يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1682|نەقىل: 8

بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
4 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
3
يازما
6
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 01:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟




«ئانا» - ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. «ئانا» - ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى.
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا - ئالەم، ئانا - بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار «ئانا»نى مەركەز قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «ئانا»نى سۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئانا - ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا - ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىئولوگىيىلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىز بەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر»دىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا» ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ: ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىرىنى، پەرزەنت ئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى، ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمىنى ناخشا-قوشاقلارغا ئايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى، vcd قىلىپ ئىشلەپ، بازارلارغا سېلىشتى. لېكىن، ئانىلىقنىڭ تېگى-ەكتى ۋە پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى. بۈگۈنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بولۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلادلارنىڭ قەلب ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر-ەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا-انىلارنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزۇتۇۋېتىپ، ئىپتىخار قىلىشاتتى، ئۇلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغىنىدا كۆزلىرىنى «مىت» قىلمايتتى، بەلكى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى كۆپىنچە ئانىلار بولسا بالىلىرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارىغۇلارچە مېھىر-ەپقەت - بولۇمسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ-ىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقياستا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ئانا» ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راسا پىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىرقەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ:
«ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستاپا رازى».
دىققەت قىلىش كېرەككى، ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىن خۇدا رازى. مەشرەپنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما، بۇ پرىنسىپ شېئىرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغاچقا، قويۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە. پرىنسىپلارنى ھېسسىياتلاشتۇرۇش شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېئىرىي قايناق. كۆيۈم - ئانىلاردىكى ئىنسانىي سۈپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار »ئانا»لىقنىڭ ئۆلچىمىنى «كۆيۈم» بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
»ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭ تاكاممۇل ئىپادىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق، پەرزەنتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلىگەندىلا، پېداگوگىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقادنى چۈشەندۈرەلىگەندە ۋە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۆيۈنگەندە، ئېتىقادنى پرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتىقادنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئەتنى مۇقەدەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ. ھېكايەت: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ، ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا، ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۈرگىنى مەلۇم بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئوغلىنى قەتلى قىپتۇ. كېيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا سودا قىلغانىكەن، بۇنىڭدىن ئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بۇرچىنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ »ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بولۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتلى قىلغان بىر ئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئانا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.
تۇمارس - ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي ئانىلارنىڭ بىرى. كەيخسىراۋ ماساگىتلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندە، تۇمارس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ، ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپ كەيخسىراۋنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۈگۈنكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز. ئانىلاردا باتۇرلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، زامانغا لايىق پاراسەت، ئەخلاقىي چىركىنلىككە قارشى تەقۋالىق بولۇشى كېرەك بولماقتا.
ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالىسەن» دېگەن گەپ بار. ۋاپاسىز بالىلار - ئانىلىقنى نوقۇل كۆيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا.
ئاددىي ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا. ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بولىدۇ. ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ، لېكىن، بارلىق سۈت ئەمگۈكچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان-شەرىپى. شۇنداق بولغاچقىلا، ئانىلىق - سۈت بېرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى، پەرزەنتلەرنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش.
بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.
ئانا، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ قەرزدار.


ئابدۇ قادىر جالالىدىننىڭ << جۇڭگو مىللەتلېرى>>ژورنىلىنىڭ 2004-يىلى2- سانىغا بىسىلغان ماقالىسىدىن ئىلىندى


دۇنيادىكى چىرايلىق قىزلارنى سۆيۈمەن!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 11:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن ئۇكام، مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلىرىڭىنى ئايىماي يوللاپ تۇرغىن!
مەن بۇ ئەسەرنى قانچە قېتىم ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئەمما ھەر قېتىم ئوقۇسام يېڭى بىر تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ :handshake

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ بىر ئېغىز سوئالنى دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن.
<<نېمىشقا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن مەھمۇد قەشقىرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز تۇغۇلمايدۇ ھەم يېتىشىپ چىقالمايدۇ؟>>.
بۇ سوئالغا كۆپنىچىلەر مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.
چۈنكى مەھمۇد قەشقەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى تەربىيلەپ چىققان ئانىلاردەك پەم-پاراسەتلىك ئانىلىرىمىز بولمىغاچ شۇڭا ئۇلاردەك ئالىملار مەيدانغا كەلمىدى.
ئابدۇقادىر ئاكىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئانا ئۇقۇمىنى پەقەتلا بىر بالىنى تۇغۇپ چوڭ قىلسىلا شۇ ھىساپ دەيدىغان ئۇيغۇرلار كۈرمىڭ.
ئانا دىمەك، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى دىمەكتۇر. بالىنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئىكەنسەن. ئۇنى باتۇر، شىجائەتلىك ۋەتىنى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيلەش سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ.
بالىسىغا كۆيمەيدىغان ئانا يوق. كۆيۈنۈشمۇ ئۆز يولىدابولىشى لازىم. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە بالاڭنى جەڭ مەيدانىغا كۆز يېشى قىلماي يولغا سالالىساڭ، شۇ چاغدىلا ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلار قاتاردىن ئورۇن ئالالايسەن.

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 14:49:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىمىلىرىڭىنى ئايىماي يوللاپ تۇرغىن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى 16:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 11:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قايتا -قايتا  ئوقۇدۇم.نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدىم،ھەم  دۇسلارغا  يۇللاپ  ئولارنىمۇ  خەۋەردار  قىلدىم.ئەيىپكە  بۇيرىماڭ

Rank: 1

توردا
31 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى
نادىر
0
يازما
176
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 15:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ماقالىنى تالاي ئاڭلىدىم،ھەم ئاڭلاۋاتىمەن...ئويلىنىۋاتىمەن...

ئەي قىز،سۆزى،كۈلكىسى،يىغىسى ئەرزان قىز بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

Rank: 1

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
0
يازما
115
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 17:18:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ....

بىزگە قانداق «نۇرغۇنلار» كېرەكتۇ يەنە ؟

ماڭا قانداق پوشكال كېرەك ؟
ئاقارتىش پاراشوگى ئىشلىتىلمىگەن ئۇندا يۇغۇرۇلغان خېمىر بىلەن يۇندا ياغدا پىشۇرمىغان پوشكال كېرەك ، ئەممازە ...

Rank: 1

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
41
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا دىمەك، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى دىمەكتۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:02 , Processed in 0.053313 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش