يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 707|ئىنكاس: 5

ئەڭ ئاخىرقى ماددا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:50:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ خەجلەپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك پۇلى بار بولۇپ ، ھەقىقەتەن باي ئاياللاردىن ئىدى. بالىسى ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى بولسا ھەممە نەرسىدىن زېرىككەندەك بولۇپ قالدى. بالا ئۇنىڭ بارلىق ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ ، ئىجتىمائىي سورۇنلارغا بارالمىغىنىغا خېلى زامانلار بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ بالىسىنى ئېلىپ شەھەردىكى ئەڭ ياخشى بالىلار باغچىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ باغچىنىڭ شارائىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ تاپقىلى بولمايتتى . باغچا تەربىيەچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى ، مۇكەممەل بالىلار ئوقۇشلۇق دەرسلىكلىرى بار ، يېمەك–ئىچمەكتىكى ئوزۇقلۇقمۇ نورمال تەڭشەلگەن ئىدى . بۇ يەر ئۇنىڭ بالىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايتتى .

ئۇ باغچا باشقۇرغۇچىسىغا :

ــــ سىلەرنىڭ شارائىتىڭلار ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مەن بالامنى بۇ يەرگە بېرىشنى قارار قىلدىم، - دېدى.

باشقۇرغۇچى تولىمۇ خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بالىسىنى ئېلىپ قالدى ۋە:

ــــ بىز يېرىم يىلدا بىر قېتىم توختامغا قول قويۇشساق بولىدۇ ، توختامدىكى ھەر بىر ماددىغا ياخشىراق قاراپ چىققايسىز، - دېدى .

باي ئايال توختامغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن:

ــــ پۇل مۇھىم ئەمەس ، ھازىرلا ئاغدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ . ئەمما توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىنى بىر ئاز چۈشىنەلمەي قالدىم ، - دېدى.

ــــ شۇنداق ھۆرمەتلىك خانىم ، باغچىمىز بالىڭىزنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ، چوقۇم دائىم كىيىدىغان كىيىمىڭىزدىن بىرنى بۇ يەرگە قويۇپ كېتىشىڭىز كېرەك . چاپان ، مايكا ياكى كۆينەك، قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ ، بۇنىڭغا چوقۇم ماقۇل دېيىشىڭىز كېرەك ، - دېدى باشقۇرغۇچى .
ــــ بىراق ، مەن سىلەر بېكىتكەن بارلىق ھەقلەرنى تۆلەپ بولدۇم ، يەنە نېمىشقا كىيىمىمدىن بىرنى ئېلىپ قالىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ئايال ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ھالدا .

ــــ چۈشلۈكى بالىلار ئۇخلاشقا ئۇنىمايدۇ ، بىراق ئۇلارغا ئانىسى كىيگەن كىيىمنى يېپىپ قويساق ، بالىلار تىنچلىنىپ ئۇخلاپ كېتىدۇ ، - دېدى باشقۇرغۇچى.

باي ئايال گەپمۇ قىلالماي قالدى . ئۇ تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا بېسىۋېلىپ ، شەھەردىكى شارائىتى ئەڭ ياخشى بۇ بالىلار باغچىسىدىن چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇ ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىمنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى .

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىيىي ، ئەجەپ تەسىرلىككەن ....   

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 23:36:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ  ھە ..............................

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:48:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ چوڭ قىزىم تا ھازىرغىچە مېنىڭ كىيملىرىمنى پۇراپ ئۇخلايدۇ ، بەك تەسىرلىك ئىكەن، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى، بەزى ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، رەھمەت جۇلالىق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەردىمۇ بەزىدە مۇشۇنداق تۇيغۇلار بولۇپ قالىدۇ. ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئانىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى، ئانىنىڭ ھەر ۋاقىت بالىسىنىڭ يېنىدا ھەمراھ بولۇشىدۇر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:19:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلەندىم!
بۇ تېمىنى ئوقۇپ قايسى كۈنىلا تېلۋوزۇردا كۆرگەن مۇنداق بىر قىسقا فىلىم يادىمغا كەلدى.
ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر بالىنى نەق مەيدان زىيارەت قىلغان چاغدا، ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ مەن ئاپام-دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالايمەن، كۈندە كەچتە ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە تاماق يىيىشنى، بىرلىكتە تېلۋوزۇر كۆرۈشنى، بىللە ئويۇنلارنى ئويناشنى خالايمەن، بىلىمەن ئاپام- دادامنىڭ ئىشى بەك ئالدىراش ئۇلارنىڭ مېنىڭ تامىقىمغا، ئۆگىنىشىمگە قارىغىدەك ۋاقتى يوق، ئۇلار ككپ پۇللارنى تاپتى، ئۇلار جاپالىق ئىشلەپ تاپقان پۇل بىلەن مېنى بۇ شارائىتى ياخشى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتىدۇ، لېكىن مېنىڭ نىمىگە ئەڭ مۇھتاجلىقىمنى بىلسە بولاتتى، دەپ يىغلاپ كەتتى، مەيداندىكى ئولتۇرغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغلىشىپ كەتتى، بۇنى ئاڭلىغان دادا شۇ يەردىلا بالىنى ياتاقلىق مەكتەپتىن قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت چىقىرىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە مەيداندىكىلەرنىڭ چاۋاكلىرى خېلى بىر ۋاققىچە ئۈزۈلمىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 04:04 , Processed in 0.052662 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش