يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 3

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت ئەھۋالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائەت 1:00 دە ئادەم سەزگۈر ئۇيقۇ ھالىتى (ئۇيقۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى) گە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاغرىشقا بولغان سېزىمى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ ھەمدە ئاسان ئويغىنىپ كېتىدۇ.    سائەت 2:00 دە ئادەم بەدىنىدىكى زور كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ئەڭ ئاستا ھالەتتە بولىدۇ، ئەمما جىگەرنىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىپ، زەھەر تازىلايدۇ.
   سائەت 3:00 تە پۈتكۈل بەدەن دەم ئېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، مۇسكۇللار تولۇق بوشىشىدۇ.
   سائەت 4:00 تە قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ياشانغانلاردا مېڭە، قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ.
   سائەت 5:00 تە ئۇخلاش ئارقىلىق بەدەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. بۇ چاغدا ئورنىدىن تۇرسا مۇۋاپىق بولۇپ، ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
   سائەت 6:00 دە ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەشكە، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىشكە باشلايدۇ.
سائەت 7:00 دە ئادەمنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
   سائەت 8:00 دە تېرە زەھەرلىك ماددىلارنى ئاساسەن ئاجرىتىپ چىقىرىپ بولىدۇ. جىنسىي ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كېلىدۇ.
   سائەت 9:00 دا تېرىنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا ئوكۇل ئۇرۇپ داۋالىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
   سائەت 10:00دا ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   سائەت 11:00 دە ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، چارچاش ھېس قىلمايدۇ.
   سائەت 12:00 دە ئادەم يېرىم كۈن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن بەلگىلىك ئارام ئېلىشى زۆرۈر بولىدۇ.
   سائەت 13:00تە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەينىڭ خىزمىتى جىددىي ھالەتكە كىرىدۇ. تاماق يېسە مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇ چاغدا ئادەم سەل چارچاش ھېس قىلىدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىشى زۆرۈر.
   سائەت 14:00 تە ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل بەدەننىڭ ئىنكاسى ئاستىلايدۇ.
   سائەت 15:00 تە تەن تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يېتىدۇ. خىزمەت ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
  سائەت 16:00 دە قان قەنتى ئۆرلەيدۇ.
   سائەت 17:00 دە ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كىرىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
   سائەت 18:00 دە ئادەمنىڭ ئاغرىشقا بولغان سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ.
   سائەت 19:00 دا قان بېسىمى سەل ئۆرلەيدۇ، كەيپىياتى ئاسانلا تۇراقسىزلىشىدۇ.
   سائەت 20:00 دە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭ مېڭىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ تېز بولىدۇ.
   سائەت 21:00 دە نېرۋا سىستېمىسى ئەڭ جانلىق ھالەتكە كىرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   سائەت 22:00 دە نەپەسلىنىش ئاستىلاشقا باشلايدۇ. تەن تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ.
    سائەت 23:00 تە ئورگانىزملار ئارام ئېلىش ھالىتىگە كىرىپ، بىر كۈندىكى چارچاش تۈگەشكە باشلايدۇ.
  سائەت 00:0 دە ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىدۇ. تەن قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ.
   ئەلۋەتتە ، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساپاسى ، كەيپىياتى ، تۇرمۇش ئادىتى ، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى تەڭشىشى ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ  رېتىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر كىشى يۇقىرىدىكى ئادەم بەدىنىنىڭ خىزمەت پائالىيىتىگە ئاساسلىنىپ ھەمدە ئۆزىنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ، بىئولوگىيىلىك سائىتىنىڭ رېتىمىنى توغرا ئىگىلەپ، خىزمەت ۋە دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
‹‹شىنجاڭ پەن – تېخنىكا گېزىتى››دىن ئېلىندى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دەرىجىلەر بويىچە ياشىساق نېرۋىمىز تىنىچلانماي، نېرۋا كېسەل بوپ قالىدىغاندەك قىلىمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 00:48:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت  4 تىن، يەكشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن 9غىچە بولغان ۋاقىتنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەن، بىر خىل ھاياجاندا يۈرۈيمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 02:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارام ئېلىش كۈنىنى كىم ياخشى كۆرمەيدۇ دەيسىز سايە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:57 , Processed in 0.047952 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش