يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 772 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار--يەتتە قىز قەلئەسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:31 دە يوللىغان
................................
  ئايقىز تېز قەدەملەر بىلەن ئېرىق بويىغا كەلدى ۋە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بىر خىلدا ئوتلاۋاتقان ئ ...

سامسىپەز دىمىگەن بىلەن تونۇر بېشىدا تۇرۇپ خىيالنىمۇ جىق قىلىمزكەن ھە ...نىمە دىگەن تەسەۋۋۇرغا باي سىز ....
كۆز ئالدىمغا ئەرۋاھنىڭ غودۇرۇراپ ماڭغىنى كۆرۈنۈپ كەتتى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 11:18:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.................
ــ ئايدار ھازىر نە... نەدە؟
ــ ئۇ ئۋۇ دەرەخنىڭ كەينىدە... - سامسىپەز شۇنداق دېگەچ باياتىن بېرى تولا قاراپ كەتكەن قېرى سۆگەتنى كۆرسەتتى.
ــ مەن كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟ - ئايقىز سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ سورىدى...
ــ بولىدۇ، سىز  ئۇنىڭ بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقسىڭىز... مەن تازا چىقىشىپ بولالمىدىم ئۇنىڭ بىلەن...
  ئايقىز ئېھتىيات بىلەن ئاستا بېرىپ، دەرەخ ئارقىسىغا بويۇنداپ قارىدى... دەرەخ ئارقىسىدا سامسىپەزنىڭ تونۇش خۇرجۇنىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى...
ــ قېنى ئايدار؟ قېچىپ كەتمىگەندۇ؟! - ئايقىز قورقۇمسىراپ سورىدى...
ــ ياقەي، ئۇ خۇرجۇندا... توختاڭ مەن كۆرسىتەي.. - سامسىپەز شۇنداق دېگىنىچە خۇرجۇنىدىن بىر كىچىك قۇتىنى چىقاردى... ئايقىز بولسا ھەيرانلىقتىن بىر قۇتىغا بىر سامسىپەزگە قارايتتى...
  سامسىپەز قۇتىنى بىر تاشنى ئۈستىگە ئاۋايلاپ قويۇپ، ئېھتىيات بىلەن ئاچتى... قۇتا ئىچىدە خاسىڭ مېغىزىدەك چوڭلۇقتا بىر نەرسە مىدىراپ تۇراتتى... ئايقىز سەپسېلىپ قارىدى ۋە ئىختىيارسىز توۋلىۋەتتى:
ــ ۋاي بۇ ئايدار ئىكەنغۇ؟؟ قانداق بولۇپ بۇ قۇتىغا قاچىلىۋالدىڭىز؟ توۋۋا~! مەن نېمە كۆردۈم~~~
ــ بايا سىزگە ەپ بەرگەن ھېلىقى كۈمۈش ھالقا ... مۇشۇنداق كىچىك قىلىپ قويدى... ئۇنى  يانچۇقۇمغا سېلىۋالاي دېسەم... مىتىلداپ جىم تۇرمايدىكەن... ھەم مىجىلىپ كەتمىسۇن دەپمۇ ئەنسىرىدىم... شۇڭا قۇتىغا سېلىۋالغان...- سامسىپەز گەدىنىنى قاشلاپ، ھىجاراپ ترۇۇپ جاۋاپ بەردى...
  ئايقىز قۇتىنى قولىغا ئېلىپ ئايدارغا قارىدى:
ــ ئايدارىم، سىزگە نېمە بولدى؟ سامسىپەزنىڭ گەپلىرى راستمۇ؟ سىز راستلا..... - ئايقىز گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋېتىپ، ئايدارغا سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى...
ــ ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە 'ياق، ئۇنداق ئەمەستى~!' دېسەممۇ ئىشەنمەيسىلەر بولدى قىلىڭلار...- ئايدارنىڭ ئاۋازى بەكلا  بوش بولۇپ، ئاران ئاڭلىناتتى.
ــ ئۇنداق دېمەڭ ئايدار، ماڭا راست گەپنى دەڭ... مەن سىزگە ئىشىنىمەن...
ــ لېكىن سامسىپەز ئىشەنمىسە؟.... - ئايدار شۇنداق دېگەچ سامسىپەزگە ئالىيىپ قويدى.. سامسىپەز مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ، ئايقىزغا قاراپ قويدى... كۆزىدىن ئۆزىڭىز بىرنىمە دەڭ... مەن تازا بىلىپ كېتەلمىدىم... دېگەندەك ئىپادە چىقىپ تۇراتتى... ئايقىز كۆزى ئارقىلىق سامسىپەزنىڭ نېرى كېتىپ تۇرۇشىنى ئىشارەت قىلدى... سامسىپەز ئامالسىز ئېرىق بويىغا كەتتى...
ــ ئەمدى دەڭا... بۇ زادى نېمە ئىش؟
ــ نەدىن باشلىسام بولار جانىم..... - ئايدار كۈمۈش ھالقىدا باغلاقلىق قوللىرىنى مىدىرىتىپ قويۇپ، كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە گېپىنى باشلىدى...
................
........


داۋامىنى ئۇلايدىغانلار يوقما؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 16:55:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار ھەدەم ئايقىز ھەدەمگە بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويغىدەك ئايدار ھەدەمنىڭ  چۈشەندۈرۈشلىرىگە قۇلاق سالايلى.
داۋامىنى ئايدار ھەدەم يازىدۇ. ئايدار ھەدەم ئىشنىڭ بېشىنى باشلاپ قويۇپ ئاخىرىنى چىقارماي تاشلاپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس. ئاخىرىنى يازىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئۇ ئايدار ھەدىڭىز؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 08:53 دە يوللىغان
قېنى ئۇ ئايدار ھەدىڭىز؟

ئايدار خانىم قۇربان ھېيتقا تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ ، قىسسەنىڭ داۋامىنى ئايدار خانىمنىڭ ئىشلىرى تۈگۈگىچە  يەنىلا ئۆزىڭىز ئۇلايدىغان ئوخشايسىز .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
843

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:32:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سامسىپەز يازالايدىغان يېرىگىچە يازسۇن، ئاندىن مەن ۋاقىت چىقىرىپ يازاي. سامسىپەز گەرچە مېنى جادۇگەر دەپ تىللىغان بولسىمۇ، ياخشى يېزىۋاتىدۇ.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاختىم چىقسىلا بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ئانچە مۇنچە تىما كۆرۇپ چىقىپ كىتەتتىم.ئايدار يامانكەنسىز قۇمۇ ئىنكاس يازمىساڭلار تىمىنىڭ فخرىنى كۆرەلمەيسىلەر دەپ،راسلا كۈرەلمىدىم ئاخىرىنى،،،،،،،مۇشۇ تېمىنىڭ ئاخرىنى كورۇمەن دەپلا ئەزا بولدۇم دىسە،،،،،تىخمۇ تىرىشىڭ مەن سىزنىڭ يۇشۇرۇن كىرىپ تىمىلىرىڭىزنى ياختۇرۇپ ئوقۇپ تۇرۇيدىغان ئوقۇرمەنلىرىڭىزدىن بىرى .....سىزگە ئۈتۇق تىلەيمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:31:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:32 دە يوللىغان
سامسىپەز يازالايدىغان يېرىگىچە يازسۇن، ئاندىن مەن ۋاقىت چىقىرىپ يازاي. سامسىپەز گەرچە مېنى جادۇگەر دەپ تىلل ...

ئەكىلىڭە ھەدە قولىڭىزنى   ھەدەمنىڭ بۇ چۆچەكنىڭ ئاخىرىنى يازىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
چۆچەكنىڭ ئاخىرىنى قاچانراق ئوقۇيالارمىز؟ بۇ چۆچەكنى ئوقۇشقا مەن ئەڭ ئامراقمىكىن مېنىڭ ئامراقلىقىمدا باشقىلارنىڭ ئامراقلىقى خېلى بىر يەرلەردە قالىدۇ.
سامسىپەز سىزمۇ داۋامىنى يېزىڭ. ئاخىرىسىنى ئوقۇشقا ئىنتىزارمىز.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 15:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 11/11/2010 05:25 PM دە يوللىغان
...سامسىپەز گەرچە مېنى جادۇگەر دەپ تىللىغان بولسىمۇ ...


ئايدارخان ~~ بۇ يازمىدا ھەركىم ھەرخىل رولنى قاخشىماي ئالغاندىكىن، سىزمۇ جادىگەر بولۇپ باقسىڭىز ھېچنىمە بولماس؟  بۇنى تىللىدى دەپ تۇرۇۋالسىڭىز،  قۇتۇلدۇرۇپ قوياي ئەمىسە.... ئاخىرى سىزگە قالدى....


ئايدار خېلىغىچە قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ،  مۇڭلۇق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى:

ئېيتاي بۈگۈن دەردىمنى.
قۇلاق سالغىن ناخشىغا،
نە قىسمەتلەر كەلمەيدۇ؟
بۇ جاھاندا ياخشىغا؟

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

ئونبەش ياشلىق قىزتىمغۇ؟
گۈل قىسقاندا باشىمغا.
يۇيۇلغايمۇ بۇ قارا؟
كۆزدىن ئاققان ياشىمغا.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

چۆچۈپ ۋار-ۋۇر يىغلايتىم،
پاقا چىقسا كۆلچەكتىن.
ئاڭلىمايتىم، قاچاتتىم،
"جادى" چىققان چۆچەكتىن.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،..
....................
  ئەزەلدىنلا باغرى يۇمشاق بولغان ئايقىز بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى...  سامسىپەزمۇ دەرەخ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قولىغا چىقىپ قالغان لاخشىگىرنى دۇتتار قىلىپ چېلىپ، لىڭشىشقا باشلىدى...
......
پۇجۇڭ خېنىم، ئاي دېسە،
كەتكەنتىمغۇ خوش بولۇپ؟
شېرىن-شېكەر گەپلەرگە،
ئېرىگەنتىم گول بولۇپ،

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

ئاشىقىڭمەن، كۆيگەن دەپ،
مېنى ئالداپ ئالغانتى.
ئەپقاچقاندا سەت دىۋە،
ئانام يىغلاپ قالغانتى.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

  ناخشا بۇ يەرگە كەلگەندە ئايقىزمۇ،  سامسىپەزمۇ پەقەتلا ئۆزىنى تۇتالمىدى... سامسىپەز بىر تىزىنى پۈكۈپ تىزلىنىپ تۇرۇپ، لاخشىگىرنى پۈتۈن ئىشقى بىلەن چېلىپ كەتتى... ئايقىز بولسا چاچلىرىنى چۇۋۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، سامسىپەزنى ئايلىنىپ توختىماي پېقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى.... ناخشا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى... ئايقىزمۇ ناخشىغا ئاككورت چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدى.... ھەتتا قېرى سۆگەتكە باغلاقلىق ئاق ئېشەكمۇ قۇلاقلىرىنى لىڭشىتىپ، تۇياقلىرىدىن رېتىملىك ئاۋازلارنى چىقىرىپ جۆر بولدى....
......................
تاز بولسىمۇ ئېرىم دەپ،
ئۆتمەي ئامال بولمىدى.
ئاتالساممۇ جادى دەپ
كۆنمەي ئامال بولمىدى.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

سېھىر قىلدى ئۇل دىۋە،
ياشالمايمەن، قانسىزمەن.
قان ئىچمىسەم ھەركۈنى.
تۇرالمايمەن، جانسىزمەن.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،...

ئۇچۇپ كەتتى ئاھلىرىم،
قۇرۇپ كەتكەن ياشلىرىم.
يول تاپالماي قېچىشقا،
قېتىپ كەتكەن باشلىرىم.

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،

بۇلبۇلگويا، ئەتتىرگۈل،
مېنىڭ دورام ئەمەسمۇ؟
قۇتۇلۇشقا سېھىردىن،
تاپقان چارەم ئەمەسمۇ

ئايدار ئىدىم، ئاي ئىدىم، ئەمدى جادى بوپ قالدىم،
...................................
................
  ئېرىق بويىدىكى بۇ ناۋا ئاخىرى قەلئەدىكىلەرنى ئويغاتتى..... قىزلار پەتنۇس-داس، قوشۇق-چوكا، ساپلىق -چۆمۈچلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، چاتما دۇمباقلارنى ياساپ چېلىشتى.... باغرىم كونا لىگەندىن بىرىگە DJ دەپ يېزىۋېلىپ. دۈم قىلىپ يەرگە سۈركەپ غاچچۇر-غۇچچۇر ئاۋازلارنى چىقىرىپ DJ  ئويناپ كەتتى.... مەرىم شەپكىدىن بىرنى تەتۈر كىيىپ، قىسمەتكامنىڭ ئارقىسىغا "قىس"، ئالدىغا "مەت" دە يېزىۋالغان يوغان مايكىسىنى كىيىپ، RAP ئېيتىشقا باشلىدى:
   "ئاڭلا، ئاڭلا ئەي قىزچاق، گەپ ئاڭلىماس ياغاچ قۇلاق، تەگمە دېسەم تەگدىڭمۇ؟ كەتمە دېسەم كەتتىڭمۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ قۇتۇلمىساڭ ئۆلىسەن، دىۋە دىگەن يامانمۇ؟ دوست يارەنلەر يامانمۇ؟  قوناق يەمسەن سامانمۇ؟ ..... مـــــــــــــــەرى..... مــــــــــــــــــــــەرى~~~! "
...................
  بۇ چاغدا دۈپۈرلىشىپ ئات چاپتۇرۇپ، يىگىتلەرمۇ يېتىپ كېلىشتى... ئۇلارغا قىزلاردىن بىرى تېل قىلغان ئىدى. جاھاندار ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپلا ، يىقىلىپ كەتكىنىنى چاندۇرماي، يەردە يۇمۇلاپ HIP-HOP  ئوينىغان بولىۋالدى... سايە سايىسىنى ئايلىنىپ پېقىراپ، قۇرۇق يەردە تېيىلىپ مېڭىپ، جېكسوندەك ئويناپ كەتتى...... ئەييۇھانناس... ئەگەر مەيدانغا XJTV  نىڭ تېلېۋىزىيە تارقىتىش ماشىنىلىرى كەلگەن بولسا، بىلمىگەن ئادەملەر چوقۇم بۇنى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى.....
    ئەسەبىيلەرچە ناخشا ئۇسۇللار ئاخىرى سامسىپەزنىڭ مۇڭلۇق لاخشىگىرىنىڭ تەڭكىشىدە، ئايدارنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ياڭراق ئاۋازى بىلەن توختىدى:
ئـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەي~! ھەي دوستۇ- يارەنلــــــــەر~!
كىمگە دېسەڭلار تېگــــــــــــــــــــــــەيمـــــــــــەن،
مېنىڭ جادى بولغۇم يــــــــــــــــــــــــــــــوق~~~~~~!

..................
  مەيدان ئاخىرى جىمىقتى... ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قىز -يىگىتلەر بىر بىرىگە قاراشتى.... نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتى... ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئايقىز بىلەن سامسىپەزدىن ئىشنىڭ جەريانىنى بىلىشتى.. ۋە ھەممىسى بىردەك ئايدارنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئايدارنىڭ سېھىردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى... سامسىپەزمۇ كۈمۈش ھالقىنى يېشىپ ئايدارنى ئەسلىگە كەلتۈردى... ئايدارمۇ ھەممىسى بىلەن دېگۈدەك قۇچاقلىشىپ، مەڭىز يېقىپ كۆرۈشتى ۋە رەھمىتىنى بىلدۈردى....
  بۇ چاغدا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئىدى............ كۆپچىلىك قايتىپ كېلىپ، ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ ھېچقايسىسىغا ئارىلاشماي ئېرىقنىڭ قارشى قىرغىقىدا " كەچكىچە بۇ ئايدارنى قۇتۇلدۇرىمىز دەپلا ئۆتەمدۇ بۇ كۈن؟" دەپ غودۇراۋاتقان ئەرۋاھنى كۆرۈشتى................
............

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي قورساق ، سامسىپەزنى،،، بەك سەت كۈلۈپتىمەن، راستلا كەپىياتىمنىڭ ناچارلىقىدا ماۋۇ سامسىپەز يازغان مەزمۇن مېنى راستلا بىردەملىك بولسىمۇ خاپىلىقتىن نېرى قىلالىدى، ئاپىرىن سامسىپەز...خۇشاللىق سىزگە ھەر ۋاقىت يار بولسۇن،،، مەرۋەرىنىڭ كىيىملىرى ۋەھشى مودىكىنا... ناخشىلارنىڭ مەزمۇنىچۇ تېخى، سامسىپەزنىڭ لاخشىگىرنى چېلىپ كېتىشلىرى، ھا ھاھاھا

بولدى قىل، كۆڭلۈم!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:10 , Processed in 0.411055 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش