يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 7

ئەگەر دۇنيا 100ئادەمدىن تەركىپ تاپقان كەنت بولسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
115 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
281
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:25:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىز  ھازىرقى ئىستاتىسكا ماتېرىيالىغا ئاساسەن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ نىسپىتىنى 100 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان كەنت ئاھالىسىنىڭ نىسپىتىگە ئايلاندۇرساق ، ئۇ چاغدا ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ :
ئاسىيالىقلار 57نەپەر ؛
ياۋروپالىقلار 21نەپەر ؛
غەربىي يېرىم شارلىقلار 14نەپەر ؛
ئافرىقىلىقلار 8نەپەر ؛
بۇنىڭ ئىچىدە  : ئاياللار 52 نەپەر ،ئەرلەر 48 نەپەر ؛
رەڭلىك ئىرقتىكىلەر 70 نەپەر ، ئاق تەنلىكلەر  30 نەپەر ؛
خىرىستىيانلىقلار 30 نەپەر ،باشقا دىندىكىلەر 70 نەپەر ؛
يات جىنىسلىقلارغا قىزىقىدىغانلار  89 نەپەر ، جىنىسداشۋازلار 11نەپەر ؛
پۈتۈن دۇنيادىكى 59بايلىق ئالتە ئادەمنىڭ قولىدا ،بۇ ئالتە ئادەمنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىقلار ؛
80 ئادەم ئۆلچەمسىز ئۆيدە تۇرىدۇ ؛ 70 ئادەم ساۋاتسىز ؛ 50 ئادەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئازابىنى تارتماقتا ؛ 1 ئادەم ئۆلۈم گىرداۋىدا ،1 ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا ، 1ئادەم (پەقەتلا بىر ئادەم )ئالىي مائارىپتىن بەھىرلىنەلەيدۇ ؛ 1 ئادەمنىڭ كومپۇيوتورى بار .
ئەگەر بىز مۇشۇ كىچىكلىتىلگەن خەرىتە نۇسخىسىدىن دۇنياغا نەزەر سالساق ، سەۋرى-تاقەت ،چۈشىنىش ۋە مائارىپنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بايقىيالايمىز .تۆۋەندىلىكەرمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ ........
ئەگەر ئەتتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا ،تېنىڭىز سالامەت بولۇپ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە .... ئۇنداقتا سىز بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىيالايدىغان مىڭلىغان -تۈمەنلىگەن كىشىدىن بەختلىكسىز .
ئەگەر سىز ئەزەلدىن ئۇرۇشنىڭ ۋەھىمىسىنى ،تۈرمىدىكى يالغۇزلۇق ، دەھشەتلىك قىيىن -قىستاقنى باشتىن كەچۈرمىگەن ياكى ئاچارچىلىقنىڭ ئازابىنى تارتمىغان بولسىڭىز.... ئۇنداقتا سىز دۇنيادىكى 500مىليون ئادەمدىن بەختلىكسىز .
ئەگەر سىزنىڭ توڭلاتقۇڭىزدا يېمەك -ئىچمەك ،ئۇچىڭىزدا كىيىم -كېچەك ،تۇرىدىغان ئۆيىڭىز ،ياتىدىغان يېرىڭىز بار بولسا ،....ئۇنداقتا سىز دۇنيادىكى 75% ئادەمدىن باي ھېسابلىنىسىز .
ئەگەر سىزنىڭ بانكىدا ،ھەميانىڭىزدا پۇلىڭىز بولسا يەنە سىرتلاردا چۈشلۈك غىزا يېيەلىسىڭىز .... ئۇنداقتا سىز دۇنيادىكى 8% باي ئادەملەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولىسىز .
ئەگەر سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ھايات بولسا ، يەنە كېلىپ ئاجراشمىغان بولسا ....مەيلى سىز كانادادا بولۇڭ ياكى ئامېرىكىدا بولۇڭ ، تولىمۇ بەختلىك ئىكەنسىز .
ئەگەر سىز بۇ ماقالىنى ئوقۇيالىسىڭىز ، سىز ئىككى تۈرلۈك تىلەككە ئېرىشەلەيسىز : بىرى ، سىزنى بىرەيلەن ئەسلىدى ؛ يەنە بىرى ،سىز بۇ دۇنيادىكى ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق ساۋاتسىز ئادەملەردىن بەختلىككەنسىز .
بىرەيلەن مۇنداق دېگەنىدى :"ئەمگەك قىلغان ئادەم ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ ".
شۇڭا : سىز پۇلغا پەقەت ئېھتىياجىىڭىز يوقتەك خىزمەت قىلىڭ ؛
سىز ئەزەلدىن ئازابقا يولۇقۇپ باقمىغاندەك باشقىلارنى سۆيۈڭ ؛
سىز خۇددى ھېچكىم سىزگە دىققەت قىلمايۋاتقاندەك ئۇسۇل ئويناڭ ؛
سىز خۇددى ھېچكىم ئاڭلىمايۋاتقاندەك ناخشا ئېيتىڭ ؛
سىز گويا بۇ دۇنيانى جەننەت دەپ ياشاڭ ؛

مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1847

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەك مەن بەخىتلىككەنمەن. كۆز ئالدىمدىكى بەخىتنى قەدىرلەپ شۈكرى-قانائەت قىلىپ ياشاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى 19:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سانلار بەك قورقۇنۇچلۇقكەن .....
شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنلىرىڭگە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 2

توردا
111 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:09:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاپلىرىم ئۈچۈن زار - زار يىغلىغان كۈنلىرىمگە خاتىمە بېرىپ بەختلىرىمگە شۈكرى قىلىپ بەختلىرىمدىن باشقىلارنىمۇ بەھرىمان قىلىپ ياشاش ئۈچۈن تىرىشىمەن ....

Rank: 3Rank: 3

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
130
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:24:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىي ئاللاھ مۇشۇ كۈنلىرىمگە مىڭ شۈكرى...
ئاكام دەيتتى:  ساڭا تور بولسىلا بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىش كېرەك ئەمەس دەپ

نادانلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى جاۋاپ-سۈكۈت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
95 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
143

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
--------  --------  ---------

[ 7YIGIT بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 21:22  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:54:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن  ئەتتىگەندىلا  ئىككى ئۆلۈم  خەۋىرىنى ، يەنە  كېلىپ بىرى  27ياشلىق  قىران  يىگىتنىڭ ، يەنە  بىرى تېخى  50 كىمۇ  بارمىغان ئېسىل  بىر ئاكىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى  ئاڭلاپ  بىر كۈن  شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز يۈردۇم  . بۇ ئۆلۈم  قېرى  ياش  دەپ  ئايرىمايدىكەن .....
بىز  بەزىدە ھازىرقى  مۇشۇ تۇرمۇشىمىزدىن قاقشاپ  قويىمىز تېخى ....شۈكرى  ئاللاھ ، مۇشۇ  كۈنلىرىڭگە تۇمەنمىڭ  شۇكرىلەر  بولسۇن ~

Rank: 4

توردا
63 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
433
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەتتە يىگىتنىڭ ئىنكاسى ئۆزگىچە بوپتۇ
ھازىرقى كۈنىمىزگە مىڭ قەترە شۈكرى !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:06 , Processed in 0.051329 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش