يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 838|ئىنكاس: 18

چىمەنىستان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:49:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

qimenistan.jpg





شېئىر ھەرقانداق  ئىنساننىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن  قەتئىينەزەر ۋۇجۇدىدا تەبىئىي بولىدىغان، ئۆچمەس ۋە كۆمۈلمەس سېھىرلىك  سۆيگۈ. ئۇ ھەر ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.


بىراق،  شېئىرنى ھېس قىلىش، ۋۇجۇدىدىن قېزىپ چىقىش، ئۇنى ئىپادىلەش، تەپەككۇر  ئالىمىدە رەڭ بېرىپ روياپقا چىقىرىش شائىرلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش.


ئومۇمەن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىرىي تۇيغۇ بارلىق ئىنسانىيەتتە ئوخشاشلا  مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.


مەيلى شائىر بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى ئادەملەر  بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم. ئادەم دېمەك−شائىر دېمەكتۇر.


شائىرلار پەقەت ئاشۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇق بىلەن خىيالەن  سۆزلىشىدىغان، ۋۇجۇدىنى ئوت قاپلىغان، قەلبىدە گۈزەللىك ئالىمىنىڭ  دولقۇنلۇق دېڭىزى مەۋج ئۇرۇپ تۇرىدىغان، روھىي ئالىمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان  ئالەم، ھايات ھەققىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن چۇقانلارنى ئەڭ نازۇك، ئەڭ تاتلىق،  ئەڭ شېرىن مۇزىكىلىق تىل بىلەن گۈلدەستە تىزغۇچىلاردۇر.

شېئىر شائىرلارنىڭ  گۈزەللىك ئالىمىگە تويۇنغان روھىي بۇلاقلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان زەمزەم. ئۇ  قاغجىرىغان قەلب چۆللۈكىدە گۈل-چىمەنلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شائىرلاردىن  مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىققىنىدەك، مىڭلىغان شېئىرنىڭ  ئارىسىدىن ياخشى شېئىردىن بىرنەچچىسى چىقىدۇ.




چىمەنىستان


چىمەنگۈل ئاۋۇت


چىلانرەڭلىك تورۇق ئاتنى مىنىپ كەلسەڭمۇ نە ھاسىل ؟
بولالمايمەن مانا ئەمدى سېنىڭ ۋەسلىڭگە مەن نائىل .


كۈنۈم ئۆتكەندە يامغۇرلۇق ئۈنۈمنى باقمىدىڭ ئاڭلاپ ،
بىلەلەيسەن سېغىنچىمنى ھايات بولساڭلا ، ئەي ئاقىل .


مېنىڭ قەھرىمگە رەڭداشتۇر ھىدىمنى سەزمىگەن شۇ يول ،
يۇشۇرمايمەن ، نېسىپ بولماس ماڭا ھابىل  ۋە يا قابىل .


قىلىچلاپ ئۆز تېنىمنى ، ئاھ ، قوياشنى ئەيلىسەم سەۋدا ،
بىراق شۇ دەمدە زەنجىرلەپ دىمەس ھېچكىم مېنى قاتىل .


سۆيۈلگەن ، سۆيگىنىم راستتۇر ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم بىرلە ،
قالارمەن ئەسلىنىپ شەكسىز چىمەنلىكتە، خۇدا ئادىل.




خاراب ئەتكىن


سۇغۇردۇڭ تەنۇ جانىمدىن جېنىمسەن ھىجرۇ كۈلپەتنى ،
ئاياغىڭغا پايانداز بىل مېنىڭدەك مىھرى غوربەتنى .


مېنى ئوت-چۆپ بىلىپ چەيلە بىرەي نالەمنى شەبنەمگە ،
ئېتىڭنىڭ كىشنىشى بىرلە بىلەيكى مىسلى بەركەتنى .


كىلىپ ئۇرغىن قىرىق قامچا قىرىق بىرتال چېچىم كۆيسۇن ،
ئۇزاق يىل كۈتكىنىم راستۇر مىسالى بىر پىراق دەرتنى .


ئاناڭ بەرگەن قىلىچ ئۆزرە بىسىدا بىرلا تال قىلمەن ،
چاناپ ئۆتكىن قولۇڭدا ئاھ خاراب ئەتكىن قاباھەتنى .


بوسۇغام ئالدىدا توختاپ ئەزىزىم دەسسىمە يەرگە ،
تۇتاي باغرىمنى سەن چۈشكىن بىلەي مەنمۇ پاراغەتنى



روھچىن قەلب دۇنياسى



[ rohqin بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 21:30  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 23:57:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئېسىل شېئىرلىرىدىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىزگە تەشەككۈر روھچىن!
بىر مۇزىكا قىستۇرۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ مۇشۇ شئىرىنى ئۇقۇپ قانمايمەن جۇمۇ ! يادا بۇپكەتتى ھازىر .

[ rohqin بۇ يازمىنى  2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 00:04  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىدىگەن چوڭقۇر مەنادىكى ،ئانا تىل دۇردانىلىرىدىن تىزىلىپ ،تۈزىلگەن شېئر بۇ، ھە............

Rank: 3Rank: 3

توردا
73 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
217
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر.........

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
330
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ....شېئىر، مۇزىكا ئادەمنى بۇ تېمىدىن چىقماسلا قىلىپ قويغىدەك جۇمۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:20:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىۋايەت قىلىنىشىچە شېئىردا تىلغا ئېلىنغان ھابىل ۋە قابىل ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئىككىسىدىن بىرى ئىنسانلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى قاتىل ئىكەن. (ئاكا-ئىنى ئىككىسى ئازارلىشىپ، بىرسى يەنە بىرسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن... ۋە قاغا سۈرىتىدىكى شەيتاننىڭ ئۆگىتىشى بىلەن، جەسەتنى كۆمۈۋەتكەن)... بىر چاغلاردا "دۇنيا ئەدەبىياتى" دا شۇنداق بىر ئىزاھاتنى كۆرگىنىم ئېسىمدە...
...............
ھابىل ۋە ياكى قابىل بولماقتىكى مەقسەت "يا ئۆلتۈرۈپ قاتىل بوولۇپ كەتسەم، يا ئۆلۈپلا قۇتۇلسام..."  دەپ چۈشەندىم... شۇنداقمۇ يا؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 12:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى چوڭقۇر شېئىر، قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە تەسىر قىلىدۇ.
شۇنداق شېئىرنى يازالىغان شائىر ھەقىقىي شائىردۇر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:10:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھچىننىڭ ئەجرىگە ئەزىزلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت.
سامسا پەز،شېئىرنى قانداق چۈشىنىشنى ئوقۇرمەنگە بەلگىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.شۇڭا توغرا خاتاسىنى ئايرىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس...ئاكا-ئۇكا ئوتتۇرسىدىكى ئازارچىلىقنىڭ سەۋەبىمۇ دېيىلگەن بولغىيتى ئۇ ماتىريالدا؟ ئەستايىدىللىقىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھۇ بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:10 دە يوللىغان
روھچىننىڭ ئەجرىگە ئەزىزلەرنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە رەھمەت.
سامسا پەز،شېئىرنى قانداق چۈشىنىشنى ئوقۇرمەنگە بەلگ ...

بولار ھەدە ، ھابىلنىڭ ئازابىنى ، قابىلنىڭ ۋىجدان سورىقنى بولدى ھىچكىملا تارتماي قويسۇن ...

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 02:52 , Processed in 0.054214 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش