يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار--يەتتە قىز قەلئەسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇيدۇ، جاھاندار ئوقۇمىسىمۇ ئوقۇيدىغان قىلىپ يازىمىزغۇ تازا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:08:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuruz-ay بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:21 دە يوللىغان
بۈگۈن يېرىم كۈندىن ئارتۇق ۋاقتىم كەتتى بۇنى ئۇقۇشقا، راستلا مەنمۇشۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇپ  كېتىپتىمەن، ئايدار ئ ...

ئەپسۇس نورۇزئاي ئايدار ئەزىزىڭىز ھېرىپ قالدى بولغاي ئاخىرىنى يازغىلى ئۇنۇمايۋاتىدۇ، سىز بىر دەپ بېقىڭە

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:19:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيىتتىن كېيىن.....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
................................
  ئايقىز تېز قەدەملەر بىلەن ئېرىق بويىغا كەلدى ۋە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بىر خىلدا ئوتلاۋاتقان ئاق ئېشەكنى كۆردى... توغرا، بۇ دەل سامسىپەزنىڭ ئېشىكى... ئايقىز ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغاچ ئۈمۈدلىك كۆزلىرى بىلەن  ئەتراپتىن سامسىپەزنى ئىزدىدى....
  ــ قايسىڭ~!؟ - توساتتىن قاراڭغۇلۇقتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى...
  ــ مەن. ئايقىز... - ئايقىز ئۇ ئاۋازنى تونۇۋالغان ئىدى..
  ــ ھە، سىزمىدىڭىز... بۇ كېچىدە؟... سامسىپەز تەئەججۈپ بىلەن ئايقىزنىڭ كۆزىگە تىكىلدى...
  ــ مەن ئېرىق بويىدىكى ئاق ئېشىگىڭىزنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم... شۇڭا... شۇڭا...سىزنى بارمىكىن دەپ... - ئايقىز ەېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمىدى... ئۇ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى..
  ــ ھىم... مەنمۇ سىزنى چاقىرايمىكىن دەپ تۇرغان ئىدىم... مەسلىھەتلىشىدىغان بىر ئىش بار ئىدى... سامسىپەز شۇ گەپلەرنى قىلغاچ ئارقىسىدىكى دەرەخ تەرەپكە قاراپ قويدى..
  ــ نېمە ئىش ئىدى؟
  ــ ئايدار توغرىلىق... ئۇنى.... مەن تۇتۇۋالغان ئىدىم...
    ئايقىز ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن سامسىپەزگە قاراپ قالدى.... كۆزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئىنتايىن مول بولۇپ... ھەرخىل قىياسلارغا تولغاندەك كۆرۈنەتتى...
  ــ مەن ئاشۇ كۈنى سىز بىلەن خوشلىشىپ، ئاق ئەتىرگۈلنى ئىزدەپ ماڭغان... ئەممە يېرىم يولغا كەلگەندە خۇرجۇنۇمنى سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنىڭ يېنىدا ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى.... سامسىپەز چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
   شۇ كۈنى سامسىپەز خۇرجۇننى ئالغىلى يېنىپ كەلگەندە تۈن قاراڭغۇسى بولۇپ، قەلئەدىكىلەر ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى... پەقەت ئايدارنىڭ ھوجرىسىلا غۇۋا شام نۇرىدا يورۇپ تۇراتتى... سامسىپەزنىڭ ئايقىزنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇشقا كۆڭلى ئۇنىماي،  ئايقىزنىڭ دەرىزىسىگە بىر قاراپ قويۇپ، تىۋىش چىقارماي ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.... بۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا غىچىرلاپ ئېچىلغان ئىشىك ئاۋازى ئاڭلاندى.... سامسىپەز دەررۇ "بۇ كېچىدە بۇ يەردە تىمىسقىلاپ يۈرگىنىمنى بىرى كۆرسە، بىرەرسى گەپ تاپمىسۇن يەنە " دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالدى ۋە ئىشىك تەرەپكە قارىدى... ئىشىكتىن قارا چۈمبەللىك بىر قاپ-قارا كۆلەڭگە  چىقىپ مۈشۈكتەك چەبدەس، تىۋىشسىز قەدەملەر بىلەن سىرتقا ماڭدى.... سامسىپەزنىڭ كاللىسىدا ئىختىيارسىز ئۇ كۆلەڭگىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە بىلىپ بېقىش ئىستىگى پەيدا بولدى-دە ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتى...  قارا كۆلەڭگە بولسا بۇلارنى سەزمىگەن ئىدى..
   قەلئەنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر قەدىمىي قاراياغاچزارلىق بولۇپ، تۈن قاراڭغۇسىدا بۇ يەردىكى ھەرخىل غەيرى شەكىللەردە ئۆسكەن قاراياغاچلارغا قارىغان ئادەمنى سۈر باساتتى.... قارا كۆلەڭگە دەل ئاشۇ قاراياغاچزارلىققا قاراپ ماڭدى... سامسىپەزمۇ تاپ بېسىپ ئەگەشتى... قارا كۆلەڭگە دەرەىلىق ئارىسىدىكى بىر چىغىر يول بىلەن ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، غولىغا 10 ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان بىر قېرى قاراياغاچنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئەتراپىغا قاراپ قويۇپ چۈمبىلىنى قايرىدى.... سامسىپەزمۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، قارا ككلەڭگەۈ تەرەپكە قارىدى... قارا كۆلەڭگە بولسا قوينىدىن بىر نەرسىنى چىقىرىپ، بوش ئاۋازدا بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ، ھۈرۈپ ...  قارا ياغاچقا قارىتىپ ئاتتى... شۇ زامان قاراياغاچ شاخلىرى كۈچلۈك سىلكىنىپ، چىقىراق بىر ئاۋازلار چىقىپ كەتتى ۋە ئانچە چوڭ بولمىغان دەرەخ كاۋىكىدىن بويى 5 غېرىچ كېلىدىغان، ئەمما چىرايى پۇرلۇشۇپ كەتكەن، بۇرۇن بىلەكلىرىگە ھالقا-بىلەيزۈكلەرنى سېلىۋالغان بىر مەخلۇق قولىدا پانۇس كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى...
  ــ خوجايىن~ قانداق تاپشۇرۇقلىرى بار ئىكىن؟ - ئۇ مەخلۇق شۇنداق دېگىنىچە قارا كۆلەڭگىنىڭ ئالدىغا تىزلاندى...
  ــ ئەرۋاھتىن خەۋەر بارمۇ؟ - قارا كۆلەڭگىنىڭ ئاۋازى چىقتى...
  ــ ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغاي، ئەرۋاھ يەر ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى... ئۇ يەردە سىىگنال تارتمىغاچقا ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى... مەخلۇق تىترەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى..
  ــ يارىماس~!  مەن ئۇ ئۈزۈككە ئېرىشەلمىسەم تېرەڭنە تەتۈر سويىمەن~ گەپ قىلە... يەنە قانداق ئىشلار بار؟
  ــ مەلۇم بولغايكىن، بايا سامسىپەز قايتىپ كەلدى...
  ــ نېمە؟؟؟؟؟! نېمىگە قايتىپ كېلىدۇ؟ ئاق ئەتىرگۈلنى تېپىپتۇما؟
     دەرەخ ئارقىسىدا تۇرغان سامسىپەز قارا كۆلەڭگىنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ئايدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قارا تەرگە چۆمۈپ تۇرغاندا، مەخلۇقنىڭ گېپىدىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتى~! ئەجىبا؟ بۇ مەخلۇق ھەممىنى بىلەمدىغاندۇ؟
  ــ ياق، ئۇ يېرىم يولدىن يېنىپ كەلدى... بىرنەرسىسىنى ئۇىتىغاندەك قىلىدۇ... ئۇ ھازىر...ھازىر... - مەخلۇق بارماقلىرىنى سانساشقا باشلىدى...
  ــ تىلىڭنى چاينىماي گەپ قىلمامسەن؟! ھازىر نېمە بوپتۇ؟؟!!
  ــ ئۇ مۇشۇ ئەتراپتا ئوخشايدۇ خوجايىن.... سىزگە ئەگىشىپ كەلگەندەك قىلىدۇ~!
   ــ نېمە؟؟؟~! قارا كۆلەڭگە دەررۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلدى ئۇنىڭ قولىدا يورۇق نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان بىر تاياق پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى...
   سامسىپەز يورۇقتا ئايدارنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا ئۈلگۈردى.... قانداق قىلىش كېرەك؟؟! ئۇنىڭ يۈرىگى قاتتىق سېلىپ كەتتى... بۇ جادۇگەر بىلەن ئېلىشىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى شۇنداقتىمۇ پوتىسىغا ئېسىۋالغان ئاچقۇچتىكى قەلەمتۇراچنى چىقىرىپ، ئۆزىنى قوغدىماقچى بولدى... ئەمما قېرىشقاندەك قەلەمتۇراچ ئېچىلماي قويدى... ئاچقۇچنىڭ ھالقىسىدەك بىر نەرسە قەلەمتۇراچقا كىيىلىپ قالغان ئىدى... توغرا~! سامسىپەز خوشاللىقىدىن ۋاقىرىۋېتىشكە ئازلا قالدى "ھالقا~! كۈمۈش ھالقا~! ھېلىقى خۇرۇم ئىشتانلىق موماي بەرگەن ھالقا~!"
  بۇ چاغدا ھېلىقى مەخلۇق غايىپ بولۇپ، ئايدار قولىدىكى تايىقىنىڭ نۇرىدا سامسىپەز تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى....
    ــ جاھاندا تەڭداشسىز جاڭگۇر-جۇڭگۇر، كېلىپ مېنى دەرھال قۇتۇلدۇر~!!! - سامسىپەز شۇنداق دەپ ۋاقىرىغىنىچە، دەرەى ئارقىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئاچقۇچىغا ئېسىۋالغان كۈمۈش ھالقىنى چىقىرىپ ئايدارغا قارىتىپ ئاتتى....
   ئايدار قولىدىكى تاياقنى سامسىوەزگە قارىتىپ شىلتىپ بولغىچە بىر كۈمۈش چەمبىرەك كۈچلۈك نۇر چاچقىنىچە پەيدا بولۇپ، ئۇنى چەمبەرچاس باغلىۋالدى... ئايدار ھەرقانچە قىلىپمۇ مىدىرلىيالمىدى.... ئۇنىڭ سېھرىمۇ ئىشلىمىدى...
  .....
  ــ بولغان ئىش مۇشۇ...  - سامسىپەز گېپىنى تۈگىتىپ ئايقىزغا قارىدى...
  ئايقىز بولسا كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە سامسىپەزگە تىكىلىپ قاراپلا قالغان ئىدى...
  ــ ئا... ئا... ئايدار جادۇگەرمىكەن؟؟ راست دەۋاتامسىز-يە؟
  ــ شۇنداق.. مەنمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسا ئىشەنمەيتتىم....
....
............

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:56:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدارنى  جادۇگەر  قىلىۋېتىپلاغۇ؟  ............................................

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 19:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kamiran بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:56 دە يوللىغان
ئايدارنى  جادۇگەر  قىلىۋېتىپلاغۇ؟  ............................................

شۇنى دەيمەن ، ئايدارنى جادۇگەر قىلىپ ئايقىزنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالىدىغان بولدى بۇ سامسىپەز .

خانىم - قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى بارلىق گۈزەللىكنىڭ مەنبەسى .

Rank: 1

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
24
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 09:40:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق باغلاپ يېزىشمۇ ئاسان ئەمەس، بىر ئادەم باشلىغان قىسسەنى يەنە بىر ئادەمنىڭ مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇشى ئوڭاي ئىش ئەمەس، سامسىپەزگىمۇ قايىل بولدۇم، نىمىشقىكىن بىز ئاياللار ھەممە نەرسىنىڭ گۈزەل ئاخىرلىشىشىغا ، تۇرمۇش جەريانىنىڭ بەك مۇرەككەپ بۇلۇپ كېتىشىنى ئانچە ياقتۇرمىساق كېرەك، لېكىن ئەرلەر ئوخشىمايدۇ، بۇنىسى ماۋۇ سامسىپەزنىڭ قىسسەنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدىنلا كۆرىۋالغىلى بۇلىدىكەن، قارىغاندا سامسىپەز ئادەتتە تۇرمۇشىنىڭ مۇرەككەپلىك ، جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتۈشىنى ياخشى كۆرسە كېرەك...

بولدى قىل، كۆڭلۈم!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 18:54:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kamiran بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:56 دە يوللىغان
ئايدارنى  جادۇگەر  قىلىۋېتىپلاغۇ؟  ............................................

شۇ ئايدارنى جادۇگەر قىلىپ قويۇپ ئىلھامى قېچىپ كېتىپ ئولتۇرمامدۇ ئۆيدە، ئەمدى ئايدارنى ئوڭشاش سامسىپەزگە قالدى

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى تېخى يېزىلماپتىغۇ؟

جىنايەتلىك يۈرەك ، ئەلۋىدا!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدارنى چېچىدىن يۇلۇپ ئەكىلەمدۇق مەرۋەرى ، نەگە كەتتى ما قىز ......مەن تولا ساقلاپ خېلى بىر يەرگە كەلدى دەپ كىرسەم يوققۇ ؟

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:27 , Processed in 0.048893 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش