يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت كۆڭۈلدىكى سۆز «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېق ...
كۆرۈش: 1987|ئىنكاس: 6
go

«ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» مۇ؟

Rank: 4

توردا
51 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى 
نادىر
يازما
176 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 18:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

«ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» مۇ؟


زىنا قاتىللىققا ئېلىپ بارىدۇ....
                                             _ بىر ئىمامنىڭ ئاغزىدىن.



   
      بىر ئىنكاستا بىر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ مۇنداق بىر سۇئالىنى ئوقۇغۇنىم ئىسىمدە،« ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىرگە بولسىمۇ، زىنا ھىسابلىنامدۇ؟» . شۇ چاغدا، بۇ سۇئالنى ئوقۇپ، جاۋابىنى تەپسىلى توختالغىنىم يادىمدا، شۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابنى ئۇ قىز كېيىن ئوقۇدىمۇ ئوقۇمىدىمۇ بىلمەيمەن. گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزگە سەل قاراش، بىلىمىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى، ئىختىسادى ماددى ھاياتقا بىرىلىش ، پاكلىق،شەرمى ھاياغا ئېتىبارسىز قاراش، ئىپپەتنى قەدىرلىمەسلىك، نىكاھقا، ئائىلىۋى مۇناسىۋەت ۋە مەسئۇليىيەتكە سەل قاراش نەتىجىسىدە، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، قىز ئوغۇللىرىمىز چەكلەنگەن مېۋىنى نىكاھسىز يەپ قويىدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئوغۇللاردا شەكىللەنگەن «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىش كېرەك » دىگەن خاتا كۆز قاراشنىڭ سەۋەبىدىن مەن ئوغۇلبالا بولغانلىقىم ئۈچۈن قىلىپ بېقىشىم كېرەك دەيدىغان خاتا ئىدىيە سىڭىپ قالغان. ئەگەر ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك دەپ قارالسا، ھەم شۇنداق قىلىشى دۇرۇس دەپ قارالسا، ئۇنداقتا، ئوغۇللارنىڭ زەھەر سېتىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ زەھەر چېكىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاتا ئانىسىنى ئۇرۇپ، قاقشىتىپ، ئۇلارنى زار زار يىغلىتىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ قىمار ئوينىشى، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلىشى، قاتىللىق قىلىشى، قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ زىنا قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ بەچچىۋازلىق قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟ پوق نىجاسەت چىقىدىغان جايغا زىنا قىلدۇرۇش دۇرۇس بولامدۇ؟ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشى، قاقتى سوقتى قىلىشى دۇرۇس بولامدۇ؟.....ئەگەر ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك دىيىلسە، يۇقاردا دىيىلگەن، ئېيتىلغان، ئادەمنى ھالاكەتكە باشلايدىغان ئىشلارنى قىلىشمۇ توغرا دەپ قارالغان بولىدۇ، لېكىن، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكى بىزگە ئايدىڭ، خاتا بولغاچقا، زەھەر ساتقانلار ئۈلۈمگە مەھكۇم، باسقۇنچىلىق قىلغانلار تۈرمىگە يول ئالىدۇ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلغانلار ھامىنى ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ... شۇنداق تۇرۇپ، بىز يەنە شۇ خاتا ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدە ياشامدۇق؟ ئۇنى يەنە داۋاملىق توغرا دەپ قۇبۇل قىلامدۇق؟ قېنى بىزدىكى ئەقىل؟ قېنى ئاتا ئانىمىز، ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار بىزگە بەرگەن تەلىم تەربىيە؟ بوپتۇ بىز زىنانى توغرا دەپ قارايلى، ئەمدى زىنا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەرگە قاراپ باقايلى، بىرىنچى.زىنا ئەيدىز ۋە باشقا يامان سۈپەتلىك كىسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئەجىبا كىسەل بۇلۇش ياخشى ئىشمۇ ؟ گاندون ئىشلەتتىم دەيلى، كىسەل يۇقمايدۇ دەيلى، بىزدە« كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ» دىگەن گەپ بار، ئەيدىز ۋە ياكى باشقا كىسىلى بار ئادەم بىلەن قىلىنغان شۇ زىنادا ، شۇ ئىشەنگەن، كىسەل يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دىگەن گاندون يىرتىلىپ كەتسىچۇ ؟ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدىغىنى يەنە شۇ ئۆزىمىز. ئىككىنچى، زىنا ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ، ئابرويىنى تۈكىدۇ، چىراينى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، ئەۋلاتلارنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرىدۇ. ئۈچۈنچى، زىنا قاتىللىققا ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن: بىر ئايالى بار كىشى يەنە بىرسى بىلەن زىنا قىلسۇن، ئەگەر ئىككىلا تەرەپ نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا، زىنا قىلغان قارشى تەرەپنىڭ ھامىلدار بۇلۇش نىسبىتى بەكمۇ يوقىرى، بۇ چاغدا، بىر بولسا ئايال شۇ قوساقتىكى بالىنى دەپ ئەردىن پۇل ئۈندۈرىشى مۇمكىن، ياكى، ئەرنىڭ ئايالىغا دەپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇشى مۇمكىن ،ۋە ياكى ئەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن بىر ئاپىرىدە بولغان جانلىقنى دوختۇرخانىلاردا سۈنئى ئۇسۇلدا ئالدۇرۋېتىشى مۇمكىن، بۇ ئالدۇرۋەتكەن بالا ئەسلى ھايات ياشاشقا تىگىشلىك ئىدى، لېكىن ،ئۇنىڭ ھاياتى شۇ زىنا قىلغۇچىلار سەۋەبلىك، دوختۇرلارنىڭ پىچىقى ئارقىلىق كېسىپ،قىرىپ تاشلىنىدۇ، ياكى ئۇكۇل ئارقىلىق چۈشۈرۋېتىلىدۇ، چۈشۈرۋېتىلگەن، قىرىپ، كىسىپ تاشلىۋېتىلگەن بۇ تۆرەلمىلەر، بالىلار بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇجۇقتۇرۋېتىلىدۇ. بۇ خۇددى ئەينى چاغدىكى نۇمۇستىن، كەمبەغەل بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ، بالىلىرىنى تىرىك كۈمۈۋەتكەن جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىلىقلىرىدىن پەرقى يوق ئىشلاردۇر... قىسقىسى، زىنا ياخشىلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ، بىردەملىك ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر شۇ زىنا سەۋەبلىك يۇقارقىدەك ئەھۋاللارغا دۇچار بولىدۇ.
بۇ «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» دىگەن بۇ ئىدىيە بەكمۇ خاتا ئىدىيە، بەكمۇ ، تولىمۇ،  نادانلارچە ئىدىيە... ئېرى بار چوڭ ياشلىق ئايال بىر ئوقۇغۇچى بالىنى، 15 كە كىرمىگەن بالىنى ھۇجرىسىدا ئۆزىگە زىنا قىلدۇردى، ئۇنى مۇشۇ «ئوغۇلبالا ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك، سىز نىمىگە ئىككىلىنىسىز، سىز ئوغۇلبالىمۇ يا؟ ئاپىڭىز سىزنى ئوغۇلبالا دەپ تۇغقاندۇ » دىگەندەك گەپ سۆزلەر بىلەن ئۇنى قايمۇقتۇردى، بۇ ئوغۇلمۇ ئوغۇلبالا ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك دىگەن گەپلەرنى بۇرۇن ئاڭلىغان ئىدى، نەتىجىدە ئۇ شۇ مەيداندا دادىل بولدى، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى، نەتىجىدە ئاتا ئانىنىڭ نەزىرىدە ئىش ئۇقمايدۇ دىگەن بۇ ئۆسمۈر، ئىرىنىڭ نەزىرىدە ۋاپادار دىيىلگەن بۇ ئايال بىلەن زىنا قىلدى، شۇندىن كېيىن، داۋاملىق بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىدى، قىسقىسى، ئۈزگىسى كەلمىدى. كۈنۈپ قالدى، قىلغانسىرى قىلغۇسى كەپ قالىدىغان بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نەپسى يوغاندى، بىرىگە قانائەت قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ، ئۇ زىناغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە بولسا، كۆيدۈم پىشتىم دەپ، نۇرغۇن قىزلارنى ئالدىدى، قىزلارمۇ زىنادىن ئۆزىنى تارتمىدى، تەتىلدا قايتقاندا بولسا، ئۇ ئايالنى ئىزدەيتى، نەپسىنى قاندۇراتتى، ھەي زىنا، شەيتانى ھەۋەس، كىملەرگە شۇ يامان ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسەتتىڭ سەن ؟ لېكىن، ئاخىرەتتە، ھەممە ئادەم قىلغان ئىشىغا ئۆزى ئىگە ئىدى، زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا، شۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرەتتى، زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا، شۇنىڭ جازاسىنى تارتاتتى....شەيتان،نەپسى-خاھىش شۇ يامان ئىشلارنى،ئىنسانغا يامان كۆرسەتمەيتى، لېكىن، ئاخىرەتتە، زىيان تارتىدىغىنى ئىنسان ئۆزى ئىدى.
ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى دۇرۇس بولسا، بەچچىۋازلىق قىلىشىمۇ توغرىمۇ ؟ بىر قېتىم قىلدىم دەپ، شۇ پېتىم كۈنۈپ قالسا، بۇ پاتقاقتىن چىقالمىسا، ئۆزىنى شۇنىڭغا ئاتىۋەتسىچۇ؟ كېيىن، قانداق بۇلار ئاقىۋىتى؟ «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» دەپ، زەھەر سېتىشچۇ؟ مىللەتنىڭ ياشلىرىنى زەھەرلەش، ئۇلارنى نابۇت قىلىشچۇ؟ باشقىلارنىڭ نارەسىدە بالىلارنى ئالداپ،ئوغۇرلاپ مال ئورنىدا،قاتارىدا ئۇلارنى ئىچكىرگە ئېلىپ ئاپىرىپ سېتىۋېىتىشى، ئۇلارنى يانچۇقچىلىققا، ئوغرىلىققا سېلىشچۇ؟ «ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» دۇرۇس بولسا، ئاتا ئانىسىنى زار زار قاقشىتىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللاپ قىلىشچۇ؟ ... ياق، بۇ خاتا ئىدىيە ئەمدى بىز مىللەتكە ھەمرا بولمىسۇن. ئوغۇللىرىمىز بۇ يامان ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە ھەددىدىن ئاشمىسۇن، ھاكاۋۇرلۇق قىلمىسۇن.
«ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» دىگەن ھەقىقتەن خاتا ئىدىيە، ھەممىنى قىلىش توغرا ئەمەس، ئېتىقادقا، ئەقىدىگە، گۈزەل ئەنئەنىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى، قانۇنغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنى، تەئىدىل ئەركامغا ،شەرىئەتكە، ھالالغا ئۇيغۇن بولغانلىرىنى، ئىنساپقا، دىيانەتكە،ۋىجدانغا خىلاپ بولمىغانلارنى قىلىش ئاندىن ئەقىلگە مۇۋاپىق. جەميەتتە ئېقىپ يۈرگەن ھەر قانداق ئېقىمدىكى ناتوغرا پىكىرلەرگە ئەقلىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلايلى، بىز ئوغۇللار ھەممىنى قىلالمايمىز، ھەممىنى قىلىش ئۆزىمىزنى نابۇت قىلغانلىق، مىللەتكە، يۇرتقا، خەلققە، ئاتا ئانىغا، ئۆزىمىزگە ، ئائىلىگە يۈز كىلەلىشىمىز ئۈچۈن، بىز توغرا بولغان ئىدىيە بىلەن مىڭىمىزنى قوراللاندۇرايلى.
پاكلىق، شەرمى-ھايا، ئەقىل-پاراسەت، غۇرۇر، ئىنساپ، بىلىم ھەممىمىزگە يار بولسۇن.

يۇقاردىكى ماقالىنىڭ مەنبەسى: ئۆزەم
يوللىغۇچى: بارماقلىرىم

ئاخىرىدە زىنانىڭ نىمىشقا ھارام قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن.


زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتلەر



سوئال:
مىنىڭ بىر دوستۇم زىنانىڭ نېمە ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلدى، بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ مەلۇماتىمىز چەكلىك بولغاچقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدۇق، پەقەت قۇرئان-ھەدىستىن زىنادىن ساقلىنىش، بولمىغاندا بۇنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئومۇمەن بىزگە نېمە ئۈچۈن زىنادىن ساقلىنىشىمىز كېرەكلىكى، بۇ ھەقتە شەرىئەتتە زىنانىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغان مىساللار ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟ بىزنىڭ بىلىشىمىزچە زىنا جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولىدىغان، بۇزۇق ئەر-ئاياللارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، قۇرئان-ھەدىستە بۇنى ئوچۇق بايان قىلىدىغان ۋەقەلىكلەر بارمۇ؟.

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: مۇسۇلمان كىشى ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ھېكمىتىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشى، ئاللاھنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئالى ھېكمەت بىلەن ئىنسانلارغا ياخشىلىق ۋە ئومۇمى مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىقنى توسۇش ئۈچۈن يولغا قويغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە چاقىرىلغان چاغدا ئۇلار: ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق دېيىشلىرى كېرەك، مانا شۇنداق كىشىلەر مەقسەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر» سۈرە نۇر 51-ئايەت. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان كىشى شەرىئەتنىڭ كامالىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى ھېكمەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن تەتقىقات ئىلىپ بېرىشى چەكلەنمەيدۇ. بەلكى بۇ ئارقىلىق غەيرى دىندىكىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلارنى شەرىئەتنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادىل پرىنسىپ ئۇستىگە قۇرۇلغان دىن ئىكەنلىكىگە قانائەتلەندۈرۈشكە قادىر بولالايدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا زىنانى كەسكىن ھارام قىلدى. بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشىگە دۇنيادا ئىجرا قىلىنىدىغان ھەد ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتى(يەنى شەرىئەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن جازا)، بۇ ھەقتىكى دەلىللەرنى تەپسىلى سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بۇنى كۆپچىلىك كىشىلەر بىلىدۇ، لېكىن بىز زىناغا ئالاقىدار بولغان بەزەن ھۆكۈملەرنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1- زىنانىڭ ھارام قىلىنىشى ئىنسانلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇغما تەبىئىتىگە مۇۋاپىق كېلىشى( ئىسلام ئەقىدىسى ئۇستىگە تۇغۇلۇشى)، ئابرۇيىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلەمچىلىك، ئىززىتىنى ساقلاشنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەزى ھايۋانلاردىمۇ كۈنلەمچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. بۇخارىيدا سۆزلەنگەن 3849- نومۇرلۇق ھەدىستە: ئەمىر ئىبنى مەيمۇن ئەل ئوۋدى مۇنداق دەيدۇ: مەن جاھىلىيەت دەۋرىدە بىر ئەركەك مايمۇن بىلەن بىر چىشى مايمۇننىڭ زىنا قىلغانلىقىنى كۆردۈم، كېيىن مايمۇنلار توپلىشپ كېلىپ بۇ زىناخور مايمۇننى تاش-چالمىلار بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

مايمۇنلار زىنانى يامان كۆرۈپ ئابرۇيىنى قوغداپ كۈنلىسە، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈنلىمەمدۇ؟

قايسى بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئايالى، قىزى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە ئانىسى بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىشىنى خالايدۇ؟!. بۇنىڭغا رازى بولغان ئىنسان ھايۋانلاردىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى دەۋرىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرىدە، ئاياللارنى ئالماشتۇرۇش زالى ئېچىلغان بولۇپ، زالغا كۆگۈل ئىچىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ئۆز-ئارا ئاياللىرىنى ئالماشتۇرۇپ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىدۇ، بۇ قىلمىشلار دەييۇزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

2-كىشىلەرنىڭ نەسەبلىرى ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش؛ زىنا قىلىشنى توغرا ياكى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى دەپ قارىغان شەخس ۋە جەمئىيەت، ئۆز پۇشتىدىن تۆرەلمىگەن بالىنى پەرزەنتىم دەپ ئۆز ئائىلىسىگە ئەكىرىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مىراسقا شېرىك قىلىدۇ، نامەھرەم بولىدىغان ئورۇندا مەھرەمدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

3- گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش؛ زىنا ئۆز خانىدانى ۋە ئائىلىسىدىكى ئىللىق ھاياتنى بۇزۇپلا قالماستىن ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، جەمئىيەتتىكى نورمال مۇناسىۋەت ۋە ئىتتىپاقلىقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايدۇ. ئەر ئاشنا ئوينىسا ياكى ئايال ئاشنا تۇتسا، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى ئىللىق ھايات، ئىتتىپاقلىق ئائىلە ۋەيران بولىدۇ.

4- جىسىمنى كېسەللىكتىن ساقلاش؛ زىنا ئاشكارا تارقالغاندا پەيدا بولىدىغان بەزى كېسەللىكلەر ئاللاھ تائالانىڭ زىناخورلارغا بەرگەن دۇنيادىكى مەلۇم جازاسى ھېسابلىنىدۇ. بىنورمال جىنسى مۇناسىۋەت ئاشكارا تارالغان مىللەت ۋە جەمئىيەتتە يۈزبېرىۋاتقان سېپىلىپ كېسىلى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىغان ۋە تەھدىت سېلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. 2006-يىلى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 45 مىليونغا يەتكەن. 20 مىليون كىشى مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. 300 مىليوندىن كۆپرەك كىشىدە بۇ كىسەلگە مۇناسىۋەتلىك ۋىرۇس ۋە باكترىيا بايقالغان.

ئافرىقىدا ۋاپات بولغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك ۋاپات بولىدۇ. ئەمما دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغۇچىلار كۆپلۈك جەھەتتە 4- ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.

ئازراق ئەقلى جايىدا ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە مۇشۇنداق ئىپلاس كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرامدۇ؟.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر مىللەت ئىچىدە زىنا-پاھىشە ئاشكارا قىلىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى كۆرۈپ باقمىغان ھەر تۈرلۈك ۋابا كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ» بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە 4019-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. ئەلبانى سەھىھ دېگەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن ۋابا كېسەللىرى ھازىر كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە كۆرۈنىۋاتىدۇ.

5- ئاياللارنىڭ ئىززىتىنى ساقلاش؛ ئەگەر زىنا يولغا قويۇلسا ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئاياغ-ئاستى قىلىنىدۇ، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىدۇ ۋە خارلىنىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى بولۇپمۇ ئاياللارنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىدىغان دىندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىسلامدىن بۇرۇن ئاياللار ئەڭ خارلىنىپ ئېتىبارسىز قارىلاتتى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ قوغدىلىنىدىغانلىقى رەسمى قانۇنلاشتۇرۇلدى.

6- جىنايەتنىڭ تارىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش؛ زىنا ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بولۇپ، كۆپ ۋاقىتتا ئەر ئايالى بىلەن ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى زىناخور ئۆز مەشۇقىنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بۇ ئايالنى كۈنلەپ ئۇ ئايالنىڭ يەنە بىر ئاشنىسىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال باشقىلار تەرىپىدىن زىناغا مەجبۇرلانغان بولسا ئۆزىگە باسقۇنچىلىق قىلغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى ئايال غۇرۇرلۇق ئەر بىر تۇغقانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىنا سەۋەبىدىن يۈزبېرىدىغان بۇزۇقچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىكتۇر. زىنادىن توسۇش ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئىمانى ۋە ئىنسانى بۇرچى بولۇپ، نەسەب ئارىلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، جىنسى كېسەللىكتىن ساقلىنىش، ئەخلاقسىزلىقلاردىن يىراق بولۇش قاتارلىق ئىشلاردا بۇ ھۆكۈم مۇھىم رول ئوينايدۇ".

زىناغا سۈكۈت قىلىش دۇنيا ئىسلاھات پرىنسىپىغىمۇ زىت كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچكۆرۈش ۋە ئاداۋەتلىشىش پەيدا بولىدۇ، ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ ئايالىنى، ئانىسىنى، ئاچا-سىڭىللىرىنى ۋە قىزلىرىنى يولدىن چىقىرىشقا ئۇرىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ۋەيران بولۇپ بۇزۇقچىلىق ئۇۋىسىغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن زىنانى ئاللاھ قۇرئاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈننەتتە ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە جۈپلەپ سۆزلىگەن.

ئىمام ئەھمەد: "ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىدىن كىيىن زىنادىنمۇ چوڭ جىنايەت بارلىقىنى بىلمەيمەن" دېگەن. ئاللاھ تائالا زىنانىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئاللاھغا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ گۇناھلارنى قىلىدىكەن ئاخىرەتتە ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بۇ دۇنيادىكى چېغىدا تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» سۈرە پۇرقان 68-69-70- ئايەتلەر.

زىنانى شېرىككە ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يانداپ زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى ئوخشاش بېكىتتى. دوزاختا مەڭگۈ قىلىپ ھەر تۈرلۈك دەرتلىك ئازابنى تىتىشتۇر، بۇنداق ئازابتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىش، تەۋبە قىلىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، بۇ ھەقىقەتەن يامان ئىشتۇر، ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىقتۇر، بۇ نېمىدېگەن يامان ئادەت».

ئاللاھ زىنانىڭ ئۆزىنىڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان قىلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بۇ قەبىھلىكتە چېكىگە يەتكەن ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، بۇنىڭ ياقتۇرۇلمايدىغان قىلىق ئىكەنلىكى ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.( ئەلجەۋابۇل كاپى 105-بەت)
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

بۇ ماقالە ئىسلام ئۆيى تور بېكىتىدىن ئېلىندى.


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدىكى بىر ئىش ئېسىمگە كەلدى.
مەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە تۇرۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بىر دوستۇم، بىر نەچچە يېقىنلىرى بىلەن قوشۇپ مېنى مەلۇم بىر رېستۇرانغا تاماققا تەكلىپ قىلدى، بىز بەشەيلەن بىر كىچىكرەك جوزىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇ، سىرتتىن ئۈستى- بېشى ئالتۇنغا ئورالغاندەكلا بىر نەچچە ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ۋە بىر نەچچە ياش يىگىت كىرىپ كەلدى، بۇلار يېنىمىزدىكى جوزىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن مۇلازىمەتچى قىزنى چاقىرتىپ بىر نەرسىلەرنى بۇيرۇتتى، بىر چاغدا جوزىغا چەتئەلنىڭ ئالى ھاراقلىرى ۋە تاماكىلىرى، يەنە تېخى چىلىممۇ كەلتۈرۈلدى.
مەن بۇ ئاياللارغا قارىسام ماۋۇ بالىلارنىڭ ئانىسىدەك قىلىدۇ، لېكىن بۇلار ئەجەپ تەپ تارتمايلا ئىچىپ، چېكىپ كەتتى دەپ ھەيرانلىق بىلەن يېنىمدىكى ئايالدىن سورىدىم.
ئۇ ئايال ماڭا ئاغزىنى ئۈمەللەپ جاۋاپ بەرگۈچە بىر ئايالنىڭ مېڭىشقا تەمشەلگەن بىر ياش يىگختكە دېگەن ماۋۇ گېپى مېنى ھەيران قالدۇرى:
-جېنىم، دائىملا مۇشۇنداق قاچىسەن، مەن ساڭا دېگەنغۇ بۈگۈنكى ئولتۇرۇش بەك مۇھىم مەكتەپتىن رۇخسەتنى جىقراق ئېلىپ چىق دەپ.
ئاھ خۇدا قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم، شۇندىلا ھېلىقى قايسى بىر شەھەر ھاكىمنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۋالغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ سەۋەبى كۆز ئالدىمغا كەلدى ۋە بۇ ئولتۇرغان ئاياللاردىن نەپىرەتلەندىم، مەن بىر دەم ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا زادىلا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى كېتىپ قالدىم، ئەمما نەچچە كۈنلەرگىچە كۆز ئالدىمدىن بۇ كۆرىنىش زادىلا كەتمىدى.
بۇ ئاياللارنىڭ بالىلىرى يوقمىدۇ؟ ئەرلىرى يوقمىدۇ؟ ............. نۇرغۇنلىغان سوئاللار كاللامنى چىرمىۋالدى، ئەمما جاۋاپ تېپىشقا ئاجىزلىق قىلدىم.
كۆپ تەشەككۈر peacelife212 ، قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەت ياغسۇن!!!

Rank: 4

توردا
50 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 
نادىر
يازما
180 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
«ئوغۇللار ھەممىنى قىلىپ بېقىشى كېرەك» مۇ؟
- ئۆزىگە ئىشىندىغان غەلبە قازانغۇچىلار ئامال - چارە ئىزلەيدۇ ، قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، مەغلۇپ بۇلغۇچىلار  بانا - سەۋەپ ئىزلەيدۇ .
بۇ تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم ، ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن peacelife212  .

يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام

Rank: 8Rank: 8

توردا
108 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
667 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن قايىل قىلىش كۈچى چوڭقۇر ماقالە ئىكەن. مەيلى ئىلىم جەھەتتىن بولسۇن ياكى شەرىئەت جەھەتتىن بولسۇن، زىنانىڭ چېكىدىن ئاشقان بىر جىنايەتلىكى قەيت قىلىنىپ كەلدى.
خاتىرەم شۇلارنى خاتىرىلىگۈم كەلدى. ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئوقۇپ بېرىش مەندىكى مەجبۇرىيەتتۇر!
. . .يىگىتلىرىمىزدە ئەرلىك مەسئۇلىيەت، قىزلىرىمىزدە ئىپپەت زۆرۈرىيەت تۇيغۇسى سۇسلىشىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ! گۇناھلارغا پاتقان كىشلەرگە  ئاللاھ  رەھمەت قىلمايدۇ. ئىي، ئىنسان، سەن بۇ دۇنيالىقىڭدا تاپقىنىڭنىلا كۆرۈپ ئۇ دۇنيالىقىڭدا تاتقۇلۇقۇڭنى بىلمەمسەن؟!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
زىنانىڭ بەك ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى قۇرئاندا ۋە ھەدىسلەردە قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.
ئاستىدىكى سوئال جاۋابلاردا دېيىلگەندەك ئىسلام دىنى ئىنسانغا مەيلى سىرتقى تۇرمۇش بولسۇن ياكى جىنسىي تۇرمۇش بولسۇن ھەممە تەرەپتىن پايدىلىق ئىشلارنى بۇيرۇيدىغان دىندۇر.
تېمىنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك: تېما ئىگىسى ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھازىرقى جەمئىيەتتە ئوغۇل بالىلار ئۆزىنى بەك چوڭ چاغلايدۇ. چۈنكى بۇلارنى ئانىسى ئوغۇل دەپ تۇققاندە ئوغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىنى قىلالايدۇ ۋە قىلىپ سىناپ بېقىشى كېرەك.
يەنە بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكىنى قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى ئاتالمىش مۇھەببەت ۋەقەلىرى بولىۋاتىدۇ.
نۇرغۇنلىغان قىزلىرىمىز شۇ مۇھەببەتلىرى تەرىپىدىن ئاياق-ئاستى قىلىنىپ دەپسەندە بولۇپ ئۆمۈرلۈك خارلىققا قالماقتا.
ئەشۇ ئەقىلسىز قىزلارغا: سىلەرنى بىرەرسى مەن بىلەن مۇھەببەتلەشمىسەڭ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دەپ قورقۇتۇپ مۇھەببەتلەشتۈردىمۇ؟ ھېچكىم مەجبۇرلارپ ئۆزىنى ياخشى كۆرگۈزەلمەيدۇ. قىز بولغۇچى ئۆزى رازى بولۇپ شۇ ئەخمىقانە يولدا ماڭغاندىن كېيىن، كېيىنكى تارتقۇلۇقلىرى ئۆزىگە ئاز. ھەممەيلەن ئاڭلاپ تۇرىمىز پالانى قىز ئوغۇل دوستى بىلەن كېچىدە مېڭىپتىكەن ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلىپتۇ دەپ . شۇ كېچىدە نامەھرەم بىر ئوغۇل بىلەن بىللە ماڭغاندىكىن ئۇنىڭىدىن ئارتۇق نېمە بولماقچى؟
قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۆزىنى باشقۇرالمىسا ئىنسانىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمىسا بۇلارغا مىڭ سۆزلىگەن بىلەنمۇ بىكار.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 1

توردا
7 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 
نادىر
يازما
13 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەيىش ئىشرەتكە بىرىلگەن مىللەت زاۋاللىققا يۈزلەنگەن مىللەتتۇر

بۇ  دۇنيا  بىرگە  بىر  دۇنيا

Rank: 1

توردا
34 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
67 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جىبىرئىل ئەلىيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزگە مۇنداق دېگەن ئىكەن: سەن خالىغىنىڭنى ياخشى كۆر ،ھامان ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن؛ خالىغىنىڭچە ياشا، ھامان ئۆلىسەن؛ خالىغىنىڭنى قىل شۇنىڭغا بېقىپ جازا -مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن.
شۇ سۆزگە ئاساسلانساق ئۇلۇغ تەڭرىمىز بىزگە مۇقەددەس كىتابىنى نازىل قىلىپ يەنە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگەندىمۇ يەنە شۇ ناچار قىلىقلارنى قىلساق ئەلۋەتتە ئاخىرەتتە قىلمىشىمىزغا لايىق نەتىجە كۆرىمىز. ئوغۇل بالىلا ئەمەس ھەرقانداق كىشى شۇ ئىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 08:31 , Processed in 0.029727 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.