يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 765 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 5

ئاياللار ساغلاملىقىدىكى سەككىز تەدبىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:47:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. زىيادە پاكىزلىقنى قوغلاشماسلىق : ئامېرىكىلىق مىكرو بىئولوگىيە ئالىمى مارى دوكتورنىڭ قارىشىچە ، باكتېرىيە ئۆلتۈرىدىغان سوپۇن ، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى دائىم ئىشلەتكەندە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىكەن ، قول يۇيغاندا ئادەتتىكى ئەتىر سوپۇن ۋە سۇ بىلەن يۇيسىلا كۇپايە ئىكەن . چۈنكى باكتېرىيەگە قارشى مەھسۇلاتلار پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنىمۇ يوقىتىپ ، بەدەندىكى مىكرو ئورگانىزملار توپىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۈرۋېتىدىكەن .

2. قىزىل پەمىل چاي ئىچىش : چىش مىلىكى كېسەللىكلىرى يۈرەك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل . چىش مىلىكىنى  ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى قىزىل پەمىل چاي ئىچىپ بېرىش . قىزىل پەمىل چاي باكتېرىيەلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، چىش كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى  ئازايتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ ئازىيىدۇ . قىزىل پەمىل چاي بىر خىل فېرمېنت ھاسىل قىلالايدىغان بولۇپ ، بۇ  فېرمېنت شېكەرنى بىر شىلىمشىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ ، چىشنى چىڭىتىش رولىنى ئوينايدۇ .

3. فولىك كىسلاتاسى ( يوپۇرماق كىسلاتاسى ) تولۇقلاش : بوۋاقلارنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى 12 ھەپتىسىدە كۈنىگە 400 مىكرو گرامدىن فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاپ بېرىشى كېرەك . تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، ئاياللار فولىك كىسلاتاسى تولۇقلاپ بەرسە ، سېرىق داغ چۈشۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن .  فولىك كىسلاتاسى ، ۋىتامىن B6 ۋە ۋىتامىن B12 نى تولۇقلاپ بەرسە ، ئىچكى ئەزالارنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىدىكەن .

4. كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش : كولا دېگەندەك كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە فوسفات بولۇپ ، ئۇ كالتىسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . سۆڭەك شالاڭلىشىشقا دائىر بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ھەپتىدە بەش قۇتا گازلىك ئىچىملىك ياكى تۆت قۇتا كولا ئىچكەن ياشانغان ئاياللارنىڭ سۆڭىكىنىڭ زىچىلىقى % 4 تۆۋەنلەيدىكەن .

5. ھورمون بىلەن داۋالىنىشتىن ساقلىنىش : ھورمون ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغاندا ، يۈرەك كېسىلى ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، ئاشقازان يارىسى ۋە ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلىسىمۇ ، بەدەندىكى ئانىلىق ھورمۇن ۋە ھامىلدارلىق ھورمونىنى كۆپەيتىۋېتىپ ، سۈت بېزى راكى ۋە تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ .

6. ئاپتاپقا كۆپ قاقلىنىش : ئەنگىلىيەدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە ، نۇرغۇن ئاياللاردىكى تۇخۇم ئىشلەپ چىقىرالماسلىق ھادىسىسى ۋىتامىن D كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . مۇتەخەسسىسلەر ، تۇخۇم چىقىرىش دەۋرى تەرتىپسىز بولغان ئاياللارنى ئاپتاپقا قاقلىنىپ ۋىتامىن D نى تولۇقلىغان . نەتىجىدە ، ئۇلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىش دەۋرى تەرتىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن . مۇتەخەسسىسلەر ھامىلدار بولۇشنى ئويلايدىغان ئاياللارنىڭ كۈندە 20مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ .

7. باناننى كۆپ يېيىش : بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ تۆتتىن بىرى خامۇشلۇق ۋە تىت – تىت بولۇش تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەنىكەن . خامۇشلۇق كېسىلى ئادەتتە بەدەندە ‹‹ خۇشاللىق ھورمۇنى ›› يەنى بىرىكمە ئامىن كەملىكتىن كېلىپ چىقىدۇ . بىرىكمە ئامىن كەملىكنىڭ سەۋەبى ترىپتوفاننىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولغانلىقىدىن  بولىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، بانان تەركىبىدە ترىپتوفان مول بولۇپ ، ئاياللار ھەپتىدە تۆت تالدىن 11 تالغىچە بانان يەپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .

8. 30 ياشتىن ئىلگىرى پەرزەنتلىك بولۇش : تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، ئاياللار 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا پەزرەنتلىك بولسا ، سۈت بېزى ياكى ئۆت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى % 7 تۆۋەنلەيدىكەن . بۇنىڭدىن سىرت ، بوۋىقىنى 13 ئايدىن ئارتۇق ئېمىتىپ باققان ئاياللارنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى % 50 تۆۋەنلەيدىكەن .

كېلىش مەنبەسى: نۇر تورى.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 13:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كولانى ئازراق ئىچسەم بولغۇدەكتە

Rank: 3Rank: 3

توردا
100 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
318
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 15:16:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمون بىلەن داۋالىنىشتىن ساقلىنىش

لىكىن  بەزىبىر  كىسەللىككە  ئامال  يوق   باشقا  جەھەتتىكى  تەدبىرلەرگە  ئەھمىيەت  بەرسەم  بولغۇدەك ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
232 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 18:31:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمون بىلەن داۋالىنىشتىن ساقلىنىش
گاچچىدە تەگدىدە ماۋۇ بىر جۈملە ، راستكەن جۇمۇ ....ئۆتۈمنى ئېلىۋەتتىم مەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:07:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش تۇرۇپلا ھە، خىزمەت دېسە بوشراق چاپقۇلۇق، ئاقسارايغا ئەكەتمىدى ھېلىمۇ سىزنى.

مەن مۇشۇ بىرىنچى ئامىل بىلەنلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن بۇ ئۆمرۈمدە. شۇڭىلاشقىمۇ ئاچچىقىم يامان مېنىڭ. ھەي......بۇ ئىشلارنىڭ قايسى بىرىگە يىتىشىپ بولار كىشى.

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:49:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فولىك كىسلاتاسى دىگەن نىمە ، نىمىلەر ئارقىلىق تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ .....؟

ھورمون بىلەن داۋالاش دىگەن نىمە ؟  قايسى تۈرلۈك داۋالاشلار ھورمون بىلەن داۋالاش ھىساپلىنىدۇ ؟

كەچۈرۈڭلار ، قورسىقىمدىكى ئۇمىچىمنىڭ كەملىكىدىن سورىمىسام بولمىدى ، ساغلام بولغۇم بەك بار بولمىسا .....

[ hilal بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 01:51  دە تەھرىرلىگەن. ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:05 , Processed in 0.058825 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش