دوختۇرلارنىڭ :<نىمىشقا بۇرۇنراق كەلمىدىڭلار ؟> دىگەن سۆزىدە قانچىلىك ئېچىنىش بارلىقىنى بىلسەڭلار بۇنداق دىمەس بولغىيتىڭلار دەپ ئويلايمەن .
مەنمۇ نۇرغۇن بىمارلارنى كۆرگەن ، كۆزىگە ئاق چۈشكەنغۇ ئىشقىلىپ تىرىشسا ساقىيىپ بىر ئامال قىلغىلى بولىدۇ ، ئەمما مەن بىر كىچىك بالىنى كۆرگەندە ئىشخانىدىكى ھەممىىز يىغلاپ كەتكەن ، خوتەننىڭ چەت ناھىيسىدىن كەلگەن 5-6 ياشلىق بۇ بالا 3 ئاي بۇرۇن كۆزىدە ئۆسمە بولۇپ قېلىپ كەپتىكەن ، دوختۇرخانا باشلىقىمىز بۈگۈنلا ئوپراتسىيە قىلىمىز ، دەرھال رەسمىيەت بىجىرىڭلار دىسە ئانىسى ئىقتىساد يار بەرمەيدۇ دىدى ، دوختۇر : ئاۋال ئوپراتسىيە قىلايلى ، تۇرۇشلۇق جايدىن تونۇشتۇرۇش كېسىپ كەلسەڭلار ئامال قىلىپ ھەقسىز قىلىمىز دىسە ئانىسى ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كېلەي دەپ تۇرىۋالدى ، ۋاي بولدى تونۇشتۇرۇش بولمىسمۇ ھەقسىز داۋالايلى ، بولمىسا بۇ بالا ئۆسمىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىمايدۇ ، يەنە كېلىپ قارىغۇ بوپ قالىدۇ دىگىنىمىزگە قارىماي مەسلىھەتلەشكىلى كەتكەنچە 3ئايدىن كېيىن كەپتۇ ...

بالا ئورۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ كېتىپتۇ ، سول كۆزى پۈتۈنلەپ تېشىغا تۇخۇمدەك ئۆرلەپ ئىششىپ چىقىپتۇ ، ئۇ كۆزىگە قاملاشتۇرۇپ تازىمۇ مەينەت داكىدىن بىرنى يېپىپ قويۇپتۇ (سورىساق چىۋىن قونۇپ كەتتى يارىغا ،شۇڭا يېپىپ قويغان دىدى ..ھەييييي)ھىلھەممۇ ئويلىسام يىغلىغۇم كېلىدۇ ، بالىنىڭ ساق كۆزى پىلدىرلاپلا قاپتۇ ..ھەممىىز شۇنچىلىك ئېچىنىپ كەتتۇق ، بالىنىڭ كۆز بېسىمى 70دىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ ، ئۆسمە ئاللىقاچان يوغىناپ مېڭە تەرەپكە قاراپ مېڭىۋېتىپتۇ ....شۇ چاغدا دوختۇر شۇنچىلىك چېچىلىپ بالىنىڭ ئانىسىنى سىلكىپ كەتكىنى ئېسىمدە ، دوختۇر بىلەن بىمار ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان يات كىشىلەر ، بىمارنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدۇ ،شۇڭا ئىختىيارسىز كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كەتكىنىگە ئېچىنىپ چېچىلىدۇ ....
تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم ، كەچۈرۈڭلار ، كەسىپداشلىرىم توغرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى توغرا تاپتىم
مەن كۆرگەن ئەڭ ئەپۇچان ئانا : ياشلا تۇل قالغان بىر ئانا 8 بالىنى يالغۇز چوڭ قىلىپتۇ ، قېرىغىنىدا كۆزىگە ئاق چۈشۈپ ئىككىلا كۆزىگە ئاق چۈشۈپ دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ ، پەقەت 2000سومغا ئىككىلا كۆزىنى ئېتىبار باھادا ئوپراتسىيە قىلىدىغان بولغاندا ، ئوتتۇرا بارماقتەك 8 ئوغۇلدىن پۇل چىقمىدى ، 4ئوغلى بىللە كەپتۇيۇ ئەمما ئوپراتسىيە قىلىشقا پۇل يوق دەپ ئانىسىنى ياندۇرۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى

ئاخىرى بىز چىداپ بولالماي ھەقسىز قىلىپ قويدۇق ، يورۇقلۇقنى كۆرگەن زاماتلا موماي ئوغۇللىرىنى باغرىغا بېسىپ يېنىشلاپ سۆيۈپ يىغلاپ كەتتى ، ئانانىڭ كۆڭلى -كۆكسى دەريادەك كەڭ ئازراقمۇ ئارتۇق كەتمەيدىكەن .
مەن كۆرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ئانا : 2ئوغۇل 10ياش 8 ياش ، 5ياشلىق قىزى بار بۇ ئانا يېشى ئەمدى 30دىن ھالقىغان ئىكەن ، ئەمما ۋاقىتسىز قورۇق باسقان يۈزلىرى ،ئەمگەكتىن قېتىپ كەتكەن ئۇ قوللار ئۇ ئانىنى ئۆز يېشىدىن كەم دىگەندىمۇ 20 ياش چوڭ كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ،بالىلارنىڭ دادىسى بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپتۇ ، ئىككى بالىسى تۇغما ئاق چۈشكەن كۆزلەركەن ، بۇ ئانا بالىلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن جەنۇپنىڭ چەت بىر يېزىسىدىن 3 بالىنى ئېلىپ ، ئۇرۇپ سوقۇلۇپ يۈرۈپ ، ئاخىرىدا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ شەھەرگە كەپتۇ ، بىر قانچە يىلدىن بېرى تىلەمچىلىك قىلىپ ئاز تولا پۇل يىغىپ دوختۇرنىڭ يېنىغا كىرىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە ...
جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغىنىڭ ئاستىدا ! ئاللاھ ھەربىر مېھرىبان ئانىنىڭ تېنىنى ساغلام ئۆمرىنى زىيادە قىلسۇن