بويىچە بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات دېيىلسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» بىلەن كېلىشەلمەيدىغان جايلىرىنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا يېرىم ئابرۇيغا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ يولباشچىسى مۇستاپا كامال بولسا خۇددى مۇھەممەد رەشىد رىزا ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، «بىر ئۇلۇغ ئادەمنىڭ بەختسىز بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنىڭ بەك ئازلىقىدا. ناۋادا ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ چىن مەنالىرىنى ئوبدان بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇنداقتا خەلققە كېرەكلىك، خەلق سۆيىدىغان ئادەمگە ئايلانغا بولاتتى».
مۇستاپا كامالنىڭ ئىسلاھاتى دىندىن خالىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى گەرچە تۈزۈم جەھەتتىن ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئالتە يۈز يىلدىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە ئايلانغان ئىسلام ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتەلمىدى. تۈركىيىدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنىڭ تېزلشىشى، غەرپچە تۇرمۇش شەكلى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى، ئىجتىمائىي چىرىكلىشىشنىڭ كۈچىيىشى، جىنايەت (مۇقەددەس دىنىي قانۇنغا قارشى جىنايەت ۋە دىندىن خالىيلاشتۇرۇلغان ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىغا قارشى جىنايەت) ئۆتكۈزۈش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئوخشاش بىر قاتار ئىجىتىمائىي مەسىلىلەر ئالدىدا كىشىلەر بارغانسېرى غەربلىشىش يولى تۈركىيىگە ماس كېلەمدۇ-يوق، زامانىۋىلىشىشتا ئىسلام دىنىنى قۇربان قىلىش كېرەكمۇ-يوق، ئىسلام دىنى زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىغا ماسلىشالامدۇ-ماسلىشالمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. نەتىجىدە مەھمۇد ياشارنىڭ ئېيتقىنىدەك، تۈركىيىنىڭ ئەھۋالى «كاپتالىستىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ، دىن تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ئادىل ئىجىتىمائىي تەرتىپ ئىزدەشتەك ئىلغار تۇيغۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئىپادىسىنى تاپتى». 1946-يىلىغا كەلگەندە مۇستاپا كامالچىلارنىڭ زورلۇق بىلەن كۈچەپ يولغا قويغان غەربلەشتۈرۈش سىياسىتىگە قارىتا تۆۋەن تەبىقىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان پارتىيە خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دىني دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتۈلىشىگە يول قويدى ھەم ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىني فاكۇلتېت تەسىس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىمام ۋە خاتىپ تەربىيىلەيدىغان مەكتەپلەرمۇ قۇرۇلدى. 1950-يىلى ئەرەب تىلىدا ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىندى. ئۇلاپلا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدا «دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابقا باغلاپ قويۇش توغرا ئەمەس، دۆلەتنى چوقۇم ئىسلام دىنىغا تايىنىپ قۇتۇلدۇرۇش كېرەك» دەيدىغانلار چىقتى. 1970-يىللاردىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلام ھەرىكىتى ئۆزلۈكسىز راۋاجلاندى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىيىلىكلەرنىڭ دىنىي تۇيغۇسى روشەن دەرىجىدە كۈچەيدى. تۈركىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مىسىر زۇلھۇم كىتابخانىسىدا ھۆمەينىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ مىقداردا سېتىلدى. 1982-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا «دىنىي دەرس چوقۇم مەكتەپلەرنىڭ مەجبۇرىي ئوقۇيدىغان دەرسى بولۇشى كېرەك» دەپ ئوچۇق بەلگىلەندى. 1983-يىلىدىن باشلاپ ئەرباقان رەھبەرلىكىدىكى گۈللىنىش پارتىيىسى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»-ئىسلام قائىدىسى بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشنى، ئىسلام ئەللىرى بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1987-يىلى ئەنقەرە، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردىكى قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بېشىغا ياغلىق ئارتىپ دەرسخانىغا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئىران پارلامېنتى قوللىدى. تۈركىيىدە يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنى غەرب تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن غەرب كۆز قاراشلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتا قۇرال قىلغان ئىدى. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىنغا بولغان ئىتىبارسىز سىياسەت بۇ دۆلەتنى غەربكە يېقىنلاشتۇرغان، تۈركىيە ئۆزىمۇ ئۆزىنى غەرب دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما غەربتىن ئۆگىنىپ كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ دۆلەتنى نۇرغۇن غەربلىكلەر ئۆگەيلەپ ئارىغا ئالمىدى. ھازىر تۈركىيە سىياسىتىنى ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ھەم دىننى ئۆزلىرىگە روھىي تەسەللىي قىلىش تەرىپىگە يۈزلەندۈرمەكتە.
1926-يىلى ئىران شاھى رىزاخان تەرەققىياتنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ نادانلىق، خۇراپاتلىق، قالاقلىق، قاتماللىق ۋە كوناپەرەسلىك بىلەن ئاياللارنى كەمسىتىش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. رىزاخان بىلەن مۇستاپا كامالنىڭ ئوخشاشلىقى كۆپ ئىدى. ئۇ 1934-يىلى مۇستاپا كامال بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى. بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇردى. شۇ يىلى مەلىكە شەمسە پەھلىۋى تۇنجى ئاياللار كۇلۇبى قۇرۇپ قىزلاردىن ئىزچىلار تەشكىللىدى. قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىشى تۈزۈملەشتۈرۈلدى. قىزلار ۋە قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما، ئاياللارغا سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بېرىلمىدى. يېڭى نىكاھ قانۇنى ماقۇللىنىپ قىزلارنىڭ نىكاھ يېشىنىڭ تۆۋەن چېكى ئون بەش ياش قىلىپ بېكىتىلدى. نىكاھتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا ئوخشاش يانداشما تۈزۈملەرمۇ ئورنىتىلدى. رىزاخان موللا-ئىشانلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىمتىيازلىرىغا چەك قويۇپ، موللىلارنىڭ شەرىئەتتە دەۋا سورىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، مائارىپقا ئارىلىشىشى چەكلەندى. 1941-يىلى رىزاخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا تەخت ۋارىسى قىلىپ بەلگىلەندى. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان 37 يىل داۋامىدا ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرىۋەتتى. 1970-يىللاردىن باشلاپ ئىراندىكى دىنىي كۈچلەر ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئۇنىڭ غەربلىشىش سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ ئاخىر 1979-يىلى ئۇنى ئاغدۇرىۋەتتى. ئاياتۇللاھ روھۇللاھ ھۇمەينى تەختكە چىقتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئۆزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىزىغا قايتتى.
ئافغانىستان شەرىئەتنى ئاساس قىلغان ئىسلام دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ قانۇنىغا كۆرە، ئاياللار ئېرى ئۆلسە ئۆزىنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ئېرىنىڭ توغقانلىرىنىڭ بىرىگە مەجبۇرى ھالدا خوتۇنلۇققا بېرىلەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تارىخى ئۇزاق بولغان ئادىتى ئىدى. كابول ئەمىرى ئابدۇرەھمانخان (1944-1901) زامانىسىدا بۇ ئادەت ئۆزگەرتىلدى ۋە يېڭى قانۇن ماقۇللىنىپ، ئاياللارنىڭ كىمگە تېگىش-تەگمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. ئۇ مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ فىئودال كۈچلەر بىلەن خۇراپىي موللا، ئىشانلارنىڭ ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىنى چەكلىدى. ھەبىبۇللاخان زامانىسىدا ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. 1919-يىلى ئامانۇللاخان تەختكە چىققاندىن كېيىن  1924-يىلى تۈركىيىلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېڭى «مەمۇرىي ئىشلار قانۇنى»نى يولغا قويدى. ئەمما، نادان-قالاق، خۇراپىي، مۇتەئەسسىپ موللىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى.1927-يىلى ئامانۇللاخان خۇتۇنى سۈرەييە بىلەن بىللە ھېندىستان، مىسىر، ئىتالىيە، فرانسىيە، گىرمانىيە، ئەنگىلىيە، روسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئاپتوموبىل بىلەن زىيارەت قىلدى. ئۇ يەتتە ئاي داۋاملاشقان بۇ خەلقئارالىق سەپىرىدە تەرەققىي قىلغان ياۋرۇپا ئەللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدى. خانىش سۈرەييە ئىلگىرى سۈرىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىي مەلۇماتلىق ئايال بولۇپ، ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئايال داھىي ئىدى. ئامانۇللاخان 1928-يىلى سىۋاستىپولدا قۇرۇقلۇققا چىقتى ۋە تۈركىيە ھەربىي پاراخوت، ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ئىستانبولغا كەلدى. ئۇ ھەيدەر پاشادا تۈركىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ، شۇنداقلا تۈركىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىدا ئۇقۇۋاتقان ئافغانىستانلىق ياش ئوفېتسىرلارنىڭ پاراتىنى قوبۇل قىلدى. ئەنقەرەگە كەلگەندە غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى ۋە ئامانۇللاخاننىڭ تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن بۇ غەلىبىلىرىگە تەنتەنە قىلدى. لېكىن، ئامانۇللاخاننىڭ ياۋرۇپا، مىسىر، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى ۋە خۇتۇنى سۈرەييەنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان ھالدىكى كۆرۈنۈشلىرى ئافغانىستان موللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئامانۇللاخان ئافغانىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۇدا 15 كۈن نۇتۇق سۆزلىدى. سۈرەييە بېشىغا ياغلىق ئارتماي جامائەت سورۇنلىرىغا چىقتى، زىياپەتلەرگە قاتناشتى. ئامانۇللاخان دۆلىتىگە قايتقان چېغىدا موللىلار ئۇنى سوراق قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ بولغان ئىدى. ئۇلار خانىش، خېنىملارنىڭ ئاۋام ئارىسىدا ياغلىق ئارتماي ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. 1928-يىلى ئامانۇللاخان دىنىي كۈچلەر تەرىپىدىن كېلىۋاتقان قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلماي پارلامېنت تەشكىللەپ، كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويدى. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدىن ئىككى خوتۇنلۇق بولغانلىرى سېزىلسە خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگۈزۈپ بوشىتىۋېتىلدى. گەرچە پارلامېنت قىزلار 18 ياشتا، ئوغۇللار 22 ياشتا نىكاھلىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، دېگەن قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ماقۇللانماي بىردەك قارشىلىققا ئۇچرىدى. ئامانۇللاخان مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى پەننىي مەكتەپلەرنى ئېچىش، زامانىۋى بىلىملەرنى ئوقۇتۇش، ئوقۇش پۇلى ئەرزان بولۇش، كەمبەغەللەرنىڭ بالىلىرىدىن ئوقۇش پولى ئالماسلىق قاتارلىق سىياسەتلەرنى بەلگىلىدى. خۇتۇنى سۈرەييە سەككىز يۈز نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان قىزلار مەكتىپى قۇردى. ئەمما، ياۋرۇپانىڭ «ئۇسۇلى جەدىد»لىرى بويىچە قىزلارنى تەربىيىلەش دېگەن سۆز دەرھال قارشىلىققا ئۇچرىدى. موللىلار ئامانۇللاخاننىڭ چۈمبەلنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، خوتۇن-قىزلارنى ياۋرۇپانىڭ ئۇسۇلى بويىچ ئوقۇتۇش دېگەن سىياسىتىنى رەت قىلدى. ئەكسىچە ئۇنى «كاپىر» ۋە «دەھر»لىكتە ئەيبلەپ تەنقىد ئاستىغا ئالدى. 1929-يىلى ئامانۇللاخان ئامالسىزلىقتىن بايانات ئېلان قىلىپ ئىسلاھاتتىن ۋاز كەچتى ۋە ئافغانىستاندا تۇرالماي ياۋرۇپاغا كەتتى.
1953-يىلى 9-ئايدا مۇھەممەد داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ئافغانىستاغا باش ۋەزىر بولدى. ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا «ئىسلام ئۇلەمالىرى جەمئىيىتى»نىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە شۇ چاغدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا دىنىي ئالىملاردىن تاللاپ ئادەم قويۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كابول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ خادىملىرىنى تولۇقلىدى. ئۇنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ئاياللارنى ئازاد قىلىش، ئاياللارنى ئۆيدىن تالاغا چىقىپ، كەسپىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرخىل ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. ھۆكۈمەتنىڭ تەشەببۇسى ۋە رىغبىتى ئاستىدا بىر تۈركۈم يېڭى زامانچە كىيىم كىيگەن مۇسۇلمان قىزلار ئايروپىلان ۋە تېلېفۇنخانىلاردا پەيدا بولدى. 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈن دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە خوتۇن-قىزلار چۈمبەللىرىنى ئېلىۋېتىپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئەمما بۇ ئىش دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق، قارشىلىق داۋۇدخان تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. قارشىلىق باستۇرۇشتىنمۇ قاتتىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1963-يىلى داۋۇدخان خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چەتئەلگە قاچتى. 1973-يىلى، يەنى 10 يىلدىن كېيىن داۋۇدخان سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇۋېتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئىسلامنى گۈللەندۈرۈش نامى بىلەن ھوقۇق تۇتتى، ئەمما غەربلىشىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىدى. 1978-يىلى مۇھەممەت تەلئەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، دۆلەت نامىنى ئافغانىستان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىدى. داۋۇدخان بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىكى ساراي ئېتىشۋازلىقىدا ئوق يەپ ئۆلدى.
1927-يىلى تۈركىيە، 1956-يىلى تۇنىس ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىگەندىن سىرت، سۈرىيە، مىسىر، ماراكەش، ئىراق، پاكىستان، ئىران قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە 1950-يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلىنغان قانۇنلاردا بىر خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، كۆپ خۇتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇش، شارائىتى بارلىرىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلەندى. ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى 1989-يىلى تېھراندا ئېچىلغان دۇنيا ئاياللىرى قۇرۇلتىيىدا «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ھېچبىر زۆرۈرىيىتىي يۇق. شەرىئەت ۋە قەدىمكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھېچكىم كۆپ خوتۇن ساقلاشنى خالىمايدۇ. گەرچە ئۇ قانۇندا يول قويۇلغان ئىش بولسىمۇ، بىز نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايمىز ھەم خالىمايمىز» دېدى. دەرۋەقە ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم بىر شاخچىسى بولغان كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يالغۇز ئىسلامىيەتنىڭلا مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ئادىمىزات دۇنياسى ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان قەدىمكى ئادەت ئىدى. ئىبرايلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خوتۇنى بولغان، ياقۇپ ئەلەيھىسسالام ئىككى خوتۇن ساقلىغان، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالاملارنىڭمۇ نۇرغۇن خوتۇنلىرى بولغان. نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، كاتولىك دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلىمەيدۇ، ئىنكارمۇ قىلمايدۇ. ئۇلار 17-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇشقا باشلىدى. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكى ئالدىنقى شەرت ئاستىدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويىدۇ. خوتۇنلارنىڭ سانىنى تۆت ئىچىدە كونترول قىلىدۇ ھەم ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. قەيتلەرگە كۆرە، ئىسلام دىنى ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەن چاغدا بەزى ئەرەبلەرنىڭ خوتۇنلىرى ئونغا يەتكەن بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى تۆتكە ئازايتقان. ئىسلام دىنى كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۇنجى دىن ئەمەس، بەلكى كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇنى ئىنسانلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە قېلىپلاشتۇرغان تۇنجى دىن. كۆپ خوتۇنلۇق مەسىلىسى «قۇرئان كەرىم»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولغاچقا، فىقھى ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» تەلىماتىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى چەكلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىۋاسىتە، ئاشكارا ھېچنېمە دېمەيدۇ. پەقەت جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن پىسىخولوگىيە ئالىملىرىلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ياكى تەكشۈرگەن ئەھۋاللىرى بويىچە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەن كۆپ خوتۇنلارنى بېقىپ تەربىيىلەشنىڭ ئىنسانلارغا ئەپكىېلىدىغان ئاقىۋىتى، زىيىنى ۋە خەتىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، كۆپ خوتۇنلۇق ھادىسىسى يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە يەنە غەربكە ئېچىۋەتكەنلىك سەۋەبىنىمۇ قوشۇپ، زىيالىيلار ۋە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. 19-ئەسىردىن باشلانغان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىن بۇيان بەزى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە ئاياللار ھەرىكىتى داھىيلىرى كۆپ خوتۇنلۇققا چەك قويۇشنى، چەكلەشنى مۇراجىئەت قىلدى. دىنىي زاتلاردىن خېلى كۆپ ساندىكىلەرمۇ بۇ مەسىلىنى تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن زامانغا لايىق شەرھىلىدى. ئەمما، ئەنئەنىچى مۇسۇلمان ئالىملىرى «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»لەردىن كۆپ خوتۇنلۇققا يول قويۇلۇش ھەققىدە سەۋەب ۋە ئاساسلارنى تېپىپ چىقىپ كۆرسەتمەكتە.
1979-يىلى ماقۇللانغان مىسىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدە ئەرلەر ئىككى-ئۈچ، ياكى تۆت خوتۇن ئالسا، بىرىنچى خوتۇنىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يېتىدۇ، شۇڭلاشقا بىرىنچى خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرلەرنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقىدىن قەتئىينەزەر قازى بىرىنچى خوتۇنىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى تەستىقلىشى كېرەك، دەپ بېكىتىلدى. ئەمما، بۇ قانۇن ئەنئەنىچى دىنىي ئالىملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ قاتتىق بېسىمى ئاستىدا پارلامېنت 1984-يىلى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ پۈتكۈل ئەرەب ئىسلام جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ قانۇن تۈزۈش تارماقلىرى ھەرقانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ چەكلەنگەن رايونغا كىرەلمىدى. ئەكسىچە كىرگەنلىرى ۋە كىرىشكە ئۇرۇنغانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئىسلاھات-مۇۋەپپەقىيەت، ئىسلاھات-مەغلۇبىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مۇۋەپپەقىيەت، يەنە ئىسلاھات يەنە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(داۋامى بار)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:54:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
(داۋامى)

يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


(4)



ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ھەممىدىن مۇھىم مەجبۇرىيىتى ئائىلىدە بولۇشى لازىم. پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئاللانىڭ ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئالىي، مۇقەددەس ۋەزىپىسى؛ ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىنى يارىتىدۇ. مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرنى يېتەكلەيدۇ؛ بۇ شەرەپلىك، مۇقەددەس ۋەزىپىنى ھېچكىم ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتەپ قويالمايدۇ. ئەمما، بۇ ئاياللارنى ئائىلىگە بەند قىلىپ قويۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ ئۇلار ئائىلىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن بوش ۋاقىتلىرىدا ياكى ئىقتىدارى يار بەرگەن ئەھۋالدا ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلسا بولدۇ، ئەرلەر قىلغانلىكى ئىشنى ئاياللار قىلالايدۇ، بەلكى ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنىمۇ ئاياللار قىلالايدۇ، دېيىش ئاڭلىماققا ناھايىتى دانادەك تۇرسىمۇ، ئەمما تازا مۇكەممەل پىكىر ھېسابلانمايدۇ؛ ئاياللار چوقۇم فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك شارائىت بىلەن ھېسابلىشىش لازىم؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىشى، شەرمى ھايانى بۇزۇپ، ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى بۇزىدىغان ياكى قاتتىق كۈچ ۋە ئىرادە تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، مەسىلەن، ئارمىيە، ساقچى، ئەدلىيە قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك. ئاياللار نازۇك ۋە تەۋازۇ كېلىدۇ. ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلسا روھىي يۈكى ۋە بېسىمى ئارتىپ كېتىدۇ. بۇلۇپمۇ رەئىس جۇمھۇر ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىدەك ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك، بۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ قىلىشىغا باب كەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ. ھەدىستە دېيىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىرانلىقلارنىڭ ئۆزلىرىگە كىسرانىڭ قىزىنى پادىشاھ قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندا: «ئايال كىشىنى ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران قىلغان خەلق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» دېگەن. بەزى مۇسۇلمان ئالىملىرى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىرقانچە ئەسرنىڭ ئالدىدا ئاياللار ئائىلىدە گىلەم توقۇش، كەشتە ئىشلەش قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. ھازىر ئىسلام دۇنياسى سانائەت تەرەققىياتىغا ھەم تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭدى. بۇنىڭغا زور تۈركۈمدىكى ئىقتىدارلىق تالانتلىقلار كېرەك. ئاياللارنى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش لازىم، ئۇلارنىڭ رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. شارائىتى بار بەزى ئاياللار ئائىلىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەنسە، تېخىمۇ كۆپ ياش قىزلار ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسە، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولسا، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، سىياسىي ساھەلەردە ھەرخىل ۋەزىپىلەررنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. ئەمما، ئاياللار قانداق قىلىپ ھەم ئائىلىدىكى، ھەم جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىلىرىنى تەڭ ئادا قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلىدە ئالىملار يەنىلا ئەنئەنىۋى قاراشنى ئاساس قىلىدۇ.
ئالىملار ئاياللارنىڭ مائارىپتا تەربىيىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ مائارىپ سەۋىيسى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن خىزمەتكە قاتنىشىش، ۋەزىپە ئۆتەش ئوتتۇرىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاياللار تەربىيىسىنىڭ  ئاساسلىق نىشانى ئۆز ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە: ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىشى ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بەزى ئاياللار دەسلىپىدە جەمئىيەتكە چىققاندا جان بېقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. لېكىن، توي قىلغاندىن كېيىن ئەرلىرى ناھايىتى باي بولۇپ، خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋالدىمۇ ئەرلىرىدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالماسلىق ئۈچۈن خىزمىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئالىملار بۇنداق ئەھۋالنى ئەر-ئاياللىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىنىش ۋە چۈشىنىشنىڭ كەملىكىدىن دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى ئىقتسادىي مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىدۇ. ئايلىق ئىش ھەققى ۋە مال-دۇنيادىنمۇ مۇھىم تۇرىدىغان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش، پەرزەنت تەربىيسى ۋە ئائىلە ئىللىقلىقىغا سەل قارايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئائىلىلەردىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلىنشى غەربنى دورىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەتتە، شەرق ئاياللىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىسىدىن ياتلىشىۋاتقان ۋاقتى دەل غەرب ئاياللىرىنىڭ خىزمەت دېگەن نەرسىدىن ۋاز كىچىپ، ئائىلىلىرىگە قايتىشنىڭ تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرى بولىدۇ. ھازىر غەربتىكى بەزى ئالىملار ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنى ئۇلاردىكى ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئىنكاسى، ئۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بەزى ئالىملار ئاياللار يېرىم كۈن ئىشلىسە، سەھەر تۇرۇپ كەچ قايتمىسا (گەرچە مائاشى بۇنىڭلىق بىلەن ئازلاپ كەتسىمۇ)، ئاياللار ئايال ئىشچىلار كۆپرەك بولغان جايلاردا بالىلار باغچىسىغا ئوخشاش ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاياللارنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتسە، قىرىق ياشتىن ئاشقان ئاياللار دەم ئېلىشقا چىقسا، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاياللار ئائىلىلىرىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلسە، دېگەنگە ئوخشاش تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئالىملار ئاياللارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا، بالىلار باغچىلىرىدا ئىشلىشىنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. ئەنئەنىچى فىقھى ئالىملىرى ئاياللارنىڭ قەھۋەخانىلاردا، ناخشا-ئۇسسۇل سورۇنلىرىدا ئىشلىشىنى، ئەرلەرگە كاتىب بولۇشىنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدۇ. بەزى دىنىي ئالىملار ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىنى رەت قىلمايدۇ، بەلكى رەسۋا، ناشايان قىلىقلارنىڭ سادىر بولماسلىغى شەرتى ئاستىدا ئۇنى روخسەت قىلىنغان ئىش دەپ قارايدۇ. ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق مۇھاكىمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەم ئائىلىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك بىر ۋەزىپە ئاياللارنىڭ ئالدىغا قويۇلماقتا. بۇ يالغۇز مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئالدىغىلا قويۇلغان مەسىلە بولماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئاياللىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە. زاماننىڭ تەرەققىياتى ئاياللاردىن ئۆزىنىڭ ساپاسىنى قاتتىق ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا. «ئاياللار ۋە ئىران ئىنقىلابى» دېگەن كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئىراننىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى راپسان جانى: «ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى كېرەك. دارۇلمۇئەللىمىن، داۋالاش، ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەلەر تەقۋادار ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىغا ۋە خىزمەت قىلىشىغا مۇھتاج»، «ئاياللار بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ساپاسىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەرخىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتسە بولىدۇ، مەسىلەن، مىنىستىر، ھاكىم، ئادۋۇكات، مەسلىھەتچى، مىنىستىر ياردەمچىسى، زاۋۇت باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرى دېگەنگە ئوخشاش. بۇ جەھەتتە شەرىئەتنىڭ ھېچقانداق بولمايدۇ دەيدىغان بەلگىلىمىسى يوق»، «ئاياللار سايلامغا قاتنىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، ھۆكۈمەت ئىشىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى، ھەرقايسى پارتىيە، گۇرۇھلار ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە قوللىشى، تېخىمۇ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر خادىملارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشى لازىم» دەيدۇ. ئادەتتە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ خىزمەت قىلىدىغان ئاياللارغا قارىتا مۇسۇلمان ئالىملىرى ۋە ئۇلەمالەر ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. راپسانجانى مۇنداق دېگەن: «ئاياللار جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى، جەمئىيەتكە چىرىكلىك ياكى يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلار ۋە ئامىللاردىن ساقلىنىشى، ئۆزى دۇرۇس، شەرمى ھايا بىلەن پاك تۇرۇشى، جەمئىيەتنى سۈزۈلدۈرۈپ پاكلاشتۇرۇشى، بۇ جەھەتتە جەمئىيەتكە باشلامچىلىق قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك». شۇنداق بولغاندىلا ھېچكىمنىڭ پىكرى چىقمايدۇ.
بۈگۈنكى شەرق ئاياللارنىڭ ئاياللىق ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇش چوقان سادالىرى ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ چوقاننى كۆتۈرگۈچىلەر ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام نامى ئاستىدا ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى، دەپ نادان ۋە ئەخمەقلەرچە ۋەز-نەسىھەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يامان نىيەتلىك كىشىلەر، بەزىلىرى بولسا ئىسلام دىنىدىن بىخەۋەر ئادەملەر بولۇپ، يەنە بەزىلەر ئىسلامىيەت ئاياللارنىڭ دۈشمىنى، ئىسلام دىنى ئاياللارنى ھايۋاندەك پەس كۆرىدۇ، ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان ئويۇنچۇقى دەيدۇ، دېيىشىدۇ. بۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدىن ئىبارەت، خالاس.
ئىسلامىيەت ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن تەڭ ھوقۇقتا باراۋەر بولۇشى 18-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ياۋروپا ئاياللىرى ئارىسىدا ئىشقا ئاشتى. فىرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئاياللار «ئەركىنلىك»، «باراۋەرلىك» دېگەن ئىدىيىنىڭ تەسرىدە «تالادىكى ئىشلارغا ئەرلەر، ئۆي ئىشلىرىغا ئاياللار خۇجايىن» دېگەن كونا ئەنئەنىۋى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ئىنقىلابقا قاتناشتى. بولۇپمۇ 1789-يىلى 5-ئۆكتەبىردىكى ۋىرسالغا ھۇجۇم قىلىشتا ئاياللارتېخىمۇ زور رول ئوينىدى. كىشىلەر ئادەتتە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكىدا باشلانغان دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋاقتىدىلا ئېچىلغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتتە ئاياللار گۈزەللىك بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ سمۋولى بولغان مۇقەددەس ئانا بۈۋى مەريەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ قايتىدىن ئولۇغلاندى. دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى تۇنجى بولۇپ ئاياللار مەسىلىسىنى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىجتىمائىي مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يالغۇز باستىر (چېركاۋدىكى دىنىي خادىملار)نىڭ نىكاھلىنىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئەنئەنىۋى نىكاھ كۆز قارىشىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە ئۆرپ-ئادەت جەمئىيىتىگە قاراتتى. ئاقارتىش ھەرىكىتى بۇرژۇئازىيىگە ئىلاھىي ھوقۇقلار ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقاتقۇزدى. غەربنىڭ بۇرژۇئا ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئىچىدىن ئاياللار ھوقۇقىنى بايقىدى. شۇڭا، بۇرژۇئازىيە «كىشىلىك ھوقۇقى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن غەربتىكى ئاياللار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرى «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى جاكارلىدى، بۇنىڭ بىلەن 18-ئەسرنىڭ ئاخىرىدا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
ئىنقىلابنىڭ دەسلىپىدە بەزى يۈرەكلىك ئاياللار «ئۆتۈنۈشنامە» يېزىپ، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا سالغان زۇلمى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «سىلەر بەزى چىرىك كۆز قاراشلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدىڭلار، ئەمما ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ ئۇمۇملىشىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى ساقلاپ قېلىپ، پادىشاھلىقنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاھالىنى تېگىشىلىك ئورۇن، غورۇر ۋە شان-شەرەپنىڭ سىرتىدا قالدۇردۇڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ھوقۇقلىرىنى تارتىۋالدىڭلار ... سىلەر مۇستەبىتلىكنى بىتچىت قىلدىڭلار ... ئەمما 13 مىليون قۇلنىڭ بوينىغا 13 مىليون ئىستىبدات تەرىپىدىن سېلىنغان تۆمۈر زەنجىرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردىڭلار» دېدى. ئاياللار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بەزى گېزىت، كىتابچىلار ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، 1791-يىلىدا جاكارلانغان ئاساسىي قانۇندا يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭلا گىراژدانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدىغانلىقى بەلگىلىنىپ، ئاياللارنىڭ گىراژدانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەنلىنىش دېگەن ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى. ئاياللار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 1791-يىلى 9-ئايدا داڭلىق ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى داھىيىسى ئورنفو . د . گورېي مەشھۇر «ئاياللار ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلدى. 1792-يىلى 3-ئايدا ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»غا ئاساسەن 319 ئايالنىڭ ئىمزالىشىدا قانۇن پالاتاسىغا نامە سۇنۇپ، ئاياللاردىن قوغدىنىش ئارمىيىسى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 4-ئايدا «جىنسىي زوراۋانلىق»قا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئايال پائالىيەتچى ئاتافارمۇ ئاياللارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى تارتىۋېلىنغان تەبىئىي ھوقۇقىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا قانۇن پالاتاسىغا بېرىپ نوتۇق سۆزلەپ، «ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئىنقىلابنىڭ خەتىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۇرۇقلۇق نېمىشكە ئىنقىلاب مېۋىسىدىن ئەرلەرگە ئوخشاش بەھرلەنمەيدۇ؟ ئەرلەر ئازادلىققا ئېرىشىپ، ئاياللار نەچچە مىڭ خىل بىر تەرەپلىمە مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان قۇل پېتى قالىدۇ؟» دېدى. 1793-يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنى «ئىنقىلابىي جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاياللار كۇلۇبى» قۇرۇلۇپ «يېڭى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەرلەرنىڭ سايلام ھوقۇقى ھەققىدىكى شەرتلەر ئاياللارغىچە كېڭەيتىلىشى كېرەك» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى 1793-يىلى 6-ئايدا جاكارلانغان يېڭى ئاساسىي قانۇندا قېپيالىڭاچ ھالدا: «ئاياللار، گۇناھكارلار ۋە مېيىپلار گىراژدان ھېسابلانمايدۇ. ئۇلار ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن گىراژدانلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ» دېيىلدى. 7-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاساسىي قانۇنچىلارنىڭ كاتتىۋېشى مارا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. گورېي ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى «ئاياللارنىڭ جامائەت تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشىنى توسقانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ ئاتىدى ھەم «ئاياللاردىكى شان-شەرەپ ئىشىكى، ئىشقا ئورۇنلىشش ئىشىكى، پۇرسەت ئىشىكى يېپىۋېتىلگەندىن كېيىن سىلەر ئاياللار ئۈچۈن گۇنا ئىشىكىنى ئاچتىڭلار» دېدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى يوللۇق ئىدى. ئەمما ئاساسىي قانۇنچىلار مارانى ئۆلتۈرگەن قاتىل بىلەن ئاياللارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنشىشىنى بىرلەشتۈرۈۋېلىپ، خەلقنىڭ قاتىلغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى بارلىق ئاياللارغا كېڭەيتتى. شۇنداق قىلىپ 10-ئايدا پارىژدىكى بارلىق ئاياللار كۇلۇبلىرى پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلدى. كۇلۇب رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى. 11-ئايدا بىر تۈركۈم ئايال سىياسىئون ۋە ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن پائالىيەتچىلەر ئۆلتۈرۈلدى. ئاياللارنى چەكلەش، بېسىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىدى.جۇمھۇرىيەتنىڭ 3-يىلى 4-، 5-ئايلاردا «ئاياللار ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز سرتقا چىقمىسۇن» دەپ جاكارلاندى. 20-مايكۈنى خەلق كوممۇنىسى ئاياللارنىڭ گېزىت-ژۇرنال چىقىرىشىنى مەنئىي قىلدى. 24-كۈنى بەشتىن ئارتۇق ئايالنىڭ بىر يەرگە كېلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ كەتكەن ئاياللار قايتىدىن ئائىلىگە قايتۇرۇپ كېلىندى. «ئاياللار ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغان تۇنجى مۇكەممەل خىتابنامە دەپ قارالدى. ئەمما، بۇ ئەسلىدىنلا مۇكەممەل بولمىغان بىر قاراش بولۇپ، ئىنسانچىلىقتىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى.
ئاياللارنىڭ بۇ ئىنقىلاب ئارقىلىق ئېرىشكىنى نېمە بولدى؟ ئۇلار نەچچە سائەتلەپ ئارتۇق ئىشلەيدىغان بولدى. ئاياللىق غورۇرى ئوخشاشلا دەپسەندە قىلىنىۋەردى. ئۇلار ئائىلىنىڭ شادلىقىدىن مەھرۇم قالدى. ئاياللار ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرسا، بالا تۇغسا، بالا تەربىيىلىسە، پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بىللە باياشاد، خۇشال-خۇرام ھالدا تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزسە بولاتتى. شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قەدىر-قىممىتىنى ھېس قىلغان بولاتتى. بۇلار ئىشقا ئاشمىدى. ئەكسىچە ئىشقا ئاشقىنى ئەرلەرگە ئوخشاش كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ زاۋۇتلاردا ئىشلەش بولدى. بۇ ئاياللار ئىنىقىلابىنىڭ غەلىبىسى ئىدى.
سانائەت ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشمۇ شەھەرلەردىن قېلىشمىدى، ئائىلە پارچىلىنىشقا باشلىدى. ئائىلىنى باغلاپ تۇرغان مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى. سانائەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە ئەمگەكچى خەلق ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا بەرپا قىلغان يېزا-سەھرا تۇرمۇشىنى تاشلاپ، شەھەرلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، ھەركىم ئۆزئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىدىغان شەھەر تۇرمۇشىنى كەچۈرۈشكە باشلىدى. شەھەردە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئىدى. پۇل تېپىشتىن بۆلەك ھېچكىم ھېچكىمگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان ئادەم قالمىدى. ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغانلىكى يەردە جىنسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ئەخلاق دېگەنلەر بىلەن كارى يوق ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر ئەمگەك مەجبۇرىيەتلىرىنى يۈكلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىدى ۋە ئاياللىق شۆھرىتىدىن مەھرۇم قالدى. پىسىخىكا ۋە ماددىي جەھەتتىكى بەھرىمەنلىنىشلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنى پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيىلەيدىغان ۋە قامدايدىغان مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۈرىيەتلىرىنىمۇ يوقاتتى. قاۋۇل، كۈچتۈڭگۈر ئەركەكلەر نومۇس قىلماي، ھەتتا ئاياللىرى، ئانىلىرىنى ئۆزىلىرىنى بېقىشقا زورلىدى.
بىز نېمىشقا بۇنداق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ ئولتۇرمايمىز. چۈنكى، ھەممىگە ئايدىڭكى، ياۋرۇپالىقلار ناھايىتى ئاچكۆز، جاھىل، ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئەزەلدىن ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ھۆرمەتلىمەيتتى. باشقىلارنىڭ ئەيب-نۇقسانلىرىنى رەھىمدىللىك بىلەن ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيتتى. ئالىيجاناب ئەمەس ئىدى. كۆز يۇممايمىزكى، قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئىمپېرىسى دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئورنى ناھايىتى قىسقا بىرمەزگىل ياخشىلاندى. ئەمما، مۆجىزە خاراكتېرلىك بۇ ئىش ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. شۇ ۋاقىتتا چوڭ-چوڭ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بىرنەچچىلا ئايال ئۆزلىرىنىڭ  ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. چاكىنا شەھۋانىي بايۋەچچىلەر ئۇلارنى ئويناپ كۆڭلىنى ئېچىش، جىنسىي لەززەتنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارغا چاۋاك چالدى. بۇ ئاياللار چاكىنا، سۆلەتۋاز، ئالدامچى، مەسخىرىۋازلارنىڭ دامىغا چۈشكەن ئىدى. بۇ ئاياللارنىڭ تېگىشلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغانلىقىنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە تاسادىپىيلىقنىڭ، ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا مەدەنىي كەمسىتىش، مەدەنىي خورلۇقنىڭ نەق ئۆزى ئىدى.
تارىخ، جۇغراپىيە، ئىقتىساد، ئىدىيە، قانۇن جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ياۋرۇپا ئاياللىرىدەك قولىغا قورال ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ شەرق ئاياللىرى ھوقۇقى ھەرىكىتىنى قوزغاپ، غەربكە ئەگىشىپ كوچىغا چىقىپ چوقان-سۈرەن سېلىشنىڭ ھاجىتىچۇ؟ ئاياللار ھەرىكىتى قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ ئىسلاھات نەگە بارىدۇ؟ مانا بۇ بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسلامىيەت دۇنياسىدا قاتتىق مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە. ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى ئاياللاردا ئوخشاشمىغان مەسىلىلەر بولىدۇ. ئاياللار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرىدىغان يىگانە شەخس ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ ئالىيجاناپ بولغان مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ مەۋجۇت بولغانىكەن، ئۇلار مۇشۇ گەۋدىگە بويسۇنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللار ئۆزىگە خاس ئائىلە ۋە خۇسۇسىي تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ھازىر غەرب ئاياللىرى كۆپىنچە زامانىۋىلىششنىڭ ئۈلگىسى، ئۇلار ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، غەرب ئاياللىرىنىڭ بۇ ئۆلچىمى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ نەزەرىدە بىر خىل خەتەر ۋە ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.
مەلۇمكى، 19-ئەسىردە ياۋرۇپا «ھايۋانلار ئىنسانىيەتكە يېقىن»دۇر دېگەن تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلىدى. گەرچە دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئىنسانىيەتنى قورقۇنچلۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئەسلىدىنلا ياۋايىلىق دەۋرىدە بەك ئۇزاق ياشاپ كەتكەن غەربلىكلەرنىڭ مېڭىسىدە تېز چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى بۇ ئەخمىقانە كۆز قاراشنى قوبۇل قىلالايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. ھازىرقى غەرب دۇنياسىدىكى «تەبىئەتكە قايتىش» ھەرىكىتى دەل مانا مۇشۇ «ئادەم تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان ھايۋان»دۇر دېگەن كۆز قاراشنىڭ مەھسۇلى. ھازىرقى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنى رەزىللىكنى تىزگىنلەشكە مەسئۇل، ئەمما رەزىللىكنى ئۆزگەرتمەيدۇ. پاھىشۋازلىق ئۇ يەرلەردە بىر خىل قانۇنلۇق كەسپ دەپ قارىلىدۇ، ھۆكۈمەت جازانە ئۈچۈن پۇل تارقىتىدۇ، قىمارغا يول قويىدۇ، ھاراق چەكلەنمەيدۇ، بۈگۈنكى كىنو ئىشلىرى رەزىللىكنىڭ ئانىسى، ئۇ تېخى دۆلەت بايلىقىنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. سېرىق ئەدەبىيات ۋە باشقا بۇيۇملار ئاممىنى زەھەرلەپ تۇرىدۇ، ئەمما دۆلەت ھۆكۈمرانلىق ئورۇنلىرى بولسا بۇ ئىشلارنى ئىنتايىن ئاز سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر تارىخ ئالىمى ل. س. كىچاۋرىنوك (L.S.ctavrianoc) ئۆزىنىڭ «دۇنيا ئومۇمىي تارىخى» دېگەن كىتابىدا: «باي، سېھرىي كۈچكە ئىگە ئامېرىكىدا بىز قۇياشنىڭ يورۇق ئەمەسلىكىنى، خەلقنىڭمۇ بەختلىك ئەمەسلىكىنى بايقىدۇق. ئەكسىچە، بۈگۈنكى ئامېرىكا داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۆلەت بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر مەسىلىلەر كۈنسايىن چوڭقۇرلاشماقتا. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا ئۇ دۇنيادىكى 1-ھەقدار دۆلەتتىن 1-قەرزدار دۆلەتكە ئايلاندى. ئىشچىلار ئىشسىز قالدى. دېھقانلار ئېكىنزارلىقلىرىدىن ئايرىلدى. مۇساپىرلار كوچىلارنى ماكان تۇتتى. ئوزۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىدى. ھاراق بىلەن زەھەرلىنىش، زەھەر چېكىش، بويىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى كۈنسايىن ئۆرلىدى» دەپ يازىدۇ. ئۇ دۆلەتلەردە ئەخلاق پەسلىشىپ رەزىللىكلەر دائىم ئۆسۈپ تۇرىدۇ. بازارلاردا جىنسىي تۇرمۇشقا ئائىت ياسالما كۈرۈنۈشلەر، جىنسى ھەۋەسنى قوزغاتقۇچى Pickupme لەر، ياشلىقنى ئۇرغۇتقۇچى ۋە گۈزەللەشتۈرگۈچى دورا دېگەندەك بىر نېمىلەر كەڭتاشا سېتىلىدۇ، بۇنداق نەرسىلەرنى ياسايدىغان دورا زاۋۇتلىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا نۇرغۇن پارا بېرىدۇ ياكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيىگە نۇرغۇن مال-دۇنيا ھەدىيە قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار جەرىمانە تۆلەشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. غەرب دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە روھىي كىرزىس بىر قىسىم كىشىلەرنى قايتىدىن يەنە باشقا بىر خىل تۇرمۇش شەكلى ئۈستىدە پىكىر قىلىشقا، ئەر-ئاياللارنىڭ روھىي دۇنياسى ياكى جەمئىيەتتىن باشقا بىر مۇناسىۋەتلەرنى ئىزدەشكە، ئائىلە، شەخس، تۈزۈم قاتارلىقلاردىن يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتۈشكە ئۇرۇندۇرماقتا. ئىسلام ئەنئەنىچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئاساس قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار قاتلىمىنىڭ غەربلىشىشكە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قەتئىي چەك-چىگرا ئاجرىتىپ، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى چىرىكلىك ۋە شۇملۇق دەپ قارىماقتا.
زامانىمىزدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى ئەھۋال تارىختىكى ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن جازالانغان قەۋملەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئېتىقاد، ئىش-ئەمەل، غايە، ئەخلاق جەھەتتە ئاللاھتىن يىراقلاشتى. ناۋادا ئىنسانلار توغرا يولغا قايتىپ كەلمەيدىكەن ئاللاھنىڭ جازاسى ھامان كېلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا غەرب مەدەنىيىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز، ناچار نەرسە ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىدۇر. ھازىر ئەخلاق، يەنى ھەرقايسى دىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى) چىڭ تۇرغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەر تەلتۈكۈس يوقىتىلدى. ئەكسىچە، ئەخلاقسىزلىق غەربنىڭ ماددىچىلىق ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان مەينەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتتى. ئۇ ئالىيجاناب ئەخلاقنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ، «تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋاتقان ئىسلامىيەت» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇھەممەد ئەسەد مۇنداق دەيدۇ: «غەربنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى بىر ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مەنپەئەتپەرەسلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان يېڭى ئەخلاق كۆز قارىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىجتىمائىي ماددىي باياشادلىق بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار بولغان بەزى قىلمىش ۋە ئۇقۇملار، مەسىلەن، تېخنىكا قابىلىيىتى، مىللىي ھېسيات دېگەنلەر ئېتىبارغا ۋە ماختاشقا سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى مۇۋاپىق دەپ ھېسابلاندى. لېكىن، ساپ ئەخلاق كاتېگورىيىسىگە ياتىدىغان قىممەت قارىشى مەسىلەن، كۆيۈمچانلىق، ھېسداشلىق بولسا تېز نابۇت بولماقتا. چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتكە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ماددىي مەنپەئەت ئەكەلمەيدۇ دەپ قارالدى»، «شەرم-ھايا، ئىپپەت-نومۇس، ئەدەپ-ئەخلاق، دىيانەت، ۋاپادارلىقلار رىۋايەتكە ئايلىنىپ، پەقەت مىللىي ماددىي باياشادلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەخلاق ئۇقۇمىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى. دىن تەشەببۇس قىلغان گۈزەل ئەخلاق تەدرىجىي ھالدا غەربلىكلەر تەشەببۇس قىلغان شەخسىي ئەركىنلىككە يول بوشاتتى. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەم جىنىسىي ھەۋەسنى تېزگىنلەپ، ئۆز مەيلىگە بېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاش ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالدى». خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رىچارد روجىستۇن «ئازغۇنلۇق دۇنياسىدىكى مائارىپ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا مۇۋاپىق بىر قانچە سۆز تېپىپ بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزنى سۈرەتلەپ بېرىمىز دېسەك، پەن-تېخنىكا دەۋرى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب دەۋرى، ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر دېگەندەك ناھايىتى نۇرغۇن سۆزلەر بار. بۇ ئىسىملار ئىچىدە ھېچبىرى دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئېچىپ بېرەلمەيدۇ ھەم شەرھىلەپمۇ بېرەلمەيدۇ. پەقەت ‹ئەخلاق نورمىسى يوقالغان دەۋر› دېگەن ئۇقۇملا بۈگۈنكى رېئاللىققا سەل-پەل يېقىن تۇرىدۇ»، «21-ئەسىرنىڭ قىلمىشلىرى بۇرۇنقى بارلىق ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنىڭ مۇستەھكەم ھۇلىنى بۇزىدۇ، بۇنداق زەربە ئالدىدا دىنىي ئېتىقاد سۇسلىشىدۇ، ئالىي تۇرمۇش نىشانى تۈگىشىدۇ، ئەھۋال بارغانسىرى ناچارلىشىدۇ». ئالىملارنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ياشلاردىكى ئالىي غايە ۋە نىشانلارنىڭ يوقىلىشىدا، يەپ-ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈشنى تۇرمۇش پرىنسىپى قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى (ئۇسۇلى) دىن بىلەن مائارىپقا سەل قارايدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئولىيەت دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاچكۆزلۈك ئىچىدە شەخسىي ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىدۇ. نىكاھتىن بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش، نىكاھلىق تۇرۇپ ئاشنا ئويناش قاتارلىقلار نورمال ئىش دەپ قارىلىدۇ. پاھىشە ۋە كوللېكتىپ پاھىشۋازلىق قىلىش، كوللېكتىپ نىكاھلىنىش ئەۋج ئالىدۇ. جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسىبىتى نوپۇسىنىڭ ئاۋۇشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاتىسىز تۇغۇلغان بوۋاقلانىڭ نىسبىتى ئۆرلەيدۇ. بەچچىۋازلىق يامراپ ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالىدۇ. ھاراقكەشلىك، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، سېرىق كىتاب ژۇرناللار ھەردائىم ياشلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئىرادىسىنى چىرىتىپ كاردىن چىقىرىپ تۇرىدۇ. پۈتكۈل غەرب دۇنياسى ئومۇميۈزلۈك چىرىكلىشىشكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە غەربلىشىشكە قارىتا قاتتىق چەك قويۇشتىكى بىردىنبىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ، ئۇ دائىم بۇ ئىككى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك، زىددىيەت ۋە كۈرەشلەرنى پەيدا قلىپ تۇرىدۇ. مىللىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلۇپ يوقىلىشى ئىنسانلارنىڭ سۈزۈك سۇدەك ساپ ۋە مىللىي، دىنىي ھىېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ساپ ھېسسىيات ماددا تەرىپىدىن بۇلغانغاندا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك چىقىدۇ. ئائىلە مۇناسىۋىتى بۇزىۋېتىلسە، ئەر-ئاياللار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مېھرى-شەپقەت تۈگەپ، مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش بىلەن ھاۋايى-ھەۋەسنى قاندۇرۇش ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى بەلۋاغقا ئايلىنىدۇ. خۇددى بىر غەرب سىياسىيونىنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك دوستى بولمايدۇ، ئۆمۈرلۈك دۈشمىنىمۇ بولمايدۇ، پەقەت ئۆمۈرلۈك مەنپەئەتىلا بولىدۇ.
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكە فرانسىيىلىك يازغۇچى ۋە تاشقى كېسەل دوختۇرى ئالىكسى كاررىل ئەپەندى جانسىز ئىلىمنىڭ جانلىق ھاياتلىقلارغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە ھەم بۇ ئارقىلىق ئېغىر پاجىئەلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئىنسانلارنى بەكمۇ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى. ئۇ ئىنسانلارنى ۋاسىتە تاللىماي پۇل تېپىشقا چاقىرماقتا. بۇ ۋاسىتىلەر بولىدىكەن ئۇلارنىڭ دوزاختىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ئىنسانلارنى دائىم غىدىقلايدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا، خىيالىغا كەلگەننى قىلىشقا، شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئۇ زورلۇق، ئىنتىزام، جاپا-مۇشەققەت، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىق ۋە ھېرىش-چارچاش دېگەنلەرنىڭ چەكلىمىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ»، «ھازىرقى دۇنيا قانچىلىك تەرەققىي قىلىشىدىن قەتئىينەزەر مەنىۋى جەھەتتە زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ياۋايىلىققا قاراپ ماڭماقتا. ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇلار ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ بىقىنىدىلا ھۇجۇم ئىستھكاملىرىنى قۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ. ئۇلار ئازراقمۇ مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى كۆرمىگەن. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەدەنيىتىمىز ئىلگىرىكى مەدەنىيەتكە ئوخشاشلا بەزى ياشاش شارائىتلىرىمىزنى ئىجاد قىلدى. ئەمما، تېخى ھازىرغىچە چۈشىنىپ بولالمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن ئۇ تۇرمۇشنىڭ نەق ئۆزىنى ھالاك قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن بىز ئىجتىمائىي پەننىڭ ماددىي ئىلىمىدىن كۆپ ئارقىدا قېلىشىدەك بىر پاجىئەنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتۇق». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى مەدەنىيەت ئاساسەن دېگۈدەك  غايىلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، باتور ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ، ھەممىلا دۆلەتتە دېگۈدەك ئومۇمنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇۋاتقان رەھبەرلىك قىلغۇچىلاردا ئىقتىدار ۋە ئەخلاقتا كۈندىن-كۈنگە بوشىشىپ كېتىش مەۋجۇت. دۆلەتنىڭ مالىيەسى، سانائەت ۋە سودا ئاپپاراتلىرى كۈندىن-كۈنگە زورايماقتا. بۇ ئاپپاراتلار يالغۇز ئۆز دۆلىتىنىڭ شارائىتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قوشنا ئەللەر ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا ھازىر تېز سۈرئەتلىك ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مەسىلە مەۋجۇت. بەزى كۈچلۈك دېموكراتىك دۆلەتلەرمۇ دائىم ھايات-ماماتلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ ھەم ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. بىز شۇنى بىلدۇقكى، گەرچە ئىنسانىيەت بارلىق ئۈمىدىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىن كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما  بۇ مەدەنيەت ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەتكە باي باتۇر رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئازغان ئىنسانلارنى خەتەرلىك يولدىن قايتۇرۇپ كېلىپ ھىدايەتكە يېتەكلەتكۈزەلمىدى ... شۇڭا ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان نەرسە ئۇلارنىڭ سىياسىي داھىيلىرىدا ئەقىل-پاراسەت، ئەخلاقنىڭ كەملىكى، شۇنىڭدەك نادان ۋە بىلىمسىزلىكى بولۇپ تۇرماقتا».
نوبىل ئىلىم-پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رېنېي دوب ئۆزىنىڭ «ئىنسانلاردىكى ئادىمىيلىك» دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن پىسىخىكىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەكس ئەتكەن كرزىس ئامىللىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېڭىچە بىر ئۈمىدسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ كلاسسىك دەۋر ئېتىقاد، ئەقىل-پاراسەت ۋە رومانتىك دەۋرى بولۇپ، ئىنسانلار ئۇ دەۋردە ئاشۇنداق تۇرمۇشنى قوغلىشاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. بۈگۈنكى دەۋر بولسا ئاتوم دەۋرى، ئالەم بوشلۇقى دەۋرى، ئىلىم-پەن دەۋرى، شۇنداقلا يەنە غەم-ئەندىشە، تەشۋىش دەۋرى. بۇ دەۋردە ماددىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىپ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇتمىدى. نۇرغۇنلىغان تەرەققىي تاپقان ئەللەردە خېلى كۆپ مەسىلىلەر، يەنى ئىرقىي كەمسىتىش بىلەن كۈرەش، شەھەر مەدەنىيىتىدىكى بىدئەتچلىك، ئادىمىيلىكنىڭ ياتلىشىشى، ئادىللىقنىڭ ئىنسان قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، ئاتوم ئۇرۇشى تەھدىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. ھازىرقى زاماندىكى ئەندىشىنىڭ مەنبەسى ھەربىر جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ كۆڭلىگە ئايدىڭ. دىنىي ھېسسىيات بىلەن ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قارىشى ئاللىقاچان مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى. ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى ساھە ئادەملىرى بىردەك ئاللا ئۆلدى دەپ ۋارقىراشماقتا. ئىنسانلار خۇددى پالاقسىز كېمىدەك ئۆزىنى باشقۇرالماي قالدى، دەيدۇ. پسىخولوگلار، ئېتنىكشۇناسلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، پسىخىكا كرزىسى كىشىلەر بىلەن كىشىلەر، ئادەم بىلەن تەبىئەت كۈچىلىرى ئارىسىنى يىراقلاشتۇرۇپ مۇناسىۋەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ھازىرقى ئادەملەر ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. گەرچە كىيىم كىيىپ غىزالانسىمۇ، ئەمما ھايۋانلاردا ئەسىلىدە بار بولغان ئەڭ ئەقەللىي قابىلىيەت ۋە ئالاھىدىلىكتىنمۇ مەھرۇم قالدى، ئىنسانلار بارغانسېرى ئۆزىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ماددا ۋە روھتىن ئىبارەت ئۇنىڭ ئىككى چاقنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ نەتىجىسى. ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ جەمئىيەت كېسەل تەككەن، ساغلام بولمىغان جەمئىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام مەدەنيىتى مانا مۇشۇ ئىللەتنى بايقىغاندىن كېيىن چىقىش يولى ئىسلامىيەتتە دەپ ھېسابلايدۇ. تارىخشۇناس، پەيلاسوپ ۋە سىياسىئونلار دۇنيادىكى ئازغۇنلۇقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدىمەكتە. چىقىش يولى نەدە؟ قانداق قىلىپ ئىنسانىيەتنى ھازىرقى زامان ماددىي مەدەنىيىتىنىڭ ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ جىنس كىلەيىر دېگەن ئادەم ئۆزىنىڭ «نادان ئادەملەر» دېگەن كىتابىدا ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەيكەل ياسىغاندەك ئادەمنى قايتىدىن ياساش، ئىنسانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆزىنى چۈشىنىدىغان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھازىرقى زامان ئىسلام ئالىمى سەئىد قۇتۇبنىڭ قارىشىچە، يالغۇز ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان قەلبىنىڭ مەنىۋى پائالىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر يول تېپىش لازىم، ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە بىر قېلىپ (ئۆلچەم) بولۇشى كېرەك. ئۇ سانائەت ئارقىلىق بەرپا ئېتىلگەن ماددىي مەدەنىيەت بارلىق گۈزەل ھېسسىيات، تۇيغۇ، سەزگۈنى نابۇت قىلىپ، سەنئەتلىك، دىنلىق بولغان مەنىۋى پائالىيەتنى بوغۇپ قويدى. شۇڭا، روھىي ئېتىقادلىق ئورنى بولغان بىرخىل تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ دىن. دىن-روھىنىڭ ھەرىكىتى، ئەخلاقنىڭ مەشىقى بولۇپ، ئاخىرەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. زامانىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇر پاكىستانلىق ئالىم مەۋلانا ئەبۇئەلا مەۋدۇدى (1903-1979) ئۆزىنىڭ «بىز ۋە غەرب مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابىدا ئەنگىلىيىلىك ئالىم راۋىد روسىننىڭ كۆز قارىشىنى ئىستاتا كەلتۈرىدۇ. راۋىد روسىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ھىندىستاندىكى  كالكوتتا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئىلىم-پەن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. ئەمما، ئەنئەنىۋى دىنلارنىڭ بىرقانچە ئەۋلاد كىشىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بارلىق چىرىكلىك ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ  يېرىمىنى مۇشۇ سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىىشى بىلەن دىننىڭ سۇسلىشىشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ۋە رولىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئەخلاققا سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئىلىم-پەن ئىنسانىيەتكە بەخت ئاتا قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى يوقىتىدۇ. مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ چىقىش يولى يەنىلا دىندا. ئەمما، ھازىرقى ئادەملەر تەجرىبە ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئۆلچەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، يەنى دىنىي ئىتىقادى خېلى كۈچلۈك ئادەملەرمۇ دىننىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقىنى شەرھىلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىن ئۆزىنىڭ دىنلىق يۇقىرى ئورنىنى ۋە تەسىرىنى ساقلىشى، روھىي ھال جەھەتتىن ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان بارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەۋدۇدى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ: «بۇ يالغۇز رۇسىندىن ئىبارەت بىرلا ئادەمنىڭ بايقىغىنى ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپا، ئامېرىكا شۇنىڭدەك غەربتىكى بارلىق تەرەققىي تاپقان ئەل خەلقلىرىنىڭ ئورتاق بايقىغىنى. بۇنىڭغا بۇددا دىنى، كاتولىك دىنى ۋە ھىندى دىنلىرىنىڭ ئامالى يوق. پەقەت ئىسلام دىنىلا كەلگۈسىنىڭ مەدەنىيىتى» دەيدۇ.


مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(داۋامى بار)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
(داۋامى)


يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


(5)



ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان بىر مىڭ ئۈچيۈز يىلدىن كۆپرەك تارىخىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»دىكى خوتۇن-قىزلار ھەققىدە نازىل بولغان بۈيۈك ئايەتلەرنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئىجتىمائىي ھاياتقا تەدبىق قىلىنغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئۆتۈپ كەتكەن مىڭ يىلنى قويۇپ تۇرۇپ تۈنۈگۈنكى 20-ئەسىرگە كۆز يۈگۈرتسەك، بۇ ئەسىردە خۇددى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن(1933-1995)نىڭ «يېپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلغىنىدەك: «نۇر ۋە سايىلەر، ئىزگۈ ۋە قاباھەت، مەرىپەت ۋە جاھالەت كۈرىشىدە يەنىلا قارا سايىلەر، قاباھەتلىكلەر بىلەن جاھىلىيەت غالىب كەلدى. مەرمەر مۇنارلار، كاھىشلىق قۇببىلەردە توۋلانغان ئىزگۈ ئەزانلار، مىھراب ئاستىدا ئوقۇلغان سۈرە-ئايەتلەر ۋە پاكلىققا، ئالىيجاناپلىققا دەۋەت قىلغۇچى ھەدىس-ھېكمەتلەر سۇناينىڭ يېلىدەك تارقىلىپ كېتىۋەردى». يەنە ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)نىڭ ئېيتقىنىدەك: «مەدەنىيەتتىن بىخەۋەر شەخسىي مەنپەئەت زىللىتىگە بويالغان بېخىل بايلار خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويۇشتەك خوتۇن قەھرىمانلىقى بىلەن پەخىرلەندى. يىگىرمە-ئوتتۇزلاپ نىكاھ ئىگىسى بولغانلىقىدىن خوش بولۇپ سۆزلەشتى. ئۇلار مەدەنىي مائارىپ، دارىلتام دېگەنلەردىن تامامەن بىخەۋەر، دۇنيادىن بىخەۋەر ئىدى. دىنىي ئالىملىرىمىزدىن تېخى ئۈمىد يوق بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئىلىم ئوقۇتۇشتىكى كۆز قاراشلىرىدا پەقەت دىنىي ئىلىمنى ئاساسىي ئىلىم دەپ، پەن ئىلمىگە تۆۋەن نەزەر بىلەن قارىدى. ئۇلارنىڭ مۇنداق زىيانلىق قاراشلىرى نەتىجىسىدە ياش ئەۋلادلىرىمىز ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قېلىپ يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى». بۇ ئەسىردە بىز مىللەتتىن ئەرەب، پارس، تۈرك، ھىندى، تاتار ۋە تۇڭگان ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغىنىدەك دىن بىلەن پەن، دىن بىلەن ئاياللار مۇناسىۋىتى خۇسۇسىدا مەخسۇس مۇتالىئە سورۇنلىرى، نەشر ئەپكارلىرى، ئەسەرلەر ۋە مەدرس-مەكتەپلەر مەيدانغا كەلمىدى. گەرچە «ئاللاھ تائالا بۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەر يۈزيىل بېشىدا دىننى يېڭىلىغۇچىلارنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ھەدىستە ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر داموللام(1862-1924)، چىڭگىزخان داموللام(1912-1952)، نەسۇھا داموللام(1888-1955)، ئابدۇجىلىل داموللام(1896-1937) ۋە شەمسىددىن داموللام(1882-1936)غا ئوخشاش مىسىر ۋە ئەرەبىستانلاردا دىنىي ۋە پەننىي بىلىم تەھسىل قىلغان ئىسلام ئۇلەمالىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قالاقلىق ۋە خار-زەبۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تەرەققىيات يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئەر-ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ ئېچىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دىننىڭ، ئىلىم-پەننىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ھەم تەرەققىياتنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. بۇ 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن چوڭ بىر بەختسىزلىك ئىدى. ئۇيغۇر ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارى بولۇشقا مۇناسىپ پازىل ئالىملىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»نىڭ كۆرسەتمىسىنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزىدىغان، ئۇلۇغ پېشىۋالارنىڭ تەلىماتىنى مەجلىس سورۇنلاردا بايان قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىغا ياخشى-ياماننى چۈشەندۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، تەربىيە بەرگەندىن تاشقىرى زامانىۋىلىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان يولباشچى بولماي، تەپىرىقىچىلىق، مىللىي زۇلۇم، دىنىي كەمسىتىش، نادانلىق ۋە خار زەبۇنلۇقنىڭ ئاسارىتىدە چارەك ئەسىرنى ئۆتكۈزدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بۇ 50 يىلدا ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە يېتەكچى ۋە يېرىم يېتەكچى قىلغان مىللىي زۇلۇمغا قارىشى خام «ئىنقىلاب»تىن بىر قانچىسى بويىدىن ئاجراپ كەتتى. ئالىم، ئۇلەما، سىياسىيون ۋە پىداركارلىرىدىن ئايرىلىپ چوپانسىز پادىغا ئوخشاپ قالغان بۇ خەلق ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتمىگەن، غەربنىڭ ماددىچىلىق ئىدىيىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كۇڭزىچىلىق تەلىماتىغا ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان بىر ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنى قارشى ئالدى. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، شۇنداقلا ھەرىكەت مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» ئاساسىدا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىتىش، ئىسلامىيەتچە مائارىپ، ئەخلاق تەربىيىسى يۈرگۈزۈش ئىشى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا باشلانغان ۋە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ كەلگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلىدىن ئېتىباردىن يىراقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ھەرقانداق ئىنسانغا كېرەك بولىدىغان دىنىي مەدەنىيەتنىڭ سىرتىدا قالدى. سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ماددىچى پروفېسسورلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن قىزىل كونسىپىكتىن 50 يىل دەرس ئۆتتى. ئۇلار كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلغان زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى خۇددى زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» ناملىق ماقالىسىدا كۆرسىتىلگەندەك: «ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى-دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى». دۆلەت ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەننى ماددىچىلىق ئاساسىدا ھەرقانچە كۈچەپ شەرھىلىگەن ۋە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئېتىقاد ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز كەلدى. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى سىستېمىلىق ھالداتەتقىق قىلىپ، مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئاينىۋاتقان جەمئىيەتنى ئوڭشاش ئىدى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ھاكىمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى(1898-1969) پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان سەپىرىدە ئاپتونۇم رايونىمىزغا كەلدى ۋە بۇيەردىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىلەرنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزم تەتقىقات ئورنى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز،دېگەن دوكىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەتئىي ھالدا: «سىلەر ئۇنى قۇرماڭلار، ئۇنداق ئورۇندىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن جەمئىي 20 نەچچىسى بار، سىلەر ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇڭلار، چۈنكى بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن» دېدى. مىڭ ئەپسۇس، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىدولوگىيە تەرەققىيات تارىخىدىن تولۇق خەۋىرى بار، ئوقۇمۇشلۇق بۇ سىياسىيۇننىڭ ئىسلامىيەتكە بولغان تاڭ تەيزۇڭ(597-649)چە ھېسداشلىق قىلىش مۆتىدىل سىياسىتى ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇلمىدى، ئىسلام پەلسەپىسىمۇ تەتقىق قىلىنمىدى. ئەكسىچە، شەخسنىڭ خۇدانى چۈشىنىش ۋە سېغىنىشتىكى ھوقۇقى تالان-تاراجغا ئۇچراپ، ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئوقۇشلۇقى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلدى. خەلق «تاكى 1970- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياشىدى. مىليونلاپ ئنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كىيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى. مىليونلاپ ئىنسان ئىجاد قىلىش، بايلىق يارىتىشقا تېگىشلىك مېڭىسىنى ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئادىميىلىككە ياتىدىغان تەبىئەتتىن مەھرۇم بولدى».
70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن زامان ئۆزگىرىپ، ئەينى چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ گۇماشتىسى دەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن دېڭ شياۋپىڭ(1904-1997) قايتا ھاكىيمىيەت بېشىغا چىقتى. ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئون يىل داۋاملاشقان سىياسىي بوھراندا قاتتىق ئۇۋالچىلىققا قېلىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ليۇ شاۋچى ۋە ئۇ باشچلىغىدىكى بىر تۈركۈم ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي ھوقۇقدارلىرى ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. دېڭ شياۋپىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» مۇھاكىمە دولقۇنى قوزغىدى ۋە ئۇلاپلا ئىدىيە ئازادلىقى ھەرىكىتىنى باشلاپ ئۇزۇن يىل قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپ دات بېسىپ كەتكەن دۆلەت دەرۋازىسىنى «ئىسلاھات» ئاچقۇچى بىلەن غەربكە قارىتىپ ئاچتى. 1980-يىلى ئۇ «پارتىيە لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرايلى، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلايلى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا: «ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئەقىدە قىلىۋالماسلىق لازىم» دەپ كۆرسەتتى. بۇ «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» ناملىق ئوبزوردا قەيت قىلىنغىنىدەك «ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنلىرىگىمۇ، ھەتتا شەخسنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ مەڭگۈ باب كېلىۋېرىدىغان ئىلمىي قاراش» ئىدى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «دىنشۇناسلىق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە تەتقىقاتنى پائال قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى ھەققىدىكى تەتقىقات قانات يېيىپ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە باسمىسى جۇڭگۇدا ئارقا-ئارقىدىن نەشرىدىن چىقتى.
1981-يىلىدىن 1986-يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىسلامىيەتنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مۆتىدىل دەۋرى بولدى. بۇ سائادەتلىك يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېداتلىق ئالىمى، مۇتەرجىمۇلقۇرئان مۇھەممەد سالىھ قارىيھاجىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىلىرىنى توغرا، روشەن ۋە تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۇيغۇرچە بىر تەرجىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تەشنا ۋە ئارزۇمەند ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆپ يىللار رىيازەت چېكىپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلىك ئەمگەك سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن سەئىي ئىجتىھاتلار كۆرسىتىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نىڭ روشەن تەرجىمە-تەپسىرىنى يېزىپ چىقتى ھەم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» ناملىق ھەدىس كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى پەقەت زامانىمىزنىڭلا ئۈمىد-ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا مىڭ يىللار داۋامىدىكى ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانى، ئۈمىدى ۋە ئىستىكى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما نېمىشقىكىن، ئەخلاقسىزلىققا قاتتىق چەك قويۇلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر زامانىسىدا ئەخلاقنىڭ دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلگەن بولسا، ئەخلاقنىڭ مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەشر قىلىنىشىغا يول قويۇلغان ئىسلاھات دەۋرىدە ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئېلىپ «مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشتى».
بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش ئاياللار ئازادلىقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئەركىنلىكى دېگەندەك شۇئار، ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، جەھەتلەردە خوتۇن-قىزلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدىغان، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ھەتتا بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان، نومۇس قىلىدىغان، تۇغۇپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان بەزى لەنىتى «ئانا»لارمۇ مەيدانغا كەلدى. شۇ سەۋەبلىك بەزى خوتۇن-قىزلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئاياللارنى تۈگەشتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىق دەپ ھېسابلاپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل-ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزغا «ئەركىنلىكنى بوغقانلىق» دەپ ئۆكتەملىك بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.
ھازىر سودا بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكى گەۋدىلىك ئىش بولۇپ قالدى، تېز سۈرئەتتە باي بولۇش دەۋرى پۇل ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان تەۋەككۈلچىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىستېمالچىلاردا قانداق يامان تەسىر قالدۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، بازارلىرىمىز ئاياللارنىڭ ئەۋرەت لاتىسى بىلەن ئەمچەك خالتىلىرىغا توشۇپ كەتتى. جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش دورىلىرىنىڭ ماركىسى بىلەن ئىشتانسىز خوتۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەيۋەتلىك ئېلان تاختىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. «بازار دېگەن ئوقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يېتىپ، ھەممە ئادەم جۈملىدىن، ھەممە خوتۇن-قىزلار ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئېلېمىنتلىرىغا ئايلاندى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»). ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى پۇل تېپىپ جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىندى. «ئاياللار شەھەر ھاياتىدىكى كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان ھەم ئەڭ كارغا كېلىدىغان ۋاسىتە بولدى»، «ئەرلەر گۈزەل ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇپ ۋاپا تەشۋىشىدە، ئاياللار قاۋۇل ئەرلەر ئارىسىدا تۇرۇپ باياۋان چاڭقاقلىقىدا قالدى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى»). «ئاكىسى بارسا پۈتمەيدىغان ئىش سىڭلىسى بارسا ھەل بولىدىغان، ئەر كىشى كىرسە تەتۈر قارىغان باشلىق خوتۇن كىشى كىرسە دەس تۇرىدىغان بولدى» (ئابباس مونىياز: «پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزى»). «ئۇيغۇر مىللىي پسىخكىسىدا ئاياللىق غورۇرىنىڭ قۇرغىنى بولمىش ھايا زامانىۋى مەدەنىيەت كەلكۈنلىرىنىڭ شىددىتى ئارقىسىدا ئاستا-ئاستا غۇلاپ، ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى زىننەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ئاياللىق گۈزەللىك شائىرلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىكتىن خىزمەت، سودا، مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاتالىزاتۇرغا ئايلاندى. غەربچە كىيىنگەن مودا قىزلار ئىگىسىگە خىيانەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان كۆزلەرنى ھارامدىن ئوۋلاپ ماڭىدىغان بولدى. ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئاياللاردىكى گۈزەللىك ۋە ئىپپەت ئىستېمال بويۇمىغا ئايلانغان بولسا، ئاياللار ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ ئەرلەردىكى پۇل، ھوقۇق، نام-شەرەپ ۋە ئىمتىيازلارنى ئىستېمال قىلىدىغان بولدى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). «سىنقويغۇ، سىنئالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى CD، VCD، LD پىلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە-يوسۇنلىرىغا تولدۇرۇۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركۈلۈش پەيدا بولۇپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قورۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى)، مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى چىرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرىۋەتتى»(ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»).
ماددىي بەھرىمەنلىنىش، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، پۇلپەرەسلىك ھازىر غەرب دۇنياسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدا ئەڭ چوڭ ئەنگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۇزۇر-ھالاۋەت، كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئەڭ يۇقىرى تېز سۈرئەتنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار گۇرۇھى بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى رەھىمسىز ئىشقا سېلىپ، ئۇنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە يوللىرىغا قاراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل-چارىلەر ئاستا-ئاستا مەقسەتكە ئايلىنىپ قالدى. ھەقىقەت ئىنسانلارغا ئىلمىي كەشپىياتلارنىڭ ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قوللىنىشتا ياخشى-يامان ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھازىر بىز تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىنى ساياھەت قىلالايدىغان بولدۇق. ئەمما، مۇقەددەس تاۋاب رايونلىرىنىڭ شۆھرىتى كەملەپ كەتتى. چۈنكى، «ئارىلىق»نىڭ ئۇقۇمى يوقىلىپ، ناھايىتى يىراق دەپ قارالغان ئەللەرمۇ بۇسۇغىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. ئەسىلىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارالغان يېڭى قۇلايلىق شارائىتلار ئەكسىچە رول ئويناپ، ھازىرقى كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە قالدۇردى. ئىلمىي كەشپىياتلارنى قالايمىقان قوللىنىش نەتىجىسىدە پەن-تېخنىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بارغانسىرى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خۇددى پاكىزە، ساپ بىر يېمەكلىكنىڭ بۇزۇق ئاشقازانغا كىرىپ زەھەرگە ئايلانغىنىدەك بىر ئىش. ياۋرۇپالىق يوت دېگەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى: «ئىلىم-پەن بىزگە خۇددى ئىلاھلاردا بولىدىغان ھوقۇقلارنى ئاتا قىلدى. ئەپسۇس، بىز بۇ ھوقۇقلارنى ئىشلىتىدىغان چاغدا گۆدەكلەر ۋە ياۋايىلاردا بولىدىغان قىلىقلارنى قىلدۇق» دېگەن ئىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، بەزى غەرب دۇنياسى كونتروللىقىدىكى زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى يالغۇز شۇلارنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پاجىئە ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەتتا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ قىزغىن ياقىلىغۇچىلىرىنىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى. بىز ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك دەپ ئاتاۋاتقان خروئىن مېدىتسىنادا ئەڭ دەسلەپ بايقالغان چېغىدا ئاغرىق توختىتىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. ئەمما، ئۇنى ھازىر ئىنسانلار ئۆزىنى نابۇت قىلىش مەقسىتىدە رازىمەنلىك بىلەن ئىشلەتمەكتە. ئۇ ھازىر ھەممىدىن بەك بىزنى ۋەيران قىلدى. بىز پرۇفېسسور يوتنىڭ دېگىنىدەك ئىش قىلدۇق. بىزدە ھازىر شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت، تەنتەربىيە، ئىقتىسادىي دۇنيا، روھىي مەدەنىيەت دېگەنلەرگە قىزىقمايدۇ. ئۇلار كېسەلمۇ ئەمەس، تەبىئىي ئاپەت، ئاچارچىلىققىمۇ دۇچار بولمىغان، ئۇرۇش تەھدىتىگە تېخىمۇ يولۇقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىمەي، ھايۋاننىڭ قىلىقلىرى بىلەن ھالاكەت يولىنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار زەھەر چېكىپ، خار-زەبۇنلۇقتا ياشاپ، مەينەت، پاسكىنا، نىجاسەتلەر ئىچىدە بىئىمان كېتىشكە رازىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق يارىتىلىپ، مېھرى-شەپقەت بىلەن تولغان بۇ ئىللىق دۇنياغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇ دۇنياغا قانداق كېتىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە قىلچە پىكىر قىلمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئىجتىھادلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېينكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، «ھازىر بەزى بېدىكلەر خەنزۇ خۇجايىنلار بىلەن چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى دەللالغا ئايلىنىپ، چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرىدىغان مال ئەۋرىشكىلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ قىزىدەك، سىڭلىسىدەك قىزلارنى كېرەكتىن چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي ئاڭ، مىللىي ھېسسىيات، ئەرلىك غورۇر، قېرىنداشلارچە مېھرى-مۇھەببەت، ئىنساپ دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلارنى ئالداپ ئەپچىقىپ، ھەر جۈمە كۈنى دېڭىز ياقىسىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بىلەن يولغا سېلىپ، پۈتۈشۈپ قويغان خۇجايىنلىرىغا سولاپ بېرىپ، زېمىن كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. بۇ سېتىلما، غورۇرسىز، دوزىخىي، ئاسىي قىزلار ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىپ تاپقان ھارام پۇللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىپ، دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېلىپ دەرسخانىلىرىغا كىرىپ ئولتۇرىشىدۇ. يەنە بەزى بېدىكلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىز، يۆلەكسىز يۈرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ئېلان چىقىرىپ، ھەرخىل ياغلىما سۆزلەر ۋە چىرايلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بىر مەزگىل كۆندۈرگەندىن كېيىن ھەرخىل خۇلق، مىجەز ۋە ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپ ھارام مۇلازىمەتكە سالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسىي تاپاۋىتى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چېھرىدىن، زىلۋا بويىلىرىدىن، نازۇك تەنلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ئېتىقادسىز، ئىمانى يوق قىزلار ئۇ جايلاردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن «بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي» دەپ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ يامان يوللارغا كىرىپ، رەزىل ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە ھېلىقى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بېدىكلىرىگە ئەگىشىپ، ھەرخىل مۇلازىمەتلەرگە مەجبۇرلىنىدۇ. ئاخىر ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەقدىرگە تەن بېرىپ، تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ، بەزىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىلەرگە سولىنىدۇ، ھەتتا ئانا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلمەي ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ. بەزى بېدىكلەر شىنجاڭدىن بىچارە بالىلارنى ئالداپ ئەچىقىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئاۋۋال زەھەر چەكتۈرۈپ خۇمار قىلىدۇ، ئاندىن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قاتارلىق ئىشلارغا سالىدۇ. بەزىلىرى شۇ جايدىكى يەرلىك خوجايىنلارنىڭ خىزمىتىنى  قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنى تونۇشتۇرىدۇ. بەزىلىرى يەرلىك زەھەر كاتتىۋاشلىرىدىن زەھەرنى توپ سېتىۋېلىپ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە چېكىدۇ ياكى ساتىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك جىنسىي كېسەللىكلەرنى، ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كېلەلىگەنلىرى يەنە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلارنى كاردىن چىقىرىدۇ. كىمىكى زەھەر چەكسە ئۇنىڭ ئۇۋالى ئايالىغا، بالىسىغا بولىدۇ. ئۇلار ياش، نامرات، يوقسۇل پېتى تۇل قالىدۇ. روھىي زەربىگە ئۇچراپ ئازاپ چېكىدۇ. بەزى ئاياللار زەھەر چېكىپ تۇتۇلغان ئەرلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ، كىشىلەرنىڭ ھەرخىل «شەرت»لىرىنى ئورۇندايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار خورلىنىپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۆزلىرى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا، «يول»لاردا مېڭىشقا زورلىنىدۇ. بەزى ئەرلەر پۈتۈن ئۆي-ۋاق بىساتى، مال-دۇنيالىرىنى زەھەرگە تېگىشىپ بولغاندىن كېيىن زەھەر سېتىۋېلىشقا پۇلى بولماي، باشقا ئەرلەرنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ خوتۇنىنى شۇ ئەر بىلەن زىنا قىلىپ پۇلىنى ئېلىشقا ۋە ياكى ئايالىنى كوچىغا چىقىپ، تېنىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ كېلىشكە زورلايدۇ. بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەتتە تېجەپ يىغقان پۇلىنى زەھەرگە تېگىشىپ يوقىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارغا ئاھانەت قىلىدۇ، تىللايدۇ، قاخشىتىدۇ. ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بەرمىسە ياكى قاتتىقراق گەپ قىلسا، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىندىشىغا ۋەھشىيلەرچە ئېتىلىدۇ، پىچاق كۆتۈرىدۇ».
ھازىرقى كۈندە بىلىم ئېلىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى ياربەرمىگەنلىكتىن ياكى «يول ماڭىدىغان ئادىمى» بولمىغانلىقتىن، بەھرىمەنلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن قۇرۇق قېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياكى سەھرا-يېزىلاردا قارا ئەمگەك كۈچى ياكى مەدىكار بولۇپ تۇرۇۋاتقان نى-نى گۈزەل خوتۇن-قىزلار بار. بىز ئۇنداقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ جاپا تارتىپ يەر تېرىۋاتقانلىقىنى، ئەردىن تەلىيى چىقماي تۇل ياشاۋاتقانلىقىنى ياكى جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن» (تۇل خوتۇن)لۇق، «دېھقان»لىق ۋە «مەدىكار»لىق پۈتۈلۈپ كەتكەن. ئۇلار شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى پۇلدار ئاقسۆڭەك بايۋەچچىلەرگە مەڭگۈ «باۋمۇ» بولىدۇكى، ھەرگىز «خانىم»، «رەپىقە» بولالمايدۇ. ئەكسىچە، شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى توقلۇقتىن بۇخسۇپ كەتكەن چاكىنا، مەسخىرىۋاز ئاياللارنىڭ بەزى چوڭ-كىچىك ئىش باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ياكى باي-بايۋەچچىلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى، ئۇرۇق-توغقان خىش-ئەقرىبالىرى ياكى ئاشنا-ئاغىنىلىرى بولغانلىق سەۋەبىدىن، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ھەر-ھەر غوناندەك ئەركەكلەرنىڭ خانىمى ياكى پەردە ئارقىسىدىكى خانىشى بولۇپ ئىش باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ھەتتا ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئەرلىرىنىڭمۇ «خوتۇن» دەپ چاقىرىشىدىن ئۆلگۈدەك ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، نومۇس قىلىدۇ، ئۇلارچە بولغاندا ئۇلار «خوتۇن» ئەمەس، بەلكى «خانىم» ياكى «رەپىقە». ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن»لۇق ئەمەس، بەلكى «ئەتىر» پۇراپ تۇرىدىغان ئەنە شۇنداق پىكاپتا ئولتۇرىدىغان «خانىم»لىق ۋە «رەپىقە»لىق پۈتۈلگەن. بۇ خوتۇنلار «ئۆزلىرىنى ‹گۈزەل›لەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگىنىنى، قانچىلىك ۋاقىت ئىسراپ قىلغىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. بالىلىرىغا كۆيۈنمىگەن، بالىلىرى سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگىنى بىلەن ساتىراشخانىلاردىن قايسىسىنىڭ چاچنى ئوبدان سارغايتىدىغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ ئوبدان بۆدرە قىلىدىغانلىقىنى، ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىدىن قايسىسىنىڭ قىسىق كۆزنى بۇلاق كۆزگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەشقولدەك بىلىدۇ». ھازىرقى كۈندە غەربلىكلەرنى دوراپ چاچ بوياش ئەۋج ئالدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ، ئۆزگىچە مىللىي گۈزەللىك پەيدا قىلىدىغان ئۇزۇن-بوستان چاچلار يوقالدى. «ئۆسمۈر قىزلاردىن تارتىپ مامىكاپ بولۇپ كەتكەن مۇماي خوتۇنلارغىچە ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى كېسىپ، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈپ، يۈز-كۆزىنى ئالۋاستىدەك بوياپ يۈرىدىغان بولدى». مۆھتىرەمە مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەقەززالىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە تۈرلۈك ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى مايسىدەك ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار گۈزەللىكتىن يىراقلاشتى، چىن گۈزەللىكتىن بارلىققا كېلىدىغان مۇھەببەت زىلزىلىلىرى قايتا پەيدا بولمىدى. قىز-ئاياللار ئۆز گۈزەللىكىگە تاۋار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، گۈزەللىك ئىزدەش يولىدا ئاجايىپ-غارايىپ ناجىنىس كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلدى. (ئۇلار گۈزەللىكنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىن-باتىنىي دۇنياسىدىن ئەمەس، تاشقى قىياپىتىدىن-زاھىرىي دۇنياسىدىن ئىزدىدى). ئۇلار ئاياللىق گۈزەللىكنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئەرلەر دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى، دەپ قارىدى».
ھازىرقى كۈندە ئىسكەتخانا (باشقىلار ھۆسىن تۈزەش ئورۇنلىرى دەپ ئاتىغان ھۆسىن بۇزۇش ئورۇنلىرى)لارنىڭ بارلىققا كېلىشى، نۇرغۇن پۇللارنىڭ ئىسراپ قىلىنىپ، سۈنئىي ياسىنىپ، تارىنىشقا كېتىشى، ئەكسىچە ئۇ خىلدىكى سۈنئىي پەدەزلەرنىڭ تانسىخانا، ئىشرەتخانا، ئاشنىخانا، بەزمىخانىلاردا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ئۈلپەت بولۇپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى؛ شۇنداقلا قارىماققا باي-باياشادلىق ھەم توقچىلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۈنسىرى كۆپەيگەن ھەيۋەتلىك قاۋاقخانا، رېستۇران ھەم ‹مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش› ۋىۋىسكىسى بىلەن قەد كۆتۈرگەن مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىپپەت سودىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى ئەسكە ئېلىنسا، شۇنداق ئىسكەتخانا، پەردەزخانا ئاچقان، ئىسكەتخانا، پەردازخانىلەرگە كىرىپ ئۆزىنى پەردەزلەتكەن چاكىنا، لاۋزا،ساياق، بۇزۇق دوزىخىي خوتۇنلارغا «جاھىلىيەت دەۋرى»گە نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلەنگىمىز كېلىدۇ. بەزى خوتۇن-قىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ ئېنىقكى، ئۆزىنى خورلاش ھېسابىغا ئەرلەرگە ئويۇنچۇق بولۇش. ئەرلەرنىڭچۇ؟ ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ھېسابىغا خوتون-قىزلارنى دەپسەندە قىلىش. «قىزلىرىمىز مىللەتنىڭ غۇنچىلىرى، ئانا بولغۇچى مۇبارەك كىشىلىرىمىز. ئەگەر يىگىتلىرىمىز قىز قېرىنداشلىرى-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولغۇسى ئانىلىرى-نى دەپسەندە قىلىپ، ‹لەززەت› ھېس قىلىدىغان بولسا، بۇ مىللەت ‹تۇخۇم›دىلا بۇزۇلغان مىللەتكە ئايلانماسمۇ؟! قىزلىرىمىز پۇل ۋە پاراغەت ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىپپەت سارىيىنى تاماكا ‹كۈلدانى›غا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇلار مۇھەببەت، ئائىلە، ئانا ۋە چوڭ ئانا بولۇشتىكى پاكلىققا، مۇقەددەس ئەقىدىدىن ئىبارەت بەختكە يەنە نېمە بىلەن ئېرىشەر؟ ئائىلىلىك تۇرۇپ ‹ئىپپەت سېتىش ماگىزىنى›، ھەتتا گۇرۇھلاشقان ‹ئىپپەت سېتىش شىركىتى› ئاچقان قىز-ئاياللار خەلقىمىز گەۋدىسىگە داۋاملىق زەھەر قۇرتلىرى چېچىپ نېمە ھۇزۇر ئالار؟» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «يىپەك يولىدىكى بىر ئىللەت»). بۇزۇق ئاياللارنىڭ قەلبىدە پاك مۇھەببەت بولمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتنى بۇلغايدۇ. ئۇلار قۇرت-قوڭغۇزدەك يۈرۈپ پۈتكۈل بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، يالىڭاچ ۋە يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان، ئۆزىنى ھەر دائىم ھەرخىل رەڭلەردە بويايدىغان، تانسىخانا، بەزمىخانىلاردىن كەلمەيدىغان خوتۇن-قىزلاردىن ئەركەك تۈكى بار ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شۈركىنىدۇ. ئىپپەت-نومۇسلۇق، شەرم-ھايالىق خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ يارىشىملىق، ئاددى-ساددا كىيىنىشلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى، نۇرانە چىرايلىرى بىلەن كىشىگە سۆيۈملۈك كۆرىنىدۇ.
«ھازىر خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بالا تەگدى» دەپ يازىدۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئا. مەتتۆمۈر ئەپەندى «ئۇ تىلەمچى ئەمەس، مېنىڭ سۆيگىنىم!» دېگەن ماقالىسىدە: «ئۇلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىدىن تېنىۋاتىدۇ، سەسكىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، بالا بېقىشقا ئېرىنچەكلىك قىلغان چوكان-خېنىملارنىڭ بەزىلىرى ئاۋسترالىيە، گېرمانىيەلەرنىڭ پىستە-كۈچۈكلىرىنى ئەتىۋارلاپ نەچچە مىڭ سومغا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غەربلىكلەرنىڭ چېقىر كۆزلىرى، سېرىق چاچلىرى بىز خەقنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىن، قۇندۇزدەك بوستان چاچلىرىدىن، ئۇلارنىڭ يېرىم يالىڭاچلىقى بىزنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايانى بەلگە قىلغان كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدىن، ھەتتا ئىتلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن ياخشى. بەزى يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرىنى كۆتۈرۈشكە نومۇس قىلغان ‹چىشى قانجۇقلار› چاچلىرىنى ئالا-تاغىل بوياپ، قاپاقلىرىنى ياردۇرۇپ، ئەۋرەتلىرىنى ئالقانچىلىك لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، كۆتى ئوچۇق ھالدا ئىتنى كۆكسىگە تېڭىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ساپ قېنىدىن يۇغۇرۇلۇپ، ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى تېگىشىشكە رازى، ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت› سارىڭى. ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن تېلېۋىزۇرلاردا نېمە كۆرسە شۇنى دورايدىغان، رادىئو، ئۈنئالغۇلاردا نېمە ئاڭلىسا شۇنىڭغا خۇداغا ئىشەنگەندىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىغان ماشىنا خوتۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى ئەتىمىز قانداق بولار؟ بۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئامانەت. ئى خۇدا! خوتۇن-قىزلىرىمىزغا ئەقىل-پاراسەت، ئىمان-ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن!».
قەدىمقى زامان ھىندۇ بەرەھمەنلىرىنىڭ رەھبىرى، پەيلاسوپ بىدپاي ھىندىستان پادىشاھى دابىلشىمغا ئاتاپ يازغان «كەلىلە ۋە دەمىنە» دېگەن كىتابىدا شۇ زاماندىكى خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، بەش خىل خوتۇن ئۈچۈن غەم يېمەكنىڭ ئەرلەرگە راۋا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، نەسىبى ئۇلۇغ، ئۆزى ساھىبجامال ۋە پاك بولغان خوتۇنلار؛ ئىككىنچىسى، ئۆزى دانا، ئېغىر-بېسىق، ئەقىدىلىك ۋە بىر كۆڭۈللۈك بولغان خوتۇنلار؛ ئۈچىنچىسى، ھەمىشە تەرەپدارلىق، ھاۋادارلىق قىلىدىغان، نەسىھەتگۇي ھەم شەپقەتلىك خوتۇنلار؛ تۆتىنچىسى، يۈزى قۇتلۇق، سۆزى مۇبارەك ۋە ئايىغى يارىشىدىغان خوتونلار؛ بەشىنچىسى، ئۆزىگە خاھى زىيان يەتسۇن، خاھى پايدا يەتسۇن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، قانداق يول بىلەن بولمىسۇن ئېرىگە پايدا يېتىشنى كۆزلەيدىغان خوتۇنلار. گەرچە «كەلىمە ۋە دەمىنە»نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە شۇنچە ئۇزاق زامان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى يۇقارقى ھېكمەتنىڭ ھېچبىر ۋاقتى ئۆتكىنى يوق.

مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(داۋامى بار)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

Rank: 8Rank: 8

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
2
يازما
95

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 20:23:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21-ئەسىردىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى
(داۋامى)


يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامى


(5)

(داۋامى)


ھازىرقى خوتون-قىزلىرىمىزنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ قەدىمكى زامانلاردىكىدەك بىرەر پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ھۇش كاللىسى جايىدىكى تەقۋادار ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەنسىرەشمەكتە. بۇ پاجىئە خوتون-قىزلار تەبىئىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، شۇنداقلا ئەرلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىدۇ. ناۋادا بىر ئەركەك ئۆزىنىڭ خوتون-قىزلىرى ئالدىدىكى ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا ئىلىم-ھۈنەر ئۆگەتمىسە، پەرزلەرنى ئادا قىلمىسا، دىن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىپ، پاك، مەسۇم، گۇناھسىز ئاياللىرىنى ھېچبىر باھانە-سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپلا خورلىسا ياكى ئۇنىڭغا گۇناھ  بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىسا، كوچىغا چىقرىۋەتسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ناۋادا بىر خوتۇن ئۆزىنى قونچاقتەك ياساپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالۋاستىدەك بوياپ، بەللىرىنى كەمەر بىلەن باغلاپ، كۆكسىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك دىڭگايتىپ چىقىرىپ، جەڭگاھقا يارىتىلغان پالۋانلىقتىن قازان بېشىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ئاشپەزلىككە چۈشۈپ قالغان «ئەر»لىرىگە ئوغۇل-قىزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى تانسىخانمۇ-تانسىخانا يۈرسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارغا ئەدەپ-ئەخلاق، ھۈنەر-ئىلىم ئۆگەتسە، ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالمايدىغان بولسا، ئەجنەبىيلەرنى دوراپ، يالىڭاچ، يېرىم يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتكەن خوتۇن-قىزلارنى توغرا يول-ھىدايەت يولى- غا قايتۇرۇپ كېلىدىغان، ئۇلاردىن سەسكىنىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆرلۈك نامى ئاستىدا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ ئەرلەرنىڭ قىلىقلىرىنى دورايدىكەن ياكى ئائىلىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئائىلە ئىشلىرى، پەرزەنت تەربىيسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ مىللەت چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەنئەنىلىرىمۇ يوقىلىدۇ. بۇ يۇنان، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى.مۇشۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ زاماندىشى، بۇخارادا ئون يىل ئلىم تەھسىل قىلغان دىني ئالىم، قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ  باش مۇدەررىسى شەمسىددىن داموللام 1929-يىلى ئەرەبىستانغا قىلغان ھەج سەپىرىدە ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ئىسلاھاتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دىنىي ئىسلاھ قىلىشنى، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرچە «قۇرئان تەپسىرى» ۋە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «مۇھىممەتۇل زەۋجەين» (ئاياللارغا مۇھىم قائىدىلەر) ناملىق ئەسىرىنى يازدى. ئارىدىن توپتوغرا بىر كەم ئەللىك يىل ئۆتكەندە ژۇرنالىست، تارىخچى، ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن(1928-1998) ئەپەندى «يولسىز ئەقىدە»(1985-يىلى)، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»(1987-يىلى)، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئۇچېرىكلىرى»(1988-يىلى) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى 400~500 يىل مابەيندە ئىسلام ئەنئەنىلىرىدىن چەتنەپ، سەپەر يۈرۈشلىرىگە بىدئەت ئارىلاشتۇرۇپ، ھاياتىنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى «جاھىلىيەت دەۋرى»دىنمۇ بەك جاھىلىيەت پېتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بۇزغان روھاني ئىشان-سوپىلارغا تۇنجى بولۇپ، توغرىدىن-توغرا تىل تەگكۈزدى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆزى كېلىپ چىققان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى يازغان «بىزدىكى ئىللەتلەر» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋھاپەرەسلىك، خۇراپاتلىق، ھاراقكەشلىك، نەشىكەشلىك، «ئاق چېكىش» قاتارلىق ئىللەتلەرنى قامچىلاپ، خەلقىمىزنى بۇ ئىللەتلەرگە قارشى مىللەت ھەرىكىتى، خەلق ھەرىكىتى، يۇرت ھەرىكىتى، مەھەللە-كوچا ھەرىكىتى، ئائىلە ۋە ئادەملەر ھەرىكىتى قوزغاشقا چاقىرسا، «بىزدىكى ناچار يۈزلىنىشلەر» ناملىق ئەسىرىدە زامانىمىز خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يېڭى پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن چۇقان كۆتۈردى. ئۇنىڭ چۇقان سادالىرى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي ئازادلىق تەتۈر قۇيۇنىغا قارشى توۋلانغان چۇقانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىسمايىل بەگ غەسفىرنىسكىچە ئىدى. ئۇنىڭ قەيتلىرىگە كۆرە، يېڭى جۇڭگو قورۇلغاندىن كېيىن خوتۇن-قىزلار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە فېئوداللىق ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن ئويغىتىلغان خوتۇن-قىزلىرىمىز گەرچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، خوتۇن-قىزلارنى بوزەك ئېتىدىغان، خورلايدىغان، كەمسىتىدىغان، ياراتمايدىغان روھىي ئىللەت ئۇيغۇر روھىيىتىدىن تېخى كۆتۈرۈۈلۈپ كەتمىدى. جاھالەت بېسىمى، ئەرلەر بېسىمى، ئائىلە بېسىمى، جەمئىيەت بېسىمى مىللەت خاراكتېرلىك خوتۇن-قىزلار دەرت-ئەلەملىرىى شەكىللەندۈردى. ئەمدىلا ئون تۆت، ئون بەش، ئون ئالتە ياشلارغا كىرگەن قىزلارنى زورلاپ ئەرگە بېرىش، ئەمدىلا بالاغەت يېشىنى ياشاۋاتقان ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردىكى قىزلارنى «لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قاپتۇ»، «خۇدا ئورۇپتۇ»، «بەختى ئېچىلماپتۇ» دەپ مەسخىرە قىلىش، ھەتتا بەزى قىزلارنى «ساۋاب»لىق ئۈچۈن «پىر»، «خوجا»، «ئۇلۇغ»لارغا دۇئا قىلدۇرۇپ خوتۇنلۇققا تۇتۇپ بېرىش، خوتۇن-قىزلارنى خۇسۇسىي مال ئورنىدا ئۆيلەرگە دۈملىۋېتىش ئەھۋالى ئېغىرلاشتى. جاھان پۇلغا يۈزلەنگەندىن بۇيان ئاز-تۇلا پۇل-ۋەج تاپقان ئاتىكاچى، نادان سۆلەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قىز ئېلىش»، «خوتۇنىنى ياشلاشتۇرۇش»، «نەدە بولسا شۇ يەردە ئېلىش»تەك ناچار قىلىقلار باش كۆتۈردى. دەرۋەقە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بۇ رېئاللىقنى ئەقىدە-ئېتىقادلىق، ئۆتكۈر كۆزلۈك بۇ پېشقەدەم ئىسلاھاتچى ھېچقانداق مۇبالىغىسىز ھالدا نەق كۆرگەن ئىدى. بىز ئۇ كۆرگەن بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»گە بېسىلغان «ئون ئۈچ ياشلىق چوكانلار» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن قايتا كۆردۇق. گەرچە بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى بىر غەيرى مۇسۇلمان مۇخبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا كىچىكى ئون ئۈچ ياش، چوڭى ئون يەتتە ياشلىق بىر يۈز سەكسەن بىر نەپەر قىز بالىنىڭ 1995-يىلىدىن 1997-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپتىن زورلاپ چىقىرىۋېلىنىپ ئەرگە بېرىۋېتىلگەنلىكى، نەتىجىدە بالىنىڭ بالا تۇغقانلىقى، بالىنىڭ بالا يېتىلىگەنلىكى، بالىنىڭ بالا باققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ «مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دېگەن گەپنىڭ بۇ يەردە بىر جۈملە قۇرۇق سۆزگە ئايلىنپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ» دەپ يازدى.زامانىمىز ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى»نىڭ كەسكىن تەنقىدچىلىرى ئىچىدە 1996-، 1997-يىللىرى مىسىردىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىلاسسىك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى(ئۇسۇلۇد دىيىن) بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان «تەكلىماكانى» تەخەللۇسلۇق ئالىم ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ قاھىرەدە يازغان «بىزدىكى ئەبگالىق» دېگەن ئەسىرى خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان بۇ رىسالىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك. ئۇ بۇ ئەسىردە 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي بالا يىغىۋاتقان، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا-ئېشەكلىرنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئۈستىدىن سۆز ئېچىپ، ئۆز-ئۆزىگە «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق، نېمە؟» دەپ سوئال قويىدۇ ۋە: «بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتۈك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخىچە بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق ... شۇنداق بولغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم-پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ، دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا» دەپ يازىدۇ. قىزلارنى مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ ئوقۇتماسلىق-مەكتەپلەردە ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق ھادىسىسى ۋە مەكتەپ ھاياتىدا يامان، ناچار نەرسىلەرنى (ئىسلام دىنى بىلەن سىغىشالمايدىغان) ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلىق تۈپەيلىدىن يولدىن چىقىپ كېتىش مەۋجۇت بولغاچقا مەۋجۇت بولماقتا. ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلاردىكى قىزلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىپ ياتلىق قىلىنىشى-ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا دائىم سۆزلەپ كۆنۈپ كەتكەن «فېئوداللىق ئىدىيە» دېگەن نېمىنىڭ كاساپىتىدىن ئەمەس، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش چارىلىرى، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى دېگەنگە ئوخشاش تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ئەخمىقانە ئۇرۇنۇشلارنىڭ يامان تەسىرىدە ئەركىن بىرگە يۈرۈش، يالغۇز تۇرۇش، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى دېگەنگە ئوخشاش قانجۇقلۇقنى بازارغا سالىدىغان، بۇنىڭ بىلەن نئەنىۋى ئائىلە نىكاھ تۈزۈملىرى بۇزۇلۇپ، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق ئەرسىز ئانا، نىكاھسىز پەرزەنت، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق پاھىشىلەر مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا. جەنۇبىي ئاللاتاغ ئېتەكلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا خوتۇنلىرىنى «روپاش» تۇتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاۋۇشى، شۇنىڭدەك يېزا-كەنتلەردە ئاۋۋالقىدەك ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە بارىدىغان مەشرەپلەرنىڭ تۈگەپ، «بۈۋىم»، «پىرىم» ۋە ئۇلارغا قول بېرىپ «تەرىقەت»چىلىك قىلىدىغان خوتۇن-قىزلارنىڭ كۆپىيىشى-ئاتالمىش «ئاياللار ئازادلىقى»نى دەستەك قىلىپ، جىنسىي ئەركىنلىك يولىدا ئالدى-كەينىنى تەڭ ئېچىۋەتكەن شەھۋانىي ئەر-خوتۇنلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا.دىندىن خالىي ئۆرپلەشتۈرۈش، غەربلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى غەيرى ئىسلام قىممەت قارشى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئىسلامىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق زەربە بەردى ۋە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئائىلە، قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىۋەتتى. ئىجتىمائىي سىياسىي بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيە ئاڭ فورمىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. غەرب مەدەنىيىتى ئىچىدىكى نۇرغۇن چىرىك نەرسىلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا شەرققە ئۇرۇلۇپ ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاتتى. مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئازاپلىنپ، ئۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى دىنىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، يوقالغانلىقىدىن، ئۆرپلەشتۈرۈش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىدىن كۆرۈپ، رېئالنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئەڭ بۇرۇنقى دىنىي ئەقىدىلەردىن ئىزدەپ، كۆز ئالدىدىكى ئازاپتىن قۇتۇلۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدىنى ئىسلامىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە باغلىدى. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.ئەمما، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مەنىۋى قۇرۇلۇشنىڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتىدە پۇل يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا، ئەدەپ-ئەخلاق بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلام ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئەمەس، غەيرى ئىسلام ئىدولوگىيىسى بىلەن ئىسلاھ قىلىۋاتىمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، بۇنداق ئەھۋالدا دىنىي تۈس ئالغان ئۆرپ-ئادەت، قائىدە يۇسۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئىشى شۇ دىننىڭ پازىل مۇجەددىدلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلسە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىنمىقى بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشنى، سۈركۈلۈشنى، ئاخىردا قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئېچىش»(ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان ئېچىش) ئۆز نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى پاسسىپ ئېلىپ بېرىلسا، «يېپىش» مەيدانغا كېلىدۇ. «يېپىش» ئېچىۋېتىشنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلىشى بىلەن مەيدانغا چىققان ناشايان قىلىقلارغا قەلب ئىشىكىنى يېپىش دېمەكتۇر. يۈزىنى ياپقۇچىلار ئەسلى مەنسى بويىچە ھەممە نېمىسىنى ئېچىۋەتكەن ئەخلاقسىزلار دۇنياسى ئۈچۈن مەۋجۇت. «تىلەمچى ئايالنىڭ يۈزىدىكى تور رومال مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئىشارەتلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا ھايا، ئىپپەت-نومۇس، قوغىدىنىش، مەككارلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). مانا بۇ بىزنىڭ بەزى مۇتالىئەچىلىرىمىزنىڭ تېخى بايقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلىرىنىڭ بىرى.خوتۇن-قىزلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە قايغۇرۇش سىياسىيونلار، ئىسلاھاتچىلار، دىنىي ئالىملار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان بارلىق خەلق ئاممىسنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1996-يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئابلىمىت ئىمىننىڭ «ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى ئىللەتلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەدەبىياتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ-ئادىتى، مىللىي خاراكتېرى، پىسىخىكىسى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ھېسابلاشماي، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى قاراقويۇق قوبۇل قىلىپ، دورامچىلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مىللەت قوبۇل قىلالمايدىغان بىر قىسىم ئىللەتلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى زورمۇ-زور سۆرەپ كىرىش، مۇھەببەت تېمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەردە تېخى بىسمىللا دېمەستىنلا ئوغۇل-قىزلارنى كۆزۋازلىق، سۆزۋازلىق، مەيدىۋازلىق ئۇيۇنلىرىغا باشلاپ كىرىش، بۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇيغۇسى، ئىنتىلىش ۋە شەرمۇ-ھاياسىنى دەپسەندە قىلىۋېتىش، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» دەيدىغان فېئوداللىق كۆز قاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالماي، ئانىلىرىمىز، قىز-جۇۋانلىرىمىزنىڭ غورۇرى ۋە ئىززەت-نەپىسىنى دەپسەندە قىلىشتەك ئەھۋاللار قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ئىدى ھەمدە ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرگۈدەك نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك ئاياللارنى يېزىش، ئاياللارنى غەم-غۇسسە، چۈشكۈنلۈك، ئاھۇ-پىغان ۋە نالە-زار بىلەن تولغان پاجىئەلىك دۇنياغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا غايە، ئىستەك بېغىشلايدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ غەيرەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، قاششاقلىق، ھۇرۇنلۇق كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، گۈزەل يېڭى دۇنياغا باشلاپ كىرىش مۇاجىئەت قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 3-سانىدا «ئاھ، مۇھەببەت، ئاھ، ياشلىق» ناملىق بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۇنىڭغا قارشى يېزىلغان «قىزلىرىمىز يىرگىنىلشىك مەخلۇقمۇ ياكى سۆيۈملۈك پەرىشتىمۇ؟» ناملىق «باھا»نى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپتور بۇ نامەلۇم ئايال قەلەمكەشنىڭ سۇئالىغا شۇ ژۇرنالنىڭ 2000-يىللىق 3-سانىدا قىزلىرىمىز «ھەم مەخلۇق ھەم پەرىشتە» دەپ جاۋاب بەردى. ئايىغى چىقمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرغان بۇ كالتە جەڭنىڭ ئەھۋالىنى چېچەنلىك بىلەن كۆزىتىۋاتقان «مەھكىمە شەرئىي»نىڭ «قازى»سى ئۇنىڭغا «ھېچىكىم مەخلۇق ئەمەس» دەپ پەتىۋا يازدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا بېسىققان بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، 1996-يىلى زامانىمىزدىكى يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى» تەنقىدچىلىرىنىڭ بايراقدارى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى»، «خوتۇن-قىزلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىز»، «ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى» قاتارلىق ماقالىلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەجەللىك مەسىلىلەرگە جەۋانمەردلىك بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە 2000-يىلى ئىجتىھاتلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس جۈرئەت دۆلەت ۋە ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسىرى بىلەن مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە؟» دېگەن ماقالىسى، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى» ماۋزۇلۇق «ئىلاۋە»سىنى كۆردۇق. يەنە ئارقىدىن ئۇلاپلا 2001-يىلى خەلقىمىزنىڭ ئىمانلىق يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىمنىڭ «غەلىتە ئۆزگىرىش» دېگەن ھېكايىسى بىلەن ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» ناملىق تەقرىزىنى كۆردۇق. بۇ ماقالە، ھېكايە، ئوبزور ھەم تەقرىزلەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان قەبىھ ئىللەتلەرنى رەھىمسىز پاش قىلىپ، رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن يوق قىلىۋېتىلگەن «جاھىلىيەت دەۋرى»گە قايتىدىن قايتىپ كېتىۋاتقان دوزىخىي، گۇناھكار، مۇناپىق، ئاسىيلارنى قاتتىق دۇمبالىدى. ئەمما، بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بېغىشلانغان مەخسۇس نەشر ئەپكارلىرىمىز خۇددى «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسەردە قەيت قىلىنغىنىدەك، ئاياللارغا بۇ خۇسۇستا مەنپەئەتلەنگۈدەك بىر نېمە بېرەلمىدى. سەھىپىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يىگىت قانداق قىلغاندا قىزلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، قىز قانداق قىلغاندا يىگىتنى جەلپ قىلالايدۇ، دېگەندەك ئىپپەت سودىسىغا بەردىيۇ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن مەخسۇس، مۇقىم بىرەر سەھىپە ئاجرىتالمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان بەزى نادىر ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن مۇھەررىرلەر ئاياللارغا ھەقىقىي كۆيۈنىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بەزى سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى ئاياللار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى دەپ ئاتىشىۋالغان ئايرىم ساندىكى بەزى كىشىلەر مەتبۇئات ۋە باشقا سورۇنلاردا ئاتالمىش تەبىرى ئېنىق بولمىغان «ئاياللار ئازادلىقى»نى مۇھاكىمە قىلىش نامى ئاستىدا بىر-بىرىدىن چاكىنا، تېتىقسىز، تۇترۇقسىز،بىمەنە سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىپ، جەمئىيەتتىكى بەزى نادان، ساپاسى تۆۋەن دورامچى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدانراق قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ قەۋمنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى بىلەن ئوينىشىپ قىلىنىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «مۇھاكىمە»لەرنىڭ تولىمۇ پۇچەك ۋە بالىلارچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئېتىقادنىڭ، ۋۇجۇدىدا ۋىجداننىڭ، يىلىكىدە قۇۋۋەتنىڭ، مەزمۇنىدا ئىستىقلالى پىكىرنىڭ كەم بولۇپ، گۆشى بىلەن سۆڭىكى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن زەئىپ مۇتالىئە ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق زەئىپ مۇتالىئەگە نەجىپ تەپەككۇر ئالەمى يول قويمايدۇ.ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس كىتاب  «قۇرئان كەرىم»دە ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، زىنا قەتئىي مەنئىي قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا كۆيۈنۈپ قىلغان بۇ نەسىھىتى دىلىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن ئۇيغۇر ھاراقكەشلىرى دۇنياسىغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. «مىللىتىمىزنىڭ ئاتىلىرى ھاراقكەش، ئانىلىرى گىرىمكەش» بولغانلىقتىن، مەسجىد-خانىقاھلىرىمىزنىڭ يېنىدا قاۋاقخانىلار بىلەن ھاراق بوتكىلىرى قەد كۆتۈردى، ئىمام، مەزىنلەرنىڭ ئەزان سادالىرى بىلەن رېستۇرانلاردىكى كەيپچىلىكتىن كۆتۈرۈلگەن قىقاس-سۆرەنلەر ئارىلىشىپ كەتتى. نەزىرلەردىكى قارىي قۇرئانلارنىڭ قىرائەت ئاۋازلىرىدىن توي-تۆكۈنلەردىن ھېچبىر پەرقى يوق مۇسىبەت زىياپىتىنىڭ ھەزىل چاقچاق، كوت-كوت پاراڭلىرى غالىپ كەلدى. قەدىم نامەلەرگە كۆرە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ مۇقەددەس پىرامىدىسى بولغان ئون ئىككى مۇقام قەدىمدە دۇئا، مۇناجاتتىن كېيىن ئايرىم سورۇنلاردا ئېيتىلاتتى. ھازىرقى كۈندە «نوتۇق» ۋە «ھاراق مارشى»دىن كېيىن قاۋاقخانىلاردا ئېيتىلىدىغان بولدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تە قەيت قىلىنغان «شارابتا يۈزىنى يوغان بىنامازلارنىڭ ئەزىز، تەقۋادار بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خار»لاشقانلىقى ھەققىدىكى ئىبرەتلىك قەيتلەر مىڭ يىللار داۋامىدا تولا شالغۇتلىشىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئونىنچى ياكى ئون بىرىنچى ئەجدادلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى ئىدى. ئىسلام دىنى قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئاشۇ شەرىئەت دۇنياسدىنمۇ ھېچبىر ھېيىقماي يۇققان بۇ كېسەل تا ھازىرغىچە پۈتكۈل غەربىي يۇرتتىكى ماددىچىلار دۇنياسىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆزىگە ئىللىق قونالغۇ تاپماقتا. ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «ھاراق جامائىتى ۋە مەسجىد جامائىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنمەكتە. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاتا بىلەن ئانا مەسجىد جامائىتى، ئوغۇل بىلەن قىز ھاراق تانسا جامائىتى بوپقالدى». ھاراق مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ «ئىسلام روھى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقىمىز» ناملىق ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئوسمان ئىسمايىل ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ھاراق مىللىتىمىزگە جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىك، روھىي جەھەتتىكى دۆتلۈك، خامۇشلۇقنى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يوقىتىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن ئىجادىيەت-ئىختىرا ئەتمەكنى خالىمايدىغان لايغەزەل، ھۇرۇنلۇقنى، غەيۋەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى، توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ۋەقەلىرى بىلەن بالا-قازا، ئۆلۈمنى، ئىسراپخورلۇق، ئىقتىسادىي زىيان، كەمبەغەلچىلىكنى، ھاراقنىڭ كەيپچىلىكىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان پاسكىنا، مەينەتچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەنە شۇ بۇزۇقچىلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىدىن ئىناقلىق، بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىكاھ بۇزۇلۇپ بالىلار يېتىم قالماقتا. زىيالىيلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئەقىدە-ئىدراكسىز، پۇچەك، چاكىنا، كالۋا، قورقۇنچاق، تۇترۇقسىز، خېنىم مىجەزلەشمەكتە.ئۇيغۇر مۇسۇلمان يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىم «يايپاڭ چىنە» دېگەن ھېكايىسىدە «قىرلىق ئىستاكان»، «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىپ ئەقىل-ھوشىدىن ئادىشىپ كەتكەنلىكتىن 19-ئەسىردىكى ئىندىئان ياشلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان زامان زەئىپلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «مۇبادا مەن بۇ ئەلگە خاقان ياكى باش باقان بولۇپ قالسام، ئۇيغۇر ئىسلام قاراخانيىلار قوشۇنلىرى غازات ئېچىپ ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر يوغان، ھەر ئېسىل بۇتلىرىنى چېقىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن تۈپتاراج قىلىپ بولغاندىن كېيىن تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ چىچىپ قويغاندەك، مۇشۇ قىرلىق ئىستاكانلارنى ئەنە شۇنداق قىلاتتىم. شۇنداق فىلىملەرنى ئىشلىگەنلەرنى بولسا، دۇنيا ياكى ئامېرىكا تەرەپتىن ‹كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاتتىق ئاياغ ئاستى قىلىندى› دەپ ئەيبلەنسەممۇ بەش يۈز يىللىق كېسىۋەتكەن بولاتتىم» دەپ قاتتىق ئېچىنسا، «قىرلىق ئىستاكان» ۋە «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىشنى مودىدىن قالدۇرۇپ، مەخسۇس سۇ ساپلىقىدا ھاراق ئىچىشكە باشلىغان دوزىخىيلارنى كىنايە قىلىپ، «ئۇلار كەينىمدىن چۇرقىراشتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى خۇددى جىن-شەيتانلارنىڭ ... ياق بېشىغا تۇر تېغى ئېسىپ قويۇلغان قەۋمنىڭ نالىسىگە ئوخشايتتى. ئارقامغا قارىمىدىم، خۇددى لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش. چۈنكى، ئارقامغا قارىغان بولسام، ئېھتىمال لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى بۇزۇق خوتۇنىغا ئوخشاش قېلىشىم مۇمكىن ئىدى» دەيدۇ. ئەقىدە-ئېتىقادلىق تەقرىزچى ئابدۇرىھىم دۆلەت «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» دېگەن تەقرىزدە يەرشارى خاراكتېرىلىك روھىي قۇرغاقچلىقنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئەزەلدىن ئېتىقادى سۇيۇق بىز خەققە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەم بىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە ‹توغرا› چۈشىنىپ ئەپۇ قىلىشى. ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ كەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن» دەپ يازىدۇ.بىزدە نېمە ئۈچۈن خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرلەر پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى بەزىلەر پاجىئە دەپ تونۇمايدۇ؟ ئىنساننىڭ روھى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلمىسە، ئۇ ئىنساندا بەزى ئەندىشە، غەم-قايغۇ ۋە بىر نەرسىگە قانائەت قىلالماسلىقتەك ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى چاغدا ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ بىئاراملىقى ۋە غەم-قايغۇسىنى ئادەملەر كۆڭۈل ئاچىدىغان تاماشا ۋە كەيپ-ساپالاردىن قۇرۇق قالغانلىق سەۋەبىدىن، دەپ گۇمان قىلىپ ئۆزىنى ئويۇن-تاماشا، كەيپ-ساپانىڭ قوينىغا ئاتىدۇ-دە، ئاخىر ھاراق ئىچىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا راھىتىگە قاتتىق بېرىلىدۇ ۋە تىرىشىپ بېقىپ (تىرىشىپمۇ) قولغان كەلتۈرەلمىگەن ئارزۇلىرىغا يېتەلمەي ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ياكى ھەمىشە قايمۇققان ھالدا، تاتلىق يېيىش-ئىچىش ئىستىكىدە ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، دىنىي ئىتىقادى كۈچلۈك، سۇسلاشمىغان ئادەم دىننىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىش داۋامىدا كۆڭۈل ئارزۇلىرىنى مېھرىبان ئىگىسىدىن تىلەيدۇ، پىكىر ھېسسىياتلىرى ئارام ئالىدۇ ۋە يامان خىيال قىلىشقا ۋاقتى بولمايدۇ. ماددىچىلىقنىڭ يولى «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بىراقلا يوقىلىدۇ، ئىككىنچى تىرىلمەيدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە كىرگۈزۈش بىلەن ئىنسانلارنىڭ شەھۋىتىنى باشباشتاق قويۇۋېتىدۇ، ئىنسانغا شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھېرىسلىق پەيدا قىلىدۇ. ئىنسان ئالدىدا ھالال-ھارام، سېنىڭ، مېنىڭ دېگەن نەرسە بولمايدۇ، ھايا-نومۇس يوقايدۇ. زۇلۇم بىلەن ئادالەت ئوخشاش بولىدۇ. ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ ئايرىمىسى تۈگەيدۇ. ساراڭلىق ۋە ئاڭسىزلىقتىن مۇرەككەپ بولغان بۇ خەتەرلىك ئىجتىمائىي كېسەل ئىنسانىيەتنى چارىسىز پاراكەندىلىك ۋەيرانچلىققا تاشلاپ قويىدۇ. بۇنداق ۋەيران ھالدا قالغان ئىنسان ئۆزىدە چەكسىز جاپا-مۇشەققەتنى سېزىدۇ ۋە دەرد چېكىدۇ، ئۆزىگە ھازىرقىدىن ئەۋزەلرەك بىر ھايات ئىزدەيدۇ. ئەمما، ئۆزى دۇچار بولغان يامان ھالەتتىن قۇتقۇزىدىغان زۆرۈر بىر ياردەمنى تاپالمايدۇ. فرانسىيىلىك تېببىي فىزىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى شارل رىشيە «ئىنسان روھىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «بىز ئۇنداق-مۇنداق ئىلىملەرگە ئىگە بولدۇق، دەپ پەخىر قىلغان ئىلمىمىز پەقەت شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلەلەيدىغان ئىلىمدۇر. ئەمما، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش تېخى بىزدىن قېچىپ تۇرىدۇ، ھېسسىياتىمىز بىلەن بىلەلمەيۋاتىمىز. جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋاتقان قانۇننىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى تېخى ئەقلىمىزگە يېقىن كەلگىنى يوق» دېگەنىدى. روھىي پرىنسىپلار بەدەننىڭ تەلەپ ئارزۇلىرىدىن، لەززەتلىرىدىن كۆپ قىسمىنى قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇنداق پىداكارلىق راھەتپەرەس، نازچى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. راھەتپەرەسلىك كىشىنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۆز راھىتىدە داۋام قىلىشقا ئامراقلىقنى زىيادە قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەپلەرگە قاراپ باقمايدۇ. مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ۋە گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارغا نەزەر سالمايدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە راھەتپەرەس، ئىسراپخور كىشىلەرنى ئسىلاھاتنىڭ (تۈزۈش، ياخشىلاشنىڭ) دۈشمەنلىرى، ھەر زامان ھەقنىڭ ئالدىنى توسىدىغان قارشى كۈچ، دەپ قارايدۇ. فرانسىيىلىك ئالىم مۇنتيوسكونىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك كىشنى ۋەتەن سۆيۈشتىن يۈز ئۆرىتىدۇ. ئېسىل، ئىناۋەتلىك ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەمەلىرى ئارقىسىدىن ماڭىدىغان قىلىپ قويىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك پۈتۈن ئۈممەتنى يوقىتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئىچىدە راھەتكە بېرىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى شۇ مىللەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقسۇل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ قىسلىشىپ، قىممەت بولۇپ كېتىشى مىللەت ئىچىدىكى ھالاۋەتپەرەس بايلارنىڭ بۇزۇپ-چېچىشى تۈپەيلىدىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كەمبەغەللەر بىلەن راھەتكە بېرىلگەن بايلار ئارىسىدا ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ئاخىر پۈتۈن جەمئىيەتنى خاراب قىلىدىغان كۈرەشلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. پۇل-مال ئىنساننى ئۆزىگە شۇنداق قۇل قىلىۋالىدىغان نەرسىكى، ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇلار پۇل-مال جۇغلاشقا ۋە پۇل ئارقىلىق راھەت كۆرۈشكە، پۇل توپلاش يولىدا كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىدۇ. پۇل-مال پۈتۈن ھېسسىياتنى ئېلىپ كەتكەندە ئۇ ئىنساننىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئەمەل-مەنسەپپەرەسلىكمۇ بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بەزىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىش ھېسابىغا ئىماننى، ۋىژداننى، ئىنسانلىقنى تەرك ئېتىپ، زۇلۇم ئىستىبدادىغا قولچوماق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشىق-مۇھەببەت ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ زەئىپلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى، مەنسەپنى ۋە مۇھەببەتنى ئىلاھ دەپ تونۇيدۇ. فرانسىيىلىك پەيلاسوپ ئاۋغۇست ساباتىئەر «دىن پەلسەپىسى» دېگەن كىتابىدا: «دىن بىئاراملىققا دۇچار بولغان ئىنساننىڭ روھى بىلەن شۇ ئىنسانغا مەخپىي بولغان ۋە ئىنسان ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەۋە دەپ تونۇغان، مېنىڭ تەقدرىم ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى ئاستىدا دەپ ئەقىدە قىلغان قۇدرەت ئارىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. دىن ئىنسان روھى ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلىپ چىققان ئەسلىگە ئۆزىنى ئېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھالاكەتتىن قوتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر جانلىق ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىغۇچە دىن بولالمايدۇ» دېگەنىكەن. بىز جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، باشقا سەۋەبلەردىن كۆرۈۋاتقانلىقىغا قاراپ ھەيران قالىمىز. ئۇلار «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» دېگەن ماقالىدە قەيت قىلىنغاندەك، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بارلىق چۈشكۈنلۈك، تەركىدۇنيالىق، ئىتائەتمەنلىك، ھۇرۇن-ئاڭتاۋلىق، تىرىشماسلىق، دۇنيانى بىلىشكە، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشقا ئىنتىلمەسلىكتەك سەۋەنلىكلەرنى دىنغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇخىل ئادەملەر ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىكلەرنى تاشقى دۇنيادىن ئىزدەيدۇ، ئۆز جېنىدىن، ئۆز روھىدىن ئىزدىمەيدۇ. بۇلاردا زادى نېمە كەم؟ بۇلاردا روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئېتىقاد كەم. ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئۇلۇغ شائىرى، يازغۇچىسى، پەيلاسوپى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى رابىندىرات تاگور (1861-1941) روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بەرمەستىن ماددىي ئىلىم ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھازىرقى مەدەنىيەتنى تەنقىت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا: «ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈشلەر تەبىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى تۈزىتىدۇ، ياخشىلايدۇ. لېكىن ئىنساننى ئىمتىيازلىق بىر ھايۋان قىلىدۇ، خالاس. ھەر شەخسكە مۇستەقىل بىرلىكتەك روھىي كامىللىق تەرەپكە يول كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مېنىڭچە روھىي كامىللىق ماددى ئىلگىرىلەشكە باغلىق ئەمەس. روھىي كامىللىق ئەبەدىي بىر جەۋھەر بولۇپ، مەيلى بىز ماددىي تەرەققىياتتا كېيىن قالغان بولايلى، مەيلى ئىلگىرىلىگەن بولايلى، ئۇ بىزنىڭ جېنىمىزغا ئورناشقاندۇر. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ ئەبەدىي جەۋھەرنى ئۆز جېنىمىزدىن ئىزدىشىمىز، بىزدىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى ۋە بىز بىلەن باشقىلار ئارىسىدا شېرىك بولغان كۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم» دېگەنىدى.ئەخلاق ئلىمى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تەكشۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئىشلاردا مەقسەت قىلىشقا تېگىشلىك غايىنى ئىزاھلايدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئەخلاق بۇزۇلۇپ، ئەخلاق ئىلمى زەئىپلەشسە، مىللەت ۋەيران بولىدۇ. پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «مىللەتنى يالغۇز توپ زەمبىرەكلا ئەمەس، چېكىملىك نەيچىسى، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ، ئىمان-ئىتىقادلىق، غورۇر-ۋىژدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنىڭ چىقىپ ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلار بىلەن (زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنسىي چىرىكلىكتىن ئىبارەت) بۇ ئىككى ‹قىيامەت بورىنى› سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسىنى چەكلەشكە جان پىدا قىلىشلىرىنى تارىخىمىز تەقەززا قىلماقتا». گەرچە «غەربكە بۇرۇلۇپ قارىساق، غەرب ئۇپۇقىدىن مۇشۇ ئەسىر بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان ھېلىقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىگەن، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈنگىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى» بولغان بولسىمۇ، «مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق سېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكنى يېڭىپ، مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان (بىر تۈركۈم) مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى» ھازىر يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار مۇشۇ رىسالىمىزدە نام شەرىپى، ئىجاد مېھنەتلىرى زىكىر قىلىنغان خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، شەھەر-قەسەبەلەرنىڭ ئاۋاتلىشىشى مەزگىلىدىكى ئىنسان قەلبىنىڭ نامراتلىشىشى ئۈستىدە قاتتىق رىيازەت چېكىپ سەيئى-ئىجتىھاتلار قىلماقتا.ئىسلام دىنى كامالەتكە يەتكەن مۇكەممەل بىر دىن بولسىمۇ، نادان خەلقلەر، بىدئەت ئەھلىلىرى تەرىپىدىن خۇراپاتلىقلار، ۋەھىمىلەر قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەر قاچان، ھەر زامان بولۇپ تۇرغان ۋە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئەسىردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىدىكى ساپ دىندىن خەۋىرى بار ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ. گەرچە 21-ئەسىردە بىز ئويلغان ۋە ئويلىمىغان، تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە قىلمىغان بۇزۇق ئىللەت، بىدئەت زىللەت، شۇنداقلا خوتون-قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى پاجىئەلىرى ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتقىدەك دەرىجىدە مەيدانغا كەلسىمۇ، ئەمما بىز 20-ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ مۇجەددىدى رىزائۇددىن بىننى پەخرىددىن ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئىسلام دۇنياسىدا بولغان ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەر، مەزھەپلەر ۋە مەسلەكلەرنى يوقىتىپ، مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم» ۋە «سۈننەت» (ھەدىس شەرىف)كە ئەمەل قىلدۇرىدىغان دىن مۇجەددىدلىرىنىڭ زوھۇر ئېتىشىگە ئىمانىمىز كامىل ۋە ئۈمىدىمىز زوردۇر. خەير ئۈممەت ئۇنۋانى بىلەن مۇشەررەپ ئەتكەن بۇ نەجىب قەۋمنى ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھالەتتە قويماس ھەم كونا-يېڭى خۇراپاتلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئادىشىپ يۈرۈشلىرىگە رىزا بولماس. بەندىلەر شۇ مۇجەددىدلەرنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ  توغرا يولىغا قايتسا، ئاداشقان بالىلارنىڭ ئانىلىرىنى تاپقان سائەتلىرى كەبى شادلانسا ئەجەب ئەمەس.

مىلادىيە 2001-يىلى 7-سىنتەبىر.

(تولۇق تۈگىدى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=507
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 03:47 , Processed in 0.068780 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش