يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 5

شەپەرەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 11:32:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(مەسەل)
تاشتۆمۈر توختى ، ئەھمەد تاشتۆمۈر





ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى قۇشلار بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان قاتتىق جەڭ بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن نېمە ئۈچۈن ئۇرىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. شەپەرەڭ قايسى تەرەپكە يان بېسىشنى بىلەلمەپتۇ. ئۇ ئويلا – ئويلا ئاخىر كىم كۈچلۈك كەلسە، شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى قارار قىلىپتۇ.

شەپەرەڭ بىر مەزگىل كۆزەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قۇشلار غالىب كېلىدىغاندەك كۆرۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇچۇپ بېرىپ قۇشلارغا قوشۇلماقچى بوپتۇ.
— سەن بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ – دەپ ۋارقىراپتۇ بىر قۇش.
— كۆرمىدىڭمۇ، مەنمۇ بىر قۇش. قارا، قانىتىممۇ سېنىڭكىگە ئوخشاش، – دەپتۇ شەپەرەڭ.
— ئۇنداق بولسا، بىز بىلەن ماڭ، مۆكۈپ يۈرمە جۇمۇ! – دەپتۇ قۇش.
بىراق، ئۇزاق ئۆتمەي ئەھۋال ئۆزگىرىپتۇ، ئەمدى ھايۋانلار غالىب كېلىدىغاندەك قىلىپتۇ. بۇ چاغدا شەپەرەڭ قۇشلاردىن ئايرىلىپ ھايۋانلار تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپتۇ.
— سەن بىز تەرەپتە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟ – دەپ ۋارقىراپتۇ بىر ھايۋان.
— سەن پايلاقچىلىق قىلغىلى كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ – دەپتۇ يەنە بىر ھايۋان.
— بىلمەمسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ بىر خىلىڭلارغۇ، – دەپتۇ شەپەرەڭ چىشىنى كۆرسىتىپ.
— سەن كىمنى ئەخمەق قىلماقچى؟ – دەپتۇ ھايۋانلار، – بىز سېنى ھېلىلا قۇشلار تەرەپتە كۆرگەن تۇرساق!

شۇنداق قىلىپ، ھايۋانلار شەپەرەڭنى قوغلىۋېتىپتۇ، قۇشلارمۇ شەپەرەڭنى ئۆز توپىغا قوشۇشنى رەت قىلىپتۇ. ئۇلار بىر – بىرىنى يېڭەلمەي، ئاخىر ئۇرۇشنى توختىتىپ يارىشىپتۇ. بىراق، ھەممە كەلگۈلۈك شەپەرەڭگە كەپتۇ. يا قۇشلار، يا ھايۋانلار ئۇنى ئارىغا ئالمىغاچقا، ئۇ كۈندۈزى سىرتقا چىقىشتىن نومۇس قىلىپ، كېچىسىلا سىرتقا چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
117 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
285
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 15:40:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسەلنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر .
رىياللىقتىمۇ خۇددى شەپەرەڭگە ئوخشاش دومۇلاق تاۋۇز ئادەملەر بار .

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
289
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەپەرەڭغۇ جاجىسىنى يەپتۇ .....
تۇرمۇشتا ئىككى يۈزلىمىچى ، يۇمىلاق تاۋۇزلار ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى كۈن كۈرىۋاتىدۇ ....

[ hilal بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:14  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ھىلىگەرلىك بىلەن باشقىلارغا خۇشامەت قىلسا ياخشى كۈن كۆرىدۇ. ۋىجدان-غۇرۇرى بىلەن قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىسا شۇ زىيان تارتىدۇ.تەخسىكەشلەرنىڭ زامانى بوپ كېتىۋاتىدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 21:03:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز مەيدانى ۋە ئۆز قارىشى ئېنىق بولمىغان بۇنداق شەپەرەڭ مىجەز كىشىلەر ئەتتىراپىمىزدا خېلىلا نۇرغۇن.
جۇلالىقنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلارنى يوللىغانلىقىغا رەھمەت!

Rank: 2

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
91
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:27:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي..... ھازىرقى ئادەملەر نىڭ ئاشۇ ھايۋانلارچىلىكمۇ ئاق قارىنى پەرىقلەندۇرۇگىدەك يۇرىگى
ھەم ۋىجدانى بولمىسا ،نەدە شۇنداق ئادەملەر ئۇستۇنلىكنى ئگەللەۋاتمامدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:42 , Processed in 0.056565 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش