يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Aydar

ئايدار--يەتتە قىز قەلئەسىدىكى ئاجايىپ كەچۈرمىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
815 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1387

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 10:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7
بۇندىن يەتمىش كۈن  يىراقلىقتا بىر قەلئە بار بولۇپ، ئۇ قەلئەنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىچىدىكى ئايۋان سارايلارنىڭ ھەممىسى يەتتە قىز قەلئەسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئەسلىدە ئۇ قەلئەنىڭ ئىگىسى بىلەن يەتتە قىز قەلئەسىنى سالدۇرغان كىشى ئالىي مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان بولۇپ، خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئىككىسى ئىككى جاڭگالغا تەقسىم قىلىنغان، ساراي سالغاندىمۇ خەرىتىسىنى ئۇخشاش بىر خەرىتە سىزغۇچىغا سىزدۇرغان ۋە بىر قۇرلۇش ئەترىدىگە سالغۇزغان ئىدى. كېيىن ئۇلار نازارەتكە ئۆسۈشنى تالىشىپ ئۆچمەنلىشىپ قالغان ئىدى. نېرىقى قەلئەنىڭ ئىگىسىنىڭ پەقەت بىرلا قىزى بار ئىدى،ئۇنىڭ دادىسى ياسمان يەتتە قىز قەلئەسىنىڭ خوجايىنى كەنان ئەپەندىنى قەسلەش ئۈچۈن ئەپسۇن ئوقۇغاندا ئەپسۇننى تەتۇر ئوقۇپ قىزى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ، ئۆزى زەنجىرلەنگەن ھالدا قەلئەنىڭ ئاستىدىكى زىندانغا قامالغان ئىدى، جىدەل يەتتە يىگىت قەلئەسىدە تاپشۇرۇق ئىشلىمەي، مۇئەللىمدىن تىل ئىششىتىپ، قىسمەت قارىمنىڭ مىڭ مارىكىنى ئوغىرىلاپ قېچىپ كەتكەن ۋە ماڭا-ماڭا ئالۋاستى قەلئەسىدىكى جادۇگەرلەرنىڭ دىرىكتورى ئالما قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدى. ئالما قىز ئۇنى ياخشى كۈتۈپ، خىزمەت بىرىپ، ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشنى ئۆتۈنگەندە، ئۇلار تويلۇقتا كىلىشەلمەي، جىدەل جادۇگەرنىڭ ئەپسۇن كىتابىنى ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتكەن ئىدى. جادۇگەر ئالما ئۇنى ئىزلەپ تاپالماي يۈرەتتى.
جىدەل ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ، ئۇ يەر-بۇ يەردە يۈرۈپ جېنىنى باقتى، ئەمدى ئىككى قەلئە ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەردە پارنىك ياساپ كۆكتات تېرىپ يۈرگەندە بۇ ئىش يۈز بەردى.
-قېنى ئېيتە، ئەمدى قانداق ياندۇرىمىز بۇ ئەپسۇننى،
-ئىككى ئامال بار، بىرسى مەن بېرىپ ئالما قىزنى ئەمىرىمگە ئالسام بولىدۇ، ئاندىن ئانارنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئالسام.
-ماڭاۋە، سەن قوش خوتۇنلۇق بولماقچىما؟
-باغۋەن بولاي دەمسەن جىدەل؟-دېدى سايە كۈلۈپ كېتىپ. –ئالما ئانارىڭ بولاي دەپ ناخشا ئېيتىپ يۈرسەڭ.
-ئىككىنچى ئامالنى دىگىنە، بۇ ئامال بولمايدىكەن.
-ئىككىنچى ئامال، ياخشى ئامالدىن بىرنى تېپىپ ياسمان ئەپەندىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئۇ ئارقىلىق قىزىغا تاقابىل تۇرۇش.
-ئۈچىنچى ئامال يوقمۇ-دېدى جاھاندار.
-بار، ئايدار موشۇ پېتى ئۇخلىسا، ئويغانمىسا بولىدۇ.
جىدەل يىگەن تاياقنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان ئادەم يۇق ئىدى. پەقەت قىسمەت ئوغىرلانغان مىڭ مارىكى ئۈچۈن مىڭ مۇشىت سالدى دىسەكلا قالغانلار ھەممىنى چۈشىنىۋالالايدۇ. جىدەلنىڭ قوللىرىمۇ سۇنۇشقا ئاز قېلىپ،-توختاڭلار، ئەگەر مەن باشلاپ بارمىسام ھە قايسىڭ نەنى ئىزلەپ بارىسەن-؟ دىگەندىلا توختىدى. ئەرۋاھ جىدەلنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ تاس قالدى باشقا بىر قىزغا يەنى شۇ بىڭسى بار ئالما قىزغا كۆيۈپ قالغىلى، سايە:
- <<يىگىت سۆزىدىن يانماس، يولۋاس ئىزىدىن>> دىگەن گەپ بار. ئايدار سېنى بار دەپ خاتىرجەم ئۇخلاۋاتىدۇ، دەپ تەسەللىي بەردى، لېكىن ئەرۋاھ،<<مەن يېنىڭغا بېرىپ قويسام كىرلىكىمنى كىرلەشتۈرۋىتىسەن دەپ ماڭا ئازار بەردى >> دەپ دومسايغانتى،<<قارا، ئۇ ئۇخلاۋىتىپمۇ ناز قىلىشنى ئۇنتۇماپتۇ، ساڭا مەيلى بولمىسا كىرلىكىنى يىغىشتۇرۋالماي، جىم ياتاتتى >> دەپ تەسەللىي بەردى، شۇندىن كېيىن ئەرۋاھ پىكىرىدىن قايتىپ ئايدار قۇتقۇزۇشقا ئامال ئىزدىدى.
-ئەمىسە ئۇ يەرگە قايسىمىز بارىمىز؟
-مەن باراي، يەنە بىر جۈپ قىز ئوغۇل بارسۇن، شۇ يەردە مەدىكارلىقتا ئىشلىگەچ ياسمان ئاكىنى قۇتقۇزۇپ چىقايلى.
-بۇنىڭغا كىم مۇۋاپىقتۇ؟
-مەن باراي، دەپ جىدەل بىلەن ئەرۋاھتىن باشقا بەشەيلەن قولىنى كۆتۈردى. بۇ چاغدا سايە مۇنداق دىدى:
-قىسمەت ئاكام قەلئەگە مەسئول بولمىسا بولمايدۇ، جاھاندار ئامانلىق ساقلاشقا، سامسىپەز تاماققا مەسئول، زەپەر تېخى كىچىك، شۇڭا مەن بارغىنىم تۈزۈكمىكىن.
ھەممەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى ماقۇل كۆردى.
-ئەمما، مېنى قەھۋە بىلەن نىكاھىمنى ئوقۇتۇپ قويىسىلەر، ئاندىن ماڭا بىر يىللىق مائاشىمنى، مۇكاپاتىمنى <<قۇياش نۇرى تولۇقلىما >> پۇلۇمنى، ھېيىت-بايراملىق، چاغانلىق پاراۋانلىق پۇللىرىمنى تولۇق بىرىسىلەر، تۇرالغۇ ئۆي فوندى جۇغلانمامنى كارىمغا تولۇق ئۇرۇپ ماڭىسىلەر، بۇ يىل ئىلغار سايلايسىلەر.
-ماقۇل، ھايات كەلسىڭىزلا –دېدى سامسىپەز،
-پىلانلىق تۇغۇت سانىدىن ئېلىۋال، بالىلىق بوپ قالساڭ، مەدىكار بالاڭ قارا نوپۇس بوپ قالمايدۇ-دىدى جاھاندار.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:05:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-پىلانلىق تۇغۇت سانىدىن ئېلىۋال، بالىلىق بوپ قالساڭ، مەدىكار بالاڭ قارا نوپۇس بوپ قالمايدۇ-دىدى جاھاندار.

جاھاندار بۇ گەپنى توغرا قىپسىز ، ھېلىمۇ بۇنىڭ ئۇنى دەپ ،بۇنى دەپ تۆت خوتۇندىن تاپقان بالىسىنىڭ سانىلا 11گە بارىدۇ، ئەمدى بالىلىق بولسا ئېتىلىپ كېتەرمىكىن بۇ، ئېتىلىپ كەتسە ئاۋۇ بىر مۇنچە پۇل بىلەن قەھۋەنىڭ دەرىدە كۆزى ئوچۇق كېتىدۇ بۇ تويماسنىڭ..:@

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايدار قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن دوستۇم، ئاخشام شۇنچە كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كىرىپ ئوقۇۋېتىپ ياتتىم، ئوقۇپ بولغىچە كۈلۈپ ھالىمدىن كېتەيلا دىدىم، بولۇپمۇ ئاۋۇ يولنىڭ ئىسىملىرىنى نەلەردىن تاپقانسىز دەيمەن ھى ھى ھى ھى ~

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدا ، سايە ئۆزىنى كاماندۇرۇپكىغا چىقتىم دەپ ئويلاپ قالمىغاندۇ ھە ،  ئايدار ، ئۇنىڭغا  ئۆزىنىڭ يا ئۆلۈم يا كۆرۈم يولىغا ماڭغانلىقىنى دەپ قويۇڭ ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:33:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
totem بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 01:26 دە يوللىغان
كۆرمەي تۇرۇپ قانداق ئىنكاس يازارمەن؟كىچىك ۋاقىتلېرىمدىكى سۇغا باش چۈكۈرۋىلىپ كۆزۇم كۆرمىدى،قۇلۇقۇم ئاڭلىم ...


يەتتە قىز قەلئەسىنىڭ سېھرى توتىمغا كىرە - كىرمەيلا تەسىر قىلىپ ، ئۆزىنىڭ قىز ياكى ئوغۇللىقىنىمۇ پەرق ئېتەلمەيۋاتىدۇ ...

Rank: 2

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
38
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 11:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلئەنىڭ ئىشىكلىرى پۇختا، تاملىرى دەھشەت ئېگىزكەن ھە....... ئىنكاس يازمىسا ھىچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە مەن مېڭىپ كەتتىممۇ؟
ھەر ھالدا قەھۋە بىلەن بىر كۆرىشىۋېلىپ ماڭغۇدەكمەندە.
جىدەل تېرىغان بالا قازا بولغاندىكىن ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ بارسا بولمامدۇ؟
بوپتۇ كۆپچىلىك ئۈچۈن بىر قۇربانلىق بېرىدىكەنمەندە. ( ئىچىمدە مىڭ خۇشالدە ئالما مۇرابباسى ساقلاپ تۇرىدۇ) .
كۆپچىلىك مەندىن ئەنسىرىمەڭلار، خالىساڭلار دەرھال توينى قىلىۋەتسەڭلار ( سىلەرنى توي ئوينىۋالسۇن دەيمەنغۇ)، بۈگۈن كەچتىلا يولغا چىقايمىكىن. كېچە ئۇزۇن بولسا چۈش بۇزىلىدۇ. بەرىبىر بارىدىغانلا ئىش بولغاندىكىن بالدۇر بېرىپ كېچىكىپ قايتىپ كەلمەمدىم!:lol
خۇدايىمغا ئامانەت قېرىنداشلار. مەن ئالمىنىڭ يېنىغا كەتتىم :'(

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 14:52:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك قەلئەنى كىچىك تاش ئالمىلاربىلەن تولدۇرىدىكەندە بۇ سايە :L

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
1
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقىمغان نەرسىگە يالغاندىن ئىكاس يېزىپ كورىمەنمۇ ئەمدى ؟؟؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
372
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 15:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما  كۆرمەي تۇرۇپ ئىنكاس يازسا قىزىق بولىدىكەن ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 13:41 , Processed in 0.061287 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش