مېھماننىڭ ئىززىتى
ئەگەر سىزنى ھۈرمەتلەپ توي، زىياپەت ، مەرىكىلەرگە چاقىرسا، چوقۇم بېرىڭ. بىرەر زۆرۈر ئىشقا تۇتۇلۇپ قېلىپ، بېرىشقا مۇمكىن بولماي قالسا، ئۈزرە ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ھۈرمەت قىلىپ چاقىرغانلىقى ئۈچۈن رەھمىتىڭىزنى ئېيتىڭ.
تەكلىپ قىلىنمىغان بىرەر كىشىنى توي-زىياپەتكە ھەرگىز بىللە ئېلىپ بارماڭ. توي-زىياپەتلەرگە بېرىشتىن ئاۋۋال ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ. ئۇ يەردە ئاچكۆزلۈك قىلىپ، تاماقنى ھەدەپ يەۋېرىش ئەدەبسىزلىك سانىلىدۇ. ساھىپخانا داستىخانغا نېمە كەلتۈرسە ، ئېتىراز بىلدۈرمەي يەڭ. داستىخانغا قويۇلغان نازۇ-نېمەتلەرنى ساھىبخانىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ
كەتمەڭ، بۇنداق قىلىش ئۇيات ئىش.
مېھمانلاردىن ئاشقان تاماقلارنى تەۋەرۈك دەپ زورلاپ ،بىر-بىرىگە يېگۈزۈش بولمىغان قىلىق ، بۇنداق ئىشتىن ساقلىنىش كېرەك. زىياپەت تۈگىگەندىن كېيىن، ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىۋەرمەي، ساھىپخانىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆيگە قايتىشقا ئىجازەت سوراڭ.
سۆھبەتلىشىش ئەدەبلىرى
توي، زىياپەت، مەرىكە قاتارلىق سورۇنلارغا بېرىپ، سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئادەملەر ئارىسىغا كىرسىڭىز، تۆۋەندىكى سۆھبەت ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ.
ئولتۇرغانلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بەدىنىڭىزنى ۋە كىيىملىرىڭىزنى پاكىز ۋە رەتلىك تۇتۇڭ. ئاغزىڭىزدىن سامساق ياكى خام پىياز پۇراپ تۇرمىسۇن. سۆھبەتداشلار ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ. بىرلا قېتىم بېرىلگەن سالام شۇ جايدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ
يۇقىرىسىغا چىقىپ ئولتۇرماڭ. ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا رۇخسەتسىز كىرىپ ئولتۇرىۋالماڭ. سىزدىن يۇقىرىراق
ئولتۇرغان ئادەم سىرتقا چىقماقچى بولۇپ قالسا، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يول بېرىڭ. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قېتىپ ئولتۇرۇشتىن
ساقلىنىڭ. يانپاشلاپ ياكى پۇت-قوللارنى خالىغانچە سوزۇپ ئولتۇرۇش ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئولتۇرغانلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارىلىشىشنى خالىسىڭىز، ئەپلەشمەيدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىڭ. چوڭ-كىچىكلەرنى ھۈرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ياش ۋە دەرىجىسىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىڭ. قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ، خىڭىلداپ سۆزلىمەڭ. مۇئامىلىڭىز خۇشخۇي، چىرايىڭىز ئىللىق، سۆزىڭىز شېرىن ۋە مۇلايىم بولسۇن.
مۇبادا چۈشكۈرمەكچى بولۇپ قالسىڭىز، ئېغىز-بۇرنىڭىزنى قولياغلىق بىلەن توسۇپ، ئاستىراق چۈشكۈرۈڭ. ئولتۇرغان كىشىنى ئىشقا بۇيرۇماڭ. باشقىلاردىن يېشىڭىز كىچىكرەك بولسا، غىزا كەلتۈرۈلگەندە، دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، خىزمەت قىلىشقا تۇتۇنۇڭ. ساھىبخانىغا ياردەملىشىڭ. لېكىن ،قىلغان خىزمىتىڭىزنى مىننەت قىلماڭ.
سۆھبەت ۋاقتىدا مۈگدەپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. سۆزلىگەندە باشقىلارغا سۆز بەرمەي ،ئۆزىڭىزنى بىلەرمەن كۆرسىتىپ، ھەدەپ سۆزلەۋەرمەڭ. بىرەيلەن سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، ئارىسىغا سۆز قىستۇرماڭ. ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگەتكەندىن
كېيىن ، زۆرۈر بولسا،سۆھبەتداشلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئاستا ۋە مۇلايىم قىلىپ سۆزلەڭ. ھەددىدىن زىيادە كۆپ سۆزلەپ، ئەزمىلىك قىلىپ تۇرماڭ. سۆزىڭىز قىسقا، مەنىلىك بولسۇن. بولمىسا مېھمانلار زېرىكىپ قالىدۇ.
ھەرقانداق كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ. غەيۋەت سۆزلىرىگىمىۇ قۇلاق سالماڭ. سۆزلەۋاتقان چېغىڭىزدا باشقىلارنى زاڭلىق قىلغاندەك، كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىز بىلەن جۇنۇپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ. سۆھبەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىززەت –ھۈرمىتىگە تەگمەڭ. ئۇلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتماڭ. بىر كىشىنىڭ سۆزلىگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى ياكى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلماقچى بولسىڭىز، ئەدەب-ئەخلاق دائىرىسىدە سۆزلەڭ. ھەممە نەرسىگە قاقاھلاپ كۈلىۋەرمەڭ. سۆھبەتداشلارنى زاڭلىق قىلماڭ. ئۇلارنى لەقەملىرى بىلەن چاقىرماڭ. بولمىسا ئاخىرىدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ قېشىدا يېنىڭىزدىكى كىشى بىلەن پىچىرلىشىپ سۆزلەشمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە گۇمان تۇغۇلۇشى مۇمكىن.
داۋامى بار...
(مۇھەممەتتۇرسۇن باھاۋىدىن رەتلىگەن«ئەجدادلار نەسىھىتى"»ناملىق كىتابدىن ئېلىندى . )