يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 6

تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن (1944-2007) قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1972-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە خوتەن ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىندە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1976-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1991-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىننىڭ «جىنەستە»، «بۇلبۇل ناۋاسى»، «گۈلنىھال»، «چىغىر يول»، «سەھرادىن كەلگەن قىزچاق» قاتارلىق 15 پارچە شېئىر، داستان، ھېكايە ۋە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان. كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە «بالىلار ئەدەبىياتى تۆھپىكارى»، «تۆھپىكار ئانا ئەدىب» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.
تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

مەنبە:تور دۇنياسىدىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
558

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھاردىكى ئارزۇ


-تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن-


بەئەينى سۈت كەبى ئاقاردى ئۇپۇق،
يېشىلدى كېچىنىڭ تۈگمە پەتلىسى.
يالتىرار تاغلارنىڭ بېشىدا تاجى،
قىيالار يېپىندى خوتەن ئەتلىسى.


مۇدھىش سوغ سۈرمەككە بۇندىن
ئويناتتى پەلەكتە قۇياش زۇلپىقار.
ئويغاتتى ئۇيغۇلۇق جانلارنى دەرھال،
قۇت بەردى،كۈچ بەردى،بەردى ئىختىيار.


ئاھ،جۇشقۇن بىر سادا بۇزدى سۇكۇنات،
جىسمىمنى ئۇيغۇدىن ئويغاتتى تۈرتۈپ.
گوياكى ياش قىزدەك ئۇپۇققا باقتىم،
ئارزۇ ۋە ئۈمىدتە ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ.


ھەيۋەتلىك،مۇقەددەس تەڭرى تېغىنىڭ
ئاھ، مەغرۇر بېشىدا قارلار يالتىرار.
ئەسىرلەر چاقنىغان تەكلىماكانغا
جان ئاتا قىلماققا تارىم ئالدىرار.


تومۇردا دەريادەك ئۇرغۇدى قېنىم،
قۇياشقا شادلىقتا قىلدىم ئىلتىجا.
مەن كۆرەي قۇملۇقنىڭ چېچەكلىشىنى،
شىجائەت شەرنىتىن قىلغىن تەنگەجا.


1996-يىل،مارت



قاقاس تاغلار

-تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن-

چاچماس قۇياش نۇرىنى ئوخشاش،

يۈرىكى قان،كۆزلىرى ياش.

ئاھ دېگەندە ئۆرلىسە يالقۇن،

ئېرىپ كېتەر باغرىدىكى تاش.

كۆزلىرىنى چاقنىتىپ ھەريان،

كۈنگەي ياقتا بەرق ئۇرار ياز.

ۋۇجۇدىنى تۇرار مۇزلىتىپ،

تەسكەيلەردە تېخى قىش-ئاياز.

سېخىيلىقتا ھاتەمگە ئوخشاش

دەريالارنىڭ ئىشى ئالدىراش.

قار سۇلىرى ئاقار يىراققا،

ئاھ، بۇ تاغلار تېخىچە قاقاس.

مەنبە:تارىم ژۇرنىلىدىن


Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمەنىڭ ياتقان يېرى جەنەتتە بولسۇن!

Rank: 2

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
279
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 02:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا بۇ ھەدىمىزنىڭ خېلى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم ، گەرچە ئۇ ئەسەرلەر ئېنىق ئىسىمدە قالالمىغان بولسىمۇ ھەدىمىزنىڭ نامى دىلىمدا قالغان ....
ھەدىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ، بىز ئۇنى شۇ ئۆچمەس ئەسەرلىرى بىلەن قۇشۇپ ياد ئىتىمىز .....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىرەنى تونۇمايدىكەنمەن. ۋاپات بوپ كەتكەنمۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
23 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
48

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 20:20:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغان توردىشىمىزغا كۆپ تەشەككۈر!
مەن تۇرسۇنئاي ھەدىمىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا تۇنۇشقان، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە دوستانا باردى-كەلدىلەردە بولۇپ،ياخشى مىجەز-خۇلق،ئاقىلانە پىكىر،ئوتتەك ئىجادىي قىزغىنلىق قاتارلىق پەزىلەتلىرىدىن كۆپ تەسىرلەنگەنمەن.تېپىلغۇسىز ئېسىل خانىم ئىدى،ئىجادىي ئەمگەكلىرى مول ئىدى.2007-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلغاندا ،خۇددى يېقىن تۇققىنىمدىن ئايرىلغاندەك قاتتىق قايغۇرغان ئىدىم.ھازىرمۇ ئۇ ئالەمگە كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،لېكىن بۇ ئەمەلىيەت.  رىئاللىق شۇنداق رەھىمسىز ئىكەن. ھەدىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
مول-ھۇسۇللۇۇق بۇ شائىرەمىز ئۆزىنىڭ مول ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ!

تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 8Rank: 8

توردا
25 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
1
يازما
61

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:41:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسىنئاي ھەدىمىز ئاياللارنىڭ پەخىرى ئىدى، ئۆز قەلىمى بىلەن باشقىلارغا ھۆزۇر بېرىپلا قالماي، ئۆز ھاياتىغىمۇ گۈزەل قەسىدىلەرنى پۈككەن ، ھەممىمىز ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان مول- ھۇسۇللۇق يازغۇچى ئىدى، ئەسەرلەرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم!!!! ئەپسۇس.....ھەي تەغدىر......
ئەمدى مەرھۇمەنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن دېگەندىن باشقا نېمىمۇ دېتەلەيمىز؟!
تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:17 , Processed in 0.048490 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش