يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 7

ئۆزگىچە مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(ھېكايە)

مۇ جىن


   يېقىن – يورۇق تۆت – بەشەيلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشاتتۇق، بۇنداق سورۇندا مۇھەببەت ھەققىدە پاراڭ بولسىلا گېپىمىز تۈگىمەيتتى. مۇھەببەت ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىز ساپلا ئۇزاققىچە ئىناق ئۆتۈش، شېرىن ئايدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش دېگەندەك گەپلەر ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئارىمىزدىكى مۇخبىر ئاغىنىمىز شياۋما ئېيتىپ بەرگەن مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئەڭ تەسىرلىك، ئۆزگىچە مۇھەببەت ھېكايىسى، دېيىشكە بولاتتى.


   شياۋما بىزگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى:


   بىر جۈپ ياشانغان زىيالىي ئەر – خوتۇن بولۇپ، ئۇلار ياش ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان ئىكەن. ئۇ زامانلاردا تونۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا بولاتتىكەن. ئۇلار ئۆي – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، ئۈچ پەرزەنت كۆرۈپتۇ، ئەمما ئۆيدە جېدەل قۇرۇمايدىكەن. ئۇلار شۇ سەۋەبلىك، بىر نەچچە قېتىم ئاجراشماقچىمۇ بوپتۇ، يەنە بىر نەچچە قېتىم ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ بېقىپتۇ. كېيىن بىر بالىسى: ‹‹يەنە مۇشۇنداق ئۇرۇشۇۋەرسەڭلار، ئۆلۈۋالىمەن›› دەپ ئۇلارنى قورقۇتۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۇرۇشمايدىغان بوپتۇ. شۇ چاغدا ئۇلار 30 ياشتا ئىكەن. بىر كۈنى بۇ ئىككىيلەن: ‹‹بىز 60 ياشقا كىرگەندە، بالىلىرىمىز ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ بۆلەك ئۆي تۇتىدۇ. بىزمۇ پېنسىيەگە چىقىمىز. شۇ چاغدا ئۆز مۇھەببىتىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى›› دەپ پۈتۈشۈپتۇ.


   ئۇلار بۇ ئىشنى ھېچ كىمگە تىنماپتۇ.


   ئەر كەم سۆز، ئىچ مىجەزلىك بولۇپ، ئۆزى بىلەن مۇڭدىشىدىغان، كىنو – تىياتىرخانىلارغا بىللە بارىدىغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىكەن، شوخ، جانلىق ئاياللارنى بولسا ياقتۇرمايدىكەن. ئۇنىڭ خوتۇنى تېتىك، ئوچۇق – يورۇق ئايال بولۇپ، ئېرىنىڭ بۇنداق جىمغۇر، ئىچ مىجەزىنى ياراتمايدىكەن، بۇنداق ئەر بىلەن داۋاملىق بىللە ئۆتۈش ئۇۋالچىلىققا قالغانلىق، دەپ قارايدىكەن.


   شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ. شۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ بالىلىرى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن ئىكەن.


   تونۇش – بىلىشلەر ئۇلارنى بۇ ياشقا بارغاندا ئاجرىشىپ نېمە قىلىدۇ، سەت ئەمەسمۇ؟ دەپ ئەيىبلىشىپتۇ. ئەر ئاسمىنى كەڭ، گۈزەل يېزىدا گۈل بېقىپ پىنھان ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا ئۇ ئاجرىشىپلا يېزىغا كۆچۈپ كېتىپتۇ. خوتۇنى ئاجراشقاندىن كېيىن ئۆزىنى خېلى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىپتۇ. ئۇ قۇلايلىق بولۇش ۋە زېرىكىشلىك كۈنلەردىن قۇتۇلۇشنى كۆزلەپ شەھەر ئەتراپىدىن شەھەر ئىچىگە كۆچۈپ كىرىپتۇ.


   بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى قايتىدىن توي قىپتۇ.


   ئەر ئۆزى كۆچۈپ بارغان كەنتتىكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزىگە ئوخشاش گۈلخۇمار ساۋاتسىز ئايالغا ئۆيلىنىپتۇ. ئۇلار تولىمۇ ئىجىل – ئىناق ئۆتىدىكەن، كەچلىرى بىللە سەيلە قىلىدىكەن. ئەر كۆڭلىدە ‹‹تۇرمۇش ئەسلىدە مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى – ھە›› دەپ ئويلاپتۇ.


   ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمۇ ياشانغانلار كۇلۇبىدا تانسا ئويناپ تونۇشۇپ قالغان بىر قېرى بويتاققا تېگىپتۇ. ئۇ ئەر شوخ بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا تانسا، ماجاڭ ئويناشقا ئامراق ئىكەن. ئايال كۆڭلىدە ‹‹تۇرمۇش ئەسلىدە مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى – ھە›› دەپ ئويلاپتۇ.


   ئۇلار يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىغان بوپتۇ.


   بەزىلەر ھېلىقى ئەرنى ‹‹ئەخمەق بىرنېمىكەن، بولمىسا شەھەرنى تاشلاپ يېزىغا كۆچۈپ بېرىپ ساۋاتسىز موماي بىلەن توي قىلامتى؟!›› دېيىشىپتۇ. بۇنىڭغا ئەر پەرۋا قىلماپتۇ. ئۇ ‹‹مومىيىم ساۋاتسىز ۋە كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن ماڭا بەكمۇ كۆيۈنىدۇ، ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق نېمە بار؟››  دەپ قارايدىكەن.


   ئايالمۇ كۆڭلىدە ‹‹ئاجرىشىپ كېتىپ ئوبدان قىپتىمەن، بولمىسا ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ ئۆتەر بولغىيتتىم ›› دېگەنلەرنى ئويلايدىكەن.


   شياۋما ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ھەممىمىز نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق.


   ئۇ بىزدىن:


   — قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق مۇناسىۋەت؟ – دەپ سورىدى.


   بىز بۇ سوئالغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي قالدۇق.


   مېنىڭچە ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى ئۆزگىچە مۇھەببەت، چۈنكى ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىشنى قارشى تەرەپنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى، بۇ ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قارىغان. ئېھتىمال، مۇھەببەت بىر خىل ئىگىلىۋېلىش بولمىسا كېرەك. قارشى تەرەپنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ باشقىچە بىر خىل مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مۇھەببەت تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ۋە مىننەتدارلىققا موھتاج، دېدى ئۇ.


   مەن ئىلگىرى ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ قارشى تەرەپنى بەختكە ئېرىشتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەمما ھېلىقى ئەر – خوتۇن ئاجراشقاندىن كېيىن ئاندىن ئۆز بەختىنى ھەقىقىي تاپقان. مېنىڭچە، بۇنداق ئاجرىشىشنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئېھتىمال، بۇ باشقىچە بىر خىل مۇھەببەت بولۇشى مۇمكىن.


مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى      


Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر كىمنىڭ تاللىغان يولى ئوخشىمايدۇ.
  ئۇلار ھىچ بولمىغاندا باللىرى ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان چاغدا ئاندىن ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىپ ئاجرىشىپتۇ. بۇنى يەنىلا ئاتا ئانىنىڭ باللىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشى دەپ چۈشىنىش كېرەكمۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 12:59:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
60 ياشقا كىرگەندىن كېيىن تارتىشمايلا ئاجراشقىنىغا قارىغاندا بۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت يوق ئىكەن. ئەگەردە ئازراق بولسىمۇ بىر-بىرىگە مېھرى-مۇھەببىتى بولسىدى ئاخىرقى ئۆمرىنى 60 يىللىق ھەمراھى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال ئۆتكۈزەر ئىدى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 23:28:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەردىكى بالىلار ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان ئەسەرلەرنى تولا يوللايدىغان بولۇپ كەتتى جۇمۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك ، مەنمۇ ....
بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىدىكى ئېرىشىش ئۈچۈنكەندە؟

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى ئۆزگىچە مۇھەببەت، چۈنكى ئۇلار ئاجرىشىپ كېتىشنى قارشى تەرەپنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى، بۇ ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قارىغان.
------------------------------------------------------------------------------

مىنىڭچە ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى شەخسىيەتچىل مۇھەببەت ، ئىككىلىسى بىر - بىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان ، بالىسىدىن قورقۇپ نىكاھنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ بىر - بىرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ بۇ نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىمىغان ، بەلكىم تىرىشىپ باقسا بىر - بىرىگە مۇھەببەت پەيدا بولار ئىدى ، بىر كۈنلۈك ئەر - خۇتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مىھرى بولىدۇ دەيدىكەن ، ئەمما بۇ ئىككىسىدە بولمىغىنى قىزىق ، ئەمەلىيەتتە مىجەزى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم ئازراق تىرىشسا ۋە قارشى تەرەپنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىلا بىر - بىرىنى تۇلۇقلاپ تاكامۇللاشقان بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقالايدۇ ...... ئۈتۈپ كەتكەن ئۆمرىگە ئىچى ئاغرىمايدىكەن ئۇلارنىڭ ، شۇ ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتقان ، نىكاھنى كۆڭۈللۈك قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا ئىزچىل بەخلىك بولۇپ ھازىر ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بەختلىك ھىس قىلغان بولاتتى .....

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 02:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:46 دە يوللىغان
دىمەك ، مەنمۇ ....
بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىدىكى ئېرىشىش ئۈچۈنكەندە؟

سىزنىڭ بۇنىڭغا چۈشمەيدۇ ، سىز دىگەن پۈتۈن ئورماننى تاشلاپ (گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ) بىر دەرەخكە ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان تۈرگە كىرىسىز

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 08:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 02:15 دە يوللىغان

سىزنىڭ بۇنىڭغا چۈشمەيدۇ ، سىز دىگەن پۈتۈن ئورماننى تاشلاپ (گەرچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ ) بىر دەرەخكە ئېسىلىپ ...


مېنىڭ نەقەدەر ساداقەتمەن مۇخلىس ئىكەنلىكىمنى  سىزلا بىلىسىز مانا. رەھمەت سىزگە. بۇ بىر قانچە يىلدىن بېرى بىكار ئارلىشىپ ئۆتمەپتىمىز جۇمۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 01:26 , Processed in 0.047961 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش